قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1175|ئىنكاس: 9

‹‹ئۇزۇن قۇلاق››نىڭ ئىچكى سىرلىرىغا يانداشما( ھونزات)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھونزات

12

تېما

1

دوست

1015

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15113
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
‹‹ئۇزۇن قۇلاق››نىڭ ئىچكى سىرلىرىغا
يانداشما

ئىشەكنىڭ قاچانلاردا ‹‹ئۇزۇن قۇلاق›› ئاتىلىپ قالغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.لىكىن بىر باغلام بىدە بەرگەن ئىنساننى كۆرسە قۇيرۇق شىپاڭىشتىپ پۇشقۇرتۇپ قويغانلىقىنى جىق كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان.شۇڭىمۇ بىر باغلام بىدە بەدىلىگە كىچە-كۈندۈز ئىتىزدىن كىرمەي قىغ توشۇپ،قىغ پۇراپ قىلغان ئىشنىڭ ئۈستىگە مىخلىق ئۇچلىغۇچ بىلەن قوڭىنىڭ ئىغىزىغا سانچىپ چىچاڭىشتىپ ئوياندىغانلارنىمۇ،نەدىندۇر دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ ئۆزى ياسىۋالغان دۇمبال بىلەن تازا كىلىشتۈرۈپ ساۋايدىغانلارنىمۇ ھەممە بىلىدۇ.شۇڭا ئۇ ئىشەك....
ئىشەك ئىنسانلارنىڭ قولىغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ يىراقنى يىقىنلاشتۇرىدىغان ،قىيىننى ئاسانلاشتۇرىدىغان بىر ھايۋانتى...نىمىشقا ئىنسانلار تەرىپىدىن خارلىنىپ ئۆزى چىچىپ ياتقان سىسىق ئىغىلغا بەنىت قىلىنىپ ھاجىتى چۈشكەندە يەنە ئاچىقىپ ئىشىلىتىدۇ؟ئۆزى ئەجىر قىلىپ تاپقاننى كىچىكنىنە يىسىمۇ يەنە ‹‹ئىشەكتەك››ئىشلەشكە مەجبۇر بۇلىدۇ؟...مۇشۇ ھەقتىكى سۇئاللار كاللامنى چىرمىۋالغاچقا يىقىندا ئالدىنقى يىلى سىتىۋالغان بوز تەخەي بىلەن موڭدىشىش قارارىغا كىلىپ ئۇنىڭ ئىغىلىغا قەدەم باستىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!-دىدى ئۇ قولۇمدىكى بىر باغلام بىدىنى كۆرۈپ ئورنىدىن سىلكىنىپ تۇرۇپ.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،سەنمۇ سۆزلەشنى بىلىدىكەنسەن دە تەخەيجان؟...-دىدىم مەن ئۇنىڭغا.
-مەن ئەسلى سۆزلەشنى،تەپەككۇر قىلىشنى،ھەتتا تولا يول مىڭىپ ئۇپراپ كەتكەن مۇشۇ توم تۇۋاقلىرىم بىلەن خەت يىزىشنى بىلەتتىم.ھەتتا ناخشا ئوقۇيدىغان بولسام ھەممە مەخلۇقات ھەيرانۇ -ھەس قىلىشاتتى.لىكىن كىشىلەر مىنىڭ قەدرىمگە يەتمىدى.ئىتىبارىمنى قىلمىدى.مەن ئانچە سەت،كۆرۈمسىز بولمىساممۇ قىلغان ئىشلىرىم ياقمىدىمىكىن تاڭ ياخشىلار ئەسكىلەرنى كۆرگەندە‹‹ئىشەك!››دەپ مىنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئىلىپ تىللاشتى.سوقۇشتى...شۇنىڭ بىلەن مەن زۇۋاندازلىقىمنى تاشلىدىم.مەن بۇرۇنلاردا توم-توم نەچچە كىتاپ بولغۇدەك شىئىر-نەسىرلەرنى يازغان ،لىكىن نەشىرياتقا سۇنماپتىكەنمەن.سىزمۇ بىلىسىز بەلكىم....ئاچچىقىمدا يازغان بىر ناخشا تىكىستىنى كىشىلەر ھازىرغىچە ناخشا قىلىپ ئوقۇپ يۈرمەمدۇ؟...ئاپتۇرى-‹‹ئىشەك›› دەپ قويسىمۇ كۆڭلۈم شۇنداق خوش بولاتتى.شۇندىن كىيىن ئىشەكتەك ياشاي دەپ خۇيۇمنى ئۆزگەرتىپ ھەقىقى ئىشەككە ئايلىنىۋاتىمەن....
-ھە ياخشىغۇ!...قايسى تىكىسىت ئۇ؟.
-نادان دە ئىنسانلار...
ئىككى تاغ ئاراسىدا،
كۆرۈنگەن ئىشەك بىزنىڭ.
مىنمىگەنگە بولمايدۇ،
بەرگەن يەم-خەشەك بىزنىڭ
.....مانا بۇ مىنىڭ ئىجادىيتىمتى.بۇرۇنلاردا ئاۋازىمنى تازا قويۋىتىپ شۇنداق توۋلايدىغان بولسام خىلى ‹‹مەنمەن››دىگەن مادىلار قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ يىنىمغا كىلىپ ‹‹يەنە بىر ئوقۇپ بىرىڭچۇ؟››دەپ ئۆزلىرىنى سۈركەپ كىتەتتى غىدىقىمنى كەلتۈرۈپ...شۇ ئىشلاردىن كىيىن ‹‹كۈچى ھالال-گۆشى ھارام››دەپ ئاتىلىپ نەزەردىن ساقىت بولدۇم....مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز...ئىشلەيمەن،ھارغۇچە ئىشلەيمەن.بىر پۇڭ ھەق بەرمىسىمۇ دادلىمايمەن.كۈندۈزى ئىتىزدا ئىشلەپ كىچىسى شۇ بەندىلەرنىڭ كۆڭلىگە يالغاندىن بولسىمۇ ئىنساپ تىلەپ ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى يادىلايمەن...شۇنداق قىلساممۇ يەنە مىنىڭ نامىم يامان.خەخلەر ئەتتىگىنى قوپماي كۈن چۈشكىچە ئۇخلىغان باللىرىنىمۇ‹‹قوپە ئىشەكتەك يىتىۋەرمەي››دەيدىكەن،ناماز ئوقۇمىغان كىشىلەرنىمۇ ماڭا ئوخشىتىدىكەن،...توۋا؟؟؟..نىمىشقا ئۆزلىرىگە قاراپ باقمايدىغاندۇ؟
-نىمە دىمەكچى سەن؟!
-دىمەكچى بولغىنىمنى سىزمۇ چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن.قارىسام ئاز-تولا تور ئوينايدىغاندەك قىلىسىز...مۇنبەرگە تىمىمۇ يوللاپ قويىدىكەنسىز...ئويلاپ بىقىڭە؟..مۇشۇ ئۆزىنىڭ  دىگەن گىپىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئىنسان ئازلاۋاتقان مۇشۇ كەمدە بىر قىسىملارنىڭ مەندىن نەرى كەم؟؟؟؟مىنىڭ شۇ سۈيدۇك پۇرايدىغان،چىشى ھەمراھتىن بىرنى كۆرسەم پۇت-قولۇمدا ماغدۇر بولمىسىمۇ قاتتىق ھاڭرايدىغان،كىشىلەرنىڭ كۆزىدە قىلىقسىزلىق قىلىدىغان يامان ئادىتىم بار...لىكىن بۇ مىنىڭ ئادىتىم سىلەرگە-ئىنسانلارغا كۆچكىلى نەۋاخ...مەن جىنىمدا كۆتۈمنى قۇيرۇقۇم بىلەن يىپىۋالىمەن..لىكىن ئىغى يوق ئىشتان كىيىپ ۋاقىت تاللىماي بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر مەندىن كۆپقۇ؟؟؟...تىخى مىنىڭ قىشىمدا،ئىغىلىمدا مىنى ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان دۆت چاغلاپ چاپلىشىپ قالغانلارنىمۇ كۆرگەنمەن...بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى ‹‹تاپقان بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان››لار دەپ قارايدۇ.لىكىن سىلەرچۇ؟...ئەركەكلىرىڭلا چىشىلىرىڭلارنى ئالدايسىلە،يامان يولغا باشلايسىلە...ئىشتىن بىرسى چىقىپ قوساققا ئۈنگەن ھامان دوختۇرخانىغا باشلاپ قۇيۇپ كۆزدىن غايىپ بولىسىلە...بىزنىڭ مۇھاببىتىمىز ساپمىكەن سىلەرنىڭمۇ؟؟؟...بىزنىمۇ ساتراچخانىغا ئەكىرىپ چىچىمىزنى بوياپ،ھەررەڭ-سەررەڭ تاراپ قوڭىمىزغا ئەپلەشتۈرۈپ قىزىل ئىشتاندىن بىرنى كەيگۈزۈپ ئىغىزىمىزغا لەۋسۇرۇخ سۈرگەپ بىقىڭلارچۇ قىنى...كۈچۈك باققاندەك بىزنىمۇ ياتقان ئۆيىدىن چىقارماي باقىدىغان خوتۇن-قىزلار چىقامدىكەن چىقمامدىكەن؟؟؟ماڭا تۆت جىڭ قوناق بىرىشكە ئىرىنگەن لىڭتاسمىلار شۇ مەن ئىشلەپ تاپقان پۇللارنى قايسى بىر كارائۇكخانا،رىستۇران،ئىشرەتخانىلاردا‹‹رەڭلىك››ئولتۇرۇپ بۇزۇپ چىچىۋاتمامدۇ؟...ئەتراپىدا قانچىلىك يۇقسۇل-غىرىپ غۇرۋانىلەرنىڭ تەمتىرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەيۋاتامدىغاندۇ؟...مەن  جىق سۆزلەپ كەتتىم...ۋاختىڭىزنى مەندەك ئىشەكلەرگە سەرىپ قىلماي جەمىيەتتىكى ‹‹ئادىمى ئىشەكلەر››نى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىڭ.مەن سىزگە بىر كۇپلىت شىئىر سوۋغا قىلاي...
مەن ئىشەك كۆتۈمدە تۇرمايدۇ ئىشتان،
ئىشتانسىز ياشاپمۇ يىرىلدى تاپان.
بۇ دۇنيا ھىچكىمگە باقى ئەمەستۇر،
ئاخىرەت ئىمانى بولىدۇ قالقان.

ئۇيۇشقىن،قول بەرگىن ياخشى ئىش ئۈچۈن،
يۆلىگىن مىسكىننى بولساڭمۇ خاقان.
مىنىڭدەك ئەخلاقسىز-ھاياسىز بولما،
ئالدىما-ئالدانما سەن بىر مۇسۇلمان....

مەن ئىشەك بىلەن خوشلاشتىم...
سامان يىسە شۈكرى-قانائەت قىلىدىغان،ئىگسىنىڭ بەرگەن يەم-خەشىكىگە ئەجرى-مىھنىتى ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرىدىغان ئاشۇ كۆرۈمسىز ،چۇپۇر يۇز ئىشەك مىنى بەكمۇ خىجىل قىلىۋەتتى.دىمىسىمۇ ئاشۇ ئىشەك دىگەن ئىشلار بىزدە تولۇقى بىلەن بار ئىدى.قانائەتسىزلىق،ئاچكۆزلۈك،بۇزۇقچىلىق،ئىسراپچىلىق،رەسۋاچىلىق،چىقىمچىلىق،
ئالدامچىلىق ئىللەتلىرى يامراپ مىللىتىمىزنى تىگى يوق ھاڭغا سۆرەپ كىتىۋاتاتتى...

ئەنە يولدا توپىغا مىلىنىپ يىغلاپ ئولتۇرغان ئانىسى،دادىسى بار تۇرۇپ تىرىك يىتىم بولغان بىچارە قىزچاق...
ئەنە ئىشىك تۈۋىدە ئاتا-ئانىسىنى ساقلاپ سوغۇقتا دىر-دىر تىترەۋاتقان يالغۇز ئوغۇل...
ئەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇللىرىنى زار-زار قاخشىتىپ تۇرۇپ ئىلىپ چىقىپ تانسىخانا-كارائۇكخانىلاردا سەكرەۋاتقان ‹‹ئەزىز بالا››...
ئەنە 14-15 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالماي تۇرۇپ ئوغۇللارنى يىتىلەپ ياتاققا قولتۇقلىشىپ كىرىپ كىتىۋاتقان ‹‹ئۇياتچان قىز››...
ئەنە ئايالىنى ساقلىتىپ قويۇپ ھاراق ئىچىۋاتقان بەزگەك.....
ئەنە ئايالىدىن پۇل سوراپ پاھىشخانىغا چاپقان‹‹ئەركەك››....
ئەنە ئۇيغۇر تۇرۇپ باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ ئىشتىننىڭ ئىغىنى يالايدىغان رەسۋا...
ئەنە مەنپەئەت ئۈچۈن دەللاللىق-سولامچىلىق قىلىپ ‹‹يۈز تىپىۋاتقان››خوجايىنلار...
ئەنە چىقىمچىلىق بىلەن كاللا سوقۇشتۇرۇپ مىللىتىنى سىتىۋەتكەن‹‹ئالىجاناپلار››...
ئەنە ئاتا-ئانىسىنى بالا باققۇچى قىلىپ ئۆزى ساياھەت قىلىدىغان ‹‹مۆتىۋەرلەر››...

قىنى ئاشۇ ئىشەكتەك بىر پىكىر بايان قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى قامچىلاپ ئازغۇنلارنى ھەق يولغا سىلىپ،ياخشىلارغا ھەمدەم بولۇپ  ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشۇپ ھەقىقى مەدەنى،ساپالىق مىللەت بولۇشقا ئۇل سالمايلىمۇ؟؟؟؟

مەنبە؛ئۆزۈم.
ئەسكەرتىش؛پىكىر-ئىنكاس يازغاندا گەپ سۆزگە دىققەت قىلىڭ.قانۇنسىز ئىبارىلەرنى يازماڭ،يازسىڭىز ئۆزىڭىز ئىگە .



0

تېما

2

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23176
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىيما يوللاپسىز . بۇ تىيمىىنىڭ  تەۋەلىكى چولپانلار مۇنبىرگە تەۋەمۇ  يا باغداش مۇنبىگە تەۋەمۇ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ھونزات

12

تېما

1

دوست

1015

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15113
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taklimakan0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 14:07
ياخشى تىيما يوللاپسىز . بۇ تىيمىىنىڭ  تەۋەلىكى چولپانل ...

بۇ تىما ھىچقانداق مۇنبەرگە تەۋە ئەمەس...ئۆزۈمگە تەۋە.
مەزمۇنىدىن باشقىلار ئىبرەت ئالسىلا ماڭا شۇ كۇپايە.

0

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25139
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ئارقىلىق جەمىئيەتتىكى ناچار ھادىسلەر ناھايىتتى ئەپچىلىك بىلەن قامچىلنىپتۇ ، تىما ئىگىسىنىڭ قەلەم قۇۋىتى بۇلىدىكەن،  تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى رۇياپقا چىقىرشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

1

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن گىپىڭىزنى چۈشەنگىنىمگە قارىغاندا ئىشەكچە ئۇقۇدىكەنمەن باشقىلارنىڭ بۇتىلنى ئۈگۈنىشىدىن توساپ قالايلى

0

تېما

2

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23176
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
honzat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 14:15
بۇ تىما ھىچقانداق مۇنبەرگە تەۋە ئەمەس...ئۆزۈمگە تەۋە.
...

1

تېما

6

دوست

7336

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2128
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئىبرەتلىك تېمىڭىزغا تەشەككۈر....

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25621
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا تەشەككۇر مىللىتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى يارقىن قامچىلاپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )