قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1301|ئىنكاس: 9

يەۋاتقان نانغا كۇپرىلىق قىلىش مەسىلىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25607
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

                                 يەۋاتقان نانغا كۇپرىلىق قىلىش مەسىلىسى




      نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىش (كۇفرانى نېمەت قىلىش) نان يېگەندە نان ياققۇچىنى، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق، ھاۋا، قۇياش، بۇلۇت، شامال ۋە دېڭىزلارنىڭ مۇكەممەل خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بىر لوقما نېمەتنىڭ قولىمىزغا كېلىشى ئۈچۈن ھەممە نەرسىنىڭ ئىلاھىي قانۇنىيەتكە ۋە بۇيرۇققا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانلىق، ئاللاھنىڭ مۈلكىدە، ئۇ بەخش ئەتكەن نېمەتلەر بىلەن ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويغانلىق، ھەر نەپەس ئېلىشىمىزدا، ھەر لوقمىنى ئاغزىمىزغا سالغاندا ھەددى-ھېسابسىز پەرىشتىلەرنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى قۇرئاندىن ئوقۇمىغانلىق، ئۇنىڭ مۈلكىدىكى نېمەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئاقىۋەتتە يەنە ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىق، گۇناھلاردا ھەددىدىن ئاشقانلىق.
      كۇفرانى نېمەت قىلىش ئاللاھ بەرگەن ساقلىق، ساغلاملىقنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنلىك، كۈچىنى، ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلارغا ياكى يامان يوللارغا سەرپ قىلغانلىق، كۆرۈۋاتقان ئىككى كۆزى، ئاڭلاۋاتقان ئىككى قۇلىقى، تۇتۇۋاتقان ئىككى قولى، مېڭىۋاتقان ئىككى پۇتى ۋە پىكىر قىلىۋاتقان كاللىسىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەساددپىي مەيدانغا كەلگەن دەپ قارىغانلىق ياكى ئاللاھ ياراتقان دەپ قارىسىمۇ، بۇ نېمەتنى تونۇماي، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلماي، ئىنساپسىزلارچە ياشىغانلىق ۋە بۇ غاپىللىققا كۆنۈپ قالغانلىق.
       كۇفرانى نېمەت قىلىش تاغۇ تاش، دەل-دەرەخلىرىگە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسى نەقىشلەنگەن بىر ماكاندا تۇغۇلۇشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىك، ھەر غېرىچ تۇپرىقىغا مىڭلارچە شەھىدنىڭ قانى، مىڭلارچە غازىنىڭ ئۇستىخانلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن مۇقەددەس بىر دىياردا ياشاشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ رەھمەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقتۇر.
     كۇفرانى نېمەت قىلىش ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى قىلغان، دۇنياغا دىن، ئەخلاق، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن، ئىنسان ھەقلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەن، ئىنسانلارغا ئادالەت ۋە سائادەتنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمىنى بىلدۈرگەن پەيغەمبەرر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك، مۇبارەك سۈننىتىگە(يولىغا) ئەگەشمىگەنلىك، ئىنسانلارغا ئەبەدىي سائادەت ئاچقۇچىنى بەرگەن، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلايدىغان قۇرئاننى ئوۇقۇماي، ئۇنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالمىغانلىق، ھەقنى تاشلاپ باتىلغا ئېسىلغانلىق، ياراتقۇچىغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا سەجدە قىلمىغانلىق، بەندىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر.
     «تۇزكورلۇق» مەنىسىدە كەلگەن «كۇفرانى نېمەت»تىكى  «كۇفرى» سۆزى ھەقنى بۇرمىلاش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، ياخشىلىق قىلغاننى بىلمەسلىك دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. شۈكۈر بولسا ئۇنىڭ قارشى مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ھەقنى بىلىش، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش، قىلغان ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش، نېمەت بەرگۈچىنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا بەندىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر.
ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاللاھقىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ، قىلغان ياخشىلىقلارنى بىر دەمدە ئۇنتۇپ قالىدىغان، خەقتىن دائىم ياخشىلىق ۋە ياردەم تىلەپ، خەققە ھېچ ياخشىلىق قىلمايدىغان ئادەم تۇزكور دېيىلىدۇ.
      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ھەقىقەتەن بىر نەرسە يېگەن ياكى ئىچكەندە ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىدىغان بەندىسىدىن خۇرسەن بولىدۇ، دېگەن.
    ئاددىيسى، تاماق يېگەندە تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ئورۇنلاپ ئاندىن ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىمىز:
1.تاماقنىڭ ھالالدىن كەلگەن بولۇشى ھەم خۇرۇچلىرىنىڭ ھالالدىن بولۇشى؛
2. تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دەپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىش؛
3. كۆپچىلىكنىڭ تاماققا تەڭ كېلىشى؛
4. تاماقتىن كېيىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش.
      شۇڭا ھالال-ھارامنى ئايرىماي، قايسى ئادەملەرنىڭ ئۇ تاماقنى ئەتكەنلىكىگە قارىماي، نېمەتنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالغا شۈكۈر قىلماي، پەقەت شۈكۈر دەپلا ئۇ تاماقنى يەپ قوپۇپ كېتىش بىلەن ئۇ تاماقنىڭ شۈكرانىسى ئادا بولمايدۇ.
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلاردىن قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چىقاردى، شۈكۈر قىلسۇن دەپ سىلەرگە قۇلاق، كۆز ۋە قەلب ئاتا قىلدى. (سۈرە نەھل، 78-ئايەت)
       ئېرىشكەن نېمەتنى ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشمۇ شۈكۈر قىلغانغا ھېساب. (ئەبن ئابدىلبەر قەتادەدىن مۇرسەلەن رىۋايەت قىلغان)
نېمەتنى يەپ شۈكرى قىلغۇچى سەۋر قىلغان روزىدارغا ئوخشايدۇ. (تىرمىزى)
قىيامەت كۈنى " ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانا ئېيتقانلار ئورنىدىن تۇرسۇن!" دەپ چاقىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئادەم ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇلارغا بىر بايراق تىكلىنىدۇ، ئۇلار شۇ ھالدا جەننەتكە كىرىدۇ.  بۇنىڭ ئاڭلىغانلار:
-ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانا ئېيتقانلار كىملەر؟-دەپ سورىدى.
-ئاللاھقا ھەر قانداق ئەھۋالدا شۈكۈر ئېيتقۇچىلار،-دەپ جاۋاب بەردى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. (تەبەرانى)

                             («چوڭ گۇناھلار» ناملىق كىتابتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى)

8

0

تېما

3

دوست

1250

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

249

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇرىمىزنى ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك… شۈكىرلىرىمىزنىمۇ ھەم شۇنداق…

0

تېما

6

دوست

1211

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

2

دوست

471

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   85.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماق يىيىشتىن بۇرۇن بىسمىللا رەھمانىررەھىم تاماق يەپ بولغاندا ئاللاھقا مىڭ شۈكىرى دەپ دۇئا قىلايلى.

9

تېما

0

دوست

1349

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7955
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 223
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكرى ..دىدىم  ..مىڭ  شۈكرى  دىدىم...............

1

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ئانىسى تاماق ئەتسە ناماز ئۇقىمىدىڭ دەپ تامىقىنى يىمەيدىكەندە

0

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5686
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 45
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللارەخمەت قىلسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )