- تىزىملاتقان
- 2013-10-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 643
- نادىر
- 0
- يازما
- 42
ئۆسۈش
28.6%
|
ئۇيغۇرلارلا نۇمۇسسىز قاۋاقلارغا كېرىۋىرەمدۇق؟
تىمىدا تىلغا ئىلىنغان ئىشلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدە يۈز بىرىۋاتقان ، بىر خىل ئىقىمغا ئايلىنىۋاتقان ئىشلار. بەلكىم بۇنداق ئىشلار دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىمىۇ بولۇشى مۇمكىن. ...
ھاراقنىڭ قايسى زامانلاردىن باشلاپ مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئىستىمال سورۇنىدا پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. لىكىن مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ھاراق سورۇنىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۈزلىكسىز ئىزدىنىپ نەچچە يىلدا بىر يىڭىلىق يارىتۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. بىر يىللاردا يۇرتىمىزدا رىستوران قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپ، رىستورانلاردا ھاراق ئىچىش مودا بولغان ئىدى. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ساماۋەر شورپىخانىسىدا ھاراق ئىچىش مودا بولۇپ رىستورانلا تاقىلىپ قالدى. مانا ئەمدى قاۋاقلاردا ھاراق ئىچىش مودا بولاپتۇ. بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقان قاۋاق بىر ئىغىز ئۆينى ياغاچ بىلەن توسۇپ بىر نەچچە ئايرىمخانىلارنى چىقىرىپ، جۇللىقى چىقىپ كەتكەن ئورۇندۇق ،ئۈستەللەرنى قويۇپ قويغان يەر بولۇپ، بۇيەرگە كادىرمۇ، دىھقانمۇ كىرىدىكەن، ھەتتا بىر قىسىم ئۇششاق ئۇيغۇر ئەمەلدارلامۇ كىرىدىكەن. لىكىن شۇ قاۋاقلارنى خەنزۇلار ئاچقان بىلەن بىرمۇ خەنزۇ ھاراق ئىچكىلى بۇ يەرگە كىرمەيدىكەن. بىزنىڭ مەھەللىدە ئۆيى بار بىر خەنزۇ بولىدىغان، بىر كۈنى ئۇچىرشىپ قىلىپ بىر نەچچە ئىغىز پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن،- ھازىر نىمە ئىش قىلۋاتىسەن ؟ -دەپ سورىسام << قاۋاقخانا ئىچىۋاتىمەن>> -دەيدۇ.
- بىر چاغلاردا ساماۋەر شورپىخانىسى ئچىۋاتاتىڭغۇ؟
-تاقىۋەتتىم، ھازىر قاۋاقخانا ئچىۋاتىمەن؟
- نىمىشقا ئەمدى؟
- ھازىر قاۋاقلارنىڭ سودىسى ياخشى. ئويلاپ باقمامسەن، قاۋاق ئاچسا ھىچقانچە مەبلەغ كەتمەيدۇ، بىرمۇنچە ئادەمگە مۇئاش بىرىپ يۈرمەيمەن، 30-40 سوملۇق ھاراقنى 80-90 سومدىن ساتىمەن....
-شۇنداق قىممەت ساتساڭمۇ ئادەم كىرەمدۇ؟
-كىرىدۇ، ئۇ ئاخماقلارغا بىر قول قارت بولسىلا كەچ بولغىچە قارت ئويناپ ئادەم بىشىغا بىرە بوتۇلكىدىن بىكارلاپ چىقىپ كىتىدۇ......
كۈزۈتىشىمچە مۇشۇنداق قاۋاقلارنىڭ سانى ناھىيىمىزدە 300دىن ئاشىدىكەن. ئۇنۇڭدىن سىرىت ناھىيىمىزدە بىر قىزىل چىراق رايونى بولۇپ بۇيەردىمۇ بىرە ئىككىيۈزدەك قاۋاق بار ئىكەن. بۇلارنىڭ 60% شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشەخانا بولۇپ بۇلارغىمۇ كىرىدىغانلا ئۇيغۇر ئىكەن. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ناھىيىمىزدە بىرقانچە ئويۇنچۇقخانىلار بولۇپ ،( كىيىن ھۆكۈمەت تاقىۋەتكەن) بۇيەرگە كىرىدىغانلارنىڭمۇ 95% ئۇيغۇر ئىدى.
مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋىتىپ ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ بىر ئىتوتىكى مۇنۇ گەپلىرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى << ئىلىشىمىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىچىشىمىز <قەھرىماننىڭ جاسارىتى>>...
توۋا،،،،،، بىز ئويۇن -تاماششاغا شۈنچە ئامىراق خەقمۇ؟ ھاراققا شۇنچە ئامراقمۇ؟ خەقلەر ئۆزى ئاچىدىكەنۇ ئۆزى كىرمەيدىكەن. بىز نىمىشقا پوققا ئولاشقان چىۋىندەك ئۆزىمىزنى ئاتىمىز؟ ساختا ھاراقلارنى ئىچىپ ئۆلگەنلەرنىمۇ ئاڭلاۋاتمىزغۇ؟ شۇ ھاراق بىلەن تىنىمىزنى روھىمىزنى زەئىپلەشتۈرۈشتىن باشقا ئىشىمىز يوقمۇ؟ بىز شۈنچىۋالا دۆتمۇ؟
شۇڭا ئويلىنايلى دوسلار، ئەتىراپىمىزدىكى بىز بىلەن مىللەتداش بولمىش شۇكىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى. سىزمۇ دىسىڭىز،مەنمۇ دىسەم بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇلار ئاشۇ قارا ئۇۋىلاردىن ئۆزىنى تارتىشى مۇمكىن. بىرسى ئازلىسىمۇ ھىساپ......
|
|