- تىزىملاتقان
- 2014-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 841
- نادىر
- 5
- يازما
- 20
ئۆسۈش
68.2%
|
ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە ئويلىنىشلار
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
ئۆتتى يىگىرمىدىن كۆپ يىل مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدىن باشلاپ ،
بېرىپ ئانامغا تولغاقلار قىينىغان شۇ ئۈنۈمدىن باشلاپ .
بېقىلدىم پەپىلىنىپ ھەرۋاخ ماختاشلاردا ئۇچۇپ كۈنلەپ ،
يىقىلدىم، يىغلىدىم، شۇئانلا سۆيۈلدۈم يۈزۈمدىن باشلاپ .
ئىنسان ھامان ئايرىلىدىكەن ئاتا-ئانا ، قېرىنداشتىن ،
ئويلىنىشىلار كىرەك بولدى پېقىرغا بۇ ئۆزۈمدىن باشلاپ.
ئەمەسكەن بىراۋلار مىنىڭ يۈرەك بىرەرگە قېرىنداشىم،
ئالداندىم نەچچە رەت ياشلار ئاقتى يۈرەك،كۆزۈمدىن باشلاپ.
بىرلەرىدىن سۈرۈشتۈردۈم ئادەم بولۇشنىڭ يولى نە ؟دەپ،
كۆرسەتتى خىلمۇخىل يوللار بۇزۇپ ئەخلاق ،تۈزۈمدىن باشلاپ.
لىكىن يەنە بار ئىكەن شۇنداق يۈرەك-پارە كەبى دوستلار ،
كۆڭۈل ئاينىدى قايتا دوستلۇقتەك شىرنە ئۈزۈمدىن باشلاپ.
قارىدىم ئۆتمۇشتىكى ئۇلۇغ كىشى،يىتۈك ئەدىبلەرگە،
بولدۇم كىرگۈدەك يەرگە چەتنىگەچ ئاۋال بىلىمدىن باشلاپ.
بۇ ھاياتتا نىمە سۇندۇم خەلقىمگە دەپ چۈشتى غەم باشقا ،
ئەپسۇس، كۆنۈپتۇ ئويلىرىم ئويلاشقا ئۆز گېلىمدىن باشلاپ.
كۆنۈپ قاپتۇ ئېغىزلىرىم ھەسەت، ئىغۋاغا ، غەيۋەتلەرگە ،
ياشاپتىمەن نۇمۇس قىلماي تازلىماي كىر دىلىمدىن باشلاپ.
بۇ زامان شۇنداق زامانكى خار ،شاھ بولۇش ئۆز قولۇمدىندۇر ،
ھازىر ۋاقتى ،كىچىكمەيمەن ماڭسام توغرا يولۇمدىن باشلاپ.
ئالالماسكەن قەلبى كىر كىشى بىلىم ھەم ئەقىلدىن جەۋھەر.
باغلىدىم نىيەت تازىلاشنى بۇ قەلىب كىرىمدىن باشلاپ.
ئۇلۇغ ئاللاھ بەك رەھىمدىلدۇر ،ئۇنىڭدىن قالسا خەلقىمدۇر ،
كەچۈرگىن خەلقىم مىنى نادانلىق قىلغانلىرىمدىن باشلاپ.
2013.04.16
(تىيەنجىن)
|
|