قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilgejan

بىلگەجان: پورتلانددىكى كاتتا ئۇچرىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:07:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى قاچان يوللارسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:35:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ككرۈشكىچە ئاللاھ ئامان قىلسۇن.............
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

38

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   12.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25588
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىەتەن  بەك ياخشى  ئش بوپتۇ،ئاشۇتەرجىمە قىلغان قوللرىڭىزغا  مىڭ مەرتىۋە رەھمەت.

30

تېما

31

دوست

7510

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2516
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 00:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يىقىندا ئېلان قىلىنىغان «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەق مەيدان دوكلاتى» ( http://bbs.izdinix.com/thread-56948-1-1.html) (http://bbs.izdinix.com/thread-56092-1-1.html) ناملىق فىلىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە سالىمەن. بۇ دوكلاتنى شۆھرەتكام ئۆتكەن يىل 10-ئايدا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى ئىككى مۇھىم ساھەگە يىغىنچاقلىغانلىقى ۋە ھەر ئىككىلىسىدە يەنىمۇ چوڭ ئىلگىرلەشلەرنىڭ مەيدانغا كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى، لېكىن قانۇندىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشتا بەزى مەسلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى ھەم پات ئارىدا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئامېرىكا «يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى» بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى. بىر بىئولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بۇ خىل قېيىنچىلىقلارغا يولۇققاندىكى ھېسسىياتىنى ئوبدان چۈشىنەلەيتتىم. بىر ئالىم ئۈچۈن ئۆزى قىلىۋاتقان تەتقىقاتنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈشتىنمۇ چوڭ مۇكاپات بولمىسا كىرەك. نېمىلا بولسۇن شۇنچە يىل تېرىشىپ مەلۇم ساھەدە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە تەتقىقات سەۋىيسىنى ھازىرلاپ ئاندىن ئۆزىنىڭ بىر تەجىرىبخانىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاخىرىدا ھىچكىم قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن، سىناپمۇ نەتىجە قازىنالمىغان بىر ساھەدە بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىش مەندەك سانسىزلىغان ئەمدىلا تەتىقىقات ساھەسىگە قەدەم ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارمىنى. شۆھرەتكامغا نېسبەتەن ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى، ئۇنىڭ ئەمدىكى ئارمىنى ئېنىقكى شۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىنسانىيەتكە ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كىلىدىغان بىر ئۈنۈمنى كۆرۈشتۇر. مەن گەرچە شۇنداق يۈكسەك پەللىگە يىتىپ بولغان بىر ئالىمنىڭ بۇ ئاخرىقى مۇددىئا ئۈچۈن قانچىلىك تەقەززا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالمىساممۇ، ئەمما شۆھرەتكامنىڭ قەلبىدىكى تەققازالىقنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىلمىي مۇنازىرىلىمىزدىن خىلى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.   ئىنسانلارغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك نەپ ئىلىپ كىلىش - بىزدەك تەبئىي پەن تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرىمىز، كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ تېرىشىشىمىزنىڭ ئاخىرقى مۇددىئاسىدۇر. بىز كۆرۈۋاتقان بارچە مىدىتسىنادىكى ئىلگىرلەشلەرنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغاندەك قانداقتۇر دوختۇرلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولماستىن، ئەمەليەتتە بىزگە ئوخشاش ئاساسى بىئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئالدى بىلەن ھايۋانلاردا سانسىزلىغان مەغلۇپ بولغان تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ ئاز-ئازدىن ھاياتلىق دۇنياسىىنىڭ تىلسىماتلىق سىرلىرىنى پەيدىنپەي يېشىپ بىرىدىغان بىلىملەرنىڭ جۇغلىنىشىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇپ مۇۋاپىققىيەت قازانغان تەجىرىبە نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسانلارغا كۆچۈرۈلۈشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كىلىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ھەممەيلەن بىلىدىغان ئاسپىرىن دىگەن دورىنى مىسال ئالسام، سىز بۇ دورىنى ئىشلىتىپ يەڭگىل ئەمما ئۈزلۈكسىز سىزنى بىئارام قىلىۋاتقان چىش ئاغرىقىڭىز قويۇپ بەرسە چوقۇم بۇ دورىنى ئىچىشكە بۇيرۇغان دوختۇردىن كۆڭلىڭىزدە مىننەتدار بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز بۇ دورىنى كىملەرنىڭ قانداق ياسىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟ سىز كۆرۈپ تۇرۋاتقان ھەر بىر مۆجىزىدەك مىدىتسىنادىكى يېڭىلىقلار تىگىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئەمەليەتتە ناھايتى زور ساندىكى بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بولۇپ، ئاشۇ ئاسپىرىنغا ئوخشاش دورىلارنى ياساشتىن بۇرۇن لازىم بولىدىغان بارچە بىلىملەرنى بىئولوگلار ئاز-ئازدىن تەجىرىبخانىلاردا ھايۋانلار ھەتتا ناھايتى تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلارنى تەجىرىبىە قىلىپ ئېرىشكەن نەزەرىيۋى بىلىملەرنىڭ ئىنسانلارغا، كىلىنىكىغا تەدبىقلىنىشىدىن كەلگەن. ئىشەنمىسىڭىز، سىز بىر دوختۇردىن ئاسپىرىن نېمە ئۈچۈن ئاغرىقنى توختىتىدۇ دەپ سوراپ بىقىڭ، جاۋابى بەلكىم ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن دوختۇرلار ئاسپىرىننىڭ تومۇرلارنىڭ كېڭيىىپ-تارىيىشىدا رول ئوينايدىغان پىروستاگىلاندىن دەپ ئاتىلىدىغان ئاغرىق سېزىمىنى پەيدا قىلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ سېنتىزلنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئېنزىمنى تورمۇزلىغۇچى ماددا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالالىشى ناتايىن، ئەمما بىئو-خېمىيە بارچە بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ جىنى بولغاچقا بىئو-خېمىيەنىڭ قېلىن توملۇق كىتابلىرىدىن بىرنى ئەمەس نەچچىنى تۈگەتمىسە بىئولوگىيە ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالالىشى مۇمكىن بولمايدىغان ھەر قانداق بىر بىئولوگدىن سورىسىڭىز بۇنى سىزگە ئىزىپ ئىچكۈزۈپ ھەتتا سېڭدۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ چۈنكى بۇنىڭ سىرلىرىنى بىئولوگلار بايقىغان ۋە ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ بىلىملەرنى ئوبدان بىلىشىنى شەرتسىز بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدۇ. مىدىتىسنانىڭ ھەر قايسى تارماق ساھەلىرىمۇ ئەمەليەتتە بىئولوگىيەنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا مەركەزلەشكەن مۇھىم بىر تارماق پېنىدىن ئىبارەت، شۇڭا بەلكىم بۇنچىۋالا ئايرىپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ غايەت زور رولىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمەن ھەم ئۆزەممۇ دوختۇرلارنى ناھايتى ھۆرمەتلەيمەن، پەقەت دىمەكچى سىز بىزلەرنىڭ ساغلاملىقى، كېسەللەردىن خالىي، خۇشال-خۇرام ياشىيالىشىمىزدا دوختۇرلاردىن باشقا يەنە كىشىلىرىمىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇرمايدىغان بىئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئارقا سەپتىكى ئەڭ ئاساسلىق چۈمۈلىلەردەك تىرىشىپ-تىرمىشىپلا تۇرىدىغان مېھنەتلىك بىر قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن. ئۇلارنىڭ مىننەتسىز، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زېرىكىشلىك بىلىنىدىغان جاپالىق ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ جامائەتكە بىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغاچقا بۇ يەردە قوشۇپ قويۇۋاتىمەن. ئەمما بىز ئۈچۈن ھاياتلىقتىنمۇ قىزىقارلىق نەرسە دۇنيادا يوق، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ تۈپكى سىرلىرىنى ئېچىپ بىرىدىغان بىئولوگىيەدىنمۇ قىزىقارلىقراق، مەنىلىكرەك يەنە بىر كەسىپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەستۇر. دەل شۇنداق بولغاچقا شۆھرەتكامدەك كىشىلەر ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ھاياتىدىكى ئەڭ زور مەنالارنى تاپىدۇ ۋە ھەر بىر كۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا ئېرىشىپ، ئىزدىنشلىرىدىكى ھەر بىر جەڭ ئېلان قىلىشلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىدۇ.








شۇنداق قىلىپ گەپكە قايتىپ كەلسەك، شۆھرەتكام بىلەن بولغان بۈگۈنكى سۆھبەتلىرىمىزدىن قانچىلىك زور تەسىراتلارغا ئېرىشكىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن، بۇ سۆھبەتلەردىن بىردە ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر ئىلمىي يەكۈنلەر ۋە يېڭى بىلىملەرنى كاللامغا قاچىلاۋاتقىنىمدىن خۇشاللانسام، يەنە بىردە ئۇ ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىقلارنىڭ مەن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە زور ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىپ ئىچىم تەسۋىرلىگۈسىز ئاچچىققا تولاتتى. شۆھرەتكامدەك بىر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا قېينچىلىقلارغا يۈزلىنىشى بىردە مېنى ئېغىر ئويلاندۇرسا، بىردە ئۆزەمنىڭ شۇنچىلىك ئىمكانسىز ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىمدىن، ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتسە شۇنچىلىك ياردەم قىلغۇم بولسىمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىدىن يۈرىكىم پۇچۇلىناتتى. بۇ كۈندىكى ھېسسىياتىمنى ۋە بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە چامىمنىڭ يىتىشىچە يەتكۈزۈشكە تېرىشىپ باقاي.

داۋامى بار….

30

تېما

31

دوست

7510

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2516
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 00:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

ئۆيدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق كۆپ شەھەرلىرىگە ئوخشاش چىرايلىق ۋە رەتلىك سېلىنغان پاكا-پاكار ئۆيلەر ۋە يېشىللىققا پۈركەنگەن مەھەللىلەردىن تۈزۈلگەن بىر شەھەردىن ئۆتۈۋىدۇق، شۆھرەتكام بۇ كىچىك شەھەرنىڭ پورتلاند شەھرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بېۋىرلى (Beverly) دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەپتىدە ئۈچ كۈن مۇشۇ يولدا تەخمىنەن 15 مېنۇت ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ماڭدى. ھاۋا يەنىلا بىر خىل بۇلۇتلۇق ھەم ھازىر يامغۇر ياغقاندەكلا نەم كۆرۈنەتتى. ئۇ ئىشلەيدىغان ئورىگون دۆلەتلىك پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى دەل مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان بولۇپ، مەركىزى كوچىنىڭ خىلىلا ئىچكىرىسىدىكى بىر خالتا كوچىغا كەلگىنىمىزدە ئالدىمىزدا قويۇق ئورمانلىقلار تاشلىنىپ ياتاتتى. مۇشۇ ئورمانلىقنىڭ ئەگرى-بۈگرى يوللىرىدىن ئۆتۈپ بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، بىز «ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتى - ئورىگون دۆلەتلىك پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى» دەپ خەتلەر يېزىلغان يول بويىدىكى يوغان تاشنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ بىر قاراۋۇلخانىغا يىقىنلاپ كەلدۇق. شۆھرەتكام چۈشەندۈرۈپ ئامېرىكىدا ھايۋانلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ھەر دائىم مايمۇن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يېراق بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىغى ۋە مۇشۇ يەردىن ئىشلەيدىغان كىشىلەر باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇشۇ قاراۋۇلخانىنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. بىلىشىمچە، بۇ تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكىدىكى جەمئىي 8 پرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ گانگې دەرياسى مايمۇنلىرىنى ساقلاۋاتقان مەركەز بولۇپ، بۇ مەركەزدە 4500 غا يېقىن ھەر خىل تۈردىكى مايمۇنلار ساقلانغان. مەن ئىشلەۋاتقان «غەربىي جەنۇپ پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى» ئىت باش مايمۇنلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 3200 دىن كۆپرەك ھەر خىل تۈردىكى مايمۇنلار بار. گاڭگې دەرياسى مايمۇنى ۋە ئىت باش مايمۇنلار تەجىرىبخانىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىنسان-ئەمەس پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ ياردىمىسىز نۇرغۇنلىغان ۋاكسىنىلار ياسالمىغان، نۇرغۇنلىغان كېسەللەر ساقايمىغان بولاتتى. ئامېرىكىدىكى بۇ سەككىز پىرىماتلار تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 90-يىللاردىن كېيىن ھەممىسى دىگۈدەك شۇ رايوندىكى داڭلىق مېدىتسىنا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ تارمىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. بۇنداق بولۇشى مايمۇنلارنى بىقىشنىڭ چىقىملىرىنى تېخىمۇ ئاسانراق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان ئىكەن. (بۇ جەھەتتە جۇڭگودا پەقەت جۇڭگو پەنلەر ئاكادىميىسى كۇنمىڭ ھايۋاناتلار تەتقىقات مەركىزىدە 2005-يىلى قۇرۇلغان كۆلىمى ناھايتى كىچىك بىر پرىماتلار تەتقىقات مەركىزى بىلەن بېيجىڭ شىيىخى تىببىي ئۇنىۋېرسىتى تارمىقىدىكى تەجىرىبىگە ئىشلىتىدىغان ھايۋانلار مەركىزىنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى مايمۇن مەركىزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇنداق زور تىپتىكى تەتقىقات مەركەزلىرى مۇتلەق يوق). شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، مەنمۇ ھايۋانلارنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ھەم ئىلگىرى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما ئوۋ ئوۋلاش ياكى پۇل تىپىش نىيىتىدە ئەمەس، ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىشنى كۆزلىگەن بۇ پىرىماتلار تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى قوللاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن (ھەم شۇڭا شۇنداق مەركەزدە ئىشلەۋاتىمەن). بۇ تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ئىنسانىيەت تىببىي ئىلىمىنىىڭ ئىلگىرىلىشىدە قوشقان تۆھپىلىرىنى ساناپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ؛ بىزگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكىدىن بىرنى مىسال قىلسام، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى دەل مەن ئىشلەۋاتقان غەربىي جەنۇپ پىرىماتلار مەركىزىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ بۇ ۋاكسىنا بولمىسا دۇنيادا ھازىر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولمىغان ئىنسانلار ناھايتى ئاز قالغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئامېرىكىدا ھايۋاناتلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچى ناھايتى زورىيىپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ نامايىشلىرى ۋە ناچار ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىۋىرىشى ئارقىسىدا خارۋاردا ئۇنىۋېرستىتى قارىمىقىدىكى «يېڭى ئىنگىلاند دۆلەتلىك پرىماتلار مەركىزى» بۇ يىل 6-ئايدا پۈتۈنلەي تاقالماقچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھايۋانلىرىنىڭ بىزنىڭ مەركەزگە يۆتكەپ كېلىنمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدىم. شۇڭا، بىزمۇ بەلگىلىمە بويىچە بۇ تەتقىقات مەركىزىدە ھىچقانداق سۈرەتكە تارتمىدۇق، پەقەت شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىدا بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق. بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بۇ تەتقىقات مەركىزى كىرىشكىلا كىشىگە تەبىئەتكە ناھايتى يېقىن تۇيغۇ بىرەتتى ھەم بەكلا يېڭى ۋە چىرايلىق كۆرۈنەتتى. بىز ماشىنىدىن چۈشسەك بىراقلا سوغۇق بولۇپ كەتكەندەك بىلىندى ۋە ماشىنا توختىتىش ئورنى بىلەن شۆھرەتكام ئىشلەيدىغان بىنانىڭ ئارىلىقى خېلى ئۇزۇندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بىنانىڭ ئىچىگە كىرىشىمىزگە ئۇرۇلغان ئىسسىق ھاۋا تولىمۇ خوشياقتى. تاشپولاتكام سەل يىلىڭ كېيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چاندۇرمىغىنى بىلەن خىلى تىترەپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرگەندە:
-تاشپولاتكا، سەل توڭۇپ قالدىڭىزمۇ نېمە، ھە-دەپ قەستەن چاقچاق قىلىۋىدىم. تاشپولاتكام:
-ئۇكام، مەن غۇلجىدا چوڭ بولغان، بۇنچىلىك سوغۇق مەن ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس دېدىيۇ، ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى






شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىلىرى مەخسۇس غول ھۈجەيرە ۋە كۆپىيىش بىئولوگىيىسى تەتقىقاتىغا ئاتاپ يېڭىلا سېلىنغان بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا بولۇپ، ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۇلغان تەشتەكتىكى ئېگىز ئۆسكەن گۈللەر ۋە بىر ياقتىن كېلىۋاتقان قېنىق قەھۋە پۇرىقى كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايتتى. بىنانىڭ ئىشكىدىن كىرىپلا كۈچلۈك تەتقىقات پۇرىقىغا تولغان بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. بىنادىن كىرىشكە يېقىندا بۇ يەردە سۆزلەنمەكچى بولغان ئىلمىي لېكسىيەلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرى ئۇچ پۇتلۇق يۆتكىلىشچان ئېلان تاختىلىرىدا تېزىلىپ كەتكەن، شۆھرەتكاملار ئېلان قىلغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى مۇقاۋىسىغا چىققان غول ھۈجەيرە ۋە گاڭگې دەرياسى مايمۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرى تاملارغا يوغان جازىغا ئېلىنىپ ئېسىلغان ئىدى. گەرچە بۈگۈن روژدىستىۋا بايرىمىنىڭ 2-كۈنى بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىنادىكىلەر بايرامنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.لېفىتقا ئولتۇرۇپ شۆھرەتكامنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتكە جايلاشقان تەجىرىبخانىسىغا چىقىۋىدۇق، ھەيرانلىق ئىچىدە بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بايرام ۋە دەمئىلىش كۈنلىرىدە ئىشلەشنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئاكادېمىيە ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا، بولۇپمۇ ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ ھەر كۈنى يېڭىلىقلارنى دۇنياغا سۇنۇۋاتقان تەجىرىبخانىلاردا تېخىمۇ شۇنداق. شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشخانىلاردا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاسىيالىق ۋە ياۋروپالىق چىراي بىر مۇنچە تەتقىقاتچىلار ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بىز شۆھرەتكامنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگۈچە شۆھرەتكام ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشتى ۋە بىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويدى، بىزمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بۇ جاپاكەش، سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلەن سالام قىلدۇق. قىسىقىغىنە بىر نەچچە دەقىقە ئىچىدە، تاشپولاتكام ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىپ قويدۇق، ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى شۆھرەتكامنىڭ قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا كاتتا نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئازراق ھېس قىلدۇق، دەۋاتقاندەك قىلاتتى. شۆھرەتكام بىزنى ئىشخانىسىغا كىرىپلا سۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ۋە چاپانلىرىمىزنى قولىمىزدىن ئىلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويدى. ئۇنىڭ ئازادە ئىشخانىسىنىڭ تاملىرىغا ئۇ ئېرىشكەن بىر مۇنچە دۆلەتلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرى ئېسىلغان ۋە لىق توشۇپ كەتكەن كىتاب جاھازىلىرى بىلەن ئالاھىدە يىقىملىق بېزەلگەن ئىدى. كىتاب جاھازىسىدا يەنە ئۇنىڭ يېقىندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىمۇ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بىز ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ شۇ كۈنلۈك بىر قىسىم جاۋاپ قايتۇرۇشى زۆرۈر بولغان ئېلخەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرغىچە ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ تۇردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىئانە مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئەتىسى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە يىغىنلارغا قاتنىشىشى كىرەكلىكىنى ئيېتىپ بەرگەن ئىدى، مەن سەل ھەيران قالدىم، ئەمما بۇ سوئاللىرىمغا ئۇزۇن ئۆتمەي جاۋابمۇ تاپتىم…





بىز ئىشخانىدا پۇتىمىزغا ئاياق قاپلىرىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن تەجىرىبىخانىلارنى كۆرگىلى چىقتۇق. كارىدورنىڭ تاملىرىغا ئۇ «تەبىئەت» ژۇرنىلى، «ھۆجەيرە» ژۇرنىلى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدىن تاللانغان سۈرەتلەر رامكىغا ئېلىنىپ ئېسىلغان ۋە بىر تام دوسكىسىغا تەجرىبىخانا يېقىندا ئېلان قىلغان بىر توپ ماقالىلەر مىخلاپ قويۇلغان ئىدى. بىز ئالدى بىلەن غول ھۈجەيرىلەرنى ئۆستۈرىدىغان تەجىرىبخانىغا كىردۇق، بۇ يەردە بىر ئاق خالات كىيىۋالغان ئېگىز سېرىق چاچلىق ئايال بىزنىڭ كىرگىنىمىزنىمۇ تۇيماستىن مىكروسكوپتا تىكىلىپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بىر ھازادىن كىيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرگەندە شۆھرەتكام ئۇنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويدى. بۇ ئۆي ئىچى ئالاھىدە ئىسسىق بولۇپ، غول ھۆجەيرە مۇشۇنداق ئىسسىق مۇھىتىنى ياخشى كۆرگەچكە بۇ ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى مۇشۇنداق ئىسسىق ساقلىنىشى زۆرۈكەن. شۆھرەتكامنىڭ دىيىشىچە، مۇشۇ ئايال پۈتۈن تەجىرىبخانىدا ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ تەجىرىبخانىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر تېخنىكىدا بۇ ئايالنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغانلار يوق دىيەرلىك بولۇپ، شۆھرەتكام ئۆستۈرگەن غول ھۈجەيرىلەرنى كۈندە بىقىش ۋەزىپىسىنى ئۇ ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. شۇنداق، ھۆجەيرىلەرنىمۇ بىقىش كىرەك خۇددى بوۋاق بالىنى باققاندەك باقمىسڭىز ئۇلار «خاپا» بولۇپ قالىدۇ، كۈنىگە «يەيدىغان-ئىچىدىغىنى» نى ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسىڭىز، ئۇلار سىز ئىشلىمەكچى بولغان تەجىرىبىلەرگە ئوبدان ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆلۈپ قالسا بىر مۇنچە ۋاقىت ۋە تەتقىقات مەبلىغىگە زىيان بولىدۇ، دىگەن گەپ. بۇ بىر مۇنچە باكتىرىيەسىىز مەشغۇلات مۇنبەرلىرى، مىكروسكوپلار بىلەن تولغان تەجىرىبخانا تاشپولاتكامغا راۋۇرۇس ئالاھىدە بىلىندى بولغاي: ئۇكام، سىزنىڭ تەجىرىبخانىلىرىڭىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشامدۇ، قاراڭ ئاۋۇ شۆھرەت ئىشلىتىپ سۈرەتكە چۈشكەن مىكروسكوپ شۇ ئوخشايدۇ، نېمىدىگەن مۇرەككەپ كۆرۈنگەن، دەپ ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەلۋەتتە بۇ تەجىرىبخانىنى سىز كۆرسىڭىزمۇ شۇنداق ئويدا بولۇشىڭىز ئېنىق، ئەمما بۇ تەجىرىبخانا مەن ئامېرىكىدا كۆرگەن باشقا تەجىرىبخانىلاردىن ئۇنچىۋالا كۆپ پەرقلەنمەيتتى، پەرقلىنىدىغىنى ئېنىقكى بۇ يەردە كىملەرنىڭ، قانداق تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتقىنى ئىدى. بىز يەنە ھايۋانات ئاناتومىيە تەجىرىبىخانىسى ۋە باشقا ھۈجەيرە بىئولوگىيە تەجىرىبخانىلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ ئەڭ ئاخرىدا مەخسۇس مىكروسكوپ ئۆيىنىڭ يېىنىغا جايلاشقان يەنە بىر يورۇق، كەڭرەك تەجىرىبخانىدا خىلى ئۇزۇن مۇنازىرىلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. مەن بىلمەكچى بولغان سوئاللىرىمنىڭ كۆپىنچىسىگە مۇشۇ يەردە جاۋاب چىقىپمۇ قالدى.

داۋامى بار….


32

تېما

11

دوست

3490

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1084
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:14:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.

0

تېما

0

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24888
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كەتسۇن  پەخىرلىك  ئالىملىرىمىز  ،ئادەمنى  ھاياجانغا سالىدىغان  مۇشۇنداق  تېمىلىرىنىڭز  مەڭگۇ  قانات قاقسۇن .  بىزدىن   10 گېنىرال چىققاندىن  كورە  بىر ئالىم چىققان  ياخشى . ئالىمىلىرىمىزىڭ  تېنى سالامەت لىك  يار  بولسۇن.

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 10:20:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملارنىڭ ئۇچرىشىشى ئادەمنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرسە،سۆھبىتى تەشنالىققا ئۈندەيدىكەن،ئاللاھ يەنىمۇ چوڭ ئۇتۇق ۋە ئەھمىيەت بۇيرۇغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )