بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azmas2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-5 16:40
قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى زېنودىن ئوقۇغۇچىسى سوراپتۇ:" ئۇستازىم، سىلى دائىم ئۆزلىرىنىڭ جاۋابىغا ئۆزلىرى گۇمانلىنىدىكەنلا. سىلىنىڭ بىلىملىرى بىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋابلىرىمۇ ھەم ئىنتايىن توغرا. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلى نېمە ئۈچۈن ئۆزىلىرىنىڭ جاۋابىدىن گۇمانلىنىدىلا؟" زېنو بارمىقى بىلەن ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە بىر چوڭ، بىر كىچىك چەمبەر سىزىپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ:"چوڭ چەمبەر مېنىڭ بىلگەن دائىرەمنى بىلدۈرىدۇ، كىچىك چەمبەر بولسا سىلەرنىڭ بىلگەن دائىرەڭلەرنى بىلدۈرىدۇ. مېنىڭ بىلگىنىم سىلەردىن كۆپ. ئەمما بۇ ئىككى چەمبەرنىڭ سىرتى بولسا سىلەر ۋە مەن بىلمەيدىغان دائىرىلەردۇر. چوڭ چەمبەرنىڭ ئايلانمىسى كىچىك چەمبەرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىلمەيدىغان دائىرە بىلەن ئۇچرىشىشىم سىلەردىن چوڭ بولىدۇ. مانا بۇ دائىم ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر."
|