قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2566|ئىنكاس: 34

تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن تونۇشۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

2186

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
     


                      تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى



      تاتارىستان 1991- يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى. موسكۋا رۇسىيە فىدىراتسىيىسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تاتارىستان ۋە چېچېنىيە مۇستەقىللىقىنى قەتئى قوغداش پرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. بارلىق ئەسكەر ۋە خەلقنى، ۋەتەننى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلدى. رۇسىيە تاتارىستان بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تاشقى دىپلوماتىيەدىن باشقا بارلىق ھوقۇقلارنى تاتارىستانغا بېرىش شەرتى بىلەن تەكرار كېلىشىم ھاسىل قىلدى. تاتارىستان مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچتى.          تاتارىستاننىڭ يەر مەيدانى 68000 كۋادرات كىلومېتىر.(ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 24 تىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ)          نوپۇسى (2005.يىلدىكى مەلۇمات) 3.642.000.          پايتەختى – قازان.         
     تاتارلار 13-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇ رايونغا كەلگەن تۈركى مىللەتلەرگە مەنسۇپ قىپچاقلارنىڭ بىر قولىدۇر. 922-يىلى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى ۋە قېرىمدىن سىبىريىگىچە سوزۇلغان پايانسىز زېمىنلاردا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى.          15-ئەسىردە ئاقساق تۆمۈرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقتىن خانلىق پارچىلاندى. قازان، قېرىم، قاسىم، ئاستىراخان، نوغاي خانلقلىرى ئورنىغا چىقتى.          تاتار خانلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ يۇتۇش ئارقىلىق كۈچەيگەن رۇس كىنەزلىكى 1552-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۈشۈگىدىن بىرسى بولغان قازاننى ۋە تاتارسىتاننىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.         
    تاتارىستاندا رۇسلارغا بولغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختاپ قالمىدى. 1917-يىل، رۇسسىيەدە بولشىۋىك ئىنقىلابى باشلانغاندا، تاتارلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. 1917-يىلى 6-ئايدا رۇسىيە-سىبىرىيە تاتار قۇرۇلتىيى قازاندا ئېچىلدى. 120 كىشىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلاندى. خەلق قۇرۇلتىيى “مۇسۇلمان تۈرك-تاتار مۇختارىيىتى”نى ئېلان قىلدى. 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى “ئىدىل-ئۇرال دۆلىتى”قۇرۇلغانلىقى جاكالاندى. بۇ دۆلەت 1918-يىلى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. بولشېۋىكلار مەۋجۇت تاتارىستاننى ئىككى گە بۆلۈپ، بىرىنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇتسىتان(باشقۇرت-بۆرىنىڭ باشلۇغۇچىسى ياكى بۆرىنىڭ سەركىسى -دېمەكتۇر)ئاتىدى. باشقۇرتىستان سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1919-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاتارىستان سوۋىت سوتسالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1920-يىلى5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىندى.         
       تارىستان نوپۇسىنىڭ 53% تاتار.(1991-يىلى 46% ئىدى)، 40% رۇس. 3.5% چۇۋاش (تۈركى خەلقلەرنىڭ بىر تۈرى)، قالغان قىسمى باشقا ئېتنىك مىللەتلەردىن تەركىب تاپماقتا.      تاتارىستان زېمىنى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا مۇۋاپىق، ھۆل-يېغىن مول بولغان بىر مەملىكەت. سانائەت جەھەتتە، نېفىت ئايرىش، گاز، خمىيەۋى ئوغۇت، ئايروپىلان، ماشىناسازلىق، كومپيۇتېر، پاراخۇت، تۆمۈر-پولات، پىلاستىك ...سانائەت تەرەققىياتى دۇنيا بىلەن رىقابەت قىلىش كۇچىگە ئىگە.          تاتارىستان 1994-يىلى موسكۋا بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئارقىلىق، يەر ئۈستى-يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئۆزى ئېچىش ۋە سېتىش ھوقۇقىنى تامامەن ئۆز كونترولىغا ئالغان ئىدى. يىللىق ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىت مىقدارى 100 مىليون توننادىن ئارتۇق.         

      1995-يىلى تاتارىستان پارلامېنتى چەتئەللىك مەبلەخ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىلىدىغان يېڭى قانۇنلارنى چىقاردى. چەتەللىكلەرگە ئۆي، يەر-زىمىن سېتىۋېلىش، باجلارنى كەچۈرۈم قىلىش… قاتارلىق يېڭى ئىمكانىيەتلەر، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتا پەۋقۇلئاددە مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى.          تاتارىستاننىڭ تاشقى تىجارىتىگە رۇسىيە ئارىلاشمايدۇ، ئارىلىشالمايدۇ. ھازىر رۇسىيە فىدىراتسىيەسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەبلەغ كەلگەن ۋە ئەڭ كۆپ تاشقى پىرۋوتقا ئىگە بولغان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت تاتارىستاندۇر.          تاتارىستاندا مائارىپ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نوپۇسىنىڭ 99% ساۋاتلىق. تاتارلار 1926-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيىمۇ لاتىن يىزىغىغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، خەتەرلىك ھېسابلىنىپ، ستالىن تاتارلارنىڭ لاتىن يىزىغىنى ئىشلىتىشىنى بۇيرۇق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى. 1940-يىلدىن كېيىن تاتارىستاندا رۇس يىزىغى مەجبۇرى يولغا قويۇلدى.          تاتارىستاندا 13 ئۇنىۋېسىتىت بار بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېسىتىتلەردە 70.000 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. قازان ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپانىڭ 3.قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېتى ھېسابلىنىدۇ. لېنىنمۇ قازان ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن.          تاتارلار، دۇنيادا كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر مىللەت ھېسابلىنىدۇ. تاتارىستاندا 1800 كۇتۇپخانا بار. 135 خىل گېزىت-ژورنال نەشر قىلىنماقتا.          قازان شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىغىنى خاتىرىلەش بايرىمى ئۆتكەن يىلى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق تەبىرىكلەندى.          تارىختا، داۋاملىق بېسىم ۋە ۋەتىنىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مۇجبۇرلانغان تاتارلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە تارقاپ كەتكەن بولۇپ، تاتارىستاندىكى تاتار نۇپۇسىدىن 3 ھەسسە ئارتۇق تاتار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىماقتا. تاتارلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەر شۇلاردۇر؛ تۈركىيە، فىنلاندىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، رۇمىنىيە،پولشا.          تاتارلار،20.ئەسىردە ئەڭ ئېغىر مىللىي پاجىئەگە ئۇچرىغان خەلق.          ھەقىقى ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەن تاتار خەلقى، ھەقىقى ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىق، ھۇزۇر ئىچىدە ياشىماقتا. ئامما، تاتارىستاندا ۋە چەتئەلدىكى تاتار دىياسپورىسى ئىچىدە، تاتار خەلقىگە ھەقىقى ۋە ئەبىدىلىك بەخىت-سائادەت مۇستەقىل بولغاندىلا كىلىدىغانلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات ۋە گۇرۇپپالار بار. زوراۋانلىق ئىشلەتمىگەن بۇ پىكىر-ئېقىملار موسكوۋا ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە.          ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان تاتارىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىشسىز قېرىنداشلىرىغا كەڭ قۇچاق ئاچماقتا، ئۇلارنى باغرىغا باسماقتا.  
  مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى

0

تېما

1

دوست

949

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25078
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر گەپنى سوراپ باقسام ،يەنى ئاقساق تۆمۈر دېگەن كىشى ئەمىر تۆمۈر كۆرەگان دېگەن كىشى شۇمۇ يا،؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

0

دوست

550

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2783
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 145
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇپ روسىيەدىكى تاتارىستان جۇمھۇريىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم .

0

تېما

9

دوست

7366

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 1586
توردىكى ۋاقتى: 906
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتارلار ھەقىقەتەنمۇ ھۆرمەتكە لايىق ئەقىللىق ۋە جاسارەتلىك مىللەت.  بۇ تەرىپىنى مەنچە پۈتۈن دۇنيا قوبۇل قىلدى . تاتارلار  بۈيۈك تۈركچىلىكنىڭ بەرپاچىسى ۋە ئەڭ سادىق تەشەببۇسچىسى بولۇش سۈپىتىدە  روسلارنىڭ تۈركلەرگە ئېلىپ بارغان نەچچە ئەسىرلىك باستۇرىشى ۋە مۇستەملىكچىلىگىگە   قارشى  ئەڭ  كەسكىن قارشىلىقلار كۆرسەتكەن  جەڭگىۋار خەلقتۇر.  
ئەقىللىق تاتارلار  بۈيۈك تۈرك ئىتىپاقلىقىنىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىغىنى ۋە ئۆزىنىڭ كىچىك مىللى بىرلىگىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىگى  ۋە ئېمكانىيىتىنى تونۇپ يەتكەن.  ئالاھەزەل بىر ئەسىر ئىلگىرى ئېلىپ بارغان يېزىق ئىسلاھاتى مەنچە بۇنىڭ جانلىق مىسالى.  

0

تېما

9

دوست

7366

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 1586
توردىكى ۋاقتى: 906
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتارىستاندا مائارىپ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نوپۇسىنىڭ 99% ساۋاتلىق. تاتارلار 1926-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيىمۇ لاتىن يىزىغىغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، خەتەرلىك ھېسابلىنىپ، ستالىن تاتارلارنىڭ لاتىن يىزىغىنى ئىشلىتىشىنى بۇيرۇق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى. 1940-يىلدىن كېيىن تاتارىستاندا رۇس يىزىغى مەجبۇرى يولغا قويۇلدى.
===========================
يۇقارقى مىسرانى ئىلگىرلەپ مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.  مەنچە بۇ يېزىقنىڭ قانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ.  

2

تېما

0

دوست

550

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2783
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 145
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 12:37
تاتارىستاندا مائارىپ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نوپۇس ...

ئۇلار ھازىر قايسى تىل ،قايسى يېزىقنى ئىشلىتىدىغاندۇ ؟

11

تېما

0

دوست

3023

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12750
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 426
تۆھپە : 643
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتارلار ھورمەتكە لايىق باتۇر تۇركى مىللەتتۇر .تاتارلارنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان توھپىسى زور

11

تېما

0

دوست

3023

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12750
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 426
تۆھپە : 643
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xerhan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 12:46
ئۇلار ھازىر قايسى تىل ،قايسى يېزىقنى ئىشلىتىدىغاندۇ  ...

تاتار تىلى بىلەن رۇسچىنى ئىشلىتىدۇ يىزىقى سىلاۋيانچە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )