- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17806
- نادىر
- 9
- يازما
- 463
ئۆسۈش
19.52%
|
« بازا » تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت قۇرۇش خام خىيالى
" بازا " تەشكىلاتى يېقىندا ئىراقنىڭ مۇھىم بازىرىنى ئىشغال قىلىپ ، دۆلەت قۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ خەلقارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى . بىن لادېن ئۆلتۈرۈلۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن « بازا » تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن بۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلدى ، ئۇلار زادى قانداق دۆلەت قۇردى ؟
« بازا » تەشكىلاتىنىڭ تارماق تەشكىلاتى " ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى" سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقي رايۇنىدا ئەركىنلىك ئارمىيەسىنىڭ 100 گە يېقىن ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ ، 40 تىن ئارتۇق ئەسىرنىڭ كاللىسىنى ئالدى . بۇ تەشكىلات دەسلەپ سۈرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىنلىك ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ بەسىر ھاكىمىيىتىگە زەربە بەردى ، كېيىن ئەركىنلىك ئارمىيەسىگە قارشى ھەرىكەت قىلدى . ئۇلار سۈرىيەنىڭ ئەزىز بازىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى كەڭ يېزىلارنىى تېزگىنلىدى .
ئەمەلىيەتتە " ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى" دۆلەت ئەمەس ، بەلكى بىر تەشكىلات . ئۇ دەسلەپ ئىراقنىڭ غەربىي رايۇنىدا قۇرۇلغان . ئۇلار ئامېرىكا 2011 - يىلى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن سۈرىيەدىكى سۈننىي رادىكال كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ، ئىراق بىلەن سۈرىيە چېگىرىلىنىدىغان رايۇننى كونترول قىلغان . بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئىسمى ئەبۇبەكرى باغدادى بولۇپ ، « بازا » تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارمىقىنىڭ كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم كاتتىبېشى بولۇپ قالغان . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، باغدادى ئىلگىرى ئىراقنىڭ سابىق ھۆكۆمەت ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنكەن . ئۇ 2012 - يىلى ئاپرېلدا بايانات ئېلان قىلىپ ، رەھبەرلىكىدىكى " ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى" تەشكىلاتى بىلەن سۈرىيە ئۆكتىچى قۇراللىقلىرىنىڭ " شام دۆلىتىنى قۇتقۇزۇش فرونتى" نىڭ بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلىغان . بۇ تەشكىلات شۇ يىلنىڭ ئاخىرى سۈرىيەگە كىرىپ ، نامىنى " ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى" گە ئۆزگەرتكەن .
بۇ تەشكىلات بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىراقنىڭ مۇھىم شەھىرى فالۇجەنى ئىشغال قىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن قارا نىقاب تاقىۋالغان قۇراللىقلار شەھەر ئاھالىلىرىگە مالىك ھۆكۆمىتىنى قوللىماسلىقنى تەشۋىق قىلدى . ئۇلار يەنە ھۆكۆمەت ئارمىيەسى ۋە ھۆكۆمەتكە سادىق قۇراللىقلاردىن ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان ئۆلكىدىن تېزدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى .
باغدادى قاتارلىق كاتتىباشلار ئىشغال قىلغان رايۇندا ئىسلام ئەمرى - مەرۇپلىرىنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ ، ئەيىپلىگەن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى ۋە ئۆلتۈردى . نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىپ ، سۈرىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . گېرمانىيە " ئەينەك" ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە : بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئىراق ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقتە دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ، بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئىنتايىن يارامسىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ، دېيىلدى .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى
|
|