تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى
-مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئۇستازلىرىمىزنى «فۇيىن قىلىپ» (نۇسخىلاپ، كۆپەيتىپ دېمەكچى) يۇرت-يۇرتلارغاتارقاتساق، بۈگۈنكى مۇشۇ يەرگە كىلەلمىگەن سانسىز قىرىنداشلىرىمىزمۇ ئۆزيۇرتلىرىدا تۇرۇپ، مۇشۇ ئۇستازلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى، بايانلىرىنى ئاڭلىيالىغان بولسا، نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە! بۇ 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلەمەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىززەت مۇئەللىمنىڭ ھاياجانغا تولغان سۆزلىرى.
شۇنداق، بۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ئۇستازلار ۋە بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدىكى خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىركۈن بولدى. چۈنكى ئائىلە «كىچىك ۋەتەن»، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئۇنىڭ ساغلاملىقى، تېنچ-ئامانلىقى، يۈكسىلىشى بۈگۈن ھەر بىر كىشى جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز مەسىلە ئىدى. بۇ كۈندە بىز خەلقىمىزنىڭ ئەمگەكچان، مېھماندوست بولۇپلا قالماي، ئىلىم سۆيەر، مەرىپەتپەرۋەر، ئۆزى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىدىغان، ئويغاق قەلبلىرىنى مۇشۇ كۈنى يەنە بىر رەت كۆردۇق. ئەزىزانە قەشقەر،گۈزەل كورلا، خوتەن، كۇچا، ئاقتۇ، غۇلجا قاتارلىق ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن ئوت يۈرەكلەر قار بىلەن قاپلانغان ئۈرۈمچى قوينىنى، مەرىپەتنۇرلىرى چېچىلىۋاتقان بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنى ھارارەتكە تولدۇردى. بۇ كۈنكى لەپىلدەپ يىغىۋاتقان قار، جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇق ئۇلارنىڭ «ئائىلە» ئۈچۈن ئۆرتەنگەن قەلبلىرىنى، ئائىلىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن ئالغان ئىزدىنىشلىك قەدەملىرىنى توسالمىدى.ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 200 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى. رەڭگارەڭ ئەتلەس كۆينەكلىرى، ئوتقاشتەك گىلەم دوپپىلىرى بىلەن مەيدىسىگە گۈل تاقىغان پىداكار قىزلار، زەبەردەست يىگىتلەر مېھانلار ئەتراپىدا پەرۋانىدەك خىزمەتتە بولدى. ئەلسۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن ئۇستازلىرىمىزدىن ئازات سۇلتان، ئېمىن ئەھمىدى، ئابدۇقادىرجالالىدىن، يالقۇن روزى، زۇلپىقار بارات ئۆزباش، مىجىت لىتىپ، ئابدۇۋەلى مۇقىيىت،ئەركىن ھاشىم، ئابدۇلئەھەت ئابدۇرەشىد بەرقىي... قاتارلىقلارغا تىكىلگەن كۆزلەرئۈمىد، ھاياجان ۋە ئىنتىلىشكە تولغان ئىدى.
بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك سورۇننى تۈزۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان جەسۇر ياش، مەيدىسىگە قىپقىزىل گۈل تاقىغان ئابلاجان ھەممىدىن بەكرەك ھاياجانلانغاندەك تۇراتتى. ئۇ ئۇستازلار ۋە مېھمانلار ئۈچۈن پايپىتەك بولدى. ئەلدىن ياغقان چاۋاكلار ئۇنىڭ بىر يىلدىن بۇيان مۇشۇ ئىش ئۈچۈن تۆككەن تەرلىرىنى قۇرۇتۇپ، ھاردۇقىنى چىقاردى. پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا بولغان مىننەتدارلىق ۋە ئىشەنچ يەنىمۇ كۈچەيدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يىغىن رەئىسلىگىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئوقۇش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى ۋە مۇدىرى، ئەدەبىي تەرجىمان، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىن ئەھمىدى ئۈستىگە ئالدى ۋە رىياسەتچىلىكنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "بىر كىتاب بىر ئالەم" پروگرامىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات ئەپەندىم قىلدى. شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،ئەلكۈيى تورى ۋە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيدانغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىن ھەققىدە خەۋەر ئىشلىدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ماقالە ئوقۇغان بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىجىت لىتىپ، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇۋەلى مۇقىيت ۋە مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار بىرىنچى گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ چۈشتىن بۇرۇن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى
مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىجىت لىتىپ، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇۋەلى مۇقىيت ۋە مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدە
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەكلىپلىك رەئىسى ئىمىن ئەھمىدى
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەكلىپلىك رەئىسى ئىمىن ئەھمىدى تەبرىك سۆزى قىلماقتا
مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىجىت لىتىپ "دەۋرىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىغا بىر نەزەر" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا
غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇۋەلى مۇقىيت "ئائىلە مەدەنىيىتىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر- كۇتۇبخانا، نەسەپنامە ۋە ۋەسىيەتنامە" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا
مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى يالقۇن روزى "ئائىلە مەدەنىيىتى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۈپ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا
بىرىنچى گۇرۇپپا ئىلمىي ماقالەلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىسى سۇئال سورىماقتا
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىسى سۇئال سورىماقتا
مۇتەخەسسىس سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە
مۇتەخەسسىس سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە
بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پەلسەپە پەنلىرى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابلاجان ئەزىز مۇتەخەسسىسلەرگە سوغا تەقدىم قىلدى
سائەت 12:15 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن چۈشتىن بۇرۇنلۇق پائالىيەت ئاياقلاشتى.
چۈشتىن كېيىنلىك پائالىيەت سائەت 1:30 دا باشلاندى. چۈشتىن كېيىنلىك پائالىيەتتە، شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەركىن ھاشىم، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى ئابدۇقادىر جالالىددىن ۋە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى قاتارلىقلار بىر گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى .
شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەركىن ھاشىم، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ئابدۇقادىر جالالىددىن ۋە دوكتۇر ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدە
شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭخۇا ئەرلىك شۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى ئەركىن ھاشىم "بۈيۈك مەۋجۇدىيەت- جىنسىيەت ئاساسلىرى، جىنسىيەت پىسخىكىسى، جىنسىي ساغلاملىق ساۋاتلىرى" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى ئابدۇقادىر جالالىددىن،(ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىۋى بۇيىچە ئېلىندى) "ئائىلىدە تىل تەربىيەسى" تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا
شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى" ئائىلە مائارىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك زىيالىلارنى تەربىيەلەشتىكى رولى" ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇماقتا
ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىسى سۇئال سورىماقتا
مۇتەخەسسىس سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە
مۇتەخەسسىس سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە
سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى تۈگىگەندىن كېيىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىر قىسىم ئەزىز مېھمانلىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئامېركا ھاۋاي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىم ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلماقتا
دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پسخولوگ باھارگۈل ئوسمان خانىم ئۆز تەسراتىنى سۆزلىمەكتە
ئىززەت كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىززەت خانىم ئۆز تەسراتىنى سۆزلىمەكتە
ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى تۈگىگەندىن كېيىن بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پەلسەپە پەنلىرى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابلاجان ئەزىز مۇتەخەسسىسلەرگە سوغا تەقدىم قىلدى.
ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پەلسەپە پەنلىرى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابلاجان ئەزىز بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەكلىپلىك يىغىن رەئىسى ئىمىن ئەھمىدى ۋە تەكلىپلىك رىياسەتچىسى كۈرەش بارات ئەپەندىلەرگە سوغا تەقدىم قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يەنە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيەت-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئەپەندىممۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى
ئازات سۇلتان ئەپەندىم مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى بىلەن بىللە
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا ئەزىز مېھمانلار قاتناشتى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى
مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى
ئاخىرىدا يەنە، بىلكۈچ كۇتۇبىانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئابلاجان ئەزىز بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىنى قوللىغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە، ئالىم - مۇتەخەسسىسلەرگە، يوللارنىڭ يىراق بولۇشى ۋە ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي بۇ پائالىيەتكە قەدەم-تەشرىپ قىلغان بارلىق ئەزىز مېھمانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە يىغىننىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئاخىردا يەنە، بىلكۈچ كۇتۇبىانىسىنىڭ تەكلىپلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئىجرائىي تەشكىللىگۈچىسى مەرزىيە ئابدۇللا خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ھەمدەمدە بولغان بارلىق خادىملارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6:30 لاردا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قېتىمقى تۇنجى قېتىملىق "بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاياقلاشتى.
ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىللىرى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى
بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تەششكىللەش ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىغا قاتناشقان خادىملار
بىز بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قىممەتلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەقدىم ئەتكەن ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا يولنى يىراق ۋە ھاۋانى سوغۇق كۆرمەي بۇ پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ئەزىز مېھمانلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەت تىلەيمىز. ھەمدە، بۇ قېتىمقى تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدە تۈرتكۈلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
|