قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3402|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قومۇل، تۇرپان، لوپنور ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بىر قانچە كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

2557

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2170
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 352
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 514
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-31
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 18:26:04 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قومۇل، تۇرپان، لوپنور ئۇيغۇرلىرى دېسىلا كۆپىنچە ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا يالاڭ قاپاق، «خەنزۇ چىراي» دەپ سۈپەتلىنىدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار كېلىدۇ. چىراي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپچىلىكى موڭغوللوئىدلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىلىمدىن خەۋەرسىز كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى خەنزۇلىشىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش تامامەن خاتا. بۇ قىسقىغىنا يازمامدا قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تەركىبلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن.

 

چىراي-تۇرق جەھەتتىن، كۆپ قىسىم قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خەنزۇلارغا ئوخشاپ قالىدىغان موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇنى ئەينى چاغدا موڭغۇلىيە دالىلىرىدىن كۆچۈپ كىرىپ تارىم ۋادىلىرىنى ئۇيغۇرلاشتۇرغان ئۇيغۇر، تۈركلەر بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار، ئۇ جايلاردىن تېپىلىۋاتقان تۈرك قەبرىلىرى ئالدىغا تىكلەنگەن بالباللار قەدىمكى تۈرك، ئۇيغۇرلارنىڭ روشەن موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھ بېرىپ تۇرىدۇ. دەسلەپ قومۇل-تۇرپان-لوپنورلارغا كۆچكەن ئۇيغۇر-تۈركلەرنىڭ ئەسلى تۇرق ئالاھىدىلىكى ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال كۆچكەن قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا روشەن ساقلىنىپ كەلگەن. شۇڭا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىدىنمۇ بىز بۈگۈنكى قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياقىنى كۆپلەپ تاپالايمىز. تۈركلەردە موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكنىڭ روشەن بولۇشىغا بىز باشقا مىللەتلەر بىلەن قەدىمدىن بېرى ئالاقىسى ئەڭ ئاز بولۇپ كەلگەن، تاغ-يايلاقلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن قازاق-قىرغىز، شۇنداقلا سىبىرىيەدە قەدىمكى تۈرك ئېتىقادىدىن تارتىپ ساقلاپ قالغان ياقۇت، خاكاس، توۋالارنىڭ سىياقىدىن كۆرۈۋالالايمىز. دېمەك، قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاشمايدىغان موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەر ھەرگىزمۇ خەنزۇلار بىلەن ئەبجەشلىشىش ياكى باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى مەزكۇر قەدىمكى ئۇيغۇر قېنىنىڭ بىر قەدەر ساپ ھالەتتە ساقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تارىخ ئىلمى بىلەن ئاز-تولا خەۋەردار كىشىلەرگە مەلۇمكى قەشقەر، خوتەن رايونلىرىنىڭ تولۇق تۈرك، ئۇيغۇرلىشىشى 11-ئەسىرلەردە قاراخانىيلارنىڭ ئۇدۇن ئېلىگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ غەلبىسى بىلەن تامامىغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تۈركىي خەلقلەر تارىم ۋادىلىرىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشمەيدىغان ئاق ئىرققا مەنسۇب كىشىلەرنى تۈركلەشتۈرگەن ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك قاتلىمى 12-13-ئەسىرلەردىكى چىڭگىزخان ئىستېلاسى بىلەن تولۇق ئەمەلگە ئاشقان. قومۇل-تۇرپانلارنىڭ ئەسلى ئاھالىلىرى خېلى بۇرۇنلا موڭغۇلىيە ۋادىلىرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئېتنىك تەركىبىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. بىراق تارىم ۋە پەرغانە كېيىنچە ئاناتولىيەلەرگە قەدەر كۆچكەن تۈركلەر شۇ جايدىكى ئەسلى موڭغۇللوئىد بولمىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتكەن بىلەن، مەدەنىيەت ۋە سىياق جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە بىر قەدەر ئەسلىنى ساقلاپ قالغانلار باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقىسى ئەڭ ئاز بولغان چەت رايونلاردا ياشايدىغان چارۋىچى مىللەتلەر، مەسىلەن قازاق-قىرغىز، توۋا، خاكاس، ياقۇت، قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى قاتارلىقلار بولغان.

 

تىل جەھەتتە، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە خوتەنلىكلەرنىڭ خوتەن تىلى ئىشلىدىغانلىقى، قەشقەر ئەتراپىدا بولسا كەنچەكلەرنىڭ بىر خىل ئارىلاشما تىلنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى يازغان. دېمەككى، شۇ زامانلار قەشقەر، خوتەنلەرنىڭ تىلى تېخى تولۇق تۈركلىشىپ كېتەلمىگەن. بەلكى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپ ئۇدۇن تىلىدىن بارغانسېرى تۈرك-ئۇيغۇرلىشىش جەريانىدا بولغان. بىراق قومۇل-تۇرپانلاردا بولسا تۈرك-ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ خېلى زور ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىكلەپ، جەمئىيەتتە قوللىنىلىدىغان ئالاقە تىلىلىق سالاھىيىتىنى ئاللىقاچان ھازىرلاپ بولغانىدى. مىڭ يىللار مابەينىدا قومۇل-تۇرپان-لوپنورلارغا ئىسلام دىنىنىڭ كېچىكىپ كىرىشى، باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئازلىقى بۇ رايونلاردا قوللىنىلىدىغان تىلنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىنىڭ نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. بىز بۇ رايونلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردە قوللىنىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ يېقىنغىچە قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە تاۋۇشلارنىڭ ماسلىقىدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە، بۇ رايونلارنىڭ تىلىدىن كۆپرەك پايدىلىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى ئىشلىتىلىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغان قەشقەر شېۋىسىنى ياكى سۈنئىي رەۋىشتە چالا بىر ھالەتتە شەكىللەنگەن ئۈرۈمچى شېۋىسىنى ئاساس قىلغانغا قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلۇقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان،  قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ساقلىنىشى كۆپ بولغان بۇ رايوننىڭ تىلىنى تاللاش بىر قەدەر ئاقىلانىلىك بولاتتى. بىراق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇ مۇمكىن بولمىدى. بىراق تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى يەنە داۋاملىق چوڭقۇرلىغان ھالدا ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەدەنىيەت جەھەتتە بۇ رايونلاردا تا يېقىنقى يىللارغىچە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شەكلى بولغان چارۋىچىلىق داۋاملىشىپ كەلگەن بولغاچقا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى بۇ رايوندا كۆپرەك ساقلىنىپ كەلدى. مەسىلەن مەھمۇد كاشغەرىي تۈركىي تىللار دىۋانىدا خاتىرىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تامغىلىرى تا يېقىنقى مەزگىللەرگىچە قومۇل تاغلىرىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. شۇنداقلا قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بولغان تېلى، چومۇل، ئەلكە، قارلۇق. خۇلارنىڭ نامى بۇ رايونلاردا جەمەت سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. گەرچە ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىش ھاياتىغا كۆچكەندىن كېيىن قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ رايونلارنىڭ چەت يېزا-قىشلاقلىرىدا بۇ ناملار بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ياخشىلاپ تەتقىق قىلىنىپ كۆرۈلسە بۇ رايونلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇششاق بالىلارنى ئۇچۇغداش، جادىگەرلىك، مازار-ماشايىخلارغا بولغان پەرقلىق ئىشەنچلەر .... بۇلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئورتاق. بىراق قومۇل–تۇرپانلاردا باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا شەكىل جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك پەرقلەر بار. قومۇل-تۇرپان-لوپنور رايونلىرىدىكى ناخشا-مۇزىكا، مۇقاملارمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ناخشلىرىدىن روشەن پەرقلىق. يەنى مەزكۇر رايون ناخشىلىرىدا قويۇق يايلاق تۈسى ۋە جەڭگىۋارلىق، چوڭقۇر مۇڭ-ھەسرەت، رېئالنى تېمىلاردىكى تارىخىي ۋەقەلەر بار. بۇ رايوننىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ باشقىچە. مىڭئۆيلەردىكى كىيىملەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسا چوقۇمكى بۇنىڭدىن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقاش مۇمكىن.

 

قىسقىسى، قومۇل-تۇرپان-لوپنورلاردىن سىز قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىنىشلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى بايقىيالايسىز. بۇ ھەرگىزمۇ جەنۇب ئۇيغۇرلىرىغا باشقىچە قارىغانلىق ئەمەس. خۇددى بىرەيلەن ئېيتقاندەك، ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى جەنۇبتا. چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە زىچ تارقالغان رايون. بۇ رايوننىڭ ئىلىم-پەن، قۇرۇلۇش، تېبابەت ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلىرى قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىنىڭكىدىن بەكرەك تەرەققىي قىلغان. بىراق، ئۇيغۇر مىللىتىنى تارىخىي، مەدەنىيەت، تىل جەھەتلەردىن ئەتراپلىق چۈشەنمەكچى بولغان ئادەم ئۈچۈن قومۇل-تۇرپان-لوپنورنىڭ ئاز نوپۇس بىلەن خاس مەدەنىيەت ۋە تىلنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن، كەڭ دالا-سەھرالىرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرى پۈتۈلگەن، سۈرەتلەر ئويۇلغان تەبىئىي مۇھىتى تېپىلغۇسىز مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ.
uyghuray

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 20:08:56 |ئايرىم كۆرۈش
سەۋەبى يەنە بۇلا ئەمەس :
قومۇلدا يېڭىلار دەپ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ ئۇلارنى  كىچىك چېغىدا قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىدىن ئېلىپ چىقىپ بېقىۋالغان ، كېيىن چوڭ بولۇپ تويىنى قىلغان، شۇ تركۈم كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى خەنزۇ چىراي كېلىدۇ

14

تېما

0

دوست

2557

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2170
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 352
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 514
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-31
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 21:16:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق كىشىلەر بولغان تەقدىردىمۇ بەكلا ئاز. تۇرپان، لوپنور ئۇيغۇرلىرىنى بۇ نۇقتىدا چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزمىز. شۇڭا بۇنداق ئۇششاق نۇقتىلار دىققەتكە ئەرزىمەيدۇ.

14

تېما

0

دوست

2557

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2170
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 352
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 514
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-31
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 21:27:03 |ئايرىم كۆرۈش
تۈركلەر قايسى ئىرققا تەۋە؟

«تۈركلەر سېرق موڭغۇل ئىرقىغا ئەمەس، ئاق ئارىئان ئىرقىدىندۇر» پەقەت ئوبيېكتىپ ئاساسلارغا تايانمىغان بۇ ھۆكۈمگە نىسبەتەن بۈگۈنگىچە بىلىنگەن چۈشەنچىلىرىمىزنى ئىلىم يولى بىلەن سۆزلىمەكچىمىز: بۈگۈن ئىنسانلار  تېرە رەڭلىرىگە ئەمەس، بەلكى تىللىرىغا قاراپ گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىدۇ. بۇرۇندىن ئاق ئىرق نامى ئارىئان ئىرقىدا توپلانغان ئارىئانلار بىلەن سامىلار بىر-بىرىدىن ئۇزاق ياشىشى، ئوخشاشلا قەدىمدىن سېرىق ئىرقتىن سانالغان تۈرك ۋە موڭغۇللار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ھېچبىر ئىرقى يېقىنلىقى بولماسلىقى بۈگۈن ھەممە كىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندۇر. قەدىمدىن تۈركلەر سېرىق ئىرقنىڭ ئالتاي-ئۇرال گۇرۇپپىسىدىن سانىلىدۇ ۋە بۇ گۇرۇپپىغا تۈركلەر، موڭغۇللار، توڭغۇسلار، فىنلەر ۋە ماجارلار كىرىدۇ. بۇگۈن فىن ۋە ماجارلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىقىنى ئىسپات بولغان ۋە ھەتتا فىن، ئېستون ۋە ماجارلاردىن مۇرەككەپ بىر فىن-ئوگۇر قۇرۇلمىسىنى تۈزسە ھەم، تۈركلەر، موڭغۇللار، تۇڭغۇسلارنىڭ بۇلارغا تۇغقانچىلىقى ئىسپاتلانمىدى. باشقا تەرەپتىن تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ بىر ئۇرۇقتىن بولغانلىقى قەتئىي رەۋىشتە ئىسپاتلاندى ۋە تۇڭغۇسلارنىڭ بۇ گۇرۇپپىغا  تەۋەلىكى ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەتلىك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر تۈرك سانالغان چۇۋاشلارنىڭ ھەم تۇركلەر بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا. تۈركلەر ۋە موڭغۇللار بىلەن ئارىئانلار ئارىسىدا بۈگۈنگە قەدەر ھېچبىر يېقىنلىق كۆرسىتىلمىدى ۋە ئىسپاتلانمىدى.
تۈركلەرنىڭ ئارىئان ئىرقىغا مەنسۇپلۇقى ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن قوبۇل بولىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. شۇنداق قارايمىزكى، موڭغۇللارنىڭ ۋەھشى ۋە ياۋايى، ئارىئانلارنىڭ مەدەنىي بولغانلىقى ھەققىدىكى كونا قاراشلار بۇنىڭغا سەۋەب بولدى. بۇ قاراش بەزىدە ئۇ قەدەر غەلىتە شەكىللەر ئالدىكى، كۇرتلار ھەققىدە بىر يۈرۈش ماقالە نەشىر قىلغان بىر زات ئۆزىگە كۆرە، سانىغان بىر مۇنچە دەلىللەردىن كېيىن «كۇرتلارنىڭمۇ تۈركلەرگە ئوخشاش ئارىئان ۋە تۈرك ئىكەنلىكى»نى ئېلان قىلدى.
بۇ مەسىلىنى يالغۇز ھېسسىي چۈشەنچىلەرنىڭ مەھسۇلى دەپ ئويلاشقا مەجبۇرمىز. ۋەھشىي موڭغۇللار بىلەن تۇغقان بولماسلىق ئۈچۈن، تۇرانلىق ئىنكار ئېتىلسە، سىگانلار ھەم مەنسۇپ بولغان ئارىئان ئىرقىغا كىرىش بۇ خىياللىرىمىزغا تەسىر قىلماسمۇ؟!
موڭغۇل قانچلىك ۋەھشىي ۋە ياۋايى بولسا بولسۇن، ھەقىقىي نوچى ئەسكەرلەرگە ساھىپ بولغان. ھالبۇكى، تۈرك-موڭغۇل تۇغقانچىلىقى بۈگۈن ئىلمىي بىر ھەقىقەتتۇر. بۇلارنىڭ تارىخى ۋە قانلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇ قەدەر ئارىلىشىپ كەتكەنكى، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئەسكەرتىشكە ئىمكان يوقتۇر.  ئوخشاش ئىسىمنى قوللىنىدىغان قەبىلىنىڭ يېرىمى تۈركچە، يېرىمى موڭغۇلچە سۆزلىشىدۇ. ھەتتا بەزىدە تارىخنىڭ بەزى دەۋرلىرىدە تۈركچە ئىشلەتسە، بىر زامانلاردىن كېيىن موڭغۇلچە ياكى ئىككى تىلنى تەڭ قوللانغان قەبىلىلەرنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە، چىڭگىزخان موڭغۇللاشقان بىر تۈركتۈر. ئاقساق تېمۇر بولسا، تۈركلەشكەن موڭغۇلدۇر.
تارىخ تەتقىقاتى چوڭقۇرلاشقانچە، تۈركلەرنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ ياۋايىلىقى ھەققىدىكى ئىبارىلەرنىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكى ئايان بولدى. بۇلارنىڭ زور غەلبىلىرى ھەم بۈيۈك مەدەنىي نەتىجىلىرى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تۈركلەرنىڭ ئارىئان سانىلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان مەسىلىلەردىن بىرى ھىتىتلەرنىڭ تۈركلىشىشىدۇر. بۇنى ئىلگىرى سۈرگەن نەزەرىيىچىلەر تۈركلەرنىڭ ئاناتولىيىدىكى قەدىمىي ئىزلىرىنى ئىسپات ئەتمەك ۋە بىر ۋارىس ھەققى ئىزدەش مەقسىتىدە. شۇبھىسىز ھېسسىي جەھەتتىن بۇنى ھەممىمىز خالايمىز. بىراق ھەقىقەت شۇدۇر: ھىتىتلەرىن ئابىدىلىرى ئوقۇلدى ۋە بۇلارنىڭ تۈرك ئەمەس، ئارىئانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  ھىتىتلەرگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئارىئانلىقنى قوبۇل ئەتمەك بىز ئۈچۈن خەتەرلىك بىر يولدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرقىمىزنىڭ ئانتروپولوگىك خۇسۇسىيەتلىرى ھېچ ئارىئانلارغا ئوخشىمايدۇ. ھەتتا بىزنىڭ ئانتروپولوگىك خۇسۇسىيەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئاناتولىيە تۈركلىرىنى قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ تارمىقى دېيىشكە ئۇرۇنغانلارغا پايدىلىق زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە تايىنىپ چۈشەنچىلىرىمىزنى شۇنداق خۇلاسە قىلىمىز:
تۈركلەر ئۈچۈن باشقا قەۋملەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ساھىپ چىقماققا زۆرۈرىيەت يوق. بىز ئۆزىمىز ياراتقان مەدەنىيەتنى تامامەن دۇنياغا چۈشەندۈرەلىسەك، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
بۈگۈن مەدەنىي بىر مىللەت بولۇپ ياشىماق ئۈچۈن ئەيسادىن ئاۋالقى ئەسىرلەردىن بىر مەدەنىيەت ياراتماققا زۆرۈرىيەت يوق. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ھېچبىرى بۇنداق قەدىمىي مەدەنىيەت ساھىبى ئەمەس. غەربنىڭ مەدەنىيەتتە شەرقتىىن ئۈستۈن تۇرۇشى 16-ئەسىرلەردە باشلانغان.
بۇنداق يازمىلار ياشلىرىمىزنى ۋە تۈرك تارىخى بىلەن يېقىندىن ۋە چوڭقۇردىن ئالاقىدار بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىكرىنى بۇلغايدۇ. ئۆتكەن ئىنكاس، ئىشەنچ ھېسلىرىنى ئازايتىدۇ. مەۋجۇت ھەقىقەتلەرگە شۇبھە بىلەن قارىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك بالىلىرىغا ئوچۇق قىلىپ ئېيتىشىمىز كېرەككى:«سېنىڭ بوۋىلىرىڭ قۇرغاق تۇپراقلاردا، رەھىمسىز ئىقلىملاردا ۋە ساناقسىز مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن مۇكەممەل ئەسكەر بولغان ۋە ئۆمرى تەبىئەت ۋە مىللەتلەر بىلەن كۆرەش قىلىپ ئۆتكەن. شۇنداق بولسىمۇ، پۇرسەت تاپقان زامان يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان.  ئەمما ئەسكەرلىكتە قازانغان يۈكسەك مۇۋاپپىقىيەتلىرى ھازىرغىچە مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆرسىتىشكە ۋاقىت بولمىغان.»
بۇ ھالدا بىز تەۋە بولغان ئىرقنىڭ ئىسمى نېمە؟ بۇنى ئالتاي ۋە تۇران ئىرقى دەيدۇ. بىز بۇ ئانا ئۇرۇقتىن كۆپەيگەن ۋە ئاخىرى ئۇندىن ئايرىلغان تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلىكىمىز. ئارىئان بولمىغىنىمىز شىنجاڭدىكى رەسىملەر(مىڭئۆي) ۋە تۈرك ھەيكەللىرىدىن ئىسپاتلاندى. بۇ رەسىملەردىن مۇھىم بىر قىسمى گېرمان ئالىملىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇلاردا تۈرك، خەنزۇ، ئىران ۋە ھىندى سىمالىرى ناھايىتى خاسلىققا ئىگە بىر شەكىلدە پەرقلىقتۇر. بۇ سېلىشتۇرۇشتا ئارىئان بولمىغىنىمىزغا ئاخىرقى ۋە توغرا بىر دەلىل بار.

مەنبە:http://www.bilge-kagan.org/turk- ... irka-mensuptur.html
uyghuray

2

تېما

0

دوست

2632

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1328
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 375
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
5#
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 17:03:32 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى sarsan88دە2011-06-06 20:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سەۋەبى يەنە بۇلا ئەمەس :
قومۇلدا يېڭىلار دەپ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ ئۇلارنى  كىچىك چېغىدا قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىدىن ئېلىپ چىقىپ بېقىۋالغان ، كېيىن چوڭ بولۇپ تويىنى قىلغان، شۇ تركۈم كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى خەنزۇ چىراي كېلىدۇ  


 بۇ ئىنكاس ئورۇنلۇق ، ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان  تارقىلىش ۋە دائىرىسىنى سىتاستىكا قىلماق تەس ، چۈنكى شۇ چاغدا قانچىلىك بالىنى ئېلىپ چىقىپ بېقىۋالغانلىقى نامەلۇم ،

 ئەگەر 200 دەپ پەرەز قىلساقچۇ ؟
 200 بالا چوڭ بولۇپ توي قىلىپ بالىلىق بولدى ، ئۇيغۇرلار كۆپىنچە 2 بالىلىق بولىدۇ . دىمەك بۇ چاغدا بۇ خىل ئارىلاشما قانلىقتىن قانچىسى بولىدۇ ،600 .    ئاندىنچۇ ؟  دىمەك شۇنداق ھەسسىلىنىش ئارقىلىق ھېساپلىپ بېقىڭ !

ئۆتكەندە بىر سورۇندا مۇشۇ تېمىغا يانداش بىر مەسىلە توغۇرلۇق پاراڭ بولدى.
 تارىخى رومانلاردا كۆپىنچە تاجاۋۇز قىلغانلىق ئەھۋاللىرىنى بىلىمىز ، قومۇل تۇرپاننى  ئىچكىرىدىن چىققان ماجۇڭيىڭ تولا مالىماتاڭ قىلغان .يەنە موڭغۇللارمۇ تاجاۋۇز قىلغان ،
 شۇ تاجاۋۇز قىلغانلار مال -مۈلۈكنى بۇلىغاندىن سىرت يەنە قىز ئاياللارنى دەپسەندە قىلىدىغان ئەھۋالمۇ كۆپرەك .
 شۇنداق بولغاندا تارىختا كۆپىنچە ئاياللارنىڭ تۇققان بالىلىرى ئاشۇ موڭغۇل ياكى تۇڭگانلارنىڭ بوپ قېلىشى ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ .  بۇنىمۇ يوقىرىقىغا ئوخشاش ھېساپلىساق يەنە بىر 3 خانىلىق سان چىقىپ قېلىشى مۇمكىن !
 

14

تېما

0

دوست

2557

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2170
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 352
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 514
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-31
6#
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 23:53:42 |ئايرىم كۆرۈش
قومۇلدا سىز ئېيتقاندەك 200 بالىنى ئېچىقىپ بېقىۋالغانلىقىدەك ئۇنداق تارىخىي خاتىرە يوق. مۇبادا راستىنلا شۇنداق بىر ئىش بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ 200 بالا ھەممىسى ئەي بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئەي بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇنى ئەينى زاماندىكى ئومۇمىي نوپۇس سانىغا نىسبەتلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى قومۇل نوپۇسىدا تۇتقان نىسبىتىگە ئايلاندۇرغىنىمىزدا تولىمۇ ئاز سان چىقىدۇ. بۇنداق ئاز نىسبەتنى ئېتىبارغا ئېلىش ھاجەت ئەمەس.  قەدىمدە ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئاياللارغا نومۇسسىزلىق قىلىش ئىشلىرىغا كەلسەك، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئاياللارنىڭ ئۇنداق بالىلارنى تۇغالىشى ۋە ئەي قىلالىشى تولىمۇ تەس ئىش. بۇنداق ئۇششاق مەسىلىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.

2

تېما

0

دوست

2632

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1328
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 375
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
7#
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 10:42:39 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى uyghurgholدە2011-06-08 23:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قومۇلدا سىز ئېيتقاندەك 200 بالىنى ئېچىقىپ بېقىۋالغانلىقىدەك ئۇنداق تارىخىي خاتىرە يوق. مۇبادا راستىنلا شۇنداق بىر ئىش بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ 200 بالا ھەممىسى ئەي بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئەي بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇنى ئەينى زاماندىكى ئومۇمىي نوپۇس سانىغا نىسبەتلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى قومۇل نوپۇسىدا تۇتقان نىسبىتىگە ئايلاندۇرغىنىمىزدا تولىمۇ ئاز سان چىقىدۇ. بۇنداق ئاز نىسبەتنى ئېتىبارغا ئېلىش ھاجەت ئەمەس.  قەدىمدە ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئاياللارغا نومۇسسىزلىق قىلىش ئىشلىرىغا كەلسەك، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئاياللارنىڭ ئۇنداق بالىلارنى تۇغالىشى ۋە ئەي قىلالىشى تولىمۇ تەس ئىش. بۇنداق ئۇششاق مەسىلىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.  


سىزگە كىم دەيدۇ ئۇنداق تارىخ يوق دەپ ، جەمئىيەت تەكشۈرۈش قىلىپ بېقىڭ :
مەن تونۇيدىغانلاردىنلا 4-5 ى بار ،  بىرسىنىڭ بوۋىسى ئەسلى  خەنزۇكەن ، باشقىلار كىچىكىدە ئېلىپ چىقىپ بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن ،ھازىر شۇ بوۋىنىڭ 4-5 پەرزەنتى ،ۋە ئۇلاردىن بولغان 1دىن 2دىن بۇلۇپ بۇ جەمەتتە ئاز دىگەندىمۇ 20دەك ئادەم بار ،  قالغانلىرىمۇ شۇنداق ، بوۋىسىى ياكى مومىسى ساپ ئۇيغۇر ئەمەس !
 ئەمەلىيەتتە مەن 200 دەپ ئەڭ ئەڭ تۆۋەن چەكنى دەپ قويغان .
 يەنە بىرسى ئۇرۇش ۋاقىتىلىرىدا قانداقسىگە بالىلارنى تۇغالىشى تەس دەيسىز ! ھامىلدار بولغان ئىكەن تۇغالايدۇ ، ئۇ چاغدا ئاياللار ھازىرقى ئاياللاردەك ئاجىز ئەمەس ، بىرنىمۇ ئوڭشاپ تۇغالماي ئوپىراتسىيە قىلدۇرىدىغان ،  شۇ قىيىنچىلىقتىمۇ 10 نەچچە بالىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشۇپ كەلگەن ، ئاندىن بىزدە بالا تۇغۇلسا رىسقى بىلەن تۇغۇلىدۇ دىگەن گەپ بار ، زاغرا نان بىلەن بولسىمۇ ئاچ- توق بېقىپ ئەي قىلىۋالىدۇ .
   كىتاپقا يېزىلغانلا بولسا تارىخ بولمايدۇ ، بۇمۇ بىر قومۇل تۇرپاننىڭ ئەينەن تارىخى .
  ھېسىياتقا بېرىلىپ بۇ پاكىتلىرىمنى چەتكە قاقماڭ ، بۇ ئاللىقاچان تارىخ بوپ قالغان ،ئېتىراپ قىلساق ئەلۋەتتە بولىدۇ !
 تورداشلاردىن يېڭىلار  توغۇرلۇق بىلىدىغانلار بولسا سۆزلەپ باقساڭلار !
 توخوتۇر چوقۇم بىلىدۇ ؟

186

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   69.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7453
توردىكى ۋاقتى: 1652
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-31
8#
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 12:44:23 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسمىڭىز ساتاركەن ھە؟ ساتار  
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )