قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 16

شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

333

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23428
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


                  شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر

                      ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى
   
                                                قۇمتۇر

      تارىخى بايانلارغائاساسلانغاندا شىۋېتسىيە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەڭ بالدۇر يەتكەن زىمىنلارنىڭ بىرى ھېساپلانسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان تارىم بوستانلىقى، جۇڭغار ۋادىلىرىمۇ شىۋېتلار ئۈچۈن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى قەدەم باسقان سىرلىق زىمىنلارنىڭ بىرىدۇر. گەرچە بۈگۈنكى شىۋېت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزىنىڭ  قەشقەر بوستانلىقىغا باغلىنىدىغانلىقىدەك بىر رىۋايەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر تۈركۈم شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ قەشقەر بوستانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىدەك بىر تارىخنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ باسقان ئىزلىرىدىن، ياشىغان ئۆمۈرىدىن، ئېلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرىدىن تارىخ قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن شىۋېت خەلقى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن قىممەتلىك ماتىرىياللارنى ئۆز قوينىدا ساقلىماقتا. تارىخ يارتىشنى بىلىپ، ئۇنى ساقلاشنى بىلمىگەن خەلق ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەسلىكى مۈمكىن.
      شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغامۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاساسەن تۆۋەندىكى6 ئورۇنغامەركەزلەشكەن.

      1-لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى
    لۇند ئونۋېرسىتىتى شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرھال شەھەر لۇندقا جايلاشقان بولۇپ، گوستاۋ راكېت، گۇننار ياررىڭ قاتارلىق ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ يەردە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. ھازىر بۇ ئونۋېرسىىتىتنىڭ يەر ئاستى كۈتۈپخانىسىدا "گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى" نامىدا560 پارچە قول يازما ماتىرىيال ساقلانماقتا. بۇ ماتىرىياللارنى گۇننار ياررىڭ قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىن ناھايتى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان ۋە كېرەكسىزگېزىت پارچىلىرىغا تىگىشىۋالغان. بۇ ماتىرىياللارئۇيغۇر، ئەرەپ، پارىس تىللىرىدا يېزىلغان بولۇپ، ئەڭ بالدۇرى  -16ئەسىرگە ئائىت بولسا كىيىنكىسى 19 -ئەسىرىلەرگەئائىتتۇر.
بۇ قول يازمىلارنى مەزمۇن جەھەتتىن ئىنچىكە تارماق تۈرلەر بۇيىچە ئىپادىلەش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولۇدۇ. 1-رىسالە تىپىدىكى قول يازمىلار،2-تەزكىرىلەر، 3-ھېكايەتلەر،  4-دىنىي تۈس ئالغان ھەر خىل پۈتۈك، دۇئا، قىسسە ۋە قوللانمىلار، 5-تارىخى ئەسەرلەر، 6-شېئر، غەزەللەر،  7-ئەدەبىي ئەسەرلەر،  8-باشقا ھەر خىل تىمىدىكى ئەسەرلەر.
  بۇ قول يازمىلارنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى لۇند ئونۋېرسىتىتى تور بېكىتىنىڭ "گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى" نامىدىكى  تور بېتىگە تەپسىلىي قۇيۇلغان بولۇپ، ھەممە قول يازمىلارنىڭ مۇقاۋىسى ۋە بىرىنجى بېتىنىڭ فوتوكوپىيسىنى كۆرگىلى بولۇدۇ.

      2-ستوكھولۇم ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى
     ستوكھولۇم ئونۋېرسىتىتىستوكھولۇم شەھرىنىڭ شەرقى تەپىگە جايلاشقان بولۇپ، شىۋېتسىيەدىكى داڭلىق ئونۋېرسىتلارنىڭ بىر ھېساپلىنىدۇ.
    گۇننار ياررىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۆمۈر بۇيى يىغىپ، ساقلىغان ئىككى مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە كىتاپ، گېزىت، ژورنال ۋە  باشقا ماتىرىياللارنى ستوكھولۇم ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىگە ھەدىيە قىلىغان بولۇپ، بۇ ماتىرىياللار  مەكتەپ كۈتۈپخانىسغاقۇيۇلماي، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى جايلاشقان بىنانىڭ ئاستىدىكى بىر ئۆيگە تىزىپ قۇيۇلغان. بىراق ھازىر ستوكھولۇم ئونۋېرسىتىتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تاقىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىتاپلارنىڭ قايسى كۈتۈپخانىغا قۇيۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مەن بۇ يەردە پولات قادىرنىڭ "ئۆلكە تارىخى"نامىدىكى تارىخى كىتابىنى،  1933-يىلى نەشىر قىلىنغان "ئىستىقلال گېزىتىنىڭ تۇنجى سانىنى، شىڭشىسەي ئۈرۈمچىدە ئاچقان ھەبىي مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە تۈرمە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى كۆرگەن ئىدىم.

   3-ھۆكۈمەت ئارخىپخانىسى
    شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ئارخىپىانىسى ستوكھولۇمنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان داڭلىق ئارخىپخانىلارنىڭ بېرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قسىم قىممەتلىك تارىخى رەسىملەر، ھەرخىل ماتىرياللار، سىن لېنتىلىرى، ئۈن لېنتىلىرى ساقلانماقتا. ئارخىپخانىنىڭ ماتىرىياللار تىزىملىكىگە  »شەرقى تۈكىستان» نامىدا بىر تۈر ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 159 قاپ ماتىرىيالنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن. ھازىر تورلاردا كوپ ئۇچۇرايدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ ئارخىپخانىدا ساقلانغان رەسىملەردىن كەلگەن. بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىن لېنتىلىرى ئەنگىيەلىك جامىس ئەپەندىنىڭ  تەييارلىشى بىلەن"شىنجاڭ ۋېدىئو پروجېكىتى"نامىدا تەييارلىنىپ،تور يۈزىدە كۆرەرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتى. جامىس ئەپەندى  كىيىنكى قېتىملىق شىۋېتسىيە سەپىرىدە بۇ ئارخىپىانىداساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۈن لېنتىلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىدىدە ئېلىپ كەتكەن ئىدى، بەلكىم ئۇلارمۇ ھازىر  تور يۈزىدە ئىلان قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن.

     4-ئېتنوگراپىيە مۇزىيى
     ئېتنوگراپىيە مۇزىيى ستوكھولۇمنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان داڭلىق مۇزىيلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ،ئەنئەنىسى ۋە ياشام شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەركۆرگەزمىگە قۇيۇلغان. مۇزىيدا شىۋېتسىيەلىك تەۋەككۈلچى سۋېن ھېدىن ئۈچۈن مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجىرتىلغان بولۇپ، بۇ بۈلۈمگەسۋېن ھېدىن تارىم ئويمانلقىدىن، تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدىن ، قەشقەر، خوتەن ، چەرچەن، چارقىلىق بوستانلىقلىرىدىن بايقىغان ۋە قېزىۋالغانسارە-ئەتىقە بايلىقلىرىدىن ئۆرنەكلەر قۇيۇلغان. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ياسىغان ساپال قاچىلارنى، توغراقتىن ياسىغان ياغاچ ئويمىلارنى ۋە قەدىمىيرەخ پارچىلىرىنى ئۇچۇرتۇشقا بولۇدۇ.

      5-شىۋېتسىيە مىسسىيونۇرلارئارخىپخانىسى
     شىۋېتسىيە مىسسيونۇرلارئارخىپخانىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور مىقداردىكى ماتىرىياللار ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئارخىپخانا بولۇپ، بۇ يەردىكى ماتىرىياللار ئۇزاق يىللاردىن بېرى رەتلەنمەي تاشلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بىلىش دائىرسىدىن چەتتە قالغان.  دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان 2004-يىلى بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىگە ئاشكارلىغاندىن كىيىن بۇ يەرنى زىيارەت قىلىدىغان ۋە بۇ يەرگە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم قول يازمىلار، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا  قەشقەر باسمىخانىسىدا بېسىلغان ھەر خىل كىتاپلار ۋە باشقا بۇيۇملار بولغاندىن سىرت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر تۈركۈم رەسىملەر ساقلانماقتا. ئارخىپخانا ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشچە ، ئارىخپخانا بۇ ماتىرىياللارنى رەتلەش، تىزىملاش ۋە كومپۇيوتۇرغائېلىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئارخىپخانا ئامبرىدا  سۇلىياۋ لىنتىدا  ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر تۈكۈم ئاشكارلانمىغان يېڭى رەسملەر كومپۇيوتۇغا ئېلىنغان ۋە قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن. ئەمما ئارخىپخانىنى كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن ئارخىپخانىدىكى بىر قىسىم ماتىرىياللارنى ھۆكۈمەت ئارخىپىانىسىغا تاپشۇرۇۋەتكەن.

      6-شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى
      شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى  شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇزىكا ئارخىپخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇيغۇر سەتئەتكارى كۈرەش سۇلتان كۆسەننىڭ يىغىپ ساقلىغان ماتىرىياللىرى، قول يازمىلىرى ، شەخسىي خەت- چەكلىرى،مۇزىكا ئەسەرلىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مۇزىكا ئەسۋاپلىرى قۇيۇلغان. كۈرەش  سۇلتان كۆسەنگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلار ئارخىپخانىنىڭ كومپۇيوتۇرىغا كىرگۈزىلگەنن بولۇپ، كۈرەش  سۇلتان كۆسەن توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەر ئۇ يەردىن بىمالال تاپالايدۇ. كۈرەش سۇلتانكۆسەننىڭ "ئەركەك سۇ" نامىدىكى ناخشا لېنتىسى شىۋېتسىيەدىكى  خەلق مۇزىكىلىرىنى باھالاشتا 2011-يىلدىكى ئەڭ نادىر ئون ئۈن لېنتىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ باھالاندى.

شىۋېتسىيەنىڭ ئارخىپخانا ۋە مۇزىيلىرىداساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ماتىرىياللارئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلاردىن باشقىلارغا ئانچە مۇھىم ھېساپلىنىپ باقمىغان ئىدى. ئەمما ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.
   
       (ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ 4-قېتىملىق ئىلمىمۇئاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان لېكسىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى)

   

11

تېما

0

دوست

3023

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12750
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 426
تۆھپە : 643
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرەش كۇسەن رەھمەتلىكنىڭ [.ئەركەك سۇ ناخشىسى ]ھەقىقى ئىسىل ناخشا ئىدى
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

2056

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىس پەن تەتقىقات تەشكىلاتى تۇرسا،نېمىشقا تور بېىكىتىنى شىنجاڭدا ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويدىكىنە؟!

6

تېما

9

دوست

1649

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. بولسا شىۋتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار توغۇرلىق يەنمۇ كۆپرەك ماتىريال بولغان بىولسا .شەخسەن مەن شىۋىتسەيە ،ئەنگىليە ۋە باشقە چەتئەلدە ياشاپ تۇرۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلار تارخىنىڭ چەتئەلدىكى ساقلانغان ماتىرياللىرغا شۇنداق قىزقىمەن .

147

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى: 6520
تۆھپە : 4785
توردىكى ۋاقتى: 1265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

0

تېما

2

دوست

471

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   85.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خەلىقى دۇنيادا ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ئاندىن ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدى ھەم بۇ مىللەتكە قىزىقتى.

0

تېما

0

دوست

827

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مايەدىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ قولغا چۈشمىسۇن بۇلا سەل قارىغوراق  2  نى 4 دەپ ئۆزگەرتىپ قويدىغان خۇيى باچۇ

0

تېما

0

دوست

121

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16233
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   6-شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى
      شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى  شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇزىكا ئارخىپخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇيغۇر سەتئەتكارى كۈرەش سۇلتان كۆسەننىڭ يىغىپ ساقلىغان ماتىرىياللىرى، قول يازمىلىرى ، شەخسىي خەت- چەكلىرى،مۇزىكا ئەسەرلىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مۇزىكا ئەسۋاپلىرى قۇيۇلغان. كۈرەش  سۇلتان كۆسەنگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلار ئارخىپخانىنىڭ كومپۇيوتۇرىغا كىرگۈزىلگەنن بولۇپ، كۈرەش  سۇلتان كۆسەن توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەر ئۇ يەردىن بىمالال تاپالايدۇ. كۈرەش سۇلتانكۆسەننىڭ "ئەركەك سۇ" نامىدىكى ناخشا لېنتىسى شىۋېتسىيەدىكى  خەلق مۇزىكىلىرىنى باھالاشتا 2011-يىلدىكى ئەڭ نادىر ئون ئۈن لېنتىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ باھالاندى.

مومكىن بولسا توربىكەت ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭە!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )