گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرى دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز بويى رايۇنىدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان زامانىۋىي شەھەرلەرنىڭ بىرسى بولۇپ خەلقئارالىق پورت شەھىرى ئاۋمىن بىلەن تۇتاش.يۇقارقى سۈرەتتىكى مەنزىرە جۇخەي شەھىرى بىلەن ئاۋمىن شەھىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گوڭ بېي پورتىدا تارتىلغان.
يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە قۇرۇق مېۋىلىرى جاھانغا مەشھۇر بولۇپ ،ئىچكىرى-ئۆلكە ۋە چەتئەللەردە ناھايىتى ياخشى ئابرويغا ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.قۇرۇق مېۋىلىرىمىز تەبىئەت بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى،ئۆزگىچە ،باشقىلار دورىيالمايدىغان بازار ئىستىقبالى چەكسىز بولغان،بىزنىڭ بازىرىنى ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان كوزۇر مەھسۇلاتتۇر.ئۆزىمىزدىكى بۇ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېز سۈرئەت ئىچىدە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئۆزگەرتىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا تەخىرسىز سودا پۇرسىتىدۇر.
يۇقارقى پۇرسەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن تۇنۇپ يەتكەن ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن بۇ دېھقان يىگىتنىڭ ئىسمى ئوبۇل ئاخۇن.بۇ يىل 34 ياش.خوتەن شەھىرى ئىسلام ئابات يېزىسىدىن ، جۇخەي شەھىرىگە كېلىپ سودا قىلىۋاتقىنىغا 10 يىل بولۇپ قالغان.ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بېغىدىن چىققان مېۋىلىرىنى ساتقان.ئارقىدىن دىيارىمىزدىن تۈركۈملەپ مال كىرگۈزۈپ سېتىشقا باشلىغان.ئۇلار جەمىئي 28 ئادەم بولۇپ ھەر يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدىن كېيىنكى يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قۇرۇق مېۋە ساتىدۇ.يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ بىر توپ دېھقان ياشلار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يۈەندىن سودا قىلىدۇ.
دېھقانلىرىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزمەي يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەكىلىپ سېتىپ پۇل تېپىشى قوللاشقا، مەدھىيلەشكە تىگىشلىك بىر ئىش.بىز تېخىمۇ كۆپ دېھقان ياشلارنىڭ بۇ يىگىتنى ئۈلگە قىلىپ يۇرتىمىز مېۋىلىرىنى ئۆز ئورنىدا سېتىشتىن تەرەققىي قىلغان ،ئىقتىسادىي گۈللەنگەن چوڭ شەھەرلەرگە ئەكىلىپ سېتىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز.
بىز ئىگىلىك تىكلەش يۇلىنى ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇلۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي تۇرۇپ قالغان ياشلىرىمىزنىڭ يۇرتىمىز قۇرۇق مېۋىلىرىنى تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەردە توپ-پارچە سېتىشتىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك تىجارەت يۇلىغا قەدەم بېسىشىنى،مۇمكىن بولغىنىدا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى قۇرۇپ قۇرۇق مىۋىلەرنىڭ تازلىق سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ،ئۆلچەملىك ئوراپ-قاچىلانغان مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىپ تاللا بازارلىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ ساياھەت نۇقتىلىرىغا يەتكۈزىشىنى ، توغرا يول،ھالال تىجارەت بىلەن ئۆزى ۋە خەلقى ئۈچۈن كەڭ تىجارەت پۇرسىتى ۋە ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى-ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى مەزكۇر ماقالىنى ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ھەر قانداق جايدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
|