قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4127|ئىنكاس: 67

لوندون ئەلكۈن: غەرىپلىكلەرمۇ ئۇيغۇرنى تونىسۇن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

6

دوست

700

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                  
                           غەرىپلىكلەرمۇ ئۇيغۇرنى تونىسۇن

                                        ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن



       مانا ھەش -پەش دىگۈچە خەلقىمدىن ئايرىلىپ ياۋرۇپانىڭ ئەڭ  گۈزەل شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان لوندوندا ياشاۋاتقىنىمغا ئو نەچچە يىل بولۇپ  ئېشىپتۇ .  بۇ ئالدۇراڭغۇ ۋاقىتنىڭ شۇ قەدەر تېز ئۆتۇپ كەتكىنىگە قاراپ مەن ۋەتىنىمنى سېغىنمىغان ئوخشايمەن دەپ يۈرۈپتىمەن ئەمما بۈگۇن بىلدىمكى مەن لوندونغا كىلىشتىن ئىلگىرى ماڭا جەننەت كەبى تۇيۇلىدىغان بۇ ئارال دۆلىتى ئەمدى مىنىڭدەك  بىر جاھانكەزدى ئۇيغۇر پەرزەنتىگە ئۆز ھەقىقىتىنى تولۇق تۇيدۇردى. "ھەربىر ئىنسان بالىسىى ئۇچۇن ئۆزىنىڭ كېندىك قېنى تۆكۇلگەن ماكان ھەقىقى پانىي ئالەملىك جەننەت ئىكەن... ".  بۇنداق دىيىشىمدە بىر نەچچە تۇرلۇك سەۋەپلەر بار.  ئالدى بىلەن مەندىكى بۇ يات شەھەرگە بولغان قىزىقىش، ئاندىن ئەشۇ بەخىتلىك بىرىتانىيەلىكلەرگە ئۆخشاش ھايات كەچۇرۇشنىڭ تەشنالىقىدا تىپىرلاش…، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگۇنۇش….خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ھەر يەرلەرگە قاتىراش،  باشقىلار بىر كىشلىك تىرىشسا ، مىېنىڭ  نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرشىشىم ۋاھاكازالار….

      لوندوندىكى ھايات
كۈچلۇك رىقابىتى بىلەن كېچە ۋە كۈندۇز ئېلىشىپ يۇرۇپ يۇركىمدىكى توختاۋسىز كۆيۇدىغان ۋەتەن سېغىنىشلىرىمۇ خۇددى  مەھەللىمىزدىكى كەچ كۈزنىڭ سوغۇق شاماللىرىدا ئاسانلا ئۇچۇپ كېتىدىغان مامكاپلاردەك نەلەرگىدۇر بىر مەھەل غايىپ بولغان ئىدى. ئوقۇش، خىزمەت ۋە ھاياتنىڭ ھەلەكچىلىگىدە بىر قانچە يىللار تېزلا ئۆتۇپ كەتتى.  مانا ئاخىر تۇرمۇشمۇ ئۆز رېتىمىغا چۈشتى. كېيىنكى يىللاردا بولسا ئەزەلدىن قەلبىم تۆرىنىڭ ئەڭ  يۇقرىسدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ۋەتەن ئارزۇ ۋە ئارمانلىرى ئۇچۇن كۆيگەن بۇ يۈرەكنىڭ ئۆتلىرى قايتىدىن يالقۇنلاشقا باشلىدى.  مېنىڭ ھىچ بىر ئىنسان ياكى كۈچ تارتىپ ئالالمايدىغان مەنىۋىي ۋە روھى بايلىقىم ئۇيغۇرلۇق تەبىئيتىم كۈچلەندى.... بۇ دۇنياغا ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلىغىمدىن ئىپتىخارلىنىدىغان تۇيغۇللۇرۇم ماڭا مىللىتىمنى شەرەپ ۋە پەخىر بىلەن قانداق سۆيۇنۇشنى قايتىدىن ئۇگەتتى. مەن ئادەتتە تېلىۋۇزۇردا خەۋەر كۆرسەممۇ  ئاۋال ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى ئەگەر بار بولسا ئىزدەپ تېپىپ كۆردىغان بولدۇم . بارغانسىرى  ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلىرىمنىڭ  شۇ يېقىملىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغۇم كىلىدىغان بولۇپ قېلىشقا باشلىدىم لىكىن بۇنىڭغا نىمە ئامال بار دەيسىز؟  ياق، ئامالى بار چۇنكى بىزدە بۇ دۇنيانى بىر-بىرىگە چەمبەر-چاس باغلاپ تۇردىغان ئىنتېرنېت تور باغلىنىشى بار ئەمەسمۇ!

     ھازىر ئىشتىن سىرىت قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز يېزىقلىرىدىكى تورلارىغا قاراپ، نەچچە سائەتلەپ بولسىمۇ ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ بىلگىنىمنى مىللىتىمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېرىشىش بولدى. بوش ۋاقتىم  بولسىلا ئەسەر يازىمەن ،ئەسەر تەرجىمە قىلىمەن ....يەنە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ھاجەتمەن ئۇيغۇرلىرىمغا ياردەم قىلىمەن…... بۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان خىزمىتىم، ئەلبەتتە! مىنىڭ ئويلايدىغىنىم خەلقىم
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانى چوڭقۇراراق چۇشەنسە، خەلقىم ئۆزى ئۇچۇن كۆپرەك بولسىمۇ ئويلانسا ، ئۆز ۋە ئۆزگىىنى بىلىش ئاساسادا ئۆزىنى كۈچلەندۇرسە، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلسا دىگەنلەردىن ئىبارەت - ئەلۋەتتە!

     يەنە نۇرغۇن ئىشلار مىنى ناھايتى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . ياۋرۇپا دىكى خالىغان بىر كىشىدىن ئادەتتىكى ماركىلىق بىر تال قەلەم توغۇرلۇق سۇئال سورىسىڭىز سىزگە  بىر سائەتلەپ چۈشەنچە بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ بىر تال قەلەمگە ئاتاپ يازغان ئۇزۇن تەتقىقات ماقالىللىرى، تارىخي كىتاپ ۋە قامۇسلىرى بار.  سىز شۇ ئەقللق ۋە مەدەنىيەتلەشكەن  ياۋروپالىقلاردىن ئۇيغۇر مىللىتى توغۇرلۇق سورىسىڭىز كۆپ ساندىكى كىشىلەر سىزگە " ئۇ قانداق نەرسە؟ ئۇنى يىگىلى بولامدۇ؟" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.  مۇنداق جاۋاپلار ھەقىقەتەن كۈلكىلىك تۇيلۇدۇ لېكىن مەن مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆنۇپمۇ قالدىم.  نۇمۇس قىلىدىغان ئىش دەپمۇ ئ‍ويلىمايمەن چۈنكى مەن ئۆز ھەسسەمنى شۇ ۋەتەن ئۇچۇن تېنىمسىز قوشىۇپ كېلىۋاتىمەن.... يەنە بىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز  بىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى ۋە تېرىشىۋاتىدۇ.  ئەپسۇس يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز بولسا بىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا بىر پارچە ئۆزى توغرىسىدا كىتاب بولسىمۇ  يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇش ياكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى نامايەن قىلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلپ قېلىش، پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدا ئائىلىدىن باشلاپ مۇكەممەل تەربىيەلەش ئەمەس، بەلكى شۇ ئۆزلىرى ياشايدىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مەدەنىيەت ئاسىلماسسىيەسىنىڭ خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

    مېنىڭ بۇنداق دىيىشىم ھەرگىزمۇ باشقىلارنى مىللەتچىلىك قىلىڭ دىگەنلىكىم ئەمەس.  بۇ دىگىنىم  شۇلاردىن كىچىككىنە بولسىمۇئۆرنەك ئېلىپ ئۆز خەلقىگە پايدىلىق ئىش قىلسۇن ددىمەكچىمەن، خالاس . مەن كۈتۈبخانىلارغا  كىرىمەن، باشقا نۇرغۇن تىلدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ، ئۆزىمىز تونۇشتۇرۇلغان كىتابنى ئىزدەپ يۇرۇپ، ئۇيغۇر توغرسىدا يېزىلغان مەنبەلەرنىڭ ناھايىتى ئازلىغىنى، يەنە كېلىپ ئۇ مەنبەلەرنىڭ ئاز بولىشىغا قارىماي ئۇلارنىڭ بۇرمىلانغان ھالەتتە يېزىلغانلىغىنى كۆرۇپ ناھايىتى پەرىشان بولىمەن، ئۆزۈمنى ئۇيغۇرنىڭ يازما كىملىكىمنى خۇددى "دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەن" بىر تەلۋە غەۋغاسلاردەكلا ھېىس قىلىمەن -دە ، مەيۇسلىككە غەرىق بولىمەن ئاھ ئۇرمەن... بەزىدە باشقىلارنىڭ بىزنى بىلمەسلىكىمۇ ھەقكەن دەپ ئۇيلاپ قالىمەن .

       بەزىدە ۋەتەن ئىچىدىكى ياشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىش مىنى باشقىچە ھېىسلارغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ  ئەقىل تەپەككۇرلىرىنىڭ ئوچۇقلىقى ، بىلىمگە بولغان قايناق قىزغىنلىقى مىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ ، بولسا شۇ ياشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ياۋرۇپاغا
جۇڭگۇدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان جۇڭگۇلۇق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇسىكەن دەپ ئويلايمەن ھەمدە بىلگىنىمچە ئۇلارغا ياردەم قىلىشنىڭ يوللىرىنى قىلىپ  ئىزدىنىمەن .  مەن شۇ تاپتا  شۇنداق كۆپلىگەن ئوچۇق پىكىرلىك، بىلىم ئىگىللەشكە قىزغىنلىقى تېشىپ تۇرغان ياشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە كېلىپ ئىلغار تېخنىكىلارنى ۋە بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ، خەلقىمىزنىڭ دۇنيادىكى بىلىملىك خەلقلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا تۆھپە قوشۇشىىىكەن دىگەندەك ئۇيلارغا چۆكىمەن...

     تەپەككۇر قۇشلىرىمنىڭ پەرۋاز قانىتى مېنى ئەمدى ئەسلى تېمىغا قايتۇرۇپ كەلدى.  مىنىڭ يېقىندا يازغان  «قىتئەلەر ئارا قاناتلانقان كۈي -  سەنۇبەر تۇرسۇن»  ناملىق بىر پارچە ماقالەم باغداش تورىدا بىر قانچە ئايلارنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.  بەزى تورداشلارنىڭ يېقىندىن بۇيان «بۇ ئەسىرنى نادىرلاشقا تىگىشلىك» دىگەن تەلەپلىرىگە ئاساسەن مەن بۇماقالىغا  ئاز - تولا ئۆزگەرتىش كىرگۇزدۇم . بۇنداق قىلىشىممۇ كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ "بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىپ بولغانغۇ..." دىگەندەك قاراشلىرىغا چۇشەنچە بېرىش ئارقىلىق بۇ ماقالىدا ئىلگىرى سۇرۇلگەن مەزمۇنلارغا ياشلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى
يەنە بىر قېتىم تارتقۇزۇش ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر ھاياتىدىن بولۇپمۇ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇشتا ئوينىغان رولىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بىلدۇرۇش بولدى، ئەلبەتتە!

        قىسقىسى بۇ تېما ئارقىلىق مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئىنتايىن ئېنىق يەنى سەنۇبەر تۇرسۇندەك پەخىرلىك سەنئەتچىللىرىمىزنىڭ ياۋرۇپا شۇنداقلا دۇنيا سەھنىللىردە پەيدا بولۇپ، مىللتىمىزنى تونۇتۇۋاتقانلىغىنى  ئۇيغۇر جەمىيىتىگە بىلدۇرۇش، ئۇيغۇر سەنىتىنىڭ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇش؛  بۇنىڭدىن سىرت شۆھرەت مۇتەللىپكە ئۆخىشاش ھەر ساھەدكى ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز  ھەم  سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئۆز تالانتى ۋە ئەجىرى بەدىلىگە دۇنيا سەھنىسىدە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرغانلىغىدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلىش ئارقىلىق ياشلىرىمىزنىڭ كېلىچىكىگە ئۇمۇد  ۋە ئىشەنچ بېغىشلاشدۇر. مەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ باغداش تورى ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن سىردىشىپ تۇرمەن . ھەمدە بىلگەنلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە  ئىزدىنىمەن!

     شۇ مەقسەتلەردە تۆۋەندە مەن بۇرۇن يوللىغان "قىتئەلەر ئارا قاناتلانقان كۈي - سەنۇبەر تۇرسۇن" دىگەن ماقالىنى سىلەرنىڭ ئوقۇشىڭلارغا قايتا سۇندۇم.  بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ئۇيغۇر كۈيلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇرىشىغا چىن قەلبىدىن تىلەكلداشمەن.  بۇ ماقالىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن.  رەھمەت!








قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي  -  سەنۇبەر تۇرسۇن


ئەزىز ئەيسا (ئەلكۈن)


     سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس، ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر.


    خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك قىزى، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ 3 دانە ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىلىرى ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە تۈركىيىدە يېقىندا نەشردىن چىقتى. مەن ئاۋۋال بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنى ئۇتۇقلىرى بىلەن تەبرىكلەيمەن.

    سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى ئەمەس ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھايات تومۇرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ يېتۈك مىللەت بۇلۇپ، باشقا بىر مىللەت تۈركۈملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئانا تىلى، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۇپرىقى، مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، سەنئەت يەنى ناخشا - مۇزىكا مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، كىشىلەرنىڭ مىللىي، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى ئويغىتىشتا ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق ئىلىمگە جۈملىدىن سەنئىتىگە شۇ قەدەر ماھىر بولغان، ئەلمىساقتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ھەر بىر دەۋر ۋە زامانغا يارىشا ئۆز سەنئىتىنى بېيىتىپ كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. مەدەنىيەتتىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى ئوخشاشلا مىللەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق مەدەنىيەت ئۆرنەكلىر بىلەن بىرىكتۇرۇپ ۋە تاكاممۇلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان خاس مىللىي كىملىك ئوبرازىنى شەكىللەندۇردى.

      قىسقىسى بولۇپمۇ دۇنيا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىر گەۋدىلىنىشى ناھايىتى تىز ئەلەمگە ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرنىڭ مۇڭلۇق، لىرىكىلىق ناخشا - مۇزىكىلىرىنىڭ خەلقئارادا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە چۈشەندۈرۈلىشى ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى باشقىلار تونۇيدۇ، بىلىدۇ، چۈشىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوبرازىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي چۈشەنچىلەر تەبىئىيكى بىز ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئەگەر سىز ئۆز ئانا ۋەتىنىڭىزنىڭ سىرتىدا بىر مەھەل ياشاپ باققان بولسىڭىز بۇ خىل سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق ھېسىياتنى ئاسان چۈشىنەلەيسىز. چۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئوخشىمىغان ماكان ۋە زاماندا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى كۆپ خىل ۋە چوڭقۇر. ئەگەر ئۇيغۇر سەنئىتى خەلقئارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىقىلسا سەنئەتنىڭ مەنىۋى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى تېخىمۇ يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۇرلىدۇ.

     ئادەملەرنىڭ قېنىدىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى ئۆزىدە قانداق نەرسە كەم بولسا شۇ نەرسىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىدا كۈرەش قىلىشتۇر. بىز ياشاۋاتقان بۇ يەر شارى قارىماققا ئۆز ھەجمى جەھەتتىن خېلى چوڭ كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئىنسان ئەقىل بۇلىقى - ئىلىم، بىلىم ۋە تېخنىكىلىق ئۇقۇم جەھەتتىن كىچىك بىر مەھەللىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى تېگى - تەكتىدىن بىز ئىنسانلارنىڭ ئېيتىدىغان ناخشىمىز بىر ناخشىدۇر، چالىدىغان مۇزىكىمىز بىر ئاھاڭدۇر! ئادەملەر قەدىمدىن تارتىپ ناخشىنى پەقەت ئىككى مەقسەتتىلا ئېيتىپ كەلگەن - ئۇ بولسىمۇ خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن ئىبارەت.

    ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىلىرىدا ياشاپ، دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۆزگىچە خاس مەدەنىيىتىنى ياراتقان. ئەمما كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە دۇنيا ئىقتىساد ئالاقىسىنىڭ قورۇقلۇق يوللىرىدىن دېڭىز يوللىرىغا كۆچىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ياشاپ كەلگەن بۇ خەلق ماكانىنىڭ دېڭىزغا يىراق بۇلىشى سەۋەبلىك دۇنيادىكى باشقا خەلقلەر بىلەن ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدە يىتىم قالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي پرىنسىپىدىن چەتنىگەن سوپى - ئىشانچىلىقلىقنىڭ دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشى ۋە خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىشى تەركىدۇنياچىلىقتىن ئىبارەت يىڭى پىكىر ئېقىمىنى قوزغىدى. نەتىجىدە جۇغراپىيلىك جەھەتتىن يىتىم قالغان خەلقىمىز روھىي جەھەتتىن بىخۇدلۇق، نادانلىق ۋە تەپرىقىچىلىك ئىللەتلەرگە قۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا پەن - مەدەنىيەت يىڭىلىقلىرىدىن ئاستا - ئاستا چەتتە قالدى. باشقىلار دۇنيانى بويسۇندۇرۇش غەرزىدە بۇلۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دۇنيانى تەرك ئىتىش يۇلىغا قەدەم قويدى. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار نۇرغۇن نەرسىللىرنى يوقۇتۇپ 20- ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا ئاران ئۇلاشتى...

    يۇقىرىقىدەك بىر تۇرلۇك تارىخىي سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دۇنياغا ناھايىتى ئاز تونۇلۇپ كەلدى.

     بىر چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇر پەيلاسوپىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك (ئا.جالالىدىن) تەرەققىي قىلغان ئەللەردە قۇرت - قوڭغۇز، بىرەر ياۋا ئوت-چۆپلەر ئۈچۈن 10 نەچچە بەتلەپ قامۇسلىرىدا ئىزاھاتلار بېرىلگەن بولسا ئەمما دۇنيادا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار، يەر - زېمىنى غەربىي ياۋروپا بىلەن تەڭ كېلىدىغان، ئۆز تىل - يېزىقى بار بولغان بىر مىللەتنىڭ تونۇشتۇرۇلمىغانلىغىنى، ھەتتا بۇ مىللەت ئىسمىنىڭ ئىنگىلىز يېزىقىدا يېزىلىشىمۇ تېخى بىرلىككە كەلمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتى Chinese muslim, Uyghur, Uighur, Uygur دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بۇ مىللەتنى تونۇشتۇرۇشقا يېرىم بەتلىك ئىزاھات ئۈچۈنمۇ ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئاچچىق ھەقىقەت. ھەق سۆز ۋە رېئاللىق ھەمىشە ئاچچىق ۋە رەھىمسىز ئەمما بىز بۇقىسمەتلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۈزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشىمىز زۆرۈر.

     ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تۇنۇلالماسلىقى، تونۇلسىمۇ ئاز تونۇلۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭ سەۋەبلىرى تارىخي ئامىللارغا چېتىشلىق ئەلۋەتتە. چەتئەلدە ئۇيغۇر ئوبرازىنىڭ ئاجىز بولۇشىدىكى قىسمەت تۇپەيلى "مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس" دېگەندەك بۇ ھالەت ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشىغانلارنىڭ يۈرگىنى چەتئەل غېرىبچىلىق تۇيغۇللىرىغا مەھكۇم قىلىپ، "تونۇلمىغان مىللەت" كىملىكى كىرزىسىدە يۇرەكلىرنى ئاچچىق تىلغايدۇ. ئەگەر سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇھاجىرەتلىك ھاياتنىڭ رېئاللىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىدا گاڭگىراپ، ھەسىرەتلىك ئاھلىرىڭىز بىلەن سۆيۈملۈك ۋەتىنىڭىزنى ئوڭىڭىزدا ۋە چۈشىڭىزدە سېغىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىڭىزنىڭ بىرىدە "ئۇيغۇر" دېگەن ئىسمى بىلەن ئاتاقلىق ناخشىچمىز سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ 3 دانە ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئۇيغۇرلارنى نەچچە ئون بەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن ئامېرىكا، ئىتالىيىە، تۈركىيىدە (تۈرك تىلىدا) دە نەشردىن چىقىشى تەبىئىيكى سىزنىڭ ئۇيغۇر سۆيەر قەلبىڭىزگە بىر زور خۇشاللىق، مىللىي ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

     ناخشا - مۇزىكا دېمەك بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە مىللىي كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئويغىتىدىغان، ئۆز زاماندىكى شادلىقى ۋە قايغۇسىنى يارقىن كۇي ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن ئىپادە قىلىدىغان بىر سەنئەتتۇر.

    سەنئەت ئالاھىدە بىر تالانتتۇر. شۇ سەۋەبتىن جەمئىيىتىمىزدە ھەممە كىشى سەنئەتكار بولالمايدۇ، ئارىمىزدىن 10مىڭ ھەتتا يۈز مىڭلارچە ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆز خەلقىنىڭ قەلب تارىسىنى چېكلەيدىغان ھەقىقىي سەنئەتكارلار ناھايىتى ساناقلىقلا چىقىدۇ. سەنئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىنى تەشكىل قىلغان مۇزىكانتلار بىلەن ناخشىچىلار تۇغما قابىلىيەت ئىگىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپى ئۇتۇقلىرى تۇغما تالانت بىلەن جاپالىق ئۆگىنىشنىڭ مۇجەسسەملىنىشى تۈرتكىسىدە مىۋە بېرىدۇ. دېمەك بىزدە ھەقىقىي سەنئەتكارلار ناھايىتى ئاز. بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نوقۇل ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ ئۇن - سىن نەشىر قىلىش سەۋەبىدىن خەلقىمىز ئىستىمال قىلىۋاتقان سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەدىئىي، ئىجتىمائىي ۋە تەربىيىۋى قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى، سۈپەتتىن كۆرە سان كاساتچىلىق ئەۋج ئالدى. كۆپلىگەن پاخال، سۇپىتى تۆۋەن، غەيرى - رەسمى ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرى بارلىققا كەلدى، بۇ شاكاللار تۈپەيلى بەزىدە "مېغىز " لارمۇ شاكاللار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدى. ھەقىقىي تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىزغا يېتەرلىك ئېتىبارلار بېرەلمىدۇق، خەلق قەلبىنى چېكىدىغان سەنئەتنىڭ قىممىتىنى بىلەلمىدۇق ۋە شۇ سەۋەپتىن باشقىلار قانداقتۇر بىر مەقسەتلەردە بىزگە ھەدىيە قىلىنغان "ئۇيغۇرلار سەنئەتكە ماھىر خەلق" دېگەن قالپاق ئىچىدە ئۆزىمىزنى بىر تەرەپلىمە تەنقىدلىدۇق. ئۆزگىنى ھەددىدىن زىيادە، بىر تەرەپ ھالەتتە تەنقىدلەش، چۇشكۇنلەشتۇرۇش، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنىغا "پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش" ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالمىدۇق ۋە ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىگە يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزدەنمىدۇق. يۇقىرىقى مەسىلىلەر بىز نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغان، بىزنىڭ توغرا بىر يول تېپىپ ۋاقتىدا ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىدۇر. ھالبۇكى "قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق" دىگەندەك بىزگە بىرىلگەن بۇ ساخاۋەتلىك شان – شەرەپ "ئۇيغۇرلار ناخشا - ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت" دېگەن نامنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر خەلقى سۆيۇپ ئوقۇيدىغان، مىللىي روھىنى تازلايدىغان، كۇچ - قۇۋەت، جاسارەت ئۇرغۇتىدىغان، مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ يۇرەك تارىسىنى چېكەلەيدىغان ناخشا - مۇزىكىلار ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا ئازىيىپ باردى.

       ئەگەر ئۇيغۇر سەنەتكارلار خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى ئۆز كەسپىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇلمىسە ئۇلارنڭ خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنى قۇرۇق نام - شۆھرەت تاماسىدىكى شۇئارچىلاردىن پەرقلەنمەس ئورۇنغا چۇشۇپ قالىدۇ. مىللي خاسلىق بىلەن ئستىتىك گۇزەللىك زوقى بېرەلمەيدىغان بىر مەيدان كونسېرت كىشىلەرگە بىر توپ شوئارچىلارنىڭ سەھنىسى بولۇپ تۇيۇلىدۇ دە مۇنداق ئەسەرلەر يىللاردىن كىيىن ناھايىتى تىزلا كىشلەرنىڭ كاللىسىدىن غايىپ بولىدۇ. خەلقنىڭ ئارزۇ -ئارمىنىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن، خەلق ئىچىدىكى كلاسسىك ئاھاڭلارنى ئۆز ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ رېتىمدە مىللىي خاسلىق بويىچە ئەكىس ئەتتۇرەلىگەن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يېڭلىق يارىتىش روھىيىتى بويىچە مىللىي خاسلىققا ئىگە ئاھاڭ ۋە ناخشىلارنى خەلقىگە تەقدىم قىلالىغان ناخشىچى ۋە كومپىزوتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلقىمىز ھەر ۋاقىت ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ ۋە مۇنداق ئېسىل ئەسەرلەر كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرىسىگە مەڭگۇلۇك يېزىلىدۇ، بۇ خاتىرە مەڭگۇ ئۆچمەيدۇ. خەلقىمىزنىڭ كۆپ سانلىقى يەنىلا دېھقان، بوستانلىقلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەبىئي بېيىتىش بۆشىكىدۇر چۈنكى ئۇلار ھەر - ھالدا غەيرى مەدەنىيەت غىدىقلاشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىستىمالنىڭ مۇتلەق كۆپ سالمىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆز ھېسياتىنى چۈشىنىدىغان، قايغۇ - ئەلەم ۋە خوشاللىقىنى ئۆز ناخشىلىرىغا قوشۇپ ئېيتالايدىغان چولپانلىرىنى خەلقىمىز بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ.

      خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي روھىيىتىنى بېيىتىدىغان مۇنداق ئېىسل ناخشىلار ئۇيغۇر روھىيىتىنى تازىلايدىغان سېھرى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ ۋە ناھايىتى تىزلا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغىچە تارقىلىدۇ. يېزا بالىلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، يادلايدىغان ۋە دوراپ ئېيتىدىغان، ئانا تىلنىڭ مىسلىسىز گۈزەل ۋە يېقىملىغىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، نۇلارنىڭ ناتىۋان قەلىبلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈلۈك كۈيى بولۇپ ئورنايدىغان قەلب كۈچى بولۇپ قالىدۇ…. ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە زامان ۋە ماكانغا ۋەكىللىك قىلىپ خەلقىمىزنىڭ يادىغا ھەمىشە ئالاھىدە بىر ۋەقە ۋە ئۆتمۇشلەرنى ياد ئەتتۇرۇپ، ئۆز تارىخىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنۇتۇلدۇرمايدۇ.


  مىنگىلى ئۇلاغ ئىزدەپ،
  ئىچكىلى بۇلاق ئىزدەپ.
  قاچانغىچە يۈرۈيمىز،
  باغدىن تۆت قۇلاق ئىزدەپ.

   قىزىل گۈل قۇلاقىغا،
  خۇشتارمەن پۇراقىغا.
  ھەر كىمنىڭ گۈلى بولسۇن،
  قىسماققا قۇلاقىغا…
.

  (ناخشا تېكىسى: ھەر كىمنىڭ گۈلى بولسۇن)

  بار مېنىڭدە ئاچچىق بىر يىغا،
  كۆرمىسىكەن دەيمەن باشقىلار.
  قايغۇ ماڭا يىغلاۋاتقاندا،
  كۈلۈمسىرەپ بەرسىكەن دۇنيا….

  (ناخشا تېكىسى: ئانام بولۇپ بەرسەڭچۇ دۇنيا)



    مانا يۇقىرىقى ناخشىلارغا ئوخشاش يىنىك رېتىم، تېكىستلەردىكى مەنىلىك جۈملىلەر، تىلىنىڭ ئاددىي بۇلىشى، مىللي خاسلىققا باي يېقىملىق ئاھاڭللار ھەممە تەڭ ۋە ئاسان ھوزۇرلىنالايدىغان ئاممىۋىي بابلىقى كۈچلۈك ناخشىلار بۇلبۇل كەبى لەرزان ئاۋاز ۋە مۇڭلۇق كۈۇيلەرنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئىجرا قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل رىشتىسنى ئۆزىگە باغلايدۇ. بۇ مۇڭلۇق كۈي ۋە ناخشىلارنى ئورۇنداشتا ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۇپ ئورۇنلاپ كەلگەن، خەلقنىڭ مۇڭلىرىنى ئۆز ناخشىلىرىدا يۈكسەك مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكار قىزى، ئاتاقلىق ناخشىچى، مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالىدۇ!

     مەن بۇ يازمىدا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جۈملىدىن خەلق ياقتۇرىدىغان نادىر ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي قىممىتىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەت بويىچە جەمئىيەتنى ۋە ياش ئەۋلادلارنى "ئۇيغۇرلۇق" مەدەنىيەت ئۇقۇمى بىلەن تەربىيىلەشتە، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتا، ياشلارنى ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيۈپ چوڭ بولۇشقا دەۋەت قىلىشتا كۆپ ئىجابىي روللار ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىمەن.

    بولۇپمۇ نادىر ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ چەتئەللەردە نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇشنىڭ ياخشى ۋاستىللىرىدىن بىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانا مەن يېقىندا چەتئەللىك بىر دوستۇمنىڭ ماڭا ھەدىيە قىلغان سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ چەتئەلدە نەشىر قىلغان پلاستىنكىلىرىنى قۇلۇمغا ئالغاندىن كىيىن خۇشاللىققا چۆمگەن تۇيغۇلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇپتىمەن.

    تۆۋەندە مەن ئەل سۆيگەن سەنەتكارىمىز سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ بۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان 3 دانە ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.




چېگرا رايون: يىپەك يولىدىن كەلگەن مۇزىكا ئۇستازلىرى ۋە ۋۇ مان





  Music of Central Asia Vol.10:
  Borderlands: Wu Man and Master Musicians from the Silk Route
  Smithsonian Folkways and the Aga Khan Music Initiative (SFW40529)


    بۇ بىر يورۇش ئۇن (audio CD) ۋە سىن (DVD) پلاستىنكىسى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە مائاىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ كېلىۋاتقان ئاگاخان فوندىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشى "ئاگاخان ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا ئىش تۇرى" دە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات پىلانى بۇلۇپ، ئامېرىكىلىق پروفېسسور Theodore Levin  ۋە ئەنگلىيىلىك ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس دوكتۇر Rachel Harris خانىملارنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئامېرىكىدىكى Smithsonian Folkway Recordings  ئۇن - سىن نەشرىياتى تەپتىدىن 2012 - يىلى 4 - ئايدا نەشىر قىلىنغان.



    بۇ ئۇن ۋە سىن پلاستىنكىسى ئامېرىكىلىق داڭلىق پىپا مۇزىكانت ۋۇ مان بىلەن ئۇيغۇر، تاجىك، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا ئۇستازلىرى بىرلىكتە ئىجرا قىلغان مۇزىكىلاردىن
   ئورۇن ئالغان بولۇپ ئاساسلىق ھالدا ئۇيغۇر مۇزىكىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇن ۋە سىن پلاستىنكللىرىغا سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە ھەسەنجان تۇرسۇنلارنىڭ ئىجراسىدىكى 5 پارچە ناخشا، ئابدۇللا مەجنۇن ئىجىراسىدا 3 پارچە ناخشا - مۇزىكا بىرىلگەن. مەزكۇر ئۇن ۋە سىن پلاستىنكىسىنىڭ ۋاقتى 73 مىنۇت ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، مۇزىكا ۋە ناخشا ئورۇنلىغۇچىلارنى، شۇنداقلا بۇ ناخشىچىلار تەۋە بولغان مىللەت تونۇشتۇرۇلغان 48 بەتلىك رەڭلىك كىتابچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پلاستىنكا 2012 - يىلى 7 - ئايدا دۇنيا مۇزىكىسى بازىرىدا ئەڭ كۆپ سېتىلغان، دۇنيا مۇزىكىسى پلاستىنكىلىرىنى باھالاشتا 3 - ئورۇنغا ئىېرىشكەن. خەلقارا بازاردا تور ئارقىلىق سېتىلىش باھاسى $ 19.90 ئامېرىكا دوللىرى.


   بۇ ئۇن ۋە سىن پلاستىنكىسىدىكى ناخشىلار تىزىملىكى:




  توردىن سېتىۋېلىش ئادرېسى:

  http://www.folkways.si.edu/wu-ma ... d/album/smithsonian


ئارزۇ - سەنۇبەر تۇرسۇن

  ئۇيغۇر ناخشىلىرى


(Song of the Uyghurs)







     بۇ ئۇن (audio CD) پلاستىنكىسى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ خۇسۇس ئالبومى بولۇپ، سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ مەرھۇم ئاكىسى - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر مۇزىكانتى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ھايات ۋاقتىدا بىرگە ئورۇنلىغان بىر قىسىم ناخشا - مۇزىكىلارمۇ كىرگۇزۇلگەن. پلاستىنكا ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى تۇرىن شەھىرىگە جايلاشقان Felmay ئۇن -سىن نەشرىياتى (Felmay recordings) تەرىپىدىن ئەنگلىيىلىك مۇزىكىشۇناس دوكتۇر Rachel Harris خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2013 - ىيلى 3 - ئايدا ئىتالىيىدە نەشىردىن چىققان. بۇ ئۇن پلاستىنكىسى ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان ئۇيغۇرلار ۋە سەنۇبەر تۇرسۇن تونۇشتۇرۇلغان 6 بەتلىك رەڭلىك بىر كىتابچىنى ۋە تۆۋەندىكى ناخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باھاسى: 13.50 € ياۋرو.



















توردىن سېتىۋېلىش ئادرېسى:
http://www.felmay.it/shop/item.php?id=10208#.UXf8AZWTM5B



سەنۇبەر تۇرسۇن ئانسامبىلى - ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسى






Türkiye Konya uluslararası mistik müzik 2012


      بۇ سىن (DVD) پلاستىنكىسى سەنۇبەر تۇرسۇننى ئاساس قىلىپ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن "سەنۇبەر تۇرسۇن ئانسامبىلى" مىجىت يۇنۇس، ھەسەنجان تۇرسۇن، ھۇسەنجان تۇرسۇن ۋە سەنۇبەر تۇرسۇنلارنى ئۆز ئىچگە ئالغان مۇزىكانتلار تۈركىيىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيىنىڭ كونىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 9 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئىلاھىي مۇزىكا (mistik müzik) فېستىۋالىغا قاتناشقان ۋە بۇ فېستىۋالىدا سەھنىدە ئورۇنلانغان نەق مەيدان كونسېرت ئاساسىدا كىرىشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، سەنۇبەر تۇرسۇن ئانسامبىلىنىڭ بۇ كونسېرتقا قاتنىشىشىمۇ ئەنگلىيىلىك مۇزىكىشۇناس دوكتۇر رەيچېل ھاررىسRachel Harris خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.















      ئاخىرقى سۆز


     مەنىۋىيەتتىكى ئېستېتىك گۈزەللىك باشقا گۈزەللىكلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تاجىسىدۇر. ناخشا ئۇ يۇرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان چىن سۆزدۇر. كۇي ئۇ ئىنسان قەلبنىڭ لىرىك ئاھاڭلار ئارقىلىق نامايان قىلغان بايانىدۇر. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ئۇيغۇرلار مۇردا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلايدىغان زىرەك قولىقى، سېزەلەيدىغان سەزگۈر يۇركى بار، ئۇيغۇرنىڭ باشقا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تائىپەلەرگە ئوخشاشلا كۈلكىسى، قايغۇسى ھەم نەپرىتى بار بىر خەلق. ئۇيغۇر كۇلەلەيدۇ، يىغلىيالايدۇ ۋە غەزەپلىنەلەيدۇ. ئۇيغۇر بۇ ھېسىياتلىرىنى "گاھىدا داپ بىلەن ئۇسۇل، گاھىدا ئاللاھ بىلەن رەسول" دېگەن ماقال - تەمسىللەردە ئىپادىلەيدۇ.

    ئۇيغۇرلار10 - ئەسىردە ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئورۇپ - ئادەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى.

   ئۇيغۇرلار قايغۇ ۋە شادلىق ھېسىياتلىرىنى بەزىدە ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا سېغىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىسە، بەزىدە مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرغان مۇڭلۇق كۈيلەر، دەۋىر ۋە زاماننىڭ ئىنكاسىنىڭ مۇئەييەن رەۋىشتە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەكىس ئېتىشى بىلەن تەدىرىجىي بېيىپ كېلىۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مەنىۋىي روھ، زوق ۋە جاسارەت تاپىدۇ. بەزىدە ئۇيغۇرغا قاتتىقلىق بىلەن تولغان ھاياتقا، ئۇمۇتسىزلىككە سەنئەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈمىدلىك بىلەن باقىدۇ. ئەمما قانداق شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدىن كۆرە مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەش باشقا ئىپادىلەشلەردىن تامامەن قېلىشمايدۇ. بىز شۇنى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىشىمىز كېرەككى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىر بولغان سەنئەتنىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت مىللىي روھىيىتىدىكى بۇ نازۇك ۋە سەزگۈر تەرىپىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھە دىسلا "بىز ئۇيغۇرلار ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىر خەلق" دەپ باشقىلار تەرىپىدىن قانداقتۇر بىر مۇددئىانىڭ تۈرتكىسىدە كەيدۇرۇلگەن بۇ قالپاقلانى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا، ئىجادكارلىق كۇچىنىڭ ئۇرغۇشىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىگىمىز، بۇگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىگىنىڭ مۇھىم تەركىۋلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەممە تەرەپلەرنى قوغدىشىمىز زۆرۈرىيەتتۇر. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مىللي خاسلىقىدىكى ھەر قانداق بىر تەركىپ ئاجىزلاشسا، ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگىسىز دەرىجىدە بۇزۇلسا ۋە ياكى بىر - بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئامىللار كۈچەيسە، مىللىي مەدەنىيەت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇلۇش كىرزىسىگە ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچۇن ئۆز ئىچىدە باشقا كۆپلىگەن ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ.

     ئىسلامىيەت نوقتىدىن ئېيتقاندا ياراتقۇچى ئاللاھ بۇ دۇنياغا ھەممە ئىنسانلارنى بىر - بىرلىرىدىن ئايرىم قىلىپ رەڭگى، تىلى، ياشايدىغان زېمىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى پەرىلىق قىلىپ ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى يارىتىش پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغىنىمىزدا پەرقلىق قوۋم- مىللەتنىڭ ئىسلام دىنىي قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت - سەنئەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى يارىتىش ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ بىر ئىش ئەمەستۇر. "ۋەتەننى سۆيۈش ئىسلامنىڭ جۇملىسىدىندۇر”، دېمەك ۋەتەننى سۆيۈش ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، شۇ ۋەتەنگە ئىگىدارلىق قىلىش بىر خاس قوۋم - مىللەت تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنى مىللەت قىلىپ شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل ئۆز تىل - يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە ياشايدىغان تەۋەلىك تۇپرىغىدۇر. ئۇيغۇر سەنئىتى - مەدەنىيەت كاتېگورىيىسى ئىچىدە تەبىئىيكى مىللىتىمىزنىڭ مىللەت بولۇپ تۇرۇشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبتۇر. قىسقىسى بۇ يەردە ئىسلامىي ئەقىدە، ۋە مىللىي خاسلىقتىكى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھىچ بىر بىر - بىرسىنى رەت قىلىدىغان ئاساس يوق. ئىسلام دۇنياسىدا ناخشا- مۇزىكا سەنئىتى بىلەن مىللەت، ھاكىمىيەت ۋە دىننىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا توغرا بىرتەرەپ قىلىنىپ بولغان بولۇپ بۇنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە ئىسلام دۇنياسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىش بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئەرەب دۆلىتى - مىسىر پادىشاھى فەئۇدنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە 1932 - يىلى 3- ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن "قاھىرە ئەرەب مۇزىكا قۇرۇلتىيى" ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىدا ئىسلامدا ناخشا - مۇزىكا ۋە سەنئىتىنى چەكلەيدىغان خاھىشلارغا تۇنجى قېتىم خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىسلام بايرىقى بىلەن ئۆز تېررىتورىيىسىنى 3 قىتئەگە كېڭەيتىپ 500 يىل ھۆكۇمىرانلىق قىلغان دۇنيا تۈركى دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىردىن- بىر چوڭ دۆلەت ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ 1920 - يىللىرىدىن باشلاپ تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئۆز ئەسلىگە - تۈرك مىللەت كىملىكىگە قايتىش ۋە تۈركىيە تۈرك دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش ھەرىكىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋابلار تاپالايمىز دەپ ئويلايمەن.

    ئارىمىزدىكى بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھە دىسلا چېكىدىن ئاشقان ئىسلامچىلىق خاھىشى بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتى، ناخشا - مۇزىكىسىنى قانداقتۇر ئاتالمىش ئىسلامچىلىق رامكىسى ئىچىدە"پەتىۋالار" بىلەن بوغۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت سۈپتىدە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كۆڭۈل بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي بىر مىللەت گەۋدىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ مىللي مەنپەئەتىگە يارىشا ساغلام راۋاجلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دەستەك بولۇش ۋە قوغداش بىز تەۋە بولغان بارلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ بۇرچىدۇر.

    ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ كەڭ مىللەت ئەزالىرىنى مىللي ئاڭ بويىچە تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم. ئۇيغۇر كۇيلىرىگە، ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئىستىمال ئورنىغا قارىساق، ئۇيغۇر ھاياتىنى ئۇيغۇرنىڭ مۇزىكا سەنىئتىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز چۈنكى ئۇيغۇر مۇزىكا – سەنئىتى ئۇيغۇر بولۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر سۈپىتىگە ئايلىنىپ بولغانلىغىدۇر.

   ئاخىردا بۇ يازمام ئارقىلىق خەلقىمىز سۆيگەن ناخشىچىمىز، مۇزىكانتىمىز سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ شاڭخەي مۇزىكا كونسورۋاتورىيىسىدىكى ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى، كەلگۈسىدە تالانتى ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيا سەھنىسىدە ئۇيغۇرنىڭ پارلىغان چولپىنى بولۇپ تونۇلىشىنى، خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ شان - شەرەپلەر قۇچۇشىنى، خەلقىگە يۈرەكنى مەھلىيا قىلىدىغان نادىر ناخشا - مۇزىكىلارنى كۆپلەپ تەقدىم قىلىشىنى تىلەيمەن.


   2013 - يىلى مارت، لوندون



   ماقالىنىڭ PDF  نۇسخۇسىنى بۇ ئۇلنىشتىن كۆرەلەيسىز ۋە ساقلىۋالاليسىز:

http://www.pdf-archive.com/2013/ ... uyi-sanuber-tursun/
qiteler-ara-qanatlanghan-uyghur-kuyi-sanuber-tursun.pdf



——————————————————————————————————



    تۈركىيىنىڭ كونىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 9 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىلاھىي مۇزىكا (mistik müzik) فېستىۋالىغا قاتناشقان سەنۇبەر تۇرسۇن ئانسامبىلىنىڭ فېستىۋالىدا سەھنىىسىدە ئورۇندىغان نەق مەيدان كونسېرتىدىن سىن كۆرۇنۇشى:


(1)

  http://v.youku.com/v_show/id_XNjEyODI2NDc2.html



(2)

  http://v.youku.com/v_show/id_XNjEyODI0NjI4.html



(3)

  http://v.youku.com/v_show/id_XNjEyODMzMzA4.html




http://u.youku.com/Uyghurway





5

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22452
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈن ئەپەندىم ۋەتەنداشلارەىن سىزگە ئوتلۇق سالام
قۇتلان تېلفۇنلىرى

4

تېما

0

دوست

222

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25328
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەخمەت سىزگە !

0

تېما

3

دوست

846

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسىلمىلاتسىيە بولۇش خەۋپىدە يۈرگەنلەر ۋەتەنگە قايتىپ كەلسە بولماسمىدى؟ نامرات بولساقمۇ ئۆز خەلقىمىز بىلەن ياشىماق نېمە دېگەن راھەت-ھە؟

1

تېما

0

دوست

1117

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkal يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 01:20
ئاسسىلمىلاتسىيە بولۇش خەۋپىدە يۈرگەنلەر ۋەتەنگە قايت ...

توغرا ئېيتتىڭىز. ‹‹چەتئەل چۈشى››نى مۇشۇ يېقىنغىچە كۈرۈپ كەلگەن ئىدىم. بىراق رايۇنىمىز ئىچىدىكى بىر نەچچە يۇرتقا بېرىپ-كېلىش جەريانىدا بۇ چۈشۈمنىڭ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆز دۆلىتىم، ئۆز يۇرتۇم ئىچىدە ياشاپ ئۆز خەلقىم بىلەن ھەمنەپەس بولالىسام شۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ تاتلىق، ئەڭ شىرىن چۈش ئىكەن.

0

تېما

3

دوست

846

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 02:12
توغرا ئېيتتىڭىز. ‹‹چەتئەل چۈشى››نى مۇشۇ يېقىنغىچە كۈ ...

مەنمۇ ئوغلۇمنىڭ چوڭىنى چەتئەلگە چىقارماق بولغان ھەم پاسپورتمۇ تەييار قىلىپ بولغان، ئوغلۇمنىڭ دوستلىرىمۇ ۋىزا ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىدى، ئەمما ئوغلۇمنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆز خەلقىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەنلىكى مېنى سۆيۈندۈردى، خىزمەت يوق بولسىمۇ (كەسپى 适航技术 ئىدى) «قەدىرلىك دادا، مېنى سەن تۇغۇلغان شۇ سەھراغا بېرىپ دېھقان بولغىلى قوي» دېگىنىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمدىن تارام-تارام ياش كەتكەن ئىدى!

7

تېما

0

دوست

5705

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1024
توردىكى ۋاقتى: 339
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭنىڭ پىششىغلانغان بۇ قىسمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم ۋە چىن ئىخلاسىم بىلەن ئوقۇدۇم. ناھايىتى چۇڭقۇر ئىزدىنىپسەن، تىرەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسەن. باغداشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىل كۈيلىرىڭ ئۈزۈلمىسۇن!!!

147

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى: 6520
تۆھپە : 4785
توردىكى ۋاقتى: 1265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ھەر ئاماللارنى قىلىپ چەتئەلگە چىقىشى كېرەك...بىزگە بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرى تولىمۇ لازىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )