- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 679
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
35.8%
|
ئۇيغۇرلار ،ئۆلىما ئايۇپ قارىي ھەزرەتنى تونۇمسىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،باغداشقا تېما،ئىنكاس يېزىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ،بۈگۈن ئۇيغۇر تارىخىمىزدا
بىزگە ئانچە تونۇش بولمىغان،ئەمما بىز بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر كىشى توغرىلىق چالا بۇلا بولسىمۇ بىلگەنلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن،
مەقسىدىم مۇشۇ باھانىدە مەزكۇر زات توغرىلىق بىلىدىغان باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئايۇپ قارىي ھەزرەت توغرىلىق بۇرۇن بىرەرسىنىڭ ئاغزىدىن ياكى تارىخى كىتاپلاردىن ئاڭلىمىغان ئىدىم،بىراق بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا شىنخۇا كىتاپخانىسىدا
<<شىنجاڭدىكى ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بۆلگۈنچىلىك ،بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشلەر>> ناملىق كىتاپنى كۆرۈپ،بۇ كىتاپتىكى يەكەن،خوتەندىكى بولگۈنچىلىك قالايمىقانچىلىقلار توغرىسىدا سۆزلەنگەندە بارلىق زوراۋان،بۆلگۈنچىلەرنىڭ كاتتىۋېشى،قۇتراتقۇچىسى بولغان،يەكەن خانلىق مەدرىسىنىڭ ئۆلىماسى ئايۇپ قارىي ھەزرەت دېگەن يازمىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
مەزكۇركىتاپتا ئېيتىلىشىچە ئازاتلىقنىڭ ئالدى كەينىدىكى قەشقەر،خوتەنلەردە ئابدۇجېلىل داموللام،ئابلىمىت داموللا باشچىلىقىدىكى توپىلاڭچىلارچىقارغان قالايمىقانچىلىقلاردا ئايۇپ قارى ھەزرەت مۇھىم رول ئوينىغان،ئۇ كىشى پۈتۈن شىنجاڭدا بىۋاستە 10مىڭ دىن ئارتۇق مۇرىت قۇبۇل قىلغان،بۇ مۇرىتلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قۇبۇل قىلغان مۇرىتلار 100مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن،مۇشۇ كىشىلەر ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ۋە ئازاتلىقتىن كېيىن شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ،توپىلاڭلارنىڭ بىۋاستە تەشكىللىگۈچىلىرى،ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرى بولغان.
بۇ كىتاپنى كۆرگەندىن كېيىن ئويلاپ قالدىم،بۇ كىشى نىمىشقا باشقا تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمايدۇ،كىتاپتا يېزىلىشىچە بۇ كىشى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن،پىكىرداش،مەسلەكداش بولغان،ئەمما مەيلى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئازاتلىق ھارپىسىدىكى مەزگىللىرى بولسۇن،مەيلى كىيىنكى مەزگىللەر بولسۇن بۇ كىشىناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنغان،ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن بۇكىشىنى تونۇيدىغانلىرى ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن،
مەنمۇ پەقەت مۇشۇنچىلىك بىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن ئىدىم. ئۇزۇن مەزگىل سىرتلاردا يۈرۈپ ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئۆيگە بېرىپ دادام بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم،دادام 70 ياشلارغا بېرىپ قالغان ، بۇرۇن مەسچىتكە ئىمام بولغان،ھۆكۈمەت ياخشى نىيەت بىلەن ھەقسىز بەرگەن تېلۋىزور،ماشنى رەت قىلغانلىقى،ئۆيىمىزدە ھازىرغىچە تېلۋىزور بولمىغانلىقى ئۈچۈن قالاق ھېساپلىقنىپ ، ئىماملارنىڭ يېزىدىكى يىغىنىدا تولا تەنقىتلىنىپ ئاخىرى كېنىشكىنى تاشلاپ بېرىپ ئىماملىقتىن بوشىغان كىشى ئىدى.
بىز ھازىرقى جەمىيەتتىكى بىر قىسىم موللىرىمىزنىڭ مال دۇنيا ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى توغرا يەتكۈزمەيۋاتقانلىقى،ئىلىمنى دۇنيا توپلاشنىڭ كوزىرى قىلىۋالغانلىقى توغرىلىق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ دادام ماڭا مۇنداق بىر نەزمىنى ئوقۇپ بەردى.
موللا پاسىق سوپى جاھىللار،
تەركى سۈننەت بىلەن ئەيلەر.
ئىلىمنى كەسپ ئېتىپ مۇۋاپىقتەك،
سۈرىتىنى سىزىپ مۇناپىقتەك،
سەر قاچان مەسىلە بايان ئەيلەر،
بىر نەرسە بەرسە دەپ گۇمان ئەيلەر،
خەلىقتىن تامايىنى ئۈزمەسلەر،
ھېچقاچان نىيىتىنى تۈزمەسلەر،
پايدا ئالماسلار بۇ تىجارەتتە،
ئىككى ئالەم قالۇر خاسارەتتە،(خارلىقتا)
ئاھ-ئاھ كۆپ ئوقۇڭ قېرىنداشلەر،
ھەق رەسۇل سىزگە بولدى يولداشلەر،
بەزىلەرنىڭ ئېتى ئىرۇر قارىم،
پۇلى بارلەر بولۇر ئۇلۇغ ھاجىم،
بەزىلەر ئات كۆتەردى داموللام،
شۆھرىتى خەلق ئىچىدە دۇر ئەللام،.
.................................................................
مەن ئۆمرىدە كەتمەن گۈجەك بىلەن،دۇكاندا تۆمۈرچىلىك بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان دادامنىڭ قاچانلاردىن بۇنداق شېئىر ئوقۇيدىغان بوپ كەتكىنىگە ھەيران بولۇپ سورىدىم:
__ دادا،بۇ شېئىر كىمنىڭ شېئىرى؟
__ ئايۇپ قارىي ھەزرىتىمنىڭ مۇبارەك نەسىھەت ،ماقالىلىرى،شېئىرلىرىدىن بالام،بۇرۇن ياش ۋاقىتلىرىمغا ماڭا بەك ياراپ كېتىپ 100 ۋاراقچە كېلىدىغان كىتاپنى ئاساسەن يادلاپ بولاي دېگەنتىم،كېيىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ، ئېسىمدە قەلغانلىرى مۇشۇنچىلىك
دەپ يانا خېلى نۇرغۇن شېئىرلارنى ئوقۇپ بەردى.
__ ئۇنداقتا ئۇ كىتاپ قېنى ؟
__ قول يازما ئىدى بالام، بىر چاغلاردا مەخپى تارقالغان،كېيىن بىر ئۆيگە تامنىڭ ئارىسىغا لاتىغا يۆگەپ سېلىپ قويغانىدىم،
كېيىن جاھان سەل تىنچىغاندا قارىسام چاشقان تېشىپ تىتىپ تاشلىۋېتىپتۇ،شۇنداق بولسىمۇ تاشلىۋىتەلمەي ساندۇققا سېلىپ ساقلاپ قويغانتىم.
شۇ گەپ بىلەن ساندۇقنى ئېچىپ دادام ساقلىغان ھېلىقى كىتاپنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم،ئېسىت..........!
دادامنىڭ ساقلاپ قالغىنى يامغۇردا سارغىيىپ،سىياھلار بويىلىپ ،چىرىپ تىتما تىتما بوپ كەتكەن قەغەز دۆۋىسى ئىدى.
قەغەزلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئالقانچىلىك،كىچىكلىرى تىرناقتەك بولۇپ تۇتقان يەردىن توزۇپ كېتەتتى،شۇنچە قىلساممۇ قەغەزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىرەر نەزمۇننى ئۇقۇش مۇمكىن بولمىدى.
دادامدىن بۇ كىتاپنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىسام ،دادامنىڭ دېيىشىچە ئايۇپ قارىي ھەزرىتىم يەكەندە ناھايىتى تەقۋادار،بىلىملىك ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، يەكەندە داڭلىق خانلىق مەدرىسىدە بىلىم ئالغان،كېيىن يەنە ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەزرەتتىن بىلىم ئالغان ، پەرغانىلىق ئۆلىما قەمەرىددىن پەرغانىدىن بىلىم ئالغان،بۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ كىشىگە ئاتاپ مەرسىيەمۇ يازغان،
بۇندا بىدئەت كۆپ بولدى،
زۇلمەت ئەھلى كۆپ بولدى،
شولدەم ھەققە ۋارىس بولدى،
قەمرىددىنخان پەرغانىي،
قىقاس سالار زالىملار،
جەبىر تارتتى ئالىملار،
ئولدەم سەپەر قىلدىلەر،
قەمرىددىنخان پەرغانىي،
.............................بۇ ناھايىتى ئۇزۇن مەرسىيە ئىدى.
كېيىن بۇ كىشى يەكەن خانلىق مەدرىستە شاگىرت تەربىيلىگەن،شىنجاڭدىكى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىدى بۇ كىشىنى ھۆرمەتلىگەن،بۇ كىشىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ دىدار سۆھبەتتە بولۇشنى ئىستىگەن،شۇ قاتاردا مېنىڭ بوۋام(دادامنىڭ دادىسى) مۇ بۇ كىشىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ بىر مەزگىل ئىلىم سۆھبەتتە بولغان،بوۋام ئەينى چاغدا يۇرتىمىزنىڭ دىننى ئۆلىماسى ئىكەنتۇق.
بوۋام يۇرتقا قايتىشىدا ئايۇپقارى ھەزرىتىم بۇ قول يازمىسىنى يالداما سۈپىتىدە بوۋامغا سوۋغا قىلغان،بوۋام دادامغا قالدۇرغانىكەن،يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن تارىخلارنى ئايۇپقارىي ھەزرىتىم ئۆز ئاغزى بىلەن بوۋامغا،بوۋام دادامغا دەپ بېرىپ،كىتاپنى ياخشى ساقلاشنى تاپىلىغانىكەن.دادام بۇ گەپلەرنى دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
كىتاپنى ئاۋايلاپ قايتىدىن ياغلىققا چېگىپ قويدۇق.دادامنىڭ دېيىشىچە ئايۇپقارى ھەزرەت ناھايىتى تەقۋادار،ئەل سۆيەر كىشى ئىكەن،مەسچىتنىڭ ۋەخپە مۈلكىگە تەگمەسلىك ئۈچۈن ئۆزى باغ قىلىپ،يەر تېرىپ،ھەر قانداق شەكىل بىلەن بېرىلگەن نەزىر،سەدىقىگە يېقىن يولىمايدىكەن.ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان مەشھۇر ئۆلىما،جامائەت ئەربابى ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمۇ ئايۇپ قارى ھەزرەتنىڭ مەسلەكدىشى،بىر مەزگىللىك ئۇستازى ئىكەن.
بۇ توغرىدا يەنىمۇ ئىزدىنەي دېسەم ئىزدىنىش شارائىتىم،سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىچكىرلەپ ئىزدىنىش مۇمكىم بولماي قالدى.
ئاللا خالىسا مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى بىزگە قاراڭغۇ تەرەپلەرنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئارزۇيۇم بار،تورداشلارنىڭ ئارىسىدا بىلىمى مەندىن چوڭقۇر،
شارائىتى تولۇق،كۆرگەن بىلگەنلىرى،مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ تورداشلار كۆپ بولىشى مۇمكىن،شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ بىرلىكتە ئىزدىنىپ،بىلگەنلىرىمىزدىن تەڭ بەھىرلىنىشنى لايىق كۆرۈپ مۇنبەرگە يوللىدىم.ئەسلى بۇنداق چولتا تېمىلارنى مۇنبەرگە يوللىماسلىقىم كېرەك ئىدى. خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېيتقاندەك:
ئالمان تالمان بېغىڭدا مېۋە پىشمىسۇن ، ئەلگە غورا بەرمەيدىغان سادىق باغۋەن بول.
بۇ تېمىنى خالىغان تور بەتكە كۆچۈرۈپ تورداشلار نىڭ بىلىمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
|
|