قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 22

باللىرىمىز ھېيت ئۆتكۈزەرمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 11:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ھېيىتنىڭ باللار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيلى



     1. يېققىندا كورىيەدە بىر باللار رايى سىنغى ئېلىپ بېرىلىپتۇ .يەنى چاغاندا كورىيە باللىرى چاغاندا نەچچە پۇل چاغانلىققا ئېرىشىشنى خالايدۇ ، دىگەن بىر مەزموندا  بولۇپ ، كورىيە باللىرىنىڭ كۆپۇنچىسى ئەللىك مىڭ ۋون يەنى 280 كوي ئېرىشىشنى  خالايدىكەن . دىمەك ھېيىتتا ھەممىنى خوش قىلىش بولۇپمۇ باللارنى خوشال خورام ھېيىت تۇيغۇسىغا چۆمدۇرۇش پۇتۇن دۇنيادىكى مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ئىش بولسا كېرەك .

     2. بالا ھېيىت كىلىشتىن بۇرۇنلا تاماسىنى باشلىۋېتىدۇ ، بۇۋام مومام ، چوڭ دادام ،چوڭ ئانام ، ئاپام دادام ، كىچىك ئاپام دىگەندەك  بۇلار ماڭا مانچىلىك ھېيىتلىق بەرسە مەن بۇ پۇلنى مانداق خەشلىسەم ئانداق قىلسام دىگەندەك .ئەمدى بالا دىگە بالا  ، كىچىك بالا دىگەن ھېيىتتا ئەنە شۇنداق ئىشلاردىن مەنە تاپىدۇ .

     3. بىر سورۇندا ئۆزەم ئانچە بەك ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدىغان  بىر ئشىنى ئاڭلاپ قالدىم . يەنە بىر دوستۇم كىچىك باللارنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بەردى . ئۇ يىللاردا خەنلەر چاغاندا باللىرىغا ئون كوي يىگىرمە كوي بىرىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەنتۇق ، بىر بالىنىڭ بۇۋىسى بەش موچەن ھېيىتلىق بەرگەن بولۇپ بالا ئازراقمۇ خوشاللىق ھىس قىلماي ، يەنىلا خەنلەرنىڭ چاغىنى بىزنىڭ ھېيتىمىزدىن يوقۇرى تۇرىدىكەن دەپ ئويلىۋالغان . ھېلىقى دوستۇمنىڭ دىيىشىچە بۇ بۇۋاي نەۋرىسىگە 20 كوي بېرەلمىسىمۇ بەش كوي بەرگەن بولسا بالا بۇنچىلىك ئادالەتسىزلىك ھىس قىلىپ كەتمەيدىكەن .
  سورۇندا كەيپىم بەك چۇشۇپ كەتتى ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بىز خەن مەدىنيىتىنىڭ كۇچلۇك رادىئاتسىيەسىگە ئۇچرايمىز ، باللىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق ، گەرچە بىز چوڭلار پۇل ھەممىنى ھەل قىلالمايدۇ ، پۇل بەلكىم بالىنى بۇزۇشى مۇمكىن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىكەنمىز ، ئەمما باللىرىمىزنىڭ ئاغىنىىسى بىلەن سېلىشقان يوقۇرقى پاراڭلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويغان ياخشى .

      4. ھېيىتنىڭ بولغىنىدىن بولدۇسى قىززىق دىگەن ماقال تەمسىلىنى ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ، ئەجداتلىرىمىز ھېيىت كىلىشتىن بىرەر ئاي بالدۇر دىگۇدەك ھېيىتلىق تەييارلىقلارغا كىرىشىپ كىتىدىكەن ، ئۆينى ئاقارتىش قۇربانلىقنى سېتىۋېلىش ۋە بېقىش ، ھېيتىلىق ساڭزا پىشرۇقلارنى تەييارلاش ، ھېيتىلىق كىيىم تەييارلاش ، ھېيىتقا ئاتاپ مەخسوس چىنا قاچا خىرىستال دىگەندەك ۋال ۋۇللارنى سېتىۋېلىش .....................ئىشقىلىپ ھېيىت ئۇچۇن ھېيىتنى خوشال ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن خېلى كۇچەيدىكەنتۇق .

     5. بىنالاشقا ئۇيغۇرلاردا ھېيىت كەلسە ئىككى كۇن ئىلگىرى ساڭزا چەپەك ئەڭ مۇھىمى قومۇلدا يەر بېشىغا ئېلىىپ چىقىدىغان يۇپقا چوۋاتنى تەييار قىلۋالساقلا بولىدىغاندەك ئاددىلىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ قالدىم . بۇدا ئاللا خالسا ھېيىت كىلىشتىن بۇرۇن بىر قەغەزگە بارلىق تەييارلىقلارنى يېزىپ ھەر بىر تەييارلىقنى قىلغاندا بالامغا بۇنى ھېيىت ئۇچۇن قىلىۋاتىمىز دەپ بالىغا تەپسىلى سۆزلەپ بەرسەم بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .

    6. ئەلۋەتتە ھېيتىلىق پۇلغا كەلگەندە قازاننىڭ قاينىشىغا بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باقىدىغان گەپ ، بۇ بالا زادى پۇلنى نىمىگە خەشلەيدۇ ، يىغامدۇ ، كىتاپ ئالامدۇ ، ئويۇنچۇق ئالامدۇ ،ياكى بەدخەج كۆنگەن بالىمۇ  ئىشقلىپ بالىڭىز خەجلىگەن پۇلنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ بىلىپ تۇرىشڭىز مېنىڭچە ئىنتايىن مۇھىم ،

    7.بەزىدە چەتئەللىكلەرنىڭ بالىسى ئارزۇ قىلغان نەرىسلەرنى موشۇنداق ھىيىت بايرام خاتىرە كۇنلەردە تۇيۇقسىز سوغا قىلىپ خۇش قىلۋېىتىدىغان ئادىتى باركەن . ئاللاھ خالىسا باللىرىمىزنىڭ ھېيىتنىڭ خوشاللىقى مەنسىنى توللۇق ھىس قىلىشى ئۈچۇن باش قاتۇرۇپ ئىمكان بار ئادەتتىكى كۇنلەر بىلەن ھېيىت كۇنلىىرنىڭ روشەن پەرقىنى باللارغا توللۇق ھىس قىلدۇرۇشقا كۇچەيلى ، چۇنكى بۇ جاھان بىر كۇنى باللىرىمىزغا قالىدۇ



256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 12:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماشىنى ئەمەس تاماسىنى ، يەن تاماگەرلىكنى باشلىۋېتىدۇ دىمەكچى ئەردىم
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 3998
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 13:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنى كۆرۈپ سىزنىڭ پىسخىكىڭىزدا چاتاق باردەك ھېس قىلدىم جۇمۇ.
« ھېيىتنىڭ باللار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيلى » دېسە بىر چىرايلىق بولىدىغان گەپنى « باللىرىمىز ھېيت ئۆتكۈزەرمۇ ؟» دەپ ئەنسىز قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 13:06:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى ھېيتىنىڭ باللار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۇرەيلى دىگەندە نوقۇل پۇللا كۆزدە تۇتۇلمايدۇ ، بۇ يەردە ھېيتقا بولغان ھۆرمتىىمىز ھېيتقا بولغان خوشاللىقىمىز ، ھېيىتقا بولغان قەلىپ تۆرىمىزدىكى ئورنىمىزنى باللىرىمىز كۆرۇپ يەتسۇن ھىس قىلىپ يەتسۇن ، ئەسلى ئۆزىمىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ھېيىتنىڭ ئورنى تۆۋەنلەۋاتىدۇ دىمەكچى

0

تېما

0

دوست

1447

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 446
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 13:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭزا چەپەك ئەڭ مۇھىمى قومۇلدا يەر بېشىغا ئېلىىپ چىقىدىغان يۇپقا چوۋاتنى تەييار قىلۋالساقلا ......

يەر بېشىغا ئېلىپ چىقىدىغان يوپقا چۇۋات دىگەن نىمە؟ چۈشىنەلمىدىم.

5

تېما

7

دوست

7804

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 166
تۆھپە : 2218
توردىكى ۋاقتى: 435
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 13:33:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
almasbay يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 13:02
ماۋزۇنى كۆرۈپ سىزنىڭ پىسخىكىڭىزدا چاتاق باردەك ھېس قى ...

كەچۈرۈڭ ،تېما ئىگىسىدە ھېچقانداق چاتاق يوق ، تېمىنى مەن ئۆزگەرتكەن ئىدىم . مەن بىزنىڭ بايرام ،ھېيت توغۇرلۇق خېلى كۆپ ئىزدەندىم ، خەۋەرلەرگىمۇ دىققەت قىلىمەن  ، ئىلگىرى ھېيت ئۆتكۈزۈشتە خەلق ساما بىلەن ، داغا -دۇغىلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ ، ھېيت كەلگەن ئىكەنلىكىنى تەبرىكلەپ ،خۇشاللىققا چۆمىدىكەن ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بولسا سامانى تىلۋىزوردىلا كۆرىمىز ، ساما ئويناڭ دىسە باللىرىمىز ياڭگىر ئوينىغاندەك بىر خىل ئوينايدۇ ،بۇنى ساما دىگىلىمۇ بولمايدۇ ، ئۇغۇ مەيلى ،ئوغۇل بالا تۇرۇپ خوتۇن كىشىدەك سامادىن نۇمۇس قىلىدۇ، ھېچ بولمىسا ئۆيدىمۇ تەبرىكلەش تۈزۈك يوق . بىزنىڭ  ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىمىز  پەقەت تاماق يىيىش ،تۇغقان يوقلاش ، ئۇنىڭدىن سىرت تىلۋىزور كۆرۈشكە ئوخشاش ئىشلار بىلەن شەكىلگە ئايلاندى  . ئەمدى سىزگە باشقىلاردىن بىر - ئىككى مىسال ئېلىپ بېرەي ، روجىستىۋا بايرىمىدا كۆپ قىسىم يەھۇدىيلار سىز بىر كويلۇق نەرسىنى يۈزمىڭ كويغا ئالسىڭىزمۇ سىزگە «بىز بايرام ئۆتكۈزىۋاتىمىز ، تىجارەت قىلمايمىز »  دەيدۇ .   بۇ دەل بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئەمەسمۇ ؟  بىز  باللىرىمىزغا مۇسۇلمانلارنىڭ بايراملىرىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ ،موھىملىقىنى بىلدۈرۈپ ياخشى ئۆتكۈزمىسەك باللىرىمىز ھېيتنىڭ نىمىلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ ، ئەتە -ئۆگۈن روجىستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزمەيدۇ دىيەلەمسىز ؟  تۆۋەندىكى بىر نەچچە پارچە رەسىمگە قاراپ بېقىڭ (تېخى ئەرلەر قىشتا يالىڭاچ يۈگۈرۈپ تەبرىكلەيدىكەن) ، ئۇلار بايرامنى مۇنداق ئۆتكۈزىدىكەن . مەن سىزنى بۇنداق ئۆتكۈزۈڭ دىمەيمەن ،لىكىن ھېيتىمىزنى بىزمۇ شەكىلگە ئۆلۈك ھالدا ئەمەس ،ئۆيىمىزدە بولسىمۇ  كىچىككىنە باشقىچە ئۇسۇلدا ئەھمىيەتلىك تەبرىكلىسەك بولمامدۇ ؟ مىنىڭچە بۇنى ئويلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ .
1-460x0-13244615422521.jpg


1942_111220144900_1.jpg


1356939853873.jpg
باغداشتا تېما ئاز بولسا بولسۇن، ساز  بولسۇن ، خەلق رازى بولسۇن !

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 3998
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 13:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
batur72 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 13:33
كەچۈرۈڭ ،تېما ئىگىسىدە ھېچقانداق چاتاق يوق ، تېمىنى م ...

مەقسەتنى مانا ئەمدى چۈشەندىم، ئاپتور قوشۇلغان بولسۇن- بولمىسۇن ماۋزۇنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ماۋزۇنى ئۆزگەرتكەنلىكىڭىز ھەققىدە ئىزاھات قىستۇرسىڭىز توغرا بولاتتى.
شۇنداق قىلغان بولسىڭىز مەنمۇ بەلكىم توخۇتۇرغا قاتتىق تەگمەستىم؟

-2

تېما

15

دوست

2240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 638
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 14:55:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   satuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 14:58  

3. بىر سورۇندا ئۆزەم ئانچە بەك ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدىغان  بىر ئشىنى ئاڭلاپ قالدىم . يەنە بىر دوستۇم كىچىك باللارنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بەردى . ئۇ يىللاردا خەنلەر چاغاندا باللىرىغا ئون كوي يىگىرمە كوي بىرىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەنتۇق ، بىر بالىنىڭ بۇۋىسى بەش موچەن ھېيىتلىق بەرگەن بولۇپ بالا ئازراقمۇ خوشاللىق ھىس قىلماي ، يەنىلا خەنلەرنىڭ چاغىنى بىزنىڭ ھېيتىمىزدىن يوقۇرى تۇرىدىكەن دەپ ئويلىۋالغان . ھېلىقى دوستۇمنىڭ دىيىشىچە بۇ بۇۋاي نەۋرىسىگە 20 كوي بېرەلمىسىمۇ بەش كوي بەرگەن بولسا بالا بۇنچىلىك ئادالەتسىزلىك ھىس قىلىپ كەتمەيدىكەن .
  سورۇندا كەيپىم بەك چۇشۇپ كەتتى ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بىز خەن مەدىنيىتىنىڭ كۇچلۇك رادىئاتسىيەسىگە ئۇچرايمىز ، باللىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق ، گەرچە بىز چوڭلار پۇل ھەممىنى ھەل قىلالمايدۇ ، پۇل بەلكىم بالىنى بۇزۇشى مۇمكىن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىكەنمىز ، ئەمما باللىرىمىزنىڭ ئاغىنىىسى بىلەن سېلىشقان يوقۇرقى پاراڭلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويغان ياخشى ............................
بۇ بوۋاينىڭ بالىسى بەلكىم خەنلەرنى مەكتىپىدە ئوقۇسا كىرەك بولمىسا ئۇ چاغاندا خەنلەرنىڭ بالىلىرغا كوپ بولسۇن ئاز بولسۇن چاغانلىق پۇل بىردىغانلىقىنى نەدىن بىلىدۇ ياكى ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ خەنلەرنىڭ چاغىنىدا بالىسىنى بىللە ئىلىپ ئۇلار بىلەن پەتىلىشىدىغان ئۇيغۇر+خەن=ئۇيخەن بولۇشى مومكىن بۇ ئۇيخەنلەر ھازىر دولىتىمىزدە يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئورپى ئادىتى ۋە تىل مەدىنىيتىدە ئارلاش قوللۇنۇپ ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى كىچىكلىتىپ چۇشۇنىشنى ئىگىرى سۇرۇشكە توھپە قوشىۋاتقان ۋە كوۋرۇكلۇك رول ئويناۋاتقان يىڭىچە بىر مىللەت توپى شەكىلەندۇردى مانا مۇشۇنداق ئۇيخەنلەرنىڭ بالىلىرلا ھىيىتنى چاغاندىن پەرىقلەندۇرمەيدۇ   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )