- تىزىملاتقان
- 2012-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5367
- نادىر
- 0
- يازما
- 219
ئۆسۈش
7.34%
|
ziya يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 14:37
ئاۋال«پەن»نىڭ ئىنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭلار ...
پەن ھەققىدە ھەرخىل ئېنىقلىمىلار بولغان،«پەن»نىڭ ئېنىقلىمىسىغا بۇ تېمىمۇ ياندىشىدىكەن:
بىلىم ۋە پىكىر
دۇنيادا بىلىم دېگەن نەرسە بارمۇ يوق؟بىلىم دېگەن بۇ نەرسە پەقەت پىكىردىنلا ئىبارەتمۇ؟ئۆتكەن 50يىل مابەينىدە دۇنيا ۋە تۇرمۇشىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولدى.ھەتتا بىز گۇمانلانماي تۇرالمىدۇقكى،ھەرقانداق شەيئى ھەققىدە بىلىم ھاسىل قىلالامدۇق؟بىلىم دەپ ھېسابلىغانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى پىكىردىنلا ئىبارەت ئەمەسمۇ؟
---------------------------------
پىكىرنىڭ نېمىلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.ئېتىراپ قىلىمىزكى،پىكىرنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلىنىپ كېتىشى ناتايىن.بىز«ھەي،ئۇ دېگەن سېنىڭ پىكرىڭ»دېگەنگە ئوخشاش رەت قىلىش تەلەپپۇزىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.ھەتتا بىز ھەقىقەتكە ئېرىشكەندىمۇ،ئازراق گۇمان قىلغان ھالدا«ئىشەنسەكقۇ بولىدىكەن،لېكىن بىرنەرسە دېمەك تەس»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىمىز.
پىكىرنىڭ مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار:بىرىنچى،مۇمكىنلىك مۇتلەقلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ئىككىنچى،گۇمانلىنىشقا ئاسان ئۇچرايدۇ؛ئۈچىنچى،ئاقىللار زىددىيەتلىك پىكىردىن ئۇنىڭ ساغلامراقىنى تېپىپ چىقالايدۇ.قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى گۇمانخورلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قارمۇقارشى.ئەپلاتون ۋە ئارستوتىللارنىڭ قارىشىچە،ئىنسانلار شەيئىلەردىن ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ.يەنى شەيئىلەردە ماھىيەتلىك ۋە ئورنىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان بىلىملەر بار.ئالايلۇق،پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىكنىڭ ماھىيتىدە،پۈتۈنلۈك ئۆزتەركىبىدىكى ھەرقانداق بىرقىسمەنلىكتىن چوڭ،بىز بۇنى تامامەن مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.
بۇ يەردە شۇنداق پىرىنسىپ باركى،بىز بىلىم ياكى پىكىرنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتىمىز. بىرلا شەكىلدە پىكىر قىلىشقا مەجبۇر قىلغان نەرسە بىلىمدۇر؛ئۇخىل ياكى بۇخىل شەكىلدە پىكىر قىلىشقا مەجبۇر قىلغان نەرسە پىكىردۇر.بىر پىكىرنى ئۆز ئالدىمىزغا تەبئىي شەكىللەندۈرگەن بولىمىز.
بۇ پەرقنى چۈشەنگەندە،شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تەشەببۇسلىرىمىز پىكىردۇر.پىكىرلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.بەزى پىكىرلەر ئەقلىي ئاساسلارغا قۇرۇلغان بولىدۇ.قىسمەن تەرەپلەرنى ئۇمۇمىي تەرەپلەرگە ۋەكىل قىلدۇرىۋالمىساقلا،ئۇلار ئەمەلىيەتكە ئىنتايىن يېقىن بولغان بولىدۇ.يەنە بەزى پىكىرلەر بولسا جۆيلۈشتىن ئىبارەت بولۇپ،بىرتەرەپلىمە ئامىللارغا تولۇپ كەتكەن بولىدۇ.خۇسۇسەن شۇنداق قارايمەنكى،ماتېماتىكا ۋە ئىلىم-پەن ساھەلىرىدە بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؛تەجرىبە پەنلىرى ۋە تارىخ ئىلمىدە بولسا،ئەمەلىيەتكە يېقىن پىكىرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
مەنبە:
مورتىمىر .ئادلېرنىڭ«غەربنىڭ تەپەككۇرى»(ئا.جالالىدىن تەرجىمىسى)دىن |
|