دىھقاننىڭ تېمىدا باجاڭنىڭ ھەققى بارمىتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .باغداش مۇنبىرىدىكى بائارلىق ئەزىزلەر ياخشىمۇسىلەر؟ مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان سىلەرگە تېتىملىق بىرەر پارچە تېما سۇنۇپ باقماپتىمەن . ئويلىغانلىرىم ، كۆرگەنلىرىم ، ئاڭلىغانلىرىم شۇنچە كۆپ بولسىمۇ قەلەم قۇۋۋېتىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن خىجىل بولۇپ بىر نەرسىلەرنى يېزىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم . بۈگۈن سەل غەيرەتكە كەلسەم كېرەك مانا كۇنۇپكا تاختىسى ئۇستىدە بارماقلىرىمنى ھەركەتكە كەلتۇردۇم . ..ئۇزۇن بولدى بىر ئىش زادىلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ .مۇشۇ ھەر قايسى كەسپتىكى بولۇپمۇ پۇخراۋى كارخانچىلارنىڭ ئېلانلىرى تېلىۋىزوردا بېرىلگەننى ئاز دىگەندەك ئاشۇرۇپ كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىغا چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىلىشى ،يەنە كېلىپ بىچچارە ساددا دىھقانلىرىمىزنىڭ تاملىرىغا يېزىلىشى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلىپ كەلدى. رادىئو-تېلىۋېزورلاردا ئېلان بەرسە ئەلۋەتتە ھەق تۆلەيدۇ شۇنداققۇ؟ ئەجىبا ئاۋام پۇقرانىڭ تاملىرىغا خالىغانچە ئېلان -تەشۋىق بېرىشى توغرىمۇ ؟ۋېلايەت، شەھەر، ناھىيەرنىڭ شۇ يەرنىڭ ئەمىلىيىتىگە ئۇيغۇن تەشۋىق خەۋەرلىرى بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق . بىراق دىھقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانۇن -ئېڭىنى ئاجىز كۆرگەندەك سەل قوپالراق ئېيتسام" باجىسىنىڭ" ھەققى باردەك بىر چىرايلىق تاملىرىغا چاسا-كاتەك خەتلەرنى خالىغانچە يېزىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ پۇخرالارنىڭ شەخسى تۇرالغۇ تاملىرىغا ئېلان يېزىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ توغۇرلۇق نىزاملىرى بارمۇ-يوق؟ ئەگەر مۇشۇ ھەقتە بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە قېرىنداشلىرىمنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمۇد قىلىمەن !قاراپ تۇرۇپ بىچچارە دىھقانلىرىمىزغا بىرەر پارچە غىش(كېسەك) كۆتۇرۇپ تام سېلىشىپ بەرگەندەك نومۇس قىلماستىن ئېلان يېزىشىنى، شەخسەن مەن قەتئى قوبۇل قىلمىدىم .سىلەرچۇ؟ ئەگەر مۇشۇ ھەقتە سىلەرنىڭمۇ ئويلىغانلىرىڭلار بولسا ئورتاقلىشىپ باقساق بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق. ئاساسلىق مەخسىدىم "ئېلان يېزىلغان تام" لاردىن شۇ دىھقانلىرىمىز قوش ئۇنۇمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بولسىكەن دەيمەن. |