زىيالىيلار،ئانا تىلنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !
مىللەتنىڭ خاراب بولۇشىغا ئانا تىلنىڭ يوقىلىشى
سەۋەب بولىدۇ . خاتىرەمدىن
مەن ئۇزاقتىن بۇيان بۇ تېما ئۈستىدە يېزىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان ھەمدا بۇ توغىرسىدا ئىزدىنىۋاتقان ئىدىم .بۇگۈن ئاخىر قەتئى نيەتكە كېىلپ بۇ تېما ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
مېنىڭ تېمىنڭ بېشىنى زىيالى دەپ باشلىشىمدىكى سەۋەب ،زىيالىيلار بىر مىللەتنى ئومۇمى گەۋدىسى ئىچىدىكى يۇقىرقى ساپالىق كىشىلەر بولۇپ ،ئۇلارنىڭ مەدەنيەت جەھەتتە باشقىلاردا قالدۇرغان تەسىرى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .شۇنداقلا ،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ،سۆز-ھەرىكىتى تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددى كىشىلەرگە تەسىر كۆرستىدۇ .مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ،زىيالىيلار بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ مەدەنيەت ئامىلىنى قوبۇل قىلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان شەخس ھەمدە يېڭى مەدەنيەت ئۈندۈرمىلىرىنى يىتىشتۈردىغان تۇپراق .
مەن بىر ئوقۇتقۇچى ،مەن خىزمەتكە چىققىلى ئون يىلغا يېقىن ۋاقت بولدى .مەن ئۆزۈمنى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى دېيەلمەيمەن .ئەمما بۇ جەھەتتە ئۇزاقتىن بۇيان ئويلىنىپ كېلىۋاتىمەن .
يېقىندىن بۇيان مەكتىپىمزگە نۇرغۇنلىغان ياش ئوقۇتقۇچىلار كەلدى .ئۇلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى ئەلۋەتتە مېنڭدىن كۆپ يۇقىرى ،بۇلارنى ئىنكار قىلمايمەن .ئەمما ئۇلاردىكى بىر ئاجىزلىق داشۆ 大学(ئۇنۋېرسىتېت،ئالى مەكتەپ )دىن باشلىندۇ .يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گوڭۋۇيۈەن公务员(مەمۇرلۇق ) ئىمتىھانىغا قاتناشقانلىقىدىن باشلاپ ،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تېلىفونغا پۇل جالاش充值(پۇل تۆلەش ) ،بىز دائىم ئىشلىتىۋاتقان جىياۋئەن教案(دەرىس تەييارلىقى ) ،كې جىيەن课件(دەرسلىك دېتالى ) دېيشلىرىگچە مېنى ناھايتى ئەجەبلەندۈردۇ ھەم بىئارام قىلىدۇ .بىر كۈنى شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇرچە سۆزلەڭە دېدىم ،لېكىن ئۇ ئوقۇتقۇچى سۆزۈمدىن ھەيران قالدى .بەلكىم كۆڭلىدە زامان تەرەققى قىلغان تۇرسا ،تىلدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ ،دەپ ئويلغان بولسا كېرەك .ئۇنىڭ سۆزلىرگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇردۇم .لېكىن بۇرۇنقىدەك سۆزلەشنى داۋام قىلىۋەردى .مېنىڭچە ،ئۇنڭىدا ئانا تىلغا نسبەتەن ھۆرمەت ھېسياتى يوق ئىكەن .يەنە نېمىمۇ دېيەلەتتىم ،ياكى ھېچقانداق بىر يەردە ئۇنداق سۆزلىمىسەڭ بۇنداق قىلىمىز دەيدىغان قائىدە –پىرىنسىپ بولمىسا ،بولغان تەقدىردىمۇ كىشلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىگە چەك قويغىلى بولامتى .
دۆلەتنىڭ سياسەتلىرىگە ،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا خىلاپ كېلىدىغان سۆز بولمىسىلا ھېچكىمنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچىرماي راۋان ئېقىۋېرىدىغان تۇرسا .
ئاشخانىغا كىرىپ گۆشلۈك لەغمە (过油肉拉面)دەپ بۇيرۇتسام كۈتكۈچى بىر ھازا ھەيران قېلىپ ،-نېمە دېدىڭىز؟ دەپ سوردى.خەنزۇچە دەپ بەرسەم ئاندىن تالۇنغا يازدى .
كۆكتات بازىرغا بىرىپ پىدىگەن) (茄子ئالىمەن دېسەم ،مېنى يەنە ھەيران قىلىشلار كۈتۈۋالدى ،ئاخىردا جامائەت كۆنگەن پېتى سۆزلەپ كۆكتات سېتىۋالدىم .مۇشۇ ۋاقىتتا مېنى خۇشال قىلدىغان بىر ئىش يۈز بەردى .بىر ياش كېلىپ ئۆزنىڭ بەرەنگە (洋芋)،كۆك مۇچ青椒,辣子)(سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېېتتى .ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرلەر ئېيتتىم .ساپ تىلدا سۆزلەيدىغانلار ئارىمىزدا يەنە بار ئىكەن . مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە دېگىننى ئاڭلاپ ناھايتى خۇشال بولۇپ ،ئۇنىڭ نەدە ئىشلەيدىغانلىقىنى سوراشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم .
چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرشنى ئويلاپ شۇنداق قىلاي دېگەندىمەن .
ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن زىيالىلىرىمىز نورغۇن رىيازەت چەكتى ھەم چېكىۋاتىدۇ ،مۇشۇلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم قاتتىق غەشلىككە تولىدۇ .نەچچە مىڭ يىللىق بوران-چاپقۇندا يېمىرلمەي ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىغان تىلىمىز ،دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئاتالمىش زامانۋېلىق تەرپىدىن نابۇت بولارمۇ ؟
مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئانا تىلدا ئوقۇپ ،ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندىن باشلاپ خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈشنى باشلىغان .مېنىڭ خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈشۈممۇ ئەگرى توقاي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن .مەنمۇ دەسلەپتە ،يەنى ،باشلانغۇچتا بۇ تىلدا نۆل پېتى قالغان .كېين بىرسىنىڭ ئاپتۇبۇس ئىچىدە خەنزۇتىلىنى كىتابتىن قەغەزگە كۆچۈرۈپ يېزىپ ئۈگەنگەنلىكىنى كۆرۈپ ،مەندە خەنزۇتلى ئۈگۈنۈشكە نسبەتەن كۈچلۈك ئىشتياق پەيدا بولۇپ ،ئەينى چاغدا كەڭ تارقالغان رەسىملىك كېتابچىلارنى كۆرۈپ ،نەگە بارسام ئېلىپ يۈرۈپ ،مۇئەللىملەردىن ،خەن يولداشلاردىن سوراپ ،لوغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ،ئاخىر تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا خەنزۇتىلدا سىنپ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن .مېنىڭ ئۆگۈنۈش پىرىنسىپىم باشتىن تارتىپ سىلىشتۇرۇپ ،تەدبىقلاپ ئۆگۈنۈش بولدى .
ھازىر ئۆزۈمنى مەكتەپتكى ھەققى قوشتىل ئوقۇتقۇچىسى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەس دەپ ئويلايمەن .چۈنكى مەكتەپتىكى ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن تەرجىمە قىلىمەن .بولىدى ،بۇ توغىرسىدا كۆپ توختالماي ،ھەممە ئىشلار ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدىكەن .تىرشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن .
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ،بۇنىڭغا مېسال بولىدىغان ئىشلار ناھايتى كۆپ .
ئۆزىمىزمۇ ئانا تىل توغىرسىدا پەرۋاسىز يۈرگەچكە ،يېڭدىن قۇرۇلغان ئورگان ناملىرىنىڭ بەزىلىردە ئۇيغۇرچە خەتلەر كۆزگە چىلىقمايدىغان بوپ قالدى .
مەسلەن 立公为党،执政为民(ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش ،خەلق ئۈچۈن ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ) مەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچسىىنى قىسمەن جايلاردا كۆردۈم،كۆپىنچە جايلاردا كۆرمىدىم . ھەمممەيلەن بېرىپ تۇردىغان بازار –X乡综合市场،بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچىسى يوق .بۇ بازارغا پەقەتلا قوشتىللىق كىشىلەرلا كېلەمدۇ ؟ئۆز تىلدا يېزىلغان خەتنى كۆرسە خوش بولمايدىغانلار بارمۇ ؟
بۇ زادى كىمنىڭ سەۋەنلىكىدۇر ،كۆپچىلىك ئوبدان ئويلاپ باقساق بولىدۇ.
تىلمىز بارغانسىرى يەكلىنىپ قېلىنىۋاتىدۇ ،بۇنىڭغا مۇشۇ تىلنىڭ ھەقدارى بولغان ئۇيغۇر ئەۋلادى بولىمىش ئۆزىمىز سەۋەبكار .
بەش ياشلىق قىزىمغا ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنڭ ئۇيغۇرچە نامنى ياد ئالغۇزۇپ ئۈگەتتىم .ئۇ بەزىدە پالانى ئاكام ،پۇستانى ئاچام مۇنداق دەيدىكەن دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا ،ئۇ گەپنى خەن يولداشلارنىڭ ئالىدىغا بارغاندا دەيمىز ،ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدا مۇنداق دەيمىز دىسەم ،ئۇمۇ سۆزۈمگە قايىل بولدى .
شۇنىڭدىن باشلاپ ئائىلىدىكى تېلىۋۇزۇر ،تىزگىنەك ،كىرئالغۇ ،توڭلاتقۇ ،زەرەتلىگۈچ ۋە باشقا سۆزلەرنى ئۆز تىلىمىزدا سۆزلەيدىغان بولدى .(گەرچە تېلىۋۇزۇر چەت تىلدىن كىرگەن سۆز بولسىمۇ ،ئۇ ئاللىقاچان ئەدەبى تىل سۆز لۇغىتىگە كىرىپ بولدى ).
يېقىندىن بۇيان ئاندىروئىد تېلىفونلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ،تىلىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشنى زامانىۋى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى .نورغۇنلىغان تور بەتلەر ئەپ شەكلىدە ئىشلىنىپ ئۆيىدە كومپيۇتېر يوق ،خەنزۇتىلى ئۇقمايدىغان كىشىلىرىمىزنى ئانا تىلدىن ھوزۇرلىنش پۇرسىتگە ئىگە قىلدى .شۇنداقلا ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشلىرمىزگە بىر خىل ھوزۇر ئاتا قىلدى .
نۇر تورى ،ئالىپ تورى قاتارلىقلار بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق رول ئوينىدى .كومپيۇتىر ھەۋەسكارلىرى ۋە مۇتەخەسسلىرىمىز نورغۇن قىممەتلىك ۋاقتى ۋە زېھنى-كۈچىنى سەرىپ قىلىپ ،پايدىلىنىش قىممىتى بار ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ھۇجۇتقا چىقاردى .مەن ئۇلارغا خەلقىمز نامدىن چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرمەن .مەنمۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ئىشلتىۋاتىمەن .
قايسىبىر ئالىمنىڭ <ئانا تىلنى بىلمىگەنلەرگە ئانا سۈتى ھارامدۇر> دىگەن سۆزى كۆڭۈلنى زىدە قىلسمۇ ،ئورۇنلۇق سۆزكەن .چۈنكى دورا ئاچچىق بولغاچقا كېسەلگە شپا بولىدۇ ئەمەسمۇ .
يېقىندا ۋېندوس تېلىفونىغا ئۇيغۇرچە تىل سېستىمىىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئۈچۈن قىزغىن بىلەت تاشلىنىۋاتىدۇ .بۇ ئىشقا ئاشسا بىز ئۈچۈن يەنە بىر خوشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ .
مەن ئاشۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سوفېتقا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تېلەيمەن .ئالىم ئەھەتكە ئوخشاش ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېننىڭ سالامەت ،ئۆمىرنىڭ ئۈزۇن بولۇشنى تېلەيمەن .
گەپنىڭ قىسقىسى ،ھەممىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ،ئانا تىلدا سۆزلەيلى ،باشقىلارغا ئۈلگە بولايلى .باشتا قەدىرگە يەتمەي كېين پۇشايمان قىلىدىغان ،باشقىلاردىن ئاغىرنىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنايلى .
توردا ئىنكاس يازغاندا دوستلىرىمىزنىڭ خەنچە ئارلاشۇتۇرۇپ يازغىننى ۋە ئىملا جەھەتتە كۆپ خاتالىققا يول قويغانلىقىنى كۆردۈم .بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
تىلىمىز ئۈچۈن ئورتاقلىششنى خالايدىغلارنىڭ مەن بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايمەن .QQ:327345358,
قوشىۋالغاندا ئانا تىل دەپ يېزىشنى ئۇنۇتماڭ .
|