قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: Method

دېھقانلارنىڭ نامرات بولىشى مۇقەررەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

393

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24635
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 19:34:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
yaprak18 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 18:10
ھا...ھا...ھا... ، بىزنىڭ دىھقانلىرىمىز ئەمدى بارغانسىرى ك ...

سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ئەجەپ ئىكەن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق مانداق ئۇرۇقنى تېرىيسە ئاۋۇنى تېرىيسە دىيەلمەيدۇ ئىشقىلىپ مەن ئەقلىمنى بىلسەم كىۋەز تېرىيتى ھازىرمۇ شۇ مەنمۇ ھازىر 19 غا كىردىم ھازىرغا كەلگۈچە ئۇنداق يېزىنڭ چىقىپ ئېتىزلارنى بۇزۋەتكىننى بىلمەيمە ساقچىلارمۇ ئەسلا ئارلىشامايدۇ ئۇنداق .............داداملار، چوڭ داداملار ئانچە مۇنچە بىڭتۈەندىكى تونۇشلىرىدىن ئۇرۇق ئېلىپ كىلىپمۇ تېرىيدۇ ئەترەت يېزا ناھىيە دېگەنلەرنىڭ ئەسلا كارى يوق مىنىڭ بىلىشىمچە

0

تېما

3

دوست

1054

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16205
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 19:53:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىمال تەرەپلەردە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بلشىمىز لىكىن بىزنىڭ بۇ تەرەپتە نىمىشقا شۇنداق شۇنى بىلمەيمىز ، ھەم ئۇنى بىلىش ھوقۇقىمىز يوقمىكىن دەيمەن .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

5

دوست

6576

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2050
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 20:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turkan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 20:34  

مۇنۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆزۈمگە ياش ئولىشىۋاتىدۇ قېرىنداشلىرىم ،
مانا مەن ھەقىقى دېھقان ،
دىسەم گەپ تولا ، دىمىسەم دەرت تولا .
مەنمۇ ئانچە - مۇنچە دەردىمنى تۈكۈپ قۇياي ، بىلىپ قېلىڭلار ، زىينى بولماس ،
ھىچ بولمىغاندا ئاش - نان تېرىپ ھەرقايسىڭلاردەك ئاق ياقىلىقلارنى بېقىۋاتقان بىزدەك جاپاكەش دېھقانلارنىڭ قانچىلىك خارۇ - زارلىقتا ياشاۋاتقىنىنى ئانچە - مۇنچە بولسىمۇ بىلىپ قېلىڭلار .
بىزنىڭ ناھىيەدە .
ناھىيەرىمىزنىڭ نۇپۇسى 160000 ئەتراپىدا ،دېھقانلىرىمىزنىڭ كىشى بېشى يېرى 3 مو ئەتراپىدا ، بۇنداق دىسەم بۇ ناھىيدە يەر بەك ئاز ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ ، ناھىيەمىزدە يەر خېلى كۆپ ، ئەمما ئاساسلىق يەر ھۈكۈمەت خادىملىرىنىڭ بۇلۇپمۇ كادىرلارنىڭ قۇلىدا ، ھەم شۇنداقلا باشقا يولداشلاردا .
كادىرلىرىمىزنىڭ قۇلىدا يۇقۇرلىرىنىڭ 20000 مو ئەتراپىدا يىرى بالىقىنى بىلىمەن ، ئەڭ ئازلىرىنىڭ ، ئادەتتىكى يېزا كادىرلىرىنىڭ قۇلدىمۇ بىرەر 1000 مودىن كۆپرەك يەر بار .
كادىرلار يەر تېرىسا بولمايدۇ ، يەر ئىگەللىۋېلىشقا بولمايدۇ ، دىگەن سىياسەت چىقىشىغىلا
ئۇ كادىرلار پۈتۈن يەرلىرىنى ئۇرۇق - تۇغقان ، جەددى - جەمەتىنىڭ نامىدا توختام بېجىرىپ بولدى .
دىمەك شۇ يەرلەرنى قايتا تەقسىملەش توغرا كەلسە ناھىيەمىزدىكى ھەربىر دىھقانغا 20 - 30 مودىن تەقسىم بۇلىشى ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق تەقسىم بۇلىشى مۇمكىن .

ئەڭ مۇھىم مەسلە شۇكى ، ناھىيە كادىرلىرىنىڭ چىرىكلىكى چىكىگە يەتتى .
ناھىيەمىزدە دىھقانچىلىقنىڭ جان - تۇمۇرى بولغان ئازۇتنى دېھقانلارغا مەجبۇرى تاڭىدۇ ، ئۇ ئازۇتلارنىڭ ناچارلىقىنى بىر دىمەيلا قۇيۇڭ .
- مەجبۇر تاڭسا ئالمىسىڭىز بولىمدىمۇ ؟ دەمسىز .
نىمىسىنى دەيسىز قېرىندىشىم .
ئالماسلىققا قەتئى ئامالىمىز يوق ، نىمە ئۈچۈن دىگەندە ،
ھازىر 95% دېھقان بانكىدىن قەرز ئالمىسا دېھقانچىلىق قىلالمايدۇ ، دىمەك كەنىتتىكى كادىر غوجاملارنىڭ ئىمزاسى ، تامغىسى چۈشمىسا بانكىدىن قەرز بەرمەيدۇ ، - دە ،
بىچارە دېھقانلار دىھقانچىلىق قىلالمايدۇ .
دېھقانلىرىمىز ئازۇت ئىشى توغۇرلۇق ئاپتۇنۇم رايۇنغىچە ئەرز قىلىپ باردى ، لىكىن ئۈنۈمى بولمىدى ، ئاپتۇنۇم رايۇندىن تەكشۈرۈش كەلگەنمۇ بولدى ، ناھىيەدىكىلەر ئۇلارنى نىمە دەپ يولغا ساپتۇ دەڭ .
- ئازۇتنى دىھقانلارغا مەجبۇرى ساتقىنىمىز راسىت ، لىكىن بىز ناھىيەمىزنىڭ توپرىقىنى رىتىسىپلاپ شۇ بۇيىچە ئۇغۇت ئىشلەپچىقىرىپ سېتىۋاتىمىز ، دەپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەنلەرمۇ قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كىتىپ قاپتۇ .
ناھىيەمىزگە بىر خەڭسو « لوبەن » ئۇغۇت زاۋۇتى قۇرغان ئىدى ، شۇنىڭياقى ئاشۇنداق مەجبۇرى سېتىۋاتىدۇ .
ئۆتكەن يىلى يېزىمىزغا ناھىيەمىزنىڭ پارتىكوم شۈجىسى دىھقانلاردىن پىكىر ئالغىلى كەپتىكەن ، پۈتۈن دىھقانلار ئازۇتنى مەجبۇرى ساتماسلىق توغرىسىدا پىكىر قىلغان ئىدى ، ئۇ پارتىكوم شۈجىسى ئۇيغۇرچە بىلەتتى ،
نىمە دىدى دەڭ ،
- ئازۇتنى بىزگە مەجبۇرى ساتمىسا بولمامدۇ ؟ بۇ ئازۇت يەرگە پايدا قىلمايدىكەن ،
شۈجى دىدى ، - قانداق پايدا قىلمايدىكەن ؟
ئوخشاش پۇللۇق ئازۇتنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ ئۈنۈمى يوق ئىكەن .
- 1 مو يەرگە قانچىلىك ئازۇت چاچقان ؟
- 1 خالتا ، لىكىن باشقا ئازۇتتىن 1 خالتا چاچساق كېۋىزىمىز شۇنداق ئوخشاپ كىتەتتى .
- 1 خالتىدا ئوخشىمىسا 2 خالتا چاچقىن ، يەنە ئوخشىمسا 3 خالتا چاچقىن .
- ئۇنداق چاچىۋەرسەك زىيان بۇلىدىكەن .
- زىيانغا چىدىمىساڭ قانداق دىھقان بۇلالايسەن . شۈجى شۇنداق دەپ گەپنى تۈگەتتى .
قىشنىڭياقى ھەربىر كەنىتلەرگە نەچچە ماشىنا ، نەچچە ماشىندىىن ئازۇت دۆۋلىۋىتىلدى .
بىچارە دېھقانلارنىڭ يەنىلا سېتىۋالماي ئامالى يوق .
بانكىدىن قەرز ئالمايدىغان ئاز بىر قىسمىللرى ئازۇتنى ۋاختىنچە ئالمايدۇ ، لىكىن تېرىلغۇ ۋاقتىغا ئاز قالغاندا تىراكتۇرلارغا بېسىپ شۇ دىھقاننىڭ ئىشىك ئالدىغا مەجبۇرى تاشلىۋىتىدۇ ، دە ، دەپتەرگە ئىلىپ قۇيىدۇ ، يەرلەرنى ئاغدۇرۇپ تېرىغىلى تەمشەلگەندە ، كادىرلار يەرنىڭ كاللىسىغا مىنىپ ئولتۇرىۋالىدۇ ، دە پۇلنى بەرمىسە تېرىغىلى قويمايدۇ .
بۇ دىگەن ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋال .
بىلسەڭلار دېھقانلار ھەرگىزمۇ باي بۇلالمايدۇ قېرىنداشلىرىم .

3

تېما

5

دوست

6576

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2050
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 20:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى ئەقلىم يەتمەيدۇ .
ئادەتتىكى بىر يېزا كادىرلىرىنىڭمۇ بىنادا ئىككى - ئۈچ يەردە ئۆي - زىمىنى ، ئىسىل ماشىنىسى بار ، ھىسابلاپ كەلسە ئالغان ئايلىقى تايىنلىقلا .

0

تېما

1

دوست

1482

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20920
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 20:41:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەرنىڭ دەردى بىزنىڭكىدىن كۆپ ئازكەن ،بىز ھاتتا كىۋەز بىلەن چىلاننىمۇ ئىختىيارى ساتالمايمىز،

8

0

تېما

5

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 20:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زادى ئەقلىم يەتمەيدۇ .
ئادەتتىكى بىر يېزا كادىرلىرىنىڭمۇ بىنادا ئىككى - ئۈچ يەردە ئۆي - زىمىنى ، ئىسىل ماشىنىسى بار ، ھىسابلاپ كەلسە ئالغان ئايلىقى تايىنلىقلا .

5

تېما

2

دوست

3088

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15932
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 874
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 21:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sutapanqisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 21:29  

مەن ئاران ساۋادىم چىققان بىر قارا تۈرۈك دىھقان ئوغلىمەن. بۇرۇن زىيالى دىسە ھەيرانلىق بىلەن باشقىلاردىن سورايتتىم ، ئۇلار چۈشەندۈرۈپ ، كۈپ ئوقۇغان،بىلىملىك ،تەپەككۈرى ئوچۇق،خەلىق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ،ئۇلارغا باشلامچى بولالايدىغان ،خەلىقنىڭ دەرت -ھالىغا يىتىدىغان كىشىلەرنى زىيالى دەيمىز دىگەن ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ قەلبىمدە زىيالىلارغا باشقىچە ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى.بۈگۈن يۇقارقى  زىيالىلىرىمىزنىڭ، بىز دىھقانلارغا كۆڭۈل بۈلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تولىمۇ سۆيۈندۈم
،بىراق خېلې كۆز يۈگۈرتۈپ باققان بولساممۇ ماڭا پايدىلىق بىرەر قۇرنى كۆرگەندەك ھىس قىلمىدىم،ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپكەتتىممۇ ،ۋە ياكى سەۋېيەم چەكلىك بولغاچ چۈشۈنەلمەي قالدىممۇ بۇنى بىلمىدىم.ھەممە ئۆزى بىلگەننى چىللايدۇ دەپتىكەن كونىلار،گەرچە كۆپ ئوقۇيالمىغان بولساممۇ ، مىنىڭمۇ ئۆزەم بىلگەن پەدىگە مۆرەپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ.   دىھقانلارنىڭ ھەقىقىي باي بولىشىنى ئارزۇقىلساڭلار- ،كائىناتتىن- دۇنيادىن ،قانداقتۇر زامان-ماكان دىگەندەكلەردىن سۆز ئىچىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . ئۆرىپ- ئادەت، مەدىنىيەت ،جەمىيەت ،ئىجدىمائى پاراۋانلىق دىگەنلەردىن سۆز ئىچىشنىڭمۇ ئەسلا زۈرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن.  ئالدى بىلەن ؛‹‹ دېھقانلارنىڭ نامرات بولىشى مۇقەررەر›› دىگەن بۇتىمىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ،ئاپتۇرنىڭ بۇ تىمىنى خىلى كۈچ چىقىرىپ ئەستايىدىل يىزىپ چىققانلىقىنى رۈشەن كۆرۋېلېشقا بولىدۇ.ۋە يەنە- بىر تەرەپتىن ،قانداقتۇر بىرخىل بۇرۇقتۇمۇلۇق ئىچىدەقىينىلىۋاتقانلىقىنى ،گەرچە قەلىمى جەنۇپتىن شىمالغا، شەرىقتىن غەرىپكە ئەركىن يايلىغاندەك قىلسىمۇ ئەمما، تەپەككۈرىنىڭ مەلۇم بىرخىل كۈچنىڭ ۋەھىمىسىدە ئۆز كۆزقارىشىنى ئەينەن-ئوچۇق يورۇتۇپ بىرەلمەيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىنمىكىن مەزكۇر تىمىنى ئوقۇپ ئۆزۈممۇ بىرخىل ئىچىم سىقىلغاندەك ھىسقىلدىم.شۇنىڭغا قارىغاندا،مىڭبىر جاپادا ئوقۇپ زىيالى بولغۇچە دىھقان بولغان ياخشىكەن دەپمۇ قالىمەن بەزىدە. چۈنكى ؛ بۇ بۇرۇقتۇمۇلۇقنىڭ مەنبەسى قورقوش، قورقۇشنىڭ مەنبەسى  ئايرىلىپ قېلىش، ئايرىلىپ قېلىشنىڭ مەنبەسى ۋەھىمە ، ۋەھىمىنىڭ  مەنبەسى  ئىمانسىزلىق،،،،بىچارە دىھقانلاردا  قالغىنى پەقەت ،ھەرھالدا يامغۇر ئۆتمىگىدەك بىر- ئىككى ئىغىزلىق ئۆيدىن باشقا ،ئىسىق جانلا قالدى....< ئالدىنقى يىلدىن ئاشقان قەرىزمۇ بار بەلكىم>
نەخ گەپكە كەلسەك؛ كۆپچىلىك ھەممەيلەنگە مەلۇم ،ئەمەلىيەتتە دىھقانلارنى ھاللىق سەۋېيەگە يەتكۈزۈش ئۇنچىۋالا قىيىن ئىشمۇ ئەمەس،ھەم باش قاتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغۇدەك مۇرەككەپ مەسىلىمۇ ئەمەس،پەقەت، يەرلىك زومىگەرلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئەيىپىنى تۈزەتسىلا بىز ناھايىتى تىزلا كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرەلەيتتۇق.

1- يەرلىك زۇمىگەرلەر ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى. ياكى ھاشار چاپقانلارغا شۇيەرنىڭ ئەمگەك كۈچى باھاسى بۇيىنچە رازى بولغۇدەك پۇل بىرىش.ياكى بولمىسا ئۆستەڭنى ھەقسىز چاپقاندىكىن سۇنى ھەقسىز بىرىشى كىرەك.
2- دىھقانلاردىن شەكلى ئۆزگەر گەن غەيرى رەسمي ھەقلەرنى ئالماسلىق كىرەك.چۈنكى دىھقانلار ئەزەلدىن دىھقانچىلىق بىجىنى تولوق تاپشۇرىۋاتىدۇ‹‹گەرچە قەرىز بولسىمۇ››. ئەگەر ئىلىشقا توغرا كەلسە مەركەزدىن قىزىل تامغۇلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ جوڭگۇ بويىنچە پۈتۈن دىھقانلاردىن بىر تۇتاش ئوخشاش ھەق ئىلىشى ،ئادىل مۇئامىلە قىلىشى كىرەك.
3- دىھقانلارنىڭ يىرىنى تەجىربە ئىتىزى قىلىۋالماسلىق كىرەك ،ھۆددىگە ئالغان يەرلەرگە دىھقانلار ئۆزلىرى نىمە خالىسا شۇنى تېرېيالىشى كىرەك.
چۈنكى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا مەخسۇس پاختا تىرىپ بىرىشقا قەرزى يوق.دىھقانلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا ئاساسەن ،خالىسا جۈسەي،خالىسا جاڭدۇ،خالىسا شاڭجاۋ،خالىسا خاڭگا تىرىشقا ھوقوقلۇق.بەزى قۇرغاق يەرلەر ئىختىزادى زىرا ئەت تىرىشقا تولىمۇ ماس كىلىدۇ،مەسىلەن زاراڭزا چىچىگى دىگەندەك، ئۇنىڭ بىر كىلوسىنىڭ باھاسى پاختا باھاسىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.
4-دىھقانلارنىڭ بازار ئەركىنلىگىنى مونىپول قىلۋالماسلىق كىرەك. ئاق كۆڭۈل دىھقانلارنىڭ مىڭبىر جاپالاردا قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن مەھ سۇلاتىنى كىمگە خالىسا شۇنىڭغا،كىم مۇۋاپىق ياخشى باھا قويسا شۇنىڭغا سىتىش ھوقوقىي بولىدۇ.بۇنىڭغا پەسەندىلەرچە ئارىلىشىۋالماسلىق كىرەك.
5- دىھقانلار نى كىچىسى ئۇخلاتماي ئامانلىق قوغداش نامىدا كىچىچە يول چارلاشقا،ياتاق بىقىشقا،دەرۋازا قىقىشقا ئوغۇر تۇتۇشقا مەجبۇرلىماسلىقى كىرەك. بۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتى ياكى مەجبۇرىيىتى ئەمەس.دىھقانلار دەۋلەتكە باج تاپشۇرغان ئىكەن دەۋلەتنىڭ ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئامانلىق خىزمىتىنى ئامانلىق ساقلاش كادىرلىرى ئۆزلىرى قىلىشى،يىتىشەلمىسە خزمەتچى خادىم ياللىشى كىرەك.
6-دىھقانلار يەر ئاز بولوش تۈپەيلى چارۋاچىلىق قىلىدۇ، سارىس كىسىلى تۈگىگىلى 10 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ،شۇ ۋەزىيەتتە ئىجات قىلىنغان ۋاكسىنا ئەملەش پۇلىنى ھازىر غىچە تۆلەۋاتىدۇ، ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە بولسا قۇش زۇكۇمى چىققاندىن بۇيان چارۋالارغا
ھەقسىز ۋاكسىنا ئەملەۋاتىدۇ.پۇل ئالسىمۇ مەيلى،بىراق بەزى ۋاكسىنىغا زاۋۇت باھاسىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق پۇل ئىلىۋاتىدۇ.شەھەرلەردە خىلى كۆپ ئائىلىلەر تۇرمۇش ئىھتىياجى يوق شارائىتتىمۇ ئىت بىقىۋاتىدۇ، بىراق ئۇلار پۇل تۆلىمەيدۇ.
7-دىھقانلارنىڭ باغلىرى ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ، بىرىنجى يىلى،ئانار تىكىڭلار دىسە،ئىككىنجى يىلىلا ئۇنى يۇلۇۋېتېپ چىلان تىكىڭلار دەيدۇ،ئۈچۈنجى يىلى بادام تىكىڭلار دىسە تۆتىنجى يىلى بىر ئايلىنىپ،يەنە ئانا تىكىڭلار دەيدۇ .ئاتا بوۋىلىرىدىن تەۋەرۈك قالغان چوڭقۇر يىلتىزتارتقان ئالما ،نەشپۈت،ئەنجۈر،شاپتۇل، قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلىرى مەجبۇرىي كىسىلىۋاتىدۇ. ئەسلى كىسىلىشكە تىگىشلىك بولغىنى ، بۇ مىۋىلەرگە ئۇزارتىلغان قارا قوللار ئىدى، ئەپسۇس ،،ئاق كۆڭۈل دىھقان لىرىمىزغاكەلگەندە پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ قالدى.
----
قىنى ئىيتىپ بىقىڭلارقىرىنداشلار، يۇقارقىلاردىن قايسىسىنى يالغان،ئۇنداق ئىش يوق دىيەلەيسىلەر؟ مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم يەرلىك زومىگەرلەرنىڭ قول  ئاستىدا،دەردىنى ئەيتىدىغان يەر تاپالماي ، ئۈن-تۈنسىز ئاچچىق يۇتۇپ ياشاپ كىلىۋاتقان ئاق كۆڭۈل ، قوينىڭ قوزىسىنمۇ يوۋاش دىھقانلار زادى كىمدىن ئاغرىنىشى كىرەك؟ جەمىيەتتىن ئاغرىنىش خاتا بولسا،ئۇنداقتا جەمىيەتنىڭ يول باشچىلىرى ،مىللىتىمىزنىڭ پەخېرى بولغان جەمىيەت ئەرباپلىرىدىن، مىللىتىمىزنىڭ سەركىسى بولغان زىيالىيلار قوشونىدىن ئاغرىنساتوغرا بولامدۇ يوق؟ مۇشۇ تاپتا رەھمەتلىك ئاتا بوۋام ھايات بولغان بولسا،ئۇلارنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ راسا بىر يىغلىۋالغان بولسام ھىچكىمدىن ئاغرىنمىغان بولاتتىم،،،،،،،،


0

تېما

1

دوست

615

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25283
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 21:15:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ULAR يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 15:33
yatmix توردىشىمىزنىڭ سوئالىغا مەن جاۋاپ بىرىي.... 1مو بۇغدا ...

سىز قايەردىن ؟  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )