- تىزىملاتقان
- 2012-3-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2799
- نادىر
- 0
- يازما
- 94
ئۆسۈش
26.63%
|
بۇمۇ ئاۋاتلاشتۇرساق بولىدىغان تېما،ئەتراپىمىزدا بۇ خىلدىكى ئىشلار ئاز ئەمەس.
مەنچەبولسا قانۇن ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرىمىز دەپ دېلونى مۇرەككەپ قىلماي ئاددىلاشتۇرۇپ ئىسپات ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرايلى،ھۆكىمەت مەمۇرى ئورۇنلىرى،قاتناش ساقچىلىرى،خوجىلىق باشقۇرۇش ئورۇنلىرى مەيلى قانداق ئورۇن شەخىسلەر بىلەن ئېلىش بېرىش مۇناسىۋەت قىلغاندا يازما ئىسپات(تالۇن،قەرىز ئىسپاتى،جېرىمانە قەغىزى دىگەندەك)،ئۈن-سىن ئىسپاتى(يانفوندا ئېلىۋالساق بولىدۇ،بولسا ئەتراپتا كۈزىتىش ئاپاراتى بولسا ئۇمۇ ئەسقاتىدۇ) دىگەندەكلەرنى چوقۇم ئېلىۋىلىش كېرەك،ھېچقانداق ئىسپات يوق ئۇ يەردىكىلەر ئانداق قىلدى،بۇلار مۇنداق قىلدى دىيىش خۇددى مەن بىر نادان ئادەم بۇ ئىشلار نادانلىقىمغا ئىسپات بولالايدۇ دىگەنلىكتۇر.بىرەر ئورۇنغا ئىش بېجىرگىلى كىرىشتىن بۇرۇن يانفونلىرىمىزدا ئاۋاز ئېلىش ئىقتىدارلىرى بار،ئىشىكتىن كىرىشتىن بۇرۇن ئۈنئالغۇسىنى ئېچىپ قويۇپ مەيدە يانچۇققا سېلىپ قويىمىز،قىزلار بولسا قولىمىزدا ئىلىۋالساق بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى يانفوننى ئايرۇپىلاندا ھالىتىگە(飞行模式 (ئەكىلىپ قويۇڭ،ئارلىقتا ئۇچۇر ياكى تېلفون كىلىپ قالسا ئۈن ئېلىشتىن توختاپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ مۇھىم ئەجەللىك سۆزلىرىنى ئۆزىمىز ئۆزپېتى قايتىلاپ سوراپ جاۋابىنى ئېلىۋالىمىز،چۈنكى ئۈن ئېلىش ئۈسكىنىسى بىزنىڭ يېنىمىزدا مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ ئۈن سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.قولىمىزغا بەرمەيدىغان لىكىن شۇ چاغدا كۆرسىتىدىغان يازما مەزمۇنلارنى قولىمىزغا ئالغاندا ئاۋازنى ئېنىق قىلىپ ئەجەللىك مەز مۇنلارنى ئوقۇيمىز،ئارلىقتا قارشى تەرەپتىن شۇنداقمۇ دەپ سوراپ قويىمىز،پۇل ئېلىپ تالۇن كەسمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ،بۇنداق چاغدا مانچە پۇل ئالدىڭىز تالۇن ياكى بىر نەرسە يېزىپ بەرمەمسىز ؟نىمىشقا؟ دەپ سورايمىز،نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇھىم ئەمەس،بىزگەلازىمى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بولغان جەريانىغا ئىسپات ئېلىۋىلىش.قارشى تەرەپ قانۇنسىزلىق قىلدى دەپ كۆڭلىمىزگە شەك كىلىپ قالسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرىز سۇنساق ئىسپاتلىق ئىش ئاسان ھەل بولىدۇ. |
|