- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1035
- نادىر
- 0
- يازما
- 72
ئۆسۈش
3.5%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بارلىق ئىنكاسلارنى كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم شۇڭا قايتىلىنىپ كەتسىمۇ مەيلى، مەن بۇرۇن سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەپ باققان، سىزگە مۇنداق مەسلەھەت بىرەي.
1. سۇغۇرتا توختامنامىڭىزنىڭ كىلىشىم ماددىلىرىغا ئوبدان قاراڭ، سىز ئۇچىرغان ھادىسە ئاشۇ توختام ماددىسىغا چۈشەمدۇ يوق. مىنىڭ پەرىزىمچە سىز ئۆمۈر سۇغۇرتىسغا قاتنىشىپسىز، بۇ سۇغۇرتا تۈرى تاسادىبى زەخمىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر ماددىغا چۈشمىگەن بولسىڭىز سىزگە تۆلەم بەرمىگىنى توغرا.
2. ئەگەر توختام ماددىسىدا تاسادىپى زەخمىنى تۆلەيدۇ دەپ بىكىتىلگەن بولسا ئۇ ھالدا سىز ئەرىز قىلسىڭىز بولىدۇ. مەخسۇس سۇغۇرتا قانۇنى بار. قانۇندا سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئىستىمالچىلار ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيەت بىكىتىلگەن. شۇڭا ماددلارنى كۆرۈپ چىقىپ تەرتىپ بويچە ئەرىز قىلسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە شۇ شىركەتنىڭ لىدىرىنى، بىر دەرىجە يۇقىرى شىركەتنى ئىزدىسىڭىز ، ياكى باش شىركەتنىڭ مۇلازىمەت تىلفۇنى ئارقىلىق ئەرىز قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىزگە سۇغۇرتا ساتقان خادىم ۋە شىركەت لىدىرىنىڭ يللىق، ئايلىق مۇكاپات پۇللىرىنى تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خادىملار دوختۇرخانىغا كىلىپ سىزنىڭ پۇتىڭىزنى تۇتىدۇ. پەقەت بولمىسا سۇغۇرتا نازارەتچلىك كومتىتى بار. شۇلارغا ئەرىز قىلساقمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سىزگە تۆلەم بەرمەي ھەددى ئەمەس.
3. سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرىۋىلىش ئىشىدا 18 مىڭ يۈەن تۆلەپ بولۇپسىز، قىينالسىڭىزمۇ بۇ پۇللارنى تۆلەپ ئاخىرغا ئىلىپ چىقىڭ. ئەگەر زادى تۆلىيەلمىسىڭىز يەنىلا ماددىلارغا قاراڭ. تۆلىيەلمىسىە قانداق قىلىش توغىرلىق ئېىنىق گەپ بار. بىر قىسىم باشقۇرۇش ھەققى تۇتۇپ قالغاندىن كىيىن باشقىىسىنى قايتۇرۇشى كىرەك. ھەقىقەتەن قايتۇرمايمەن دەپ تۇرىۋالسا يەنىلا يۇقارقى تەرتىپ بويچە ۋايجىنىنى چىقارسىڭىز بولىدۇ.
4. تەكلىپ: بۇنىڭدىن كىيىن مەيلى بازاردىن چامغۇر ئىلىڭ ياكى سۇغۇرتا دىگەندەك نەرسىلەرنى سىتىۋىلىڭ، توختامغا ئىمزا قويدىغان چاغدا باش-ئاخىرىنى ئېنىق ئۇقۇپ ئاندىن ئىش قىلىڭ. بولمىسى مۇشۇنداق بىچارە كۈنگە قالىسىز.
5. بۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا تورغا تېما يوللىسىڭىز ھەرخىل كىشىلەر ھەرخىل مەسلەھەت بىرىدۇ. مەسلەھەت سورا ، ئۆزۈڭ بىلگەننى قىل دەيدىغان گەپ بار. بۇنداق قانۇنىي ئىشلاردا ئادۇۋكات ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. سىزگە بىر سائەت گەپ قىلىپ بەرسە جىق ئەمەس 30 يۈەن گەپ ھەققى ئالىدۇ. ئەمما توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.
6. تورغا بولۇپمۇ مۇنبەرلەرگە خەت يازغاندا مەندەك ئالدىراپ ئىملا خاتا ياكى ئۆزىڭىزدەك بۇزۇپ ئىيتىلغان خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەڭ. بولمىسا تەنقىدنىڭ ئاستىدىن تۇرالمايسىز.
ئەگەر يۇقارقى ئىشتا يەنىلا ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز مىنى ئىزدەڭ، كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە خالىس ياردەم قىلىمەن. كىيۇكىيۇ: 995234085
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي! |
|