قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 850|ئىنكاس: 25

مەن سايىماخۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

679

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2865
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 107
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

  


                                                            
مەن سايىماخۇن



   بىر چاغلاردا ئېسىمنى بىلسەم مەلىمىزدە<<مامۇت لۆم-لۆم>>دەيدىغان بىر كىشى بار ئىكەندۇق،بۇ كىشى  شۇنداق خۇش چاخچاق،گەپتان كىشى ئىدى،شۇنداق تۇرۇپ  كىشىلەر <<مامۇت لۆم-لۆم>>دېسە ،نىمىشقا شۇنداق دەيدىغاندۇ دەپ ھەيران قالاتتىم،لۆم-لۆم دىگەن سۈپەتنى ئەسلى بىر ئىشنى قىلىشقا ئالدىرىمايدىغان،دىتى يوق ئادەملەرگە بەرسەك توغرا بولاتتى،بىراق بۇ ئادەمدە بۇنداق سۈپەتلەرنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتى.
   كېيىن سەل چوڭ  بولغاندا بۇ ئادەمگە يەنىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدۇم،مامۇت لۆم -لۆمنىڭ بىر  ئوغلى مەن بىلەن بىللە ئوقۇيتى،باشقا  يەنە ئۈچ بالىسى بىزدىن كىچىك بولۇپ تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇيتى.مامۇت لۆم-لۆمنىڭ يېرى مەھەللىمىزدە ھەممىدىن جىق ئىدى،كىم يەرنى تېرىغۇسى كەلمەي تاشلاپ قويسا مامۇت لۆم-لۆم ئىجارىگە ئېلىپ تېراتتى.شۇنچە يەرنى تېرىسىمۇ ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا خوتۇنى ئېتىزلىققا چىقىپ قويمايتتى،بالىسى بىلەن ئوينىغىلى ئۆيىگە كىرسەم،<<ۋاي بالام،كېلىڭ،تاماق يەڭ >>دەپ  تۇتىۋېلىپ ،چىكىتىدىغاندا يانچۇقۇمنى لىققىدا گۈلە -قاقلارغا توشقۇزۇپ چىقىرۋېتەتتى.كېيىن بىلسەم باشقىلارنىڭ مامۇتكامنى لۆم-لۆم دىيىشى باشقا سەۋەپتىن ئەمەس،خوتۇنىدىن قورققانلىقى سەۋەپتىن ئىمىش،بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرسەم مامۇتكامنىڭ خوتۇنىدىن قورقىدىغانلىقىغا ھېچ ئىشەنمەيتتىم،بۇ ئايال مامۇتكامغا خۇددى پادىشاھقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى،ئېتىزدىن كىرىپ بولغىچە پاكپاكىز لۆڭگە بىلەن قاپاقتا بىر قاپاق ئىسسىق سۇنى تەييارلاپ قوياتتى،پاكىز يۇيۇلغان بىر قۇر كىيىم ئالماشتۇرۇلۇشقا تەييار بوپ تۇراتتى.ئىككىيلەننىڭ بىر -بىرىنى سەن  دېگىنىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم.مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە مامۇتكام بىر نەچچە قېتىم ئايالىغا كىر يۇيۇشۇپ بېرىۋاتقاندا مەھەللىدىكىلەر كۆرۈپ قاپتىمىش،يانا  تېخى ھويلا سۈپۈردىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ  قويارمىش،سىرتتا شۇنچە چاققان ئادەم ئويگە كىرگەندە خۇتۇننىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان موللام مۈشۈكمىش.ھەتتا پايپاق ئالىدىغان پۇلنىمۇ خوتۇنىدىن سوراپ خەجلەرمىش.
   كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتتۈردۈم،شۇ چاغدا يۇرتىمىزدا ئىمام تەربىيلەش كۇرسى دەپ ئاتالغان بىر كۇرس ئېچىلىپ،بىر  يېزىدىن 3تىن 6 گىچە بالىنى تىزىملاپ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن 3 يىللىق مۇددەتتە دىننى بىلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىر ياشانغان ئۆلىما كىشىگە تاپشۇرۇپ  بېرىلدى،مەنمۇ  شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدىم،مامۇتكاممۇ شۇندىن كېيىن ماڭا  بۆلەكچىلا ئامراقلىق قىلىدىغان بوپ كەتتى.بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدە بۇرۇنقى كونا كىتاپلار ناھايىتى جىق ئىدى.    پات -پات كىرىپ كىتاپلىرىنى ئەچىقىپ ئوقۇيتۇم. بۇ ئادەممۇ خۇددى بىرەر كاتتا ئۆلىمانى كۈتكەندەك كۈتۈپ ئىززىتىمنى قىلاتتى.كۈن ئاتلاپ ئۆيىگە كىرىپ تۇرمىسام يوللاردا ئالدىمنى توسۇپ سۆزلەپ كېتەتتى.مەنۇ  كۆنۈپ قالغان ئىدىم.
   بىر كۈنى ئۇستازىم ماڭا  <<سوپى ئاللا يار >>ناملىق كىتاپنى ئوقۇپ  كۆرۈشۈمنى ئېيتتى.بۇ كىتاپنى مامۇتكامنىڭ ئۆيىدە كۆرگەنىدىم،كىرىپ ئەچىقاي دەپ مامۇتكانىڭ دەرۋازىسىدىن ئۈسۈپلا كىرىپ قاپتىمەن،مامۇتكام  يوغان داستا  لىققىدە بىر داس يۇيۇلغان كىيىم كېچەكنى سىمغا يايغىلى تۇرۇپتۇ.ئاساسەن ئاياللارنىڭ كىيىمى ئىدى.
   مەن بۇ كىشىنى خىجىل بوپ قالمىسۇن دەپ ئاستا كەينىمگە بۇرۇلۇپ  چىكەتمەكچى بولدۇم،<<ھوي قارى بالام،نەگە بارىلا،جىندەك تۇرۇپ تۇرسىلا،ما كىرلەرنى يېيىۋىتىپ ،بىردەم مۇڭدىشاي سىلە بىلەن>> دەپ تۇرۇۋالدى.
   ئۇ كىرلەرنى يېيىپ بولغىچە ساقلاپ تۇردۇم،ئاندىن مېنى ھويلىدىكى كارۋاتكا باشلاپ،ئالدىمغا بىر چەينەكتە چاي بىلەن نان ئەكىلىپ،ناننى ئۇشتۇغاچ گەپ باشلىدى.
   ھە قارىم  بالام،كىر يۇيۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىلا ھەقاچان،راس،بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا ئەر كىشىنىڭ كىر يۇيۇشى نورمال ئىش ئەمەس.ھەممە ئەركەكنىڭ نەزىرىدە كىر يۇيۇش،تاماق ئېتىش،ھويلا ئاراملارنى سۈپۈرۈش ئاياللارنىڭ ئىشى،بۇ ئىشلارنى ئەر كىشى قىلسا خوتۇندىن قورقىدىغان سايىماخۇن ھېساپلىنىدۇ،بىراق ئۇلار  بىلمەيدۇ بالام،ئاياللارنىڭ جاپاسى بەك تولا،بىز ئەرلەر قىلغاننى ئاياللار بىر ئاماللارنى قىلىپ قىلىپ  كېتەلىشى مۇمكىن،بىراق ئاياللار قىلغان بەزى ئىشلارنى ئەرلەر مەڭگۈ قىلالمايمىز.ئاللاھ  تائالا ئاياللارنى شۇنداق ئۇلۇغ ياراتقان،ئايال بولماي دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس،بىز سىرتلاردا ئىش ئەمگەك بىلەن،تىجارەت بىلەن پۇل تېپىپ ،شۇ پۇل بىلەن مەغرۇرلىنىمىز،ئۆزىمىز بولمىساق يەر شارى چۆرگىلىمەيدىغاندەك ھېس قىلىمىز،بىراق بىزنىڭ يىل بويى تارتقان جاپايىمىز ئايال كىشىنىڭ يرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ،يىغلىغان بالىنى ئېمىتىپ ئاستىنى قۇرۇقدىغىنىنىڭ،10 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ ،جاننى تىكىپ تۇرۇپ ئاچچىق تولغاق يېيىشلىرىنىڭ ئالدىدا چۈشكۈرگەنچىلىكلا جاپا .بىز بىر كىلو ئېغىرلىقتىنى نەرسىنى بىرەر سائەت قويماي كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن شۇنچە بىزارلىق ھېس قىلىمىز،بىراق ئاياللارغا قاراپ باقتىڭىزمۇ،شۇنچە يوغان قورسىقىدا بىز ئەر بولغۇچىنىڭ پۇشتى  بولغان ھامىلىنى ئاز بولغاندىمۇ 280 كۈن كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ،قىلچىلىك ۋايسىمايدۇ.باشقا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشىپ بەرگىلى بولسىمۇ  ئايال كىشىگە قورساق كۆتۈرۈشۈپ بەرگىلى،بالا تۇغۇشۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.پۇل تېپىپ ئەكىرگىنىمىز بىلەن بۇ پۇل  بالا تەربىيىلىيەلمەيدۇ.يانا  شۇ ئايال كىشىگە موھتاج بولىمىز.ئۇ ئايال كىشى بىزگە شۇنچە ئىشلارنى قىلىپ  بېرىپ قىلچىلىك ۋايسىمىغان يەردە،مىننەت قىلمىغان يەردە ،بىز قانچىلىك قىلغانلىرىمىزغا ئەرلىكىمىزنى پەش قىلىپ چوڭچىلىق قىلىمىز،مەھەللىدە مەھەللە باشلىقى ھېچقانداق ھەققى يوق تۇرۇپ بىزنى خالىغانچە ئىشلەتسە غۇرۇرىمىزغا ئالماي خوش غوجام دەپ تازىم قىلىمىز،ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمىزغا يېقىن تۇرساق نىم  بولۇپتۇ.سىز  بىلمەيسىز ئۇكام،بۇ خۇتۇن ماڭا بەش بالا تۇغۇپ بەردى.باللارنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقىچە ئاز جاپا تاتمىدى.شۇ بالا  باقىمەن،تاماق ئېتىمەن،كىر يۇيىمەن دەپ ئۇششاق كېسەلدىن نېرى بولالمىدى.ئۇنى مۇشۇ تۇرقىدا يانا كىر يۇيغىلى سالسام بىچارە كېچىلىرى پەيلىرى تارتىشىپ،ئاغرىققا چىدىماي،يا  ئاۋاز چىقىرالماي نەچچە قېتىم قوللىرىنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتكىلى تاس قاپتۇ.بۇ خوتۇننى 15 ياش چېغىدا ئالغان،مانا 40  يىل بولۇپتۇ،قىرىق يىل ماڭا ئىشلىدى دىگەن گەپ،ئەمدى يانا ئىشلەتسەم.................
    تۆمۈرمۇ چىدىمايدۇ بالام ئۇنداق توختىماي ئىشلەشكە.كىلىنلەرغۇ بار،بىراق قاسماقلىرىمىزنى ئۇلارغا كۆرسىتىشنى خالىمىدۇق بالام،بىراۋغا موھتاج بوپ قېلىشتىن ئاللا ساقلىسۇن.يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم بار،بۇنى ئۇقمايمەن،بىراق قەدىناس ئايالىمنى ئاسرىماسلىققا كۆڭلۈم چىدىمايدۇ بالام.خەق مېنى،<<سايىم،يارىماس،لۆم-لۆم،>>دىگەندەك گەپلەر بىلەن مەسخىرە قىلىشتى،بىراق مۇشۇ ئايالىمغا بىرەر ئىش بولغان كۈنى ھېچقايسىسى ئايالىنى ماڭا بەرمەيدۇ،مۇشۇ تۇرقۇمدا مەندىن بەختلىك ئادەم يوق ئوغلۇم،ئايالىممۇ ماڭا خىزمەتنى يەتكۈچە قىلىۋالدى،مەنمۇ قەرز قايتۇرۋاتىمەن،مۇشۇ تۇرقىمىزدا قايسىمىز  كېتىپ قالساقمۇ ئارمانسىز كېتىمىز  ئاللانىڭ دەرگاھىغا.
   مامۇتكام شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا يېنىمىزغا كەلگەن ئايالى كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ ئولتۇراتتى.شۈبھىسىزكى بۇ ياش ھاياجان يېشى،مىننەتدارلىق،رازىمەنلىك يېشى ئىدى.

   بۇ  راس بولغان ۋەقە،مامۇتكاملارمۇ ئاللانىڭ دەرگاھىغا كەتتى.ئاللا بۇ ئۆمۈرلۈك بىر جۈپلەرنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلدىمۇ قانداق،مامۇتكام ئايالىنىڭ ئۈچ نەزرىسىنى بېرىپ بولغان كۈنى كەچتە تۇيۇقسىزلا  جان ئۈزدى.مامۇتكامنىڭ ئېڭىكىنى قېتىپ بولۇپ  باش تەرىپىگە قاراپ قاپتىمەن،ياستۇقنىڭ بىر بۇرجىكىدە مامۇتكامنىڭ ئايالى دائىم كىيىدىغان بىر قۇر كىيىمى بىلەن ئىككىيلەننىڭ 30 يىل بۇرۇن مۈرىدىشىپ تۇرۇپ چۈشكەن سۈرىتى تۇراتتى.

مەنبە:قەلىمىم.



0

تېما

0

دوست

323

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2239
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئوي تۇتماق ھەقىقەتەن تەس جۇمۇ ، ئۆيدە ياخشى ئەر بولاي دىسەڭ سىرىتتىكىلەر ، سىرىتتىكىلەرگە ياخشى بولاي دىسەڭ ، بۇ ئائىلىنى ئۇلار ساڭا تۇتۇشۇپ بەرمەيدۇ ، ئەڭ ئاقىلانە تاللاش خۇدانىڭ يولىدىن چىقماي ئۆنى ياخشى تۇتۇش .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

1

دوست

1143

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك يېزىپسىز قېرىندىشىم.
ھەر ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى...

0

تېما

0

دوست

255

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گەپ يۈزدە ياخشى،
ئۇسۇل تۈزدە................!

0

تېما

0

دوست

734

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17306
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا بەك تەسىرلىك بوپتۇ ، بۇنداق بىر ئائىلە ۋە قىممەت قاراشنى تۇرمۇشۇمىزدا دائىم كۆرۈپ تۇرشىمىز مۇمكىن ئەمەس ،

0

تېما

3

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ شۇ ئىدى. لېكىن كۆپلىرىمىز چۈشىنىپ بولالماي ئائىلىلىرىمىزدا جەڭگى-جېدەل تۈگىمەيۋاتىدۇ.
اللە ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ  بەختلىك بولۇشىنى نىسىپ قىلسۇن

1

تېما

0

دوست

1971

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6748
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 278
تۆھپە : 449
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قى

1

تېما

3

دوست

770

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركىزى ئىددىيە ئېسىل ئىكەن. ئويلىنىشقا تىگىشلىك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )