- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12630
- نادىر
- 57
- يازما
- 150
ئۆسۈش
  6.58%
|
قارلىق سەھەر ، ئاتەش تۇيغۇلار
قەيسەر مىجىت
ئېلاۋە:
شۇڭقاردەك ياش چاغلىرىمدا، ئەتراپىمنى نامەلۈملۈك قاپلىغاندا، ھىسلار رەڭگا -رەڭ، كۆڭۈل ئارزۇ -ھەۋەسكە پەۋەس تولغاندا، ئۆزەمچە "شىئېر " دەپ خىيالىمنى قەغەز يۈزىگە تۆكۈپ باقاتتىم. بىر ئوت شۇ چاغلاردا قەلبىمدە گۈرۈلدەيتتى.
كىيىن قىسمەت ئۆزگەردى، تۇرمۇشنىڭ بىسىمىمۇ، ھالاۋىتىمۇ، ئۆزۈمدىكى ھورۇنلۇقمۇ ۋە ياكى كۆڭلۈمدىكى قانائەتمۇ....ئىشقىلىپ بىر سەۋەپلەر بىلەن ھىلىقى ئوتلار پەسىيىپ كەتتى. شۇنىڭغا ماس ھالدا مەندىكى غەيرەت-شىجائەت ھالسىراپ، خۇددى بۇرۇنقى ئۆزۈم ئەمەستەكلا ھىس قىلىدىغان بوپ قالغان ئىدىم. بىراق بۇلتۇر يازدىن باشلاپ ئۆچەي دىگەن ئوتلارغا قۇرۇق ئوتۇن تاشلاشقا باشلىدىم، يەنى تۇيۇقسىز كەلگەن ئىلھاملىرىمنى دەرھاللا خاتىرىلەپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. مىنىڭ ھىسلىرىمنى دەرھاللا خاتىرلەش پۇرسىـتىگە ئىگە قىلغان ئايفونغا رەھمەت!
ئەسلىدە رەسىمگە چۈشۈشكە ئۆچ ئادەم ئىدىم. يىللار ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمىليەتتە رەسىم - مەلۇم تارىخنىڭ خاتىرلىنىشى ئىكەن. ھازىر ئايفونننىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كىتىپ-كىتىپ رەسىمگە تارتىدىغان، ھىسلىرىم ئۇرغۇغاندا ئۇنىڭ چۆرىسىگە سۆز دۇردانىلىرىنى تىزىپ قويىدىغان بولدۇم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەن ئۆزۈمگە ئىلھام بىرىپ شۇڭقار چاغلىرىمغا قايتىۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغان بوپ قالدىم. دىمەك مەن شىئىر بىلەن قايتا ئۆزۈمنى تىپىۋىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا چۆكمەكتىمەن. تۆۋەندىكىسى مىنىڭ ئۆزۈم تارتقان ۋە ياكى يىقىنلىرىم ساقلاپ قويۇپ ماڭا ئەۋەتكەن سۈرئەتلەرنىڭ چۆرىسىگە تۆككەن ھىسلىرىم....
ئەگەر شىئىردەك تۇيۇلغان بولسا ئوقۇپ قويۇڭلا،
مەگەر شىئېرغا ئوخشىمىسا، ئوقۇمايلا ئاتلاپ كىتىڭلا!
************************************************************
بىرىنجى سۈرئەت - قازاقىىستانلىق ئۇيغۇر خانىم تارتقان قار سۈرىتىگە قاراپ
************************************************************
ئەي قار، تەبىئەتنى قۇچاقلىۋاپسەن،
ئاشىقىغا تويمىغان قىزدەك.
سەندە پاكلىق، سەندە گۈزەللىك،
سەن زىمىنغا تاقالغان ئىزنەك.
قەلبى سوغلار سەزمەيدۇ ئۇنى،
ھىس قىلمايدۇ ھارارىتىڭنى.
ئىسسىق جايدا ياشايدىغانلار،
بەلكى بىلمەس كارامىتىڭنى.
سوغۇق دەيدۇ سىنى بەزىلەر،
سوغۇق كۆزدە قاراپ قويىدۇ.
تاغ ئوغلىمەن شەيدامەن ساڭا،
سەندىن كۆڭلۈم ئىللىق بولىدۇ.
بىلەمسەنكى، تاغلىق زىمىندا،
كىچىكىمدىن سۆيۈپ چوڭ بولغان.
سوغۇقنىڭمۇ ھارارىتى بار،
قەلبىم بۇنى بۇرۇنلا تۇيغان!
**********************************************
ئىككىنچى سۈرئەت-بۈگۈن كىچىچە ياققان ۋە تىخىچە يىغىۋاتقان قار سۈرئىتىگە قاراپ
***************************************************
قارلار يىغىپ كەتمەكتە قالتىس،
يوللار بولۇپ كەتتى تىيىلغاق.
يىقىتسىمۇ كالامپايلارنى،
گۈزەللىك بار ئۇنىڭدا بىراق.
بەھر ئالماق ئۈچۈن گۈزەلدىن،
قايسى مەرت تىيىلىپ باقمىغان؟
ھەۋەسلىرى ئويغاق ئادەمنىڭ،
قايسى بىرى سۇ بوپ ئاقمىغان؟
يىغىۋاتقان قارلارغا قاراپ،
كىلىپ قالدى ئىلھامىم مىنىڭ.
تۇرۇپ كىتەي ئەمدى ئورنۇمدىن،
شەيتانىڭ كەپ بوغمىسۇن سىنىڭ!:)
******************************************************
ئۈچىنچى سۈرئەت - 20 يىل ئاۋال قارلىق كۈندە ساۋاقداشلىرىم بىلەن چۈشكەن سۈرئەتنى ئۈندىداردا ئۇلارغا يوللاۋىتىپ ...
*************************************************
تۇيغۇسى ئۇخلاپ قالغان ساۋاقداشلار،
ئەسلەڭلار ياشلىقتىكى گۈزەل چاغنى.
ئۇز-ئىدۇق، بىر ئوت ئىدۇق كۆيۈپ تۇرغان،
سىغىندىم قار ياققاندا ھەممىڭلارنى.
"ئۇ- چاغلار شۇنداق ئىدۇق، ھە ئەمدىچۇ؟"
دەيسىلەر خۇرسىنىشتا پىغان چىكىپ.
مەن دەيمەن، "قىرىمايمەن، شاش ياشايمەن"،
ھەر بىر كۈن ھاياتىمنى ياشتەك سېزىپ.
تەنھالىق تۇيغۇلىرى رام قىلالماس،
قەلبىمدە يىنىپ تۇرغان مۇھەببەت بار!
دۇنيانىڭ ھەر يىرىدە دوستلار ياشار،
دوستلۇقۇم يالقۇنىغا بوپ ئىنتىزار!
مەن شۇنداق پەخىر بىلەن ئىيتالايمەن،
چۈنكى بار دوسلىرىمدا چوغدەك قەلب.
ھاياتنىڭ سوغۇقلىرى تىترەپ تۇتار،
چىن دوستلۇق ھەيۋىتىدىن قورقۇپ كىتىپ!
**************************************
تۆتىنجى سۈرئەت - "قەشقەردىكى كونا چايخانا" دىگەن شىئېر يىزىلغان يەردە تارتىلغان سۈرئەتكە قاراپ
****************************************
قەشقەردىكى كونا چايخانا،
دەل يىزىلغان مۇشۇ دۇكاندا.
مەھەللەمدە قەھۋەخانا كۆپ،
مەن بارىمەن كۆڭلۈم تارتقانغا.
چوڭلار دەيدۇ "نادان بولمىغىن،
كۆڭۈل سىنى تاشلار چۆللەرگە"،
مەن ئىيتىمەن: "چۆلنى كۆرمىسەڭ،
تەلپۈنىسەن، قانداق گۈللەرگە!"
ھايات دىگەن سۆيۈش-سۆيۈلۈش،
ئىقىپ ئۆتەر، ھەر بىر تىنىقتا.
مەن دىڭىزدا ئۈزەلمىسەممۇ،
راھەتتۇرمەن كىچىك ئىرىقتا!
|
|