قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 10

بىلىمخۇمار: يېڭى پەن – ماكرو-سىستېما ئېكولوگىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

0

دوست

6282

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 941
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 862
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                 
                                   يېڭى پەن – ماكرو-سىستېما ئېكولوگىيىسى
                                     بىلىمخۇمار


ئۇچۇر مىقتارىنىڭ ئۇچقاندەك كۆپىيىشىگە بىلەن، ئالىملار بىر يېڭى ئىلىم-پەن ساھەسىنى بەرپا قىلىشقا تەييارلىق كۆرىۋاتىدۇ.  بۇ پەننىڭ ئىسمى «ماكرو-سىستېما ئېكولوگىيىسى» بولۇپ، بۇ ئىش مۇشۇ 3-فېۋرال كۈنى ناسا مەركىزى ج پ ل نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى (National Science Foundation) مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ج پ ل دىكى سوراننو بىلەن دېيۋ شىمېل (Dave Schimel) باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنى بۇ يېڭى ئىلىمگە ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئېكولوگلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى ئۈنۈملۇك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن  زۆرۈر بولغان ئىستراتېگىيىلەرنى ھازىرلاپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.  بۇ ئىككى مۇتەخەسسىس يېقىندا باش مۇھەررىرلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئامېرىكا ئېكولوگىيە جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى فرونتى» (Frontiers in Ecology and Environment) دېگەن ژورنالدا بىر مەخسۇس سان ئىشلەپ،  ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان مۇشۇ ساھەدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

     مۇتەخەسسىسلەر بۇ يېڭى ئىلىمنىڭ ئېكولوگىيە ساھەسىگە يېڭى مۇمكىنچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.                                   
                                                                                   
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] New scientific field looks at the big picture
<http://phys.org/news/2014-02-sci ... ig-picture.html>

رەسىم مەنبەسى:
http://phys.org/news131631136.html#nRlv <http://phys.org/news131631136.html>
http://cdn.physorg.com/newman/gfx/news/2008/largescaleex.jpg

  2014-يىلى 5-فېۋرال





1

1

1

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق گەپ بۇ ؟؟  چۈشەنمىدىم ،  سىز قايسى دۇنيانىڭ .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

7

دوست

4780

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1021
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالىمىز ئادىلا ھەزىم قىلالمايدىكەنمىز.بولسا ئەتىراپلىق چۇشەندۇرگەن بولسىڭىز.بۇ ئىلىم-پەندىكى يېڭى بىر بوسۇش بولسا كىرەك.ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا قارتا.

0

تېما

1

دوست

89

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22662
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئەركىن ئاكا ، «باغداش»قا كۆچۈرۈلگەن « ئەركىن سىدىق :شىۋىتسىيەدە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتى (ئىنگلىزچە) » ناملىق تېمىڭىز ئاستىغا مۇنداق بىر ئىنكاسنى يوللىغانىدىم :

«قىزىم بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ، بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇيدۇ ، چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار . ئۆزۈمچە شىۋېتسىيەنى مۇۋاپىقمىكىن دەپ قارىغاچقا ، بۇ ئۇچۇرنى قىزىقىپ كۆرگەنىدىم ...
ئالاقىدار ئىشلاردا مەسلىھەتلەرگە مۇھتاجمەن ، بۇ جەھەتتە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنى ئىشەنچىلىك ھىسابلايمەن ، شۆھرەت مۇتەللىپنىمۇ ئويلايمەن . باشقىسىنى بىلمەيمەن . قولايلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىدىن ئۇچۇر سورايمەن . »

قىزىم ئەسلىدە مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتى ، ئارزۇ تولدۇرغاندا باشقىلارنىڭ «مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن كەسپ ئالمىشىش ئاسان» دېگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ھەم مېدىتسىناغا يېقىن كۆرۈپ ، ھازىر ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ بىئولوگىيە كەسپىنىمۇ تاللاپ قويغانىدى . ئاقىۋەت مۇشۇ كەسپكە قوبۇل قىلىنىپ قالدى .
بەلگىلىمە بويىچە بىرىنچى ئوقۇش يىلىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمى باشلىنىپ ، 3-4-ئايلار ئارلىقىدا كەسپ ئالمىشىش ئىلتىماسى سۇنۇشقا بولىدىكەن . قىزىم كەسپ ئالمىشىش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ . لېكىن بەزىلەر چەتئەلدە ئوقۇيدىغان بولسا كەسپ ئالماشماي ، بىئولوگىيە كەسپدە ئوقىۋەرسۇن دەپ مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە چەتئەللەردە جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مىدىتسىنا كەسپىگە  قارىغاندا بىئولوگىيە كەسپى بەكرەك ئىناۋەتكە ئېلىنىدىكەن . بۇ گەپلەرنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق ، بىز كەسپ ئالماشسا بىر يىل قايتىلايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ۋاقتتىن ئازراق زىيان تارتقۇدەك ، مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇپ چەتئەلگە چىقىمەن دېسە بۇ يەردە ئوقۇغىنى بىھۇدە بولۇپ قالارمۇ دېگەنلەرنى ئويلاشتۇق . بۇ جەھەتتە ئېنىقراق ، ئىشەنچلىكرەك مەسلىھەت ئالماق ئويىدا بۇ ئىلتىجانامىنى يازدىم . نەزەر-ئېتىبارغا ئېلىنسا دېگەن ئۈمىدتەمەن .

1

تېما

0

دوست

597

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16856
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haqyar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 17:53
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئەركىن ئاكا ، «باغداش»قا كۆچۈرۈلگ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ ياۋروپادا بىئولوگىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتىمەن، ناھايتى سەمىمى تەكلىپتىن بىرنى بېرەي، ئەڭ ئاۋال ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسى قىزىقىشى بەك مۇھىم بولۇپ بىر نەچچە قېتىم كەسىپ ئالمىشىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان كەسىپتە ئوقۇش بەك مۇھىم! مېدىتسىنادا ئوقۇسا جۇڭگودا ئوقۇسا ياخشى، چۈنكى بۇنىڭدا چەتئەلدە ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش تەس، بىئولوگىيە دە بولسا چەتئەلدە ئوقۇشقا ياخشى ئەمما مېدىتسىنادەك ئەمىلى قوللىنىشچانلىقى يوق ، تۈگىمەس قۇرۇق نەزەرىيەدىنلا زىرىكىپ ئوقۇشتىن رايى يېنىپ قېلىش ئېھتىمالى بار. چۈنكى تەبى پەننى خەقنىڭ تىلىدا ئوقۇش بەكمۇ جاپالىق ھەم ئازاپلىق ئىش بولۇپ زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، قىسقا ۋاقىتتا نەتىجە چىقىرىش تەس، دىيارىمىزدا تەبى پەن ئوقۇغان ماگىستىرلار ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشقا خىزمەت تاپالمايۋاتقان مۇشۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا كىمنىڭ يەنە جاپا تارتىپ تەبى پەن ئۇقۇغۇسى كېلىدۇ؟...دېسەك گەپ جىق، بولسا قىز بالا بولغاندىكىن پىسخولوگىيە دېگەندەك ئائىلە ۋە تۇرمۇشقا ئەمىلى ياردىمى بولىدىغان كەسىپلەردە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن...ئوقۇش باشقا بىلىش باشقىدۇر.

13

تېما

11

دوست

5304

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 16:36
كالىمىز ئادىلا ھەزىم قىلالمايدىكەنمىز.بولسا ئەتىراپل ...

ئىلىم ساھەسىدە يىڭى بىر ئورگان كۈپەيگەندەك، دكلىتىمىزدە بۇ ئىدارە تىزلا بازارلىق ھۈكىمەتلەرگىچە كىلونلىنىپ بۇلىدىغان بولدى...
بىزنىڭ قۇلىمىزدىكى تەبئى-پەن ۋە ئادەتتىكى سانائەت كارخانىلېرىغا سىلىنما يوق، ئەمما پۇخرالارغا ياردەم بېرىپ ئۆي سېپ بېرىش، شىنجاڭغا مانچە پۇل ياردەم قىلدۇق دىگىلى ئەپلىك قۇياش ئىنىرگىيلىك يول چىراقلېرىنى ئورنىتىپ بېرىش دىگەندەك ، ئەمىليەتتە قۇياش ئىنىرگىيسىنى ياردەم قىلىش شۇ پۇخراغا قارىغاندا شۇ مەھسۇلاتنىڭ كارخانىلېرىغا قىلغان ياردەم دىسە يامان كەتمەيدۇ...


تىلەمچىگە قانچە كۆپ پۇل بەرسىڭىزمۇ تىلەمچىلىكلا قىلىدۇ، ئىزىپ كىتىپ يۇقىرى تېخنىكا ئۈگۈتۈپ قۇيۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا كارخانىچى بۇپ، ياردىمىڭىزسىزمۇ سىلىۋالىدۇ ھەر داچىلارنى...

69

تېما

0

دوست

6282

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 941
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 862
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 16:36
كالىمىز ئادىلا ھەزىم قىلالمايدىكەنمىز.بولسا ئەتىراپل ...


ئەسلىدىكى ماقالىدە بۇ جەھەتتە ئانچە كۆپ چۈشەنچە بېرىلمەپتۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىم مۇنداق: ھازىر ئېكولوگىيىلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ باھالىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىنى ئايرىم، بېيجىڭنى ئايرىم دېگەندەك، بۇ ئىشلارنى بىر كىچىك دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بارىدۇ.  مەزكۇر يېڭى ئىلىم بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇر دىيارى، بېيجىڭ، ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىمىنلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ، ئايروپىلان، سۈنئىي ھەمرا ۋە ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن تەكشۈرۈپ باھالايدۇ.  شۇ ئارقىلىق بىر زىمىننىڭ ئېكولوگىيىسى يەنە بىر زىمىنغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىدۇ.

69

تېما

0

دوست

6282

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 941
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 862
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haqyar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 17:53
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئەركىن ئاكا ، «باغداش»قا كۆچۈرۈلگ ...


سالام ھەقيار قېرىندىشىم،

ماڭا ئىشىنىپ كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىڭىزنى دېگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.  ماڭا ئېلخەت يېزىڭ:
bilimxumarmen@gmail.com
قالغان گەپنى ئېلخەت ئارقىلىق دېيىشەيلى.  ھەمدە تۆۋەندىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
= =================== =


جۇڭگۇئو قاتارلىق دۆلەتلەردە تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يوللىرى

يازغۇچى: مەمەت ئەمىن

ئامېرىكىدىكى تېببىي مەكتەپ تۈزۈمى

ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپ (مەدىكال سچوئول) دا ئوقۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن 4 يىللىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىشى كېرەك. ئادەتتە مەلۇم كەسپنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئاندىن تېببىي مەكتەپكە كىرەلەيدۇ دەيدىغان ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، بىراق، تېببىي مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار كەم دېگەندە چوقۇم تەبىئى پەندە ئوقۇغان بولۇشى كېرەك، ئۇندىن باشقا مېدىتسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەنلەردە يەنى بىئولوگىيە، خىمىيە، بىئوخىمىيە، مىكروبىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېببىي مەكتەپكە كىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇش كېرەك، مەكتىپى ياكى ئوقۇتقۇچىسى كۆرسىتىشى كېرەك.

ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپ (مەدىكال سچوئول) ئادەتتە 4 يىللىق بولۇپ، باشتا ئوقۇغان 4 يىلنى قوشقاندا، دوختۇرلۇق مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن جەمى 8 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققانلار بىۋاسىتە  دوكتورلۇق يەنى مد (دوكتور ئوف مەدىكىنە، 医学博士) ئۇنۋانى ئالىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنىڭ باكالاۋرلىق، ماگىستېرلىق ئۇنۋانى يوق. تېببىي مەكتەپتە ئوقۇپ چىقسىلا پھد بىلەن باراۋەر بولغان مد ئۇنۋانى ئالىدۇ. تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىدا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئۇسملە (ئۇنىتەد ستاتەس مەدىكال لىكەنسە ئەخامىناتىئون، 美国医生执照考试) دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھاننى بېرىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىرەر دوختۇرخانا تېپىپ، 3 يىلدىن 4 يىلغىچە رەسىدەنكي (زھۇ يۇئان يى شى، 住院医生) بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي دوختۇر بولۇپ، مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدۇ.

ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرگە مەيلى قايسى كەسىپتە ئوقۇغان بولسۇن بىر تۇتاش خىزمەت تەقسىماتى قىلىنمايدۇ، خىزمەتنى پۈتۈنلەي ئوزى تاپىدۇ. دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ رەسىدەنكي بولۇش ئۈچۈن ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىپ، دوختۇرخانىنى ئۆزى تېپىشى كېرەك، بولمىسا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن بىلەن دوختۇر بولالامايدۇ.

ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر يەنە ئوقۇماقچى بولسا، دوختۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر كەسپنى تاللاپ يەنە 3~5 يىل ئوقۇسا پھد ئۇنۋانى ئالىدۇ. بۇ چاغا بۇ ئوقۇغۇچى قوش دوكتور ئۇنۋانلىق يەنى مد، پھد بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداقلار كۆپىنچە ھاللاردا كەلگۈسىدە دوختۇرلۇق قىلىشنى ئەمەس، بەلكى تەتقىقات بىلەن ياكى تېببىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەقسەت قىلغانلار ھېسابلىنىدۇ.


ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە تىببىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان سىياسىتى

ئامېرىكا جۇڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تېببىي مەكتەپلىرىنى تولۇق ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا دوكتور يەنى مد (دوكتور ئوف مەدىكىنە، 医学博士) دەپ تونۇيدۇ. چەت ئەلدە تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئەگەر ئامېرىكىغا كېلىپ دوختۇر بولماقچى بولسا تامامەن مۇمكىن. بىراق، شەرت يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغىچىلارغا ئوخشاش ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ۋە دوختۇرخانا تېپىپ 3 يىلدىن 4 يىل رەسىدەنكي (住院医生) بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلالىسا ئوخشاشلا دوختۇر بولالايدۇ.

جۇڭگودا، ھىندىستاندا، پاكىستاندا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردە تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار، ئامېرىكىدا قايتا تېببىي مەكتەپتە ئوقۇمايلا ئەسلى دۆلەتتىكى دىپلوم بىلەن دوختۇر بولۇپ ئىشلىمەكتە. ھەتتا بەزى ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھىندىستانلىق ۋە پاكىستانلىقلار ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تەس ۋە قىممەت كۆرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئەسلى دۆلىتىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، 4 يىل ئوقۇپ، ئامېرىكىدا 1، 2 يىل ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپلا ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىلىقلار 8 يىل ئوقۇپ 300 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل خەجلەپ دوختۇر بولسا، ئۇلار 4 يىل ئوقۇپ بىر نەچچە مىڭ دوللار پۇل بىلەنلا دوختۇر بولماقتا.

جۇڭگودا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تىل جەھەتتە سەل قىنالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە كەتكەن ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئادەتتە ئامېرىكىغا كېلىپ ئالدى بىلەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 5 -10 يىل خىزمەت قىلىپ، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇسملە گە ئىمتىھان بېرىپ دوختۇر بولىدۇ. بىراق، مەن بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر قىز شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپنى قايتا ئوقۇمايلا ئۇسملە دېگەن ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە ئېلىپ، بىر چوڭ دوختۇرخانىدا رەسىدەنكي (住院医生) بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئاللا بۇيرىسا يەنە 3 يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىپلومى بىلەن ئامېرىكىدا رەسمىي دوختۇر بولغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ.

بەزىلەر ئامېرىكىدا جۇڭگونىڭ دوختۇرلۇق ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن دېگەن قاراشتا. مېنىڭچە بۇ بىر مۇجىمەل قاراش. ئامېرىكىنىڭ دوختۇرلۇق تۈزۈمى ناھايىتى مۇكەممەل بولغاچقا، مەيلى جۇڭگودىن كەلگەن دوختۇر بولسۇن ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن كەلگەن دوختۇر بولسۇن، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بىۋاسىتە دوختۇر بولالمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىنىڭ دوكتورلۇك ئۇنۋانى يەنى مد ئۇنۋانىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىق ئەمەس. ئەگەر ئۇ كىشى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئامېرىكىنىڭ ئۇسملە دېگەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 3، 4 يىللىق رەسىدەنكي (住院医生) نى تۈگەتسە، يەنىلا دوختۇر بولالايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا چەت ئەلنىڭ دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى ئېتىراپ قىلمىدى دېگەندە، باشقا دۆلەتتە دوختۇرلۇق ئوقۇغان كىشى ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپ، دوختۇر بولۇشى مۇمكىن بولمايتتى.

چەت ئەلدە باشقا كەسپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، بۇرۇن قايسى ئۇنۋان ئالغان بولسا شۇ ئۇنۋان بويىچە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. شۇڭا پەقەت باشقا دۆلەتتە تېببىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارلا ئامېرىكىدا ئۇنۋان جەھەتتە ئالاھىدە پايدىغا ئېرىشكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.


باشقا دۆلەتلەردە تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئامېرىكىغا كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يوللىرى

ئەگەر جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئامېرىكىغا كېلىپ دوختۇرلۇق كەسپىنىڭ ماگىستېرلىق كەسپىدە ئوقۇماقچى بولسا قانداق قىلىشى كېرەك دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، دەسلەپتە دەپ ئۆتكەندەك ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق ساھەسىدە ماگىستېرلىق ئۇنۋانى يوق. دوختۇرلۇق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەرقانداق ئادەم دوكتور يەنى مد ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق كەسپى، كىرىش ئەڭ قىيىن، ئوقۇش پۇلى ئەڭ قىممەت بولغان كەسپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ دوختۇرلۇق مەكتىپىگە كىرىشى ناھايتى قىيىن، بولۇپمۇ جۇڭگو پاسپورتى بىلەن دوختۇرلۇق مەكتەپكە كىرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنداقتا جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولسا قانداق قىلىش كېرەك دېگەندە، جۇڭگودا ئالغان باكالاۋرلۇق دىپلومىنى مد دەپ قاراپ، دوختۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك (بىئوسكىئەنكە ئور ھەئالتھ سكىئەنكە، 生物科学) پەنلەر دائىرىسىدە بىۋاسىتە پھد گە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بەزىلەر بىلمەسلىكتىن ماگىستېرلىققا ئىلتىماس قىلىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ ماگىستېرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق، كېيىنچە يەنە بۇرۇنقى مد ئۇنۋانىنى ئىشلىتىدۇ، بولمىسا كەينىگە چېكىڭەنلىك بولىدۇ. مەن بىلىدىغان بەزى جۇنڭولۇقلار جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گەرچە دورىگەرلىك ياكى ئىرسىيەت قاتارلىق پەنلەردە ماگىستېرلىق ئوقۇغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن يەنىلا مد دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ماگىستېر مد دىن تۆۋەن تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدا بېرىلىدىغان مائاش ئۆلچىمىمۇ مد دىن تۆۋەن بولىدۇ.

شۇڭا جۇڭگودا تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئەگەر ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولسا، ئەگەر شەرت-شارائىتى توشقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنى مد دەپ ھېسابلاپ بىۋاسىتە پھد غا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئامېرىكىدا خىزمەت تېپىش ئاسان بولغان دوختۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپلەر بىئوچەمىستري  (生 物化学)، بىئولوگي(生物学)، گەنەتىكس 遗 传学، ھىستولوگي (组织学)، ئىممۇنولوگي  (免疫学)،  مىكروبىئولوگي  (微生物学)، باكتەرىئولوگي ( 细 菌学)، ۋىرولوگي  ( 病毒学)، مولەكۇلار بىئولوگي   (分子生物学)، مولەكۇلار بىئوپھيسىكس  (分子生物物理学)، پاتھولوگي  ( 病理学) ، پاتھوپھيسىئولوگي ( 病理生理学)، پھارماكولوگي   (药理学)، پھيسىئولوگي   (生理学).

ئەگەر سىز جۇڭگودا يۇقىرىقى كەسپلەردە ئوقۇپ پھد ئالغان بولسىڭىز، ئامېرىكىغا كېلىشىڭىز ئاسانغا توختايدۇ، ياكى ئامېرىكىغا كېلىپ يۇقىرىقى كەسپلەردە پھد ئوقۇسىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىش، ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىش يەنى گرەئەن كارد (لۈ كا) ئېلىشىڭىز قىيىن ئەمەس.

ئەگەر سىز جۇڭگودا دوختۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئامېرىكىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كەلمەكچى بولسىڭىز، بۇمۇ تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭ ئىككى خىل يولى بار بولۇپ، بىرى ج1 ۋىزا بىلەن ۋىسىتىڭ سچولار (جىئائو ھۇئان خۇئە زھە، 交换学者) ياكى پوست-دوك (博 士后) بولۇپ كېلىش، يەنە بىرى ھ-1ب ۋىزا يەنى خىزمەت ۋىزىسى بىلەن پوست-دوك بولۇپ كېلىش. بۇلاردىكى ئاساسلىق شەرتلەرنىڭ بىرى ئەنگلىزچىدە ياخشى بولۇش (بىراق توئەفل تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئېغىز تىلى ياخشى بولسا بولىدۇ)، ئىككىنچىسى جۇڭگودا دوختۇرلۇق تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان، شۇنداقلا ماقالە ئېلان قىلىپ باققان بولۇش كېرەك. بىرەر مۇكاپات ئېلىپ باققان بولسا تېخىمۇ ياخشى. بۇ ئىككى خىل ۋىزا ئىچىدە ج1 ۋىزىنى ئېلىش بىر ئاز ئاسان بولۇپ، بۇ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغانلار سان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، بېرىدىغان مائاش تۆۋەن. ھ-1ب ۋىزا سەل تەس بولۇپ، سان چەكلىمىسى بار، بېرىدىغان مائاشى ئادەتتە ج1 غا نىسبەتەن سەل يۇقىرى. ئامېرىكىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن چەت ئەللىكلەرمۇ بىر مەزگىل مۇشۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ.


ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن مد ياكى پھد لارگا مۇھتاج؟

ئامېرىكىدا ئوخشىمىغان ئۇنۋان ۋە ئوخشىمىغان كەسپتىكىلەرگە بېرىلىدىغان مائاشتا بەلگىلىك ئۆلچەم بولۇپ، ئامېرىكىدا باكالاۋر ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ باشلىنىش مائاشى ئادەتتە 30 مىڭدىن 50 دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ. ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ باشلىنىش مائاشى ئادەتتە 50 مىڭ دوللاردىن 80 مىڭ دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ. پھد ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ باشلىنىش مائاشى ئادەتتە 70 مىڭدىن 120 مىڭ دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ. مد ئۇنۋانى ئالغانلار ئۇسملە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ 3، 4 يىللىق رەسىدەنكي (住院医生) بولۇش جەريانىدا يىلىغا 40 مىڭدىن 60 مىڭ دوللار مائاش ئالىدۇ. رەسمىي دوختۇر بولغاندىن كېيىن دەسلەپكى مائاشى ئادەتتە 120 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بەزى كەسپلەرنىڭ دوختۇرلىرى يىلىغا يېرىم مىليوندىن 1 مىليون ئارىلىقىدا مائاش ئالىدۇ. بىرنەچچە مىليون مائاش ئالىدىغان دوختۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان شىتات ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا بەلگىلىك پەرقلەر بار.

ج1 ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن چەت ئەلدە مد ياكى پھد ئۇنۋانى ئالغانلارغا بېرىدىغان مائاش ئادەتتە يىلىغا 18 مىڭ دوللاردىن 24 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ. ھ-1ب ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن چەت ئەلدە مد ياكى پھد ئۇنۋانى ئالغانلارغا بېرىلىدىغان مائاش ئادەتتە يىلىغا 34 مىڭ دوللاردىن 55 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئامېرىكىدا ئادەم ئالىدىغان ئورگانلارغا ئادەم ئېلىشتا ئالدى بىلەن ئامېرىكىلىق ياكى ئامېرىكىدا مەڭۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقى بارلارنى يەنى «گرەئەن كارد»ئى بارلارنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، چەت ئەللىكنى ياللاپ ئىشلىتىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. (1) يۇقىرى سەۋىيەلىك تۆۋەن مائاشلىق كىشىلەر. يەنى بېرىدىغان مائاشى تۆۋەن بولغانچقا ئامېرىكىدىكى ئوخشاش مەلۇماتلىق كىشىلەر بۇ خىزمەتنى قىلىشنى خالىمىغان بولۇشى كېرەك. (2) ئامېرىكىدا كەم ئۇچرايدىغان قول ھۈنەرۋەن ياكى يوقاپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان كەسپ بىلەن شۇغاللانغۇچىلار. (3) ئامېرىكىلىقلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئېغىر، جاپالىق، خەتەرلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار. (4) ئامېرىكىدا شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم يېتىشمەيۋاتقان كەسپتىكىلەر، مەسىلەن سېستىرالار.

ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى مۇناسىۋەتلىك پەنلەر بويىچە پھد ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن چەت ئەللىكلەرگە بېرىدىغان تۆۋەن مائاشقا ئىشلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ھەر يىلى كۆپلەپ چەت ئەلدىن ئادەم ئېلىشقا مۇختاج. ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىختىسادىي كىرىم كەلتۈرمەيدىغان ھەم ئامېرىكىنىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىن كەلگەن پۇل بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئورگان بولغانچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە سىياسىتى بار، يەنى ئۇلار تۆۋەن مائاشلىق چەت ئەل مۇتەخەسىسلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئالاھىدە بەھرىمەن بولىدىغان ئورۇنلار ھېساپلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئىختىسادىي كىرىم كەلتۈرىدىغان ئورگانلار ياكى بازارلىق كەسپلەرنىڭ مائاش ئۆلچىمى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك، شۇڭا بۇ ئورگانلارنىڭ چەت ئەلدىن ئادەم ياللاپ ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، يەنى ئۇلار بەرمەكچى بولغان مائاشقا ئامېرىكىدىن كۆپلەپ ئادەم تېپىلىدۇ.


ئامېرىكىغا كېلىشتە مۇھىم بولغان ۋىزا تۈرلىرى

ف-1 ۋىزا ئاساسلىقى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغىچىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ ۋىزىنى ئېلىش ئۈچۈن توئەفل، گرە لاردىن يۇقىرى نەتىجە بولۇشى، ئامېرىكا تەرەپتىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ۋىزىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىكى ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئادەتتە 6 ئايدىن 1 يىلغىچە بولۇپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئى-20 نىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئامېرىكىدا شۇنچە ئۇزۇن تۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەر، ھەپتىسىگە ئادەتتە 20 سائەت قانۇنلۇق ئىشلەش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ خىل ۋىزا بىلەن كەلگەنلەر، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئەگەر مەكتەپ ئالماشماقچى بولسا، بارماقچى بولغان مەكتەپ قوبۇل قىلسىلا، مەكتەپ ياكى كەسپ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

ف-2 ۋىزا ف-1 ۋىزا ئالغۇچىنىڭ ئايالى ۋە بالىسىغا بېرىلىدىغان ۋىزا بولۇپ، بۇ خىل ۋىزا بىلەن كەلگەنلەرنىڭ، ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى پۈتۈنلەي ف-1 ۋىزىغا باغلىق. ف-1 ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشسا بۇ ۋىزىنىڭ ۋاقتىمۇ تەبىئى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ئىشلىگىلى بولمايدۇ.

ج-1 ۋىزا ئامېرىكىغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرماقچى بولغانلار يەنى ۋىسىتىڭ سچولار" (交换学者) گە بېرىلىدۇ. بۇ خىل ۋىزىنىڭ ۋاقتىمۇ 6 ئايدىن 1 يىلغىچە بولۇپ، ئامېرىكىدا تۇرالايدىغان ۋاقتى ئى-66 دىكى ۋاقىتقا باغلىق. ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 يىل بولىدۇ. 3 يىلدىن كېيىن ئادەتتە چوقۇم ئەسلى دۆلەتكە قايتىپ كېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىدا داۋاملىق تۇرماقچى بولسا، ئەسلى دۆلىتى (ھومە كوئۇنتري) دىن "كەچۈرۈم" (ج-1 ۋائىۋەر) قىلىشى كېرەك. بۇ ۋىزا بىلەن خالىغانچە خىزمەت قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئى-66 نىڭ ئۈستىدىكى تەمىنلىگەن ئورۇندىلا خىزمەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر باشقا ئورۇنغا ئالماشماقچى بولسا، قارشى تەرەپ بۇ كىشىگە قايتىدىن ج-1 ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر باشقا ۋىزىغا ئالماشتۇرماقچى بولسا، ئالدى بىلەن كەچۈرۈم (ج-1 ۋائىۋەر) قىلىشى كېرەك.

ج-2 ۋىزا ج-1 ۋىزا ئالغۇچىنىڭ جۆرىسىگە ۋە بالىسىغا بېرىلىدىغان ۋىزا بولۇپ، بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى ج-1 ۋىزىغا باغلىق. ج-1 ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنسا بۇ ۋىزا بىلەن كەلگۈچىمۇ تەبىئى ھالدا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەر ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن خىزمەت قىلىخ كېنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن خالىغان ئورۇندا قانۇنلۇق خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ.

ھ-1ب ۋىزا خىزمەت ۋىزىسى بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرى پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئالاھىدە قول ھۈنەرۋەن ياكى ئامېرىكىدا كەم ئۇچرايدىغان كەسپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە (قول ھۈنەرۋەنلەرگە، سېستىرالارغا)، مۇتەخەسسىسلەرگە شۇنداقلا بەزى دىنىي خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدۇ. بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا مەڭۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا (گرەئەن كارد) ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى ئادەتتە 3 يىل، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6 يىل بولىدۇ. بۇ 6 يىل ئىچىدە چوقۇم «گرەئەن كارد»قا ئىلتىماس قىلىش كېرەك، بولمىسا ئامېرىكىدىن كېتىش كېرەك. 6 يىل توشقاندىن كېيىن بۇ ۋىزىغا قايتا ئىلتىماس قىلىغىلى بولمايدۇ.

ھ-4 ۋىزا ھ-1 ۋىزا ئالغۇچىنىڭ جۆرىسى ۋە بالىسىغا بېرىلىدىغان ۋىزا بولۇپ، بۇ ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگۈچىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇش ۋاقتى پۈتۈنلەي ھ-1 ۋىزا ئالغۇچىغا باغلىق بولىدۇ. بۇ خىل ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا قانۇنلۇق ئىشلىگىلى بولمايدۇ.

ئەگەر سۇئالىڭىز بولسا در_مەمەت@yahoo.com غا خەت يېزىڭ.

تېببىي پەنلەر ساھەسىدە ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك بولۇش يوللىرى

يازغۇچى: مەمەت ئەمىن

ئامېرىكىنىڭ پوست-دوك تۈزۈمى

ئامېرىكىدا تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق (مد ياكى پھد) ئۇنۋانى ئالغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ كەلگۈسىدە تەتقىقات ۋە ياكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەقسەت قىلغان ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن، ئالدىن بىلەن بىرەر تېببىي تەتقىقات ئورنىدا پوست-دوك بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئادەتتە پوست-دوكنىڭ ۋاقتى ئوخشاش بىر تەتقىقات ئورنىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 يىل بولۇپ، بەزىدە ئورۇن ئالماشقاندىن كېيىن يەنە 3 يىل پوست-دوك بولغىلى بولىدۇ، بىراق پوست-دوكقا بېرىلىدىغان مائاش نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچە پوست-دوك بولغانلار بىر قارار يەنى 3 يىل پوست-دوك بولغاندىن كېيىن رەسمىي خىزمەت تېپىشنىڭ يولىنى قىلىدۇ. پوست-دوك بولغانلار ئادەتتە بىرەر پروجەكىتنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ ساھادە مۇنتىزىم تەربىيىلىنىدۇ (گەت ئا سپەكىئال ترائىنىڭ ئىن ئا سپەكىفىك فىئەلد).


ئامېرىكىدىكى تېببىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

تېببىي پەنلەر بويىچە پوست-دوك بولغانلار ئادەتتە تەتقىقات تەجرىبىخانلىرىدا (رەسەئارچ لاب) تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ تەجرىبىخانىلار 3 خىل ئوخشىمىغان تۈردىكى تەجرىبىخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتات ۋە شەھەرلىرىگە تارقالغان شەخسىي ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەجرىبىخانىلار ئامېرىكىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچىسى ئامېرىكا فەدىرال ھۆكۈمەتنىڭ تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ساقلىقنى ساقلاش ئىنستىتۇتى (ناتىئونال ئىنستىتۇتە ئوف ھەئالتھ ئور نىھ) قارىمىقىدىكى تەجرىبىخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچىسى ئامېرىكىدىكى خىمىيە، دورا ۋە تېببىي ئۈسكۈنىلەر شىركەتلىرى قارىمىقىدىكى تەتقىقات تەجرىبىخانىلاردىن ئىبارەت.

يۇقىرىقى ئۈچ خىل تەجرىبىخانا ئىچىدە، ئالدىنقى ئىككى خىلدىكى تەجرىبىخانا ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك ساقلىقنى ساقلاش ئىنستىتۇتى (ناتىئونال ئىنستىتۇتە ئوف ھەئالتھ ئور نىھ) دىن ئالغان تەتقىقات خىراجىتىگە (رەسەئارچ گرانت) تايىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئىختىسادىي كىرىم كەلتۈرمەيدىغان ئورۇنلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پۈتۈن جەمئىيەت ھەقسىز پايدىلىنىدۇ. بۇ تەجرىبىخانىلارنىڭ تەتقىقات خىراجىتى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، پوست-دوكلارغا ۋە باشقا خىزمەتچىلىرىگە بېرىدىغان مائاشى نىسبەتەن تۆۋەن، شۇڭا كىرىش نىسبەتەن ئاسان. بۇ خىلدىكى تەجرىبىخانىلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيدا ئەڭ داڭلىق بولغان تېببىي تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار بولۇپ، ئۆزلىرىنى تېببىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىۋەتكەنلەر. تارىختا تېببىي پەنلەر بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئامېرىكىلىق تېببىي ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پۇل ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ئۈچۈن بۇ خىل خىزمەتلەرنى تاللىغانلار.

شىركەت قارىمىقىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىنىڭ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمى شىركەتتىن  بىۋاسىتە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار نىسبەتەن ئىختىسادى كىرىم كەلتۈرىدىغان ئورۇنلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى كۆپىنچە ھاللاردا سېلىنغان مەبلىغىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى پايدا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا خىزمەتچىلىرىگە بېرىدىغان مائاش ئۆلچىمى نىسبەتەن يۇقىرى، رىقابەت كۈچلۈك بولۇپ كىرىش نىسبەتەن سەل قىيىن.

ئامېرىكىدىكى تېببىي تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى شۇ تەجرىبىخانىنىڭ باشلىقى بولغان پروفېسسورنىڭ نىھ دىن ئالغان تەتقىقات خىراجىتىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە ھەر بىر تەجرىبىخانىدا 3 تىن 20 گە قەدەر ئادەم ئىشلەيدۇ. كۆپىنچە تەجرىبەخانىلاردا 6، 7 ئادەم بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەتتە يېرىمى دېگۈدەك پوست-دوك بولۇپ، قالغانلىرى پروفېسسور، دوتسېنت، ياردەمچى پروفەسسور(لېكتور)، تەتقىقاتچى، كاندىدات تەتقىقاتچى، ياردەمچى تەتقىقاتچى، تېخنىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر تەجرىبىخانىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس، بىراق كەم دېگەندە بىر ياكى بىردىن يۇقىرى  پروفېسسور ياكى دوتسېنت بولۇشى كېرەك.

ئامېرىكىدا تەتقىقات تەجرىبىخانىلار گەرچە مۇستەقىل ئورگان بولمىسىمۇ، بىراق، ئادەم ئېلىشتا، شۇ تەجرىبىخانا باشلىقى بولغان پروفېسسور تولۇق ھوقۇققا ئىگە. تەجرىبەخانىغا ئادەم ئېلىشتا يۇقىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ھاجەتسىز. ئۇلار ئۆزىگە يارىغان ھەرقانداق ئادەمنى ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق. بۇ پروفېسسورلار ئەگەر بىرەر سەۋەبتىن باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتمەكچى بولسا، ئۆزىگە تەۋە بولغان تەتقىقات خىراجىتىنى بىرگە ئېلىپ كېتەلەيدۇ.


تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك بولۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر

ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك (博士后) بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مېدىتسىنا ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى (مد، دوكتور ئوف مەدىكىنە، 医学博士) ئېلىش، ياكى بولمىسا بىئوچەمىستري  (生物化学)، بىئولوگي(生 物学)، گەنەتىكس (遗传学)، ھىستولوگي (组 织学)، ئىممۇنولوگي  (免疫学)،  مىكروبىئولوگي  (微生物学)، باكتەرىئولوگي ( 细 菌学)، ۋىرولوگي  ( 病毒学)، مولەكۇلار بىئولوگي   (分子生物学)، مولەكۇلار بىئوپھيسىكس  (分子生物物理学)، پاتھولوگي  ( 病理学) ، پاتھوپھيسىئولوگي ( 病理生理学)، پھارماكولوگي   (药理学)، پھيسىئولوگي   (生理学) قاتارلىق پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق (پھد) ئۇنۋانى ئېلىش كېرەك.

ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك بولۇش ئۈچۈن ئىنگلىزچىدە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتىش كېرەك. پوست-دوك بولۇش ئۈچۈن گەرچە توئەفل ئىمتىھانى تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، بىراق، ۋىزا ئېلىشتا ۋە كەلگۈسى خىزمەت جەريانىدا ئىنگلىز تىلى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتمىگەنلەرنىڭ ۋىزا ئالالىشى ۋە كەلگۈسى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى قىيىن.

ئامىركىغا كىلىپ پوست-دوك بولۇش ئۇچۇن توۋەندىكى تەخنىكىلارنىڭ كوپ قىسمى بىلەن، ھىچ بولمىغاندا بىر قىسمى بىلەن تونۇش بولۇش كىرەك.

1. لابوراتوري روئۇتىنەس: سۇچ ئاس ماكىڭ مولار سولۇتىئون (بۇففەر)؛ پھ، ئوسمولارىتي مەئاسۇرەمەنت؛ كەلل كۇلتۇرە ئىنكلۇدىڭ كەلل تھروۋ، كەلل سۇبكۇلتۇرە، ئاند كەلل فرەئەزە؛ ئۇسىڭ دىففەرەنت كىند ئوف مىكروسكوپي؛ ئەتك.

2. ۋوركىڭ ۋىتھ ئانىمال: موستلي موئۇسە، رات ئاند راببىت.

3. ئەلەكتروپھورەسىس: ئا پروكەسس بي ۋھىچ مولەكۇلەس (سۇچ ئاس پروتەئىنس، دنا، ئور رنا فراگمەنتس) كان بە سەپاراتەد ئاككوردىڭ تو سىزە ئاند ئەلەكترىكال چارگە بي ئاپپليىڭ ئان ئەلەكترىك كۇررەنت تو تھەم. ئەئاچ كىند ئوف مولەكۇلە تراۋەلس تھروئۇغ تھە مەدىئۇم ئات ئا دىففەرەنت راتە، دەپەندىڭ ئون ئىتس ئەلەكترىكال چارگە ئاند مولەكۇلار سىزە.

4. ئەنزيمە-لىنكەد ئىممۇنوسوربەنت ئاسساي (ئەلىسا): ئا سەنسىتىۋە مەتھود فور سەرودىئاگنوسىس ئوف سپەكىفىك ئىنفەكتىئوئۇس دىسەئاسەس؛ ئان ئىن ۋىترو كومپەتىتىۋە بىندىڭ ئاسساي ئىن ۋھىچ ئان ئەنزيمە ئاند ئىتس سۇبستراتە سەرۋە ئاس تھە ئىندىكاتور سيستەم راتھەر تھان ئا رادىئوئاكتىۋە سۇبستانكە؛ ئىن پوسىتىۋە تەستس، تھە تۋو يىئەلد ئا كولورەد ئور ئوتھەر ئەئاسىلي رەكوگنىزابلە سۇبستانكە؛ تەستس ئارە مادە ئىن ۋەللس ئىن پوليستيرەنە ئور ئوتھەر ماتەرىئال تو ۋھىچ ئىممۇنوگلوبۇلىنس ئور ئانتىگەنىك (ۋىرال ئور ئوتھەر) پرەپاراتىئونس رەئادىلي ئادسورب؛ تھە ئەنزيمە ئىس لىنكەد تو كنوۋن ئىممۇنوگلوبۇلىن (ئور ئانتىگەن) ئاند ئىن پوسىتىۋە تەستس رەمائىنس ئىن تھە ۋەلل ئاس پارت ئوف تھە ئانتىگەن-ئانتىبودي كومپلەخ ئاۋائىلابلە تو رەئاكت ۋىتھ ئىتس سۇبستراتە ۋھەن ئاددەد.

5. فلوۋ كيتومەتري: ئا مەتھود ئوف مەئاسۇرىڭ فلۇئورەسكەنكە فروم ستائىنەد كەللس تھات ئارە ئىن سۇسپەنسىئون ئاند فلوۋىڭ تھروئۇغ ئا نارروۋ ئورىفىكە، ئۇسۇئاللي ئىن كومبىناتىئون ۋىتھ ئونە ئور تۋو لاسەرس تو ئاكتىۋاتە تھە ديەس؛ ئۇسەد تو مەئاسۇرە كەلل سىزە، نۇمبەر، ۋىئابىلىتي، ئاند نۇكلەئىك ئاكىد كونتەنت ۋىتھ تھە ئائىد ئوف ئاكرىدىنە ئوراڭە، كاستەنس فلۇئورەسكەنت فەئۇلگەن ستائىن، ئەتھىدىئۇم برومىدە، تريپان بلۇئە، ئاند ئوتھەر سەلەكتەد ستائىنىڭ رەئاگەنتس

6. گەنە ترانسفەر -- ئىنكورپوراتىئون ئوف نەۋ دنا ئىنتو ئاند ئورگانىسمس كەللس، ئۇسۇئاللي بي ئا ۋەكتور سۇچ ئاس ئا مودىفىئەد ۋىرۇس.

7. ئىممۇنوفلۇئورەسكەنكە ستائىنىڭ: ئۇسىڭ سپەكىفىك پرىماري ئانتىبودي ئاند سەكونداري ئانتىبودي كونجۇگاتەد فلۇئورەسكەنكە ديە تو لابەل كەرتائىن پروتەئىن ئور رەكەپتور ئوف تھە كەللس.

8. ئىممۇنوھىستوچەمىستري (ئىھك): ئىس تھە پروكەسس ئوف دەتەكتىئون ئوف ئانتىگەنس ئىن تىسسۇئە ئۇسىڭ ئانتىبودىئەس. تھە ئانتىبودىئەس كان بە پوليكلونال ئور مونوكلونال ئىن ئورىگىن، تھە مونوكلونال ئونەس بەئىڭ مورە سپەكىفىك ئىن ناتۇرە. ئىممۇنوھىستوچەمىستري ئىس ۋىدەلي ئۇسەد فور دىئاگنوسىس ئوف كانكەرس.

9. ئىممۇنوپرەكىپىتاتىئون (ئىپ) -- تھە پھەنومەنون ئوف ئاگگرەگاتىئون ئوف سەنسىتىزەد ئانتىگەن ئۇپون ئاددىتىئون ئوف سپەكىفىك ئانتىبودي (پرەكىپىتىن) تو ئانتىگەن ئىن سولۇتىئون.

10. ئىممۇنوئەلەكتروپھورەسىس: ئا كىند ئوف پرەكىپىتىن تەست ئىن ۋھىچ تھە كومپونەنتس ئوف ئونە گروئۇپ ئوف ئىممۇنولوگىكال رەئاكتانتس (ئۇسۇئاللي ئا مىختۇرە ئوف ئانتىگەنس) ئارە فىرست سەپاراتەد ئون تھە باسىس ئوف ئەلەكتروپھورەتىك موبىلىتي ئىن ئاگار ئور ئوتھەر مەدىئۇم، تھە سەپاراتەد كومپونەنتس تھەن بەئىڭ ئىدەنتىفىئەد، بي مەئانس ئوف تھە تەچنىقۇئە ئوف دوئۇبلە دىففۇسىئون، ئون تھە باسىس ئوف پرەكىپىتاتەس فورمەد بي رەئاكتىئون ۋىتھ كومپونەنتس ئوف تھە ئوتھەر گروئۇپ ئوف رەئاكتانتس (ئانتىبودىئەس)

11. نورتھەرن بلوتتىڭ ئاناليسىس -- ئا تەچنىقۇئە فور ترانسفەررىڭ ئەلەكتروپھورەتىكاللي رەسولۋەد رنا سەگمەنتس فروم ئان ئاگاروسە گەل تو ئا نىتروكەللۇلوسە فىلتەر پاپەر شەئەت ۋىئا كاپىللاري ئاكتىئون.

12. سوئۇتھەرن بلوتتىڭ ئاناليسىس -- ئا تەچنىقۇئە فور ترانسفەررىڭ ئەلەكتروپھورەتىكاللي رەسولۋەد دنا سەگمەنتس فروم ئان ئاگاروسە گەل تو ئا نىتروكەللۇلوسە فىلتەر پاپەر شەئەت ۋىئا كاپىللاري ئاكتىئون؛ تھە دنا سەگمەنت ئوف ئىنتەرەست ئىس پروبەد ۋىتھ ئا رادىئوئاكتىۋە، كومپلەمەنتاري نۇكلەئىك ئاكىد ئاند ئىتس پوسىتىئون ئىس دەتەرمىنەد بي ئائۇتورادىئوگراپھي.

13. ۋەستەرن بلوتتىڭ ئاناليسىس -- ئا تەچنىقۇئە ئۇسەد تو ئىدەنتىفي ئا سپەكىفىك پروتەئىن؛ تھە پروبە ئىس ئا رادىئوئاكتىۋەلي لابەلەد ئانتىبودي رائىسەد ئاگائىنست تھە پروتەئىن ئىن قۇئەستىئون.

14. پوليمەراسە چائىن رەئاكتىئون (پكر) -- ئا تەچنىقۇئە فور كوپيىڭ تھە كومپلەمەنتاري ستراندس ئوف ئا تارگەت دنا مولەكۇلە سىمۇلتانەئوئۇسلي فور ئا سەرىئەس ئوف كيكلەس ئۇنتىل تھە دەسىرەد ئاموئۇنت ئىس ئوبتائىنەد.

15. داتا ئاناليسىس: ئۇسىڭ كومپۇتەرىزەد داتا ئاناليسىس سيستەم تو ئاناليسىس ئەخپەرىمەنتال داتا.

يېڭىدىن پوست-دوك بولغانلار، بىرەر تەجرىبىخانىغا يېڭىدىن كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە كەم دېگەندە1، 2 ئاي باشقىلارغا ئەگىشىپ تەجرىبە ئىشلەيدىغان بولۇپ، مەلۇم مەزگىللىك يېڭى مۇھىت بىلەن تونۇشۇش ۋە ماسلىشىش ئىمكانىيىتىغا ئىگە. شۇڭا بەزى ئىنچىكە تەرەپلەردە بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئامېرىكىغا كېلىپ پوست-دوك بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

دوختۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇغان ياكى مۇناسىۋەتلىك پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار، ئامېرىكىغا كېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقچى ياكى پوست-دوك (博士后) بولماقچى بولسا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلىشى تامامەن مۇمكىن.

(1) ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى (كۋ) ئۆلچەملىك قىلىپ يېزىپ چىقىڭ. يازغان كۋ دا ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى (ھىغەست ئەدۇكاتىئون)، خىزمەت تەجرىبىسى (ۋوركىڭ ئەخپەرىئەنكە ئىنكلۇدىڭ كلىنىكال ئاند رەسەئارچ ئەخپەرىئەنكە)، تەپسىلىي تېخنىكىسى (دەتائىلەد تەچنىقۇئەس، ۋھات يوئۇ كان دو)، ئېلان قىلغان ماقالىسى (پۇبلىكاتىئونس ئىنكلۇدىڭ كونفەرەنكە)، ئېرىشكەن مۇكاپات ياكى تەتقىقات فوندى (ئاۋاردس ئاند ئور رەسەئارچ گرانتس)، 3 كۆرسەتكۈچى (3 رەفەرەنكەس) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ نېمە مەقسىتى بارلىقى توغرىسىدا بىر پارچە خەت (كوۋەر لەتتەر) يېزىپ تەييارلاڭ. "كوۋەر لەتتەر" سامپىللىرىنى http://recruit.sciencemag.org/feature/advice/letters.shl دىن كۆرۈڭ.

(2) ئاندىن كېيىن ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ياكى كەلگۈسى شۇغۇللانماقچى بولغان دائىردە بىرەر پروفېسسور ۋە ياكى تەجرىبىخانا تېپىڭ. تاپقان پروفېسسور ئەڭ ياخشىسى رەسمىي پروفېسسور ياكى ئەڭ كەم دېگەندە دوتسېنت (ئاسسوكىئاتە پروفەسسور) بولۇشى، ھەمدە چوقۇم تەجرىبىخانا باشلىقى بولۇشى يەنى بۇ پروفېسسورنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسى بولۇشى كېرەك.

(3) شۇ تاپقان پروفېسسورغا ئېلېكترونلۇق خەت (ئە-مائىل) ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش كېرەك. كۋ نى ئادەتتە خەتكە چاتما (ئاتتاچمەنت) قىلىپ ئەۋەتىدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق خەتكە قوشۇپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ، كېيىن ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر پروفېسسورنىڭ ئادەم ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەيدىغان «تارگەت لەتتەر» ئەۋەتىپ كۆرۈپ بېقىپ، پروفېسسوردىن جاۋاب كەلگەندىن كېيىن ئاندىن كۋ نى چاتما (ئاتتاچمەنت) قىلىپ ئەۋەتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئادەم ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىر-ئىككى پروفېسسورغا خەت يېزىپ قويۇپلا توختاپ قالسىڭىز، كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەيسىز. شۇڭا ئېرىنمەي كۆپرەك پروفېسسور تېپىپ، خەت يېزىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

(4) ئەگەر بىرەر پروفېسسور سىزنى ئېلىشقا ماقۇل بولۇپ، سىز بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشمەكچى بولسا، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئۆز قابىلىيىتىڭىزنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك. بىلىدىغان نەرسىڭىزنى چوقۇم بىلىمەن دەڭ، يالغان گەپ قىلىپ، پو ئېتىشتىن ساقلىنىڭ، بىراق ئالاھىدە كەمتەر بولۇپمۇ كەتمەڭ. ئۆزىڭىزگە ئىشەنچ قىلىڭ.

(5) بىرەر پروفېسسورر سىزنى ئېلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى سىزنى ئالماقچى بولغان پروفېسسور ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئارقىلىق ئامېرىكىدا پۈتتۈرۈپ، سىزگە يوللاپ بېرىدۇ.

(6) سىز قارشى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ۋىزا ئېلىشقا پۇختا تەييارلىق قىلىڭ. ئادەتتە پوست-دوك بولغۇچىلاردىن ئالاھىدە ئىمتىھان ئېلىنمىسىمۇ، بىراق تىل جەھەتتە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر سىز تىل جەھەتتە بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتمىگەن بولسىڭىز، ۋىزا بەرگۈچى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشىڭىز مۇمكىن.

(7) پوست-دوكقا بېرىلىدىغان ۋىزا ئادەتتە ج-1 ۋە  ھ-1ب دەپ ئىككى خىل بولۇپ، بەزىدە سىزنى ئالماقچى بولغان پروفېسسور سىزدىن قايسى ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كېلىسەن دەپ سورايدۇ. ج-1 ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەرگە ئادەتتە يىلىغا 18 مىڭ دوللاردىن 24 مىڭ دوللار ئەتراپىدا مائاش بېرىدىغان بولۇپ (ئەلۋەتتە بەزى شىتات ۋە بەزى تەجرىبىخانىلاردا ئۇنىڭدىن يۇقىرى بېرىشىمۇ مۇمكىن)، ئالاھىدە سان چەكلىمىسى يوق، بۇ خىل ۋىزىنى ئېلىش سەل ئاسان. ھ-1ب ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلەرگە  بېرىلىدىغان مائاش ئادەتتە يىلىغا 34 مىڭ دوللاردىن 55 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر يىلى بەلگىلىك سان چەكلىمىسى بار، بۇ خىل ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغانلار سەل كۆپ بولۇپ، رىقابەت كۈچلۈك، ئېلىش سەل قىيىن. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ.

ۋىزىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تۆۋەندىكى تور بەتلەرگە كىرىپ كۆرۈڭ:

http://travel.state.gov/visa/visa_1750.html

http://travel.state.gov/visa/temp/types/types_1271.html

http://uscis.gov/graphics/services/visas.htm

http://travel.state.gov/visa/temp/types/types_1267.html

http://www.embassyworld.com/embassy/usa1.htm

http://www.usembassy-چىنا.ئورگ.cn/



ئامېرىكىدا پوست-دوك بولۇشقا پروفېسسور تېپىش يوللىرى

تۆۋەندىكى بىرنەچچە ئۇسۇل ۋە قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق سىز ئىزدىمەكچى بولغان پروفېسسورلارنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

بىرىنچى خىل ئۇسۇل تېببىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ئارقىلىق پروفېسسور تېپىش

(1) سىز قىزىقىدىغان ياكى كەلگۈسى قىلماقچى بولغان ساھەدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى (كەي ۋورد) تېپىپ، تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدىن ئىزدەپ، مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى تېپىڭ.

http://www.ncbi.nlm.nih.gov/entrez/query.fcgi ياكى www.yahoo.com

www.google.com

سىز ئىزدەپ تاپقان ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پەقەتلا ئابىستراكىت (قىسقىچە مەزمۇن) بولۇپ، تولۇق تېكىستىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ كۆپرەك ئىزدىسىڭىز يەنىلا يېتەرلىك ھەقسىز ماقالىلەرنى تاپالايسىز.

(2) بۇ تاپقان ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ، قىزىقىدىغان قىزىقمايدىغانلىقىڭىزنى ياكى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتىڭ.

(3) ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى ئادەتتە شۇ ماقالىدىكى تەجرىبىلەرنى ئىشلىگۈچى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئاپتور كۆپىنچە ھاللاردا شۇ تەجرىبىخانىنىڭ باشلىقى يەنى باش پروفېسسور بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز قىزىقىدىغان ماقالە تاپسىڭىز، ئەڭ ئاخىرقى ئاپتورىنىڭ ئىسمى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق-خەت (ئە-مائىل) ئادرېسىنى خاتىرىلىۋېلىڭ.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ئالىي مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق پروفېسسور تېپىش

(1)   ئالىي مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تور بېتىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن مەدىكال سچوئول ياكى رەسەئارچ دېگەن يەرنى تېپىپ، ئاندىن كېيىن سىز قىزىقىدىغان پەن ياكى ساھەگە تەئەللۇق بولغان فاكۇلتېت (دەپارتمەنت) نى تېپىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ فاكۇلتېتتىكى تەتقىقات تەجرىبىخانىلارغا (رەسەئارچ لاب) كىرىپ، تەجرىبىخانا باشلىقى (لاب دىرەكتور) نى تېپىڭ.

(2)   تاپقان پروفېسسورنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەن تەتقىقات يۆنىلىشىنى، ئېلان قىلغان ماقالىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىدىغان قىزىقمايدىغانلىقىڭىزنى ياكى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتىڭ. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئىسمى بىلەن ئېلېكترونلۇق-خەت (ئە-مائىل) ئادرېسىنىڭ خاتىرىلىۋېلىڭ.

مەسىلەن http://www.harvard.edu/ كىرىپ "سچوئول" دېگەن يەرنى باسسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىسىز http://www.harvard.edu/academics/

ئاندىن كېيىن "رەسەئارچ پروگرامس " دېگەننىنى باسسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىسىز. http://www.harvard.edu/academics/research.html, "مەدىكال سچوئول" نى كۆرۈسىز.

"مەدىكال سچوئول" نى باسسىڭىز http://www.hms.harvard.edu/research.html گە كىرىسىز.

ئۇ يەردە پوستدوكتورال ئوپپورتۇنىتىئەس ئات ھمس دېگەننى كۆرىسىز. ئۇ يەردىن ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان پەنلەر بويىچە ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر سىز "كەلل بىئولوگي" دېگەن يەرنى باسسىڭىز http://cellbio.med.harvard.edu/ گە كىرىسىڭىز ۋە يەردە "فاكۇلتي" نى كۆرۈسىز.

"فاكۇلتي" دېگەننى بېسىپ  كىرسىڭىز، http://cellbio.med.harvard.edu/faculty/index.html گە كىرىسىز ۋە نۇرغۇن پروفېسسورلارنىڭ ئىسمى كۆرۈسىز.

ئەگەر سىز خالىغان بىر ئىسىمنى بېسىپ كىرسىڭىز، سىز ئىزدىمەكچى بولغان ماتېرىياللارغا يەنى پروفېسسورلارنىڭ ئە-مائىل ئادرېسىغا ئېرىشەلەيسىز.

ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بەتلىرىدە ئاز-تولا پەرقلەر بولسىمۇ، بىراق تەجرىبىخانا ۋە پروفېسسورلارنىڭ ئىسىم-فامىلە ۋە ئە-مائىل ئادرېسىنى تېپىش ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.



ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردىكى جوب ئوپپورتۇنىتي ياكى كارەئەر دېگەن ئېلانلار ئارقىلىق پروفېسسور ياكى تەجرىبىخانا تېپىش. ئادەتتە بەزى تور بەتلەردە ئېلان قىلغان خىزمەت ئېلانلىرىنىڭ تەلىپى بىر ئاز يۇقىرى ياكى ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئېلانلار ئارقىلىق ئورۇن تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يەنىلا بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )