- تىزىملاتقان
- 2014-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 192
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
64%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ibniabbas2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-9 04:50
ئەييۇب قاراخۇنۇم- ئالدى بىلەن شەرئىي ئىلىملەردە يىتىشكەن بىر ئۆلىما ، ئاندىن قالسا تەرىيقەت سۇلۇكىنىڭ بىر يېتەكچىسى . ئەييۇب قاراخۇنۇم- گەرچە ھاياتى ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ دىيارىمىزنىڭ ئىسلامىيىتى ۋە دىينىي مائارىپى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان زاتتۇر . بۇجەھەتتە بۇكىشىنى ئابدۇقادىر داموللام، قاغىلىق ئابلىكىم مەخدۇمھاجىم قاتارلىق ئىلىم سۆيەر ،ئەلسۆيەر ئۇستازلار بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇش مۇمكىن. چۇنكى ئۇكىشىنىڭ خەلقنىڭ مائارىپى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئەڭ زورسالماقنى ئىگەللىگەن . بۇنىڭ دەلىيلى سۈپىتىدە خاڭدى يېزىسىغا ئۆزخىراجىتى بىلەن قۇرۇپ دىيارىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىن يۇقۇرى مەلۇماتلىق ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ دەرس ئۆتكەن ‹‹مەدرىسە ›› ، (يەكەندىكى پېشقەدەم ئۆلىمالارنىڭ دىيىشىچە بۇمەدرىسە دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئونمىڭ نەپەردىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن، ) ھەمدە شۇيەرگە تەسىس قىلغان بىر يۈز يىگىرمە مو دىن ئارتۇق كۆلەمگە ئىگە ‹‹مۇسەللا›› نى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ( ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ مۇسەللا ئەشۇ دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇسەللا ئىكەنتۇق، بۇ مۇسەللا 1997 . يىللىرى تېرىلغۇ يەرگە ئۆزگەرتىلىپ يەرلىك دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلگەندە دېھقانلار ئەسلىدىن ۋەخپە قىلىنغان بۇ يەرلەرنى تېرىشىنى خالىماي ئۈچ- تۆت يىل ئاق تاشلىنىپ قالغان ، بۇجايلار ھازىرمۇ ‹‹مەدرىسە››، ‹‹مۇسەللا›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.) بۇكشى ئەسىرلەر مابەينىدە جاھىل- نادانلار تەرىپىدىن قۇرئان ۋەھەدىستىن چەتلەشتۈرۈلگەن تەرىيقەت يولىنى قۇرئان ۋەھەدىستىن ئىبارەت ئىسلام دىنىنڭ ئاساسيي لېنىيەسى ئۈستىگە ئوڭۇشلىق قايتۇرۇپ كېلەلىگەن . ئۆزنۆۋىتىدە بۇكىشىگە يەنە بىر قىسىم بوھتانلارمۇ ھەم چاپلاشقان ، مەسلەن يۇقۇردا ‹‹ ئەلى كارام ›› ئىسىملىك توردىشىمىز ئېيتقاندەك بىر ئۆمۇر ئىسلامىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان بىر تەقۋا ئىسلام ئۆلىماسىنى ‹‹كەشپۇ-كارامەت›› دەپ ئىسلام دىنىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ۋە مەڭگۈلۈك خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىلگەن سېھرىگەرلەرگە ئوخشۇتۇپ قويۇش، بىر بەت يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان ۋاراقچىسىى ۋاپاتىدىن قىرىق -ئەللىك يىل ئۆتكەندىن كېين باشقىلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ يېزىلىپ ئەييۇب قاراخۇنۇمنىڭ نامىدا بېسىلىپ تارقىتىلىش دىگەندەك ..... قىسقىسى بۇ كىشىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ، تەرغىپ قىلغان مەسلەكلىرى ۋە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىنچىكىلىك بىلەن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەن. مەندە بۇكىشىنىڭ بىر قىسىم شاگىرتلىرى ، مەسلەكداشلىرى، ۋە ئىش پائالىيەتلىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىر نەچچە پارچە ئەرەبچە ماتېرىيال بار ئىدى ، بۇنى بىرەرسى تەرجىمە قىلسا تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھرلەنسەك دىگەن ئۈمىدتە سۈرەتكە تارتقان ئىدىم ، تولىمۇ ئەپسۇسكى ‹قورساقتىكى ئۇماچنىڭ ئازلىقىدىن› بۇسۈرەتلەرنى مۇنبەرگە يوللىيالمىدىم، بىلىدىغان ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|