قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 594|ئىنكاس: 16

باللىرىمىزغا سۈيۈنچە بىرىش ئادىتىمىزنى تېپىۋالايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

247

تېما

23

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14414
تۆھپە : 10102
توردىكى ۋاقتى: 3508
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                  
                باللىرىمىزغا سۈيۈنچە بىرىش ئادىتىمىزنى تېپىۋالايلى




1. سۈيۈنچە بىرىش شەرىق مىللەتلىرىگە ئورتاق بولغان بىر گۇزەل ئەخلاق ، بىز يا غەرىپنى دوراپ غەرىپ بوپ كىتەلمىدۇق ، شەرىققا قايىتىپ قايىتپ بولالمىدۇ ق،تازا بىر ئوتتۇردا قالغان لەلىشۆگە ئايلاندۇق ، بارغانسېرى يۇرىكىمىزنىڭ مۇزلاۋاتقانلىقىنى ، تۇرمۇشنىڭ تەمىنىڭ يوقاپ كىتۋاتقانلىقىنى ، ئۆز ئارا رەھىمىسزلىشىپ كىتۋاتقانلىقمىزنى بەش قولدەك ھىس قىلساقمۇ ئەي بۇ شۇ شەھەرلىشىۋاتقان تۇرمۇش دىگەندەك تۇكى يوق گەپنى گەپ دەپ قىپ پايپاققا دەسسەپ يۇرۋەردۇق ، يامان سۇپەتلىك ئايلانما ھالەتتە نەشتەرلىك بولۇپ كەتتۇق . ئاللاھنىڭ رەھىم ۋە رەخمان سۇپەتلىرىنى ئەجداتلىرىمىز قانداق قىلىپ ئۆز روھىيىتىگە قۇمغا سىڭگەن سۇ كەبى سىڭدۇرگەن تەسىرلەنگەن ئەمەسمدىى  ، بىزدىكى رەھىم شەپقەت ، باشقىلارنى خوش قىلىش دىگەنلەر نەدە قالدى .

2. ئاپام داۋاملىق كىچىك ۋاقتىدىكى بىر ئشىنى ئەسلەيدۇ. بۇۋام ئارقا ئارقىدىن بەش قىزلىق بولغاندىن كىيىن تۇنجى ئوغۇل پەرزەنتى دۇنياغا كەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇۋام ئاپامنى سەن بېرىپ دادام ئاپاملارغا خەۋەر قىل دەپ ئەۋەتىپتۇ ، ئاپام غوللارنى كىچىپ مەھەللە ئاتلاپ توخوتۇردىن ئويمانتۇرغا ئۆتۇپ بۇ خۇشخەۋەرنى بۇۋامنىڭ ئاتا ئانىسغا يەتكۇزۇپتۇ .قاتتىق خوشال بولغان ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەمەتشا ئىمام قاتتىق قۇۋانىچقا تولۇپ ، ھەي موماي دەرھال بۇ بالىغا سۆيۇنچە بەر دەپتۇ ، ئۇلۇغ مومام ئاپامنىڭ بۆكىگە لىق قىلىپ تۇخۇم قاچىلاپ بىرىپتۇ ، ئاپام بۆكىنى چىڭ تۇتقان پېتى ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ توخوتۇرغا ئۆتۇپ كىتىپتۇ  .  ئاپام بۇ سۆيۇنچىنى ھازىرمۇ خۇددى ماتاڭ يىگەندەك ھوزۇرلۇنۇپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ . ئەپسۇس مەن چوڭ بولغىچە دەۋرى يولىدىن كۆرە  بۇنداق سۆيۇنچە تاپشۇرۋالالمدىم .ئەمما بىر ئىككى قېتىم سۆيۇنچە بىرىپ باقتىم .

3.سۆيۇنچە مېنىڭچە باشقىلار ئېيتىپ كەلگەن خوشاللىققا قارىتا چوڭمۇ كىچىكمۇ ئوتتۇراھالمۇ بولدىكەن . ئىلگىرى مەن بەك چوڭ خوشاللىققا سۆيۇنچە بىرىلىدۇ دەپ خاتا چۇشنىۋالغان ئىكەنمەن . ناۋادا بىر ئىش سىزنى خوشال قىلسا ، خەۋەر ئېيتقان ئادەمگە سۆيۇنچە بىرىڭ ،

4.مېنىڭچە سۇيۇنچىنى ئامال بار باللارغا بىرەيلى ، باللار سۆيۇنچىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تېخىمۇ روشەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلسۇن .

5. باللىرىمىزغا سۇيۇنچە بەرگەنلىك ئۇلارغا خوشاللىقنى قېزىپ بايقاشقا ئىلھاملاندۇرغانلىق .   مەسلەن بالا دادام ياكى ئاپام خوش بولىدىغان خەۋەرنى يەتكۇزسەم ماڭا سۇيۇنچە بىرىدۇ ،دەپ قاراپ توختىماي خوشاللىق خەۋرى ئىزدەيدىغان ، ئاتا ئانسىىنىڭ نىمىدىن خوشال بولدىغانلىقىنى  تەتقىق قىلىدىغان بولۇدۇ ، باللىرمىزنىڭ بىزنى تەتقىق قىلىشى بىزنى خوشاللىققا ئېرىشتۇرۇدىغان ئشىلارنى تەتقىق قىلىشى ئەجىبا بىزنىڭ بەختىمىز تەختىمىز ئەمەسمۇ ؟؟؟

6. تورداشلارنىڭ باللارغا سۆيۇنچە بىرىشىنىڭ  باھانىسىنى تېپىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ، بولسا موشۇ مۇنبەردە ھەر بىر تورداش باللارغا سۆيۇنچە بىرىشنىڭ باھانىسدىن ئاز دىگەندە ئىككىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا ،.....................................

0

تېما

0

دوست

522

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەك توغرا بۇ سۇينچە بىرىش ئادىتىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرايلى بۇ بىرەر ياخىشى خەۋەرنى ياكى ئىشنى خەۋەر قىلغان ھەر قانداق چوڭ-كىچىكلەرگە بىرلىدىغان مەمنۇنلۇق ھەدىيسى
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

234

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25331
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sihran520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 16:23  

     سۈيۈنچىنىڭ گىپى چىقسا ، كىچىك ۋاقتىمدا دادامنىڭ ئېيتىپ بەرگەن  بىر قېتىملىق ھىكايسى ئېسىمگە كېلىدۇ...

    دادام شۇ باشلانغۇچقا ئەمدى كىرىپ گەز پۇشۇرۇپ كېلىپ، قازاننىڭ كۈيسى بىلەن قاردىتىلغان دوسكىغا خەت يازىدىغان چاغلار ئىكەن ..
    سەھەر ئوقۇش تۈگەپ بالىلار قايتىدىغان چۈشكە سەل قالغان ۋاقىتتلار، شۇ مەزگىلدىكى بىر خانىمىنىڭ قوسۇقى ئاغرىپ مەكتەپتە تۇغۇپ ساپتۇ، بۇنى دادا يالاڭ ئاياغ يۈگۈرۈپ بېرىپ خانىمىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ خانىمنىڭ ئۇماق بىر ئوغۇل ئۇكا تۇققانلىقىنى يەتكۈسسە، ئۆي ئىگىسى دادامغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ . سۆيۈنچە بولسۇن دەپ  دادامغا بىر دانە پىچاق ۋە بىر دانە بۇلۋاغ (ھازىرقى بەلباغ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ئەني ۋاقتتكى رەخ. ) چىگىپ قويۇپتىكەن...
    مانا كۆپ زامانلار ئۆتتى.....
     مەن تۇغدۇم..
      خوش خەۋەرنى دادامغا يەتكۈزىدىغان ھەر كىملەر بار لىكىن دادام كەلمەسكە كەتتى.

     سۆيۇنچىلەر داۋاملىق بولسۇن....
   ئالەم سۆيۈنچىلەر بىلەن تولسۇن.....

0

تېما

0

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8197
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 197
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماي ئۇنتۇپ كىتىپ بارىمىزغۇ تاڭ.......

0

تېما

0

دوست

91

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25418
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلارغا بۇ تىمىنى كۆرۈپ بىقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن !!!!
http://bbs.misranim.com/thread-118450-1-1.html

2

تېما

0

دوست

4994

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 640
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخۇتۇرنىڭ يازغانلىرى مەيلى قانچە ياخشى بولسۇن ئۇ باشقا مەسىلە، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ ھىچقانداق قانۇنىيتىگە ماس كەلمەيدىغان، تىما بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق 1-2-3-4 -لىرىنىڭ تۈزۈتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

1

دوست

2152

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 20:00  

سۆيۈنچە بېرىش ئەينى زاماندا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان بولىشى مۈمكىن ، لىكىن زامان ئۆزگەردى ،بالىلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجى ئوخشىمايدۇ ،ھازىر بالىلىرىمىزنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى سۆيۈنچە بېرىش ئارقىلىق ئۇرغۇتالىشىمىز ناتايىن . بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ھېيت بايراملار ئاتا-ئانىلىرمىز ،بوۋا -مومىلىرىمىز ،ئاكا -ھەدىلىرىمىز ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەن بېرەر تال كەمپۈت ،بىرەر تال تۇخۇم غا ئوخشاش نەرسىلەرگە بەك خوش بولۇپ مىننەتدارلىغىمىز ئاشاتتى ،قەلبمىزدە ئۇلارنى چوڭ بىلەتتۇق ،ھازىرقى بالىلارغا   
10سوم پۇل سۆيۈنچە  بەرسەڭ ئاغزىنى پۇرۇشتۇرىدۇ ،جىقراق بەرسەك ،بالىلىرىمىزنىڭ يانچۇغۇدىكى پۇلنى كۆزلەپ يۈرگەن سودىگەرلەرگە سۆيۈنچە بەرگەندەك بولىسەن . ئۇ پۇللار  بالىلار قورۇدىن چىقماي تۇرۇپلا  بىردەمدىلا شۇ سودىگەرلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ ،سېتىۋالغىنى ساغلام نەرسىلە بولسىغۇ مەيلى ،ئۇنداق دوكانلاردا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ كۆپۈنچىسى ئەخلەت يېمەكلىك ياكى ساغلاملىققا زىيانلىق ماللاردۇر . ھازىرقى ئاتا-ئانىلار سۆيۈنچە بېرىشتىن قۇرۇقمايدۇ ،بەلكى سۆيۈنچىنىڭ ئىجابى رولىنىڭ بارغانچە نۆلگە يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىغىدىن ئەنسىرەيدۇ . بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن مەن بالىلىرىمىزغا سۆيۈنچە بېرىشكە قارىشى ،لىكىن ئاتا -ئانىلار  بوۋا-موما ،ئاكا-ھەدە ،ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ سۆيۈنچىنىڭ ئورنىغا بالىلارنى بىرگە ئويناشقا ئاپىرىمەن دەپ ۋەدە بىرىشى ۋە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .مانا بۇ زامانغا لايىق سۆيۈنچە ...............

0

تېما

30

دوست

2462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 702
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاي پۇلى سۆيۈنچىدىن كىلىپ چىققىانمۇ قانداق؟ چەتئەللىكلەر چاي پۇلىسىز تۇققانلىرغىمۇ ياردەم بەرمەيدىكەن.
سۆيۈنچە ياخشى ئىش قىلىشقا يىتەكلىيەلەيدىغان ھەم ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرالايدىغان بولۇشى كىرەك.كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمىگەن جاھاندا ياشاپ نىمە كەپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )