قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1621|ئىنكاس: 19

[پولات]چاغاندا باشلىققا سوۋغا بەرمىسە بولماس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3668
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 11:07  



                   چاغاندا باشلىققا سوۋغا -سالام بەرمىسە بولماس

                                                      پولات تەرجىمىسى




  مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بولغاچقىمۇ ،بۇ يىل چاغاندا سوۋغا بېرىش شامىلى سەل چەكلىمىگە ئۇچىرىدى، پۇقرالار بۇيرۇق ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپتۇ دېيىشىتى.لېكىن «جوڭگو تور ئىشلىرى» مۇخبىرى شەنشى،خۇنەن ،خەينەن قاتارلىق جايلاردا زىيارەت قىلىپ بايقىدىكى،سوۋغا -سالام بېرىش ئىستىلى تۈپتىن تۈزەلمەپتۇ،نۇرغۇن ئىدارە-ئورگان كادىرلىرى يەنىلا سوۋغا بېرىپتۇ،باشلىقلارمۇ يەنىلا قوبۇل قىلىۋېرىپتۇ.

   خۇنەندىكى مەلۇم بىر چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى خوجايىنىنىڭ دېيىشىچە،بۇ يىل چاغاندا مال سېتىۋېلىش كارتىسى كەسپى ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچىراپتۇ،نۇرغۇن كونا چۆپقەتلىرى زاكاسنى بىكار قىپتۇ،سېتىۋېلىش كۆلىمىمۇ ئازلاپتۇ.لېىن ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا مال سېتىۋېلىش كارتىسى مۇلازىمىتى ئەجەللىك زەربىگە دۇچ كەلدى دېگىلى بولمايدۇ،نۇرغۇنلىغان ئىدارە-ئورگانلار بولۇپمۇ بىر قىسىم كارخانىلار سوۋغا بېرىپ«مىھىر- مۇھاببەت باغلاش»تا،مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇشتا يەنىلا مال سېتىۋېلىش كارتىسىغا ھاجىتى چۈشكەن.

   «بىز ئەسلى مال سېتىۋېلىش كارتىسى تەييارلاپ سوۋغا بېرەيلى دەپ ئويلىغان ،لېكىن ھازىر باشلىقنىڭ كارتا ئىشلىتىشى قولايسىز بولغانلىقتىن ،قىزىل بولاق تەييارلىدۇق،قىزىل بولاق 500يۇەن،1000يۇەن،2000يۇەن قاتارلىق ئۈچ دەرىجە بويىچە بولۇپ،ئادەتتىكى مەمۇرلارغا 500يۇەن،رەھبىرى يولداشلارغا 1000يۇەن ياكى 2000يۇەن بېرىمىز.»چاڭشادىكى ئېسىل بىر بىنادا خىزمەت قىلىدىغان بىرسى مۇخبىرغا ئېيتىپ:«بىزدەك ئۆي-مۈلۈك ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ،ھۆكۈمەت خىزمەتچىللىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ناھايىتى موھىم،ئادەتتە،ئانچە-مۇنچە سۈڭگۈتۈپ تۇرمىساق،بىرەر ھالقىدا بىرەر ئاي ئارقىغا سۆرەپ تۇرۇۋالسا،ئاخىرىدا قىينىلىپ قالىدىغىنى ئۆزىمىز بولىمىز.»

   شىياڭ تەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەلۇم تارماقتىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر مەمۇر مۇنداق دېدى :«دەرۋەقە ئۆتكەن يىللاردا بەزى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مال سېتىۋېلىش كارتىسى، قىزىل بولاق دېگەندەك سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغان ئىدۇق،لېكىن ھازىر باشقۇرۇش قاتتىق،بىزدەك ئادەتتىكى كادىرلارغا ھېچنىمە يوق،لېكىن ھوقۇق تۇتقان رەھبىرى كادىرلارغا ئىش بىجىرىش ئۈچۈن كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلىمىسىڭىز بولمايدۇ.»

   بەزى مەمۇرلار مۇنداق دېگەن:بۇنداق سوۋغا-سالام بېرىش قانداقتۇر «مېھىر- مۇھاببەت باغلاش» ئەمەس،بەلكى ئەمەلىيەتتە «ھوقۇققا خۇشامەت قىلىش»تۇر،بۇ ئىستىلنى چەكلەپ تۈگىتىش ئۈچۈن ،چوقۇمكى تەستىق ھالقىللىرىنى ئازايتىپ،ئىش بىجىرىش ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزىمىنى ئاشكارلاشتۇرۇپ،قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق نازارەتنى كۈچەيتىپ،ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ كۆمىچىگە چوغ تارتىشنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك.

   بەزىلەر سوۋغا بېرىش بەرمەسلىكتە ئىككىلىنىپ قېلىش بولدى،بىر تەرەپتىن يۇقۇرنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى ئەنسىرەتسە،يەنە بىر تەرەپتىن باشلىققا كۆڭۈل ئىپادىلىمىسە،رەھبەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ،يەنىلا بايرام بولغاندىن كېيىن باشلىقنى يوقلىغاننىڭ يامىنى يوق دەپ سوۋغا- سالام ئېلىپ باشلىقنى يوقلىغانلارمۇ ئاز ئەمەس،بېرىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇپ يوشۇرۇنلاشتى ،ئىدارىدە سوۋغا- سالام بېرىش قولايسىز بولغاچقا ،ئۇچىرىشىشقا دېيىشىپ، سوۋغا -سالامنى ماشىنىنىڭ ئىچىدە بېرىشتى.
   
    خۇنەن ئۆلكىلىك مەلۇم ناھىيەدىكى خىزمەتكە چىققىنىغا 10يىللارچە بولۇپ قالغان سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ مەمۇرى جاڭ تاۋ(ياسالما ئىسىم)مۇنداق دېگەن:نەچچە مىڭ يىلدا شەكىللەنگەن بۇ ئادىتىمىزنى بىر ئىككى يىلدا ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدۇ.يۇقۇرنىڭ بېسىمى بولغانلىقتىن ،بۇ يىل يەپ- ئىچىش ،سوۋغا ئېلىش ھەقىقەتەن جىق ئازلىدى،لېكىن ئاللا بۇرۇن شەكىللەنگەن تۆمۈر مۇناسىۋەتتىكىلەر قانداقمۇ بېرىش -كېلىش قىلماي تۇرغىلى بولسۇن،جوڭگو جەمئىيەت ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا ،بايرامدا سوۋغا بەرمەسلىك،قوبۇل قىلماسلىق دېگەننى بىر بۇيرۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش مومكىن ئەمەس.ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: باشلىق بىلەن تۆۋەنگە خىزمەت تەكشۈرۈپ بېرىپ قالساق،ئىشتىن كېيىن يېقىن ئەتىراپتا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ،«يەرلىك،ياۋا،يىڭىچە سەي ...ھەممىسى كەم ئەمەس.»
   جاڭ تاۋ ئاشكارلاپ مۇنداق دېگەن :ئۆزەمنىڭ چۈشىنىشىمچە،40ياشتىن ئاشقان رەھبىرى كادىرلار يەپ -ئىچىشنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ،ھازىر ئاساسلىق يەۋاتقىنى 30ياشتىن ئاشقان ياش رەھبىرى كادىرلار،ئەمدى ئۆسكەن ياكى ئۆسۈش ئالدىدىكى ئەمەلدارلار يەپ-ئىچىشتىكى «ئاساسى قوشۇن» بوپ قالدى.راستىنى ئېيتقاندا ،چوڭ ياشتىكى ئەمەلدارلار يەپ ئىچىپ تويۇپ قالدى،مەركەزنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى چىقمىغان تەقدىردىمۇ ،ئۇلارئۆزىنى ئانچە ئۇرۇپ كەتمەيتى،تەن سالامەتلىكىمۇ يەپ ئىچىپ ئويناشقا يار بەرمەيدۇ،لېكىن بەزى «تەرەققى قىلغانلىرى» ياكى «ئەقىللىق»لىرى ئەتىراپىغا كىشىلەرنى توپلاپ نوپۇز تىكلەپ،خەلق قەلبىنى مايىل قىلىپ،نەپ ئالىدۇ.

مەنبە:http://politics.people.com.cn/n/2014/0203/c70731-24278728.html
















بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

1

تېما

0

دوست

3353

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 645
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇدىكى سوغا سالام بىرىش ، قىلمىشى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاچقا ، بۇلارنىڭ ئىدىيىسىگىمۇ سىڭىپ كەتكەن گەپ ،ئۇلار ئۇنچە ئاسان قورقۇپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا ھۈكۈمىتىمىز پۇختا بولغان مۇكەممەل نازارەت قىلىش سېستىمىسى بەرپا قىلىپ ، خىلاپلىق قىلغانلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بىرىش سالمىغىنى زورايتىش زۈرۈردۇر
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9590
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 162
تۆھپە : 257
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«رۇلەي» ئالتۇن كاسىنى سوغا سۈپىتىدە ئېلىشتىن بۇرۇن «تاڭسېڭ»غا نومنىڭ ساختىسىنى بەرگەن ئەمەسمۇ ، شۇڭا ھازىرقى دەۋېردىكى سوغا-سالامنى چۈشىنىشكە بولىدۇ

0

تېما

0

دوست

121

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16233
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaplan521 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-5 12:37
جۇڭگۇدىكى سوغا سالام بىرىش ، قىلمىشى ئۇزاق مۇددەت داۋا ...

راس دەيسىز............

0

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24695
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى مەزگىللەردە پارىخورلۇق ،چىرىكلىشىشكە قاتتىق قارشى تۇرۇش چاقىرىقى،چەكلەش بۇيرۇقى چىرىلغان بولسىمۇ بىرقىسىم كارخانىلارمەھسۇلاتلىرىنى،رايۇنلار يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى  يەنىلا بازار ئېچىش ئېھتىياجى دەپ باشلىقلار ،داڭلىق نوپۇزلۇق شەخىسلەرگەتاۋۇز چاغىنى ،چاغان بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ ئۇلارغا سوغا قىلىپ ئائىلىلىرىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىپ مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.لېكىن شۇ ئۇرۇنلاردىكى خادىملار ئالايىتەن سوغا ئۈچۈن تەيارلانغان مەھسۇلات ،بۇيۇملارغا قاراپ ئىچى ئاچچىق بولسىمۇ باشلىقنىڭ بازار ئېچىشنىڭ ئېھتىياجى ئامال يوق دىيىشى بىلەن نىمە دىيەلىسۇن.ئاڭلىسام بىر كىچىك شىركەت بىر بايرامدىلا مەھسۇلاتىنى بىرەر يۈزمىڭ يۈئەنلىك سوغا سالام سۈپپىتىدە باشقىلارغا بېرىپتۇدەك خادىملىرى ھاۋا يەپ يۈرگۈدەك،پاش قىلاي دىسە شىركەتكە ۋەزىيەت پايدىسىز ،چىدىغانغا چىققان كوچا ،ئىش يولىدا راۋان...بىر كۈنلىرى  ئوڭشىلىپ قالار!

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25555
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتتا بىرسى باشلىقىغا ياۋا چوشقىدىن بىرنى 2500 كويغا ئېلىپ چاغانلىق سوۋغا قىلىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم . ئۇكىشى ئۇيغۇر ئىدى تۇنۇيتۇم . توۋا دەپ قالدىم

0

تېما

2

دوست

471

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   85.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جۇڭگو ئەمەلدارلىق سورۇنىدا قىزىل  بولاقتىن باشقىسى بىكا

0

تېما

3

دوست

794

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16205
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaribag يوللىغان ۋاقتى  2014-2-5 15:09
ھازىرقى جۇڭگو ئەمەلدارلىق سورۇنىدا قىزىل  بولاقتىن با ...

يوتقان پارىسى بەك يامان دەيدىغۇ ؟ ئىشەنچىلىك خەتىرى يوق . دۆۋلەت مۇسادىر قىلغىدەك زاڭ مال قالمايدۇ دەپ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )