- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4040
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
ئۆسۈش
68%
|
بوردرىلياردنىڭ قارشىچە ، كېيىنكى مودنرىزىم دەۋرى كود ۋە سىمۋول دەۋرىدۇر. بۇنداق دەۋردە گۈزەل بىلەن خۇنۇك، كېرەكلىك بىلەن كېرەكسىز، ساختا بىلەن ھەقىقىي ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئادەملەر ئارزۇ، خام خخيال قاينىمدا قالىدۇ، ئەمما بۇنى ھېس قىلمايدۇ. خىيالى دۇنيادا ياكى رېئالىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، بۇنداق دەۋردە ياشاۋاتقان ئادەملەر ئېزىقىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق جەمئىەيتتە ئادەم تاراتقۇ ۋاستىلىرىىنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنى شەيدا قىلغان نەرسىلەرگە قۇل بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ يا شەيدالىقى تۈگىمەيدۇ يا تەسەۋۋۇردىكى ئارمان ئشىقا ئاشمايدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە ھاياجان، شەيدالىق ۋە ئۆزى ئشىلەتكەن نەرسىلەرگە سىمۋول ئارقىلىق بەلگە چاپلاش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالغاچقا، ئاۋامدا چوڭقۇر ئويلىنىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ. سىمۋول ئاشقۇنلۇقى قەلبلەرنى تۇتقۇن قىلىدۇ.ئارزۇ قاينىمى، گۇڭگا غايىلەر، شەرتى ئورۇندالمىغان ئارمانلار ئىگىسىنى ئازابلايدۇ. تۇرمۇش بىر قارسا ساختىدەك بىر قارىسا راستتەك. ھازىر بۇنداق تۇرمۇش شەكلى ئۈچىىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ئىمپورت قىلىندى. ئامېرىكىچە ئستېمال مەدەنيىتى ھەممە يەردە ئۆز كۈچىنى كۆرستىۋاتىدۇ.
كېيىنكى مودرنىم جەمئيىتدە مەنە ۋە ئەھمىيەت تۇيغۇسىنى ئيتىملارنىڭ --سۆزلەر، ئىماگلار ۋە بەلگىلەرنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ھېس قىلىش مۇمكىن . بۇنداق جەمئىيەتتە ئوبيكتلار مەنە قاينىمىغا چىرمالغان، ئەنئەنىۋىي جەمئىيەتتىكى كەسكىن مەدەنىيەت پەرقلىرى يوقالغان بولىدۇ. كشىلەر تاراتقۇ ۋاستىسى ئارقىلىق تارقالغان، دورالغان سۈنئىي رېئالىقققا ئالدىنشتىن خالى بولالمايدۇ ياكى ساختا رېئاللىىققا تۇتقۇن بولىدۇ. ژان بوردىلياردا داۋاملىق مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بۇ دېگەنلىك دۇنيا ماددىي دۇنيالىق خۇسۇسيىتىدىن ئايرىلدى دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە كېيىنكى مودرنىزىم دەۋرىدە رېئاللىق ئۆلدى. يەنى يەر شارىلاشقان كاپىتالىزىم رېئاللىقنى بىرلىككە كەلگەن رامكىغا ئەكىردى. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەنە ۋە بەلگىلەرنىڭ، غىدىقلىغۇچى سىمۋوللارنىڭ چەكتىن ئېشىىشى ۋە يەر شارىلىشىشى ئەسلىدىكى رېئاللىقنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۇنداق دۇنيادا ماركىسىمزمچە ئىنقىلاپ شوئارلىرىمۇ، لىبرالىىزممۇ پەقەت بىر ئدىئولوگىيە. بىزگە ئۆز تەسىرىنى كۆرستىۋاتقان يەر شارلىىششىش ئوربتىسى بەلگىلەر ۋە تاۋارلارنىڭ ئالمىىشى بىلەن چۆرگىلەيدۇ. بۇ دەۋردە بەلگىلەر تاۋارغا ئايلىنىدۇ".
(4)
بىر كۈنلۈك ساياھەتنى تۈگىتىپ تەتقىقاتچى ئاكىمزنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭىدىغان 7-يول مېتروسىغا چىقتۇق. بىر كۈن يول مېڭىپ چارچاپ كەتكەن ئوغلۇم مېتروغا چىقىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن خىيالىمدا نيويوركتىكى تەسراتىمنى مۇنداق يىغىنىچاقلىدىم.
كاپىتالىزىم ئۇلۇغلاندى؛ كاپىتالزىمنى تەنقىدلىگەن مۇتەپپكۇرلار ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر سىستما نەزەريىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ئەمدىلىكتە ئىنسانلا كاپىتازلىمنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ھېس قىلماقتا.
ئادەم تەسەۋۋۇردىكى غايىۋانە ئوبراز ئۈچۈن ئىنتلىپ ياشايدۇ. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى رېئاللاىقا ئايلانغاندا بولسا بۇ تەسەۋۇردىكى ئوبيكىت گۇمران بولىدۇ. نيويوركنىڭ ئەسلدىكى ھەيۋەت سىماسى بۈگۈنكى تەسىراتىمدا دەل شۇنداق گۇمران بولدى.
بىزنىڭ ئامېرىكا، نيويورك ھەققىدە خاتا ئويلۋالغان بىر مۇنچە يەرلىرىمىز بار. ئۆگشىنكە تېگشلىك يەرلىرىنى ئۆگەنمەي ئۆگەنمەسلىككە تېگشلىك يېرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان يېرىمىزمۇ بار. مەدەنىيەت دەپ قوبۇل قىلغان نۇرغۇن نەرسىلرىمىز ئەمەلىيەتتە زامانىۋلىق ئەخلەتلىرى. بىزنى تەلپۈندۈرگىنى ئەسلى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ يارىمىدە كلونلانغان رېئاللىق ئىكەن.
شۇ كۈنكى مېترو سەپىرىدە باشقىلار ئۇخلاپ قالغان ۋاقتتىا تۇيۇقسىز ئىلھامىم قوزغلىپ "مامكاپ ئارمانلار" ماۋزۇسىدا بىر پارچە شېئىر يازدىم. ئۇ شېئىرنىڭ دەسكەپكى مىسرالىرى مۇنداق باشلىناتتى:
شەرتى ئورۇندالمىغان مامكاپ ئارمانلار،
ئۈستىمۇ-ئۈست ئارزۇلار،
چارچىغان چۈشلەر،
گرىمسەن كودلار،
رېئاللىقىنى بېسىق قىلىدۇ.
مەدەنيىلىشىش ياۋۇزلۇققا ھامىلدار.
نيويورك ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرىدۇ،
ۋە چۈش ئېكسىپورت قىلشنى باشلايدۇ.
شەرق-غەرپ ئارلىقىدا تاماشىبىنچى بىر پۇقرا،
كىتاب ئوقۇمايدىغىنىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر پۇقرا .
ئەخلاق ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
خۇشال ياشاش ئۈچۈن ئويلانماسلىق شەرت.
|
|