قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1502|ئىنكاس: 38

بىلگەجان: پورتلانددىكى كاتتا ئۇچرىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

15

دوست

4167

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 91
تۆھپە : 1320
توردىكى ۋاقتى: 482
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش

ئاپتورى: بىلگەجان


1009538_478619498915053_183461746_o.jpg


     ماشىندىكى قىزغىن پاراڭلىرىمىز ئۈزۈلمىگەن پىتى ئايرودرۇمنىڭ بېلەت سېتىش زالىغا كىرىپ كەلدۇق. بىز كىرگەن ئىشىكنىڭ دەل ئۇدۇلىدىكىسى مەن چۈشكەن ئاۋىئاتسيە مۇلازىمتىنىڭ بېلەت چىقىرىش ئورنى بولۇپ، قەدەملىرىمىزنى توختاتتۇق ۋە ئىككىمىزنى ئۇزىتىپ كەلگەن بۇ ئەزىز كىشىنى ئەمدى قايتىشقا دەۋەت قىلدۇق.
-چۈشتىن كىيىن قاتنىشىدىغان يىغىنىڭىز بار ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالدى، سىزنى كېچىكتۈرۈپ قويمايلى، دەپ سۆز باشلىدى تاشپولاتكام.
مەنمۇ ئۇنىڭ پىكىرىگە ئاۋاز قوشتۇم:
-شۇنداق، ھېلىمۇ شۇنچە كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالدۇق، ئەمدى سىز يىغىن تەييارلىقلىرىڭىزنى قىلىۋىلىڭ، بىز مۇشۇ يەردە خوشلىشايلى...
      ئۇنىڭ قايتىپ كىتىشى ئۈچۈن شۇنچە كۈچىگەن بولساقمۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقىلى 20 يىل بولاي دىگەن بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مېھماندوستلۇقى قان-قېنىغا سېڭىپ كەتكەن بۇ مېھرى ئىسسىق كىشىگە كار قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇ تىزلا بىر قارارغا كىلىپ تاشپولاتكامنى ئىلىپ ئۇنىڭ بىلەتلىرىنى چىقىرىۋالغاندىن كىيىن مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كىلىپ بىللە ساقلايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ئىككىسى زالنىڭ ئۇ تەرىپىگە پاندىشىپ كىتىپ قالدى. ئامېرىكىدا بايرام مەزگىلى بولغاچقا ئايرودرۇم ناھايتى قىستاڭ كۆرۈنەتتى، ئالدىمدىكى ئۇزۇن S شەكىللىك قاتاردا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر خۇددى بىر ئېزىدا توختاپ قالغاندەك ھېچبىر ئالدىغا سۈرۈلەي دىمەيتتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئۈچ كۈنلۈك سەپىرىمنىڭ تولىمۇ خۇشال ۋە ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىدىن كەيپىياتىم چاغ بولغاچقا، ئادەتتە قاتاردا تۇرساملا ئىچىم سىقىلىپ تېزراق نۆۋەت كىلىشىنى كۈتۈپ جىددىيلىشىپ كىتىدىغان مەن بەخىرامان ھالدا خىياللارغا پاتتىم. تۇرۇپلا كىمدۇر بىرىنىڭ رەئىسلەرنىڭ ھوزۇرىدا ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمگەندىكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇ كۆرۈشكەن رەئىسلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقىشىنى ماختىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالغانلىقى ئېسىمگە كىلىپ، مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ھوزۇرى باشقىچە، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئالاھىدە تۈزۈت قىلىپ كىتىشىڭىزنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق چۈنكى كۆپىنچە ئالىملار تۈز مىجەزلىك، ئاددى-ساددا، چىقىشقاق ۋە كىچىك پىئېل  كىشىلەردۇر. ئۇلار سىزنى دوستىدەك كۆرۈپ مۇئامىلىدە بولغاچقا، تىزلا سىزنىمۇ ئۆزى بىلەن كونا دوستلاردەك ھېسسىياتقا ئەكىلەلەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بولغان ھەر بىر دىئالوگدىن ھوزۇرلانماي، يېڭى نەرسىلەرنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىز. مۇشۇلارنى ئويلاۋىتىپ ئۆز-ئۆزۈمگە خىتاپ قىلدىم ئىچىمدە: بىراۋ بىلەن كۆرۈشۈشتىن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك بولسا مانا مەن پەخىرلىنىشىم كېرەك!
          ئۈچ كۈن ئاۋۋال بۇ ئىككەيلەن بىلەن مۇشۇ پورتلاند ئايرودرومىدا كۆرۈشكەن مېنۇتلار ئېسىمگە چۈشتى. ئۇ كۈنى مەن چۈشكەن ئايروپىلان 4 سائەت كېچىكىپ قالغان ئىدى، شۇڭا بىر خىل خىجىللىق، گاڭگىراش ئىچىدە يۈك تاق ئىلىش ئورنىغا تىز-تىز قەدەم ئىلىپ كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا پەيدا بولغان ئىككى نۇرلۇق سىمانى كۆرۈپ شۇنچىلىك ھاياجانغا چۆمگەن ئىدىم. قولۇمدىكى سومكىنى تاشلاپلا ماڭا قۇچاق ئاچقان بۇ مېھىرلىك كىشىلەر بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. بىر يات ئەلدە ئۇيغۇرغا چىرايى ئوخشاپ قالىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىڭىزمۇ خىلى سەپسېلىپ زادى ئۇيغۇرمىدۇ، ئەمەسمىدۇ دەپ قاراپ كىتىسىز. مۇنداق تونۇش ئىللىق چىرايلارنى كۆرگەندە يۈرەكلەر دۈپۈلدەپ سوققىنى سوققان... نەچچە دەقىقە ئاۋۋالقى گاڭگىرىغان تۇيغۇلىرىم دوستلارچە ئەھۋالىشىشلاردىن قەيەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى، بۇ ئىككەيلەننى ماڭا بىر مۇنچە ساقلاپ مېنى مۇنچىۋالا قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ دەپ ئويلاپ يىتەلمىگەچكىمۇ، قەۋەتلا خۇشال بولدۇم ۋە يۈك تاقىلىرىمنى تىزلا ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئايرودرۇمدا شۇ خۇشال ھاياجانلىق كەيپىياتتا بىر مۇنچە سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. ئاۋۋال تاشپولاتكام ئىلىپ كەلگەن كەسپىي فوتوگرافلارنىڭ ئاپپاراتىغا ئوخشايدىغان ئېسل ئاپپاراتتا ئىككى-ئىككىدىن بىر-بىرىمىزنى تارتىپ بولۇپ، ئۈچىمىزنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇشقا سېرىق چاچلىق بىر خانىمدىن ياردەم سورىدىم. ئۇ چوڭ ئاپپاراتتا تارتىپ بولغاندىن كىيىن، بىز تېلېفۇنلىرىمىزنى چىقىرىشىپ ئۇنىڭدىمۇ سۈرەتكە تارتىپ قويۇشىنى ئۆتۈندۇق، ۋە بۇ ئايالغا كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈردۇق: «ئوتتۇرىمىزدىكى بۇ كىشى بىر چولپان، شۇڭا كۆپرەك سۈرەتلەرگە چۈشىۋىلىشىمىز كىرەك». ئۇ ئايال قىزىقسىنىپ سورىدى:
-شۇنداقمۇ؟ مەن بىلمەلمەپتىمەن.
-ئۇ دىگەن دۇنيادىكى ئون مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ بىرى، ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى سەھنىدە ئەمەس تەجىرىبخانىدا ئۆتكۈزگەچكە ئۇنى كۆرمىگەن بولۇشىڭىز تەبئىي، دەپ چاقچاق قىلدىم،- مەن. ئۇ خانىم باش لىڭىشتتى ۋە قىزغىنلىق بىلەن بىز بولدى دىگۈچە سۈرەتلەرگە تارتىپ قويدى.
         شۇنداق قىلىپ شۇ قىزغىن كەيىپىياتتا سىرتقا چىقىپلا ھەيران قالدۇق، بىر دەمدىلا 20 مېتىر نېرىدىكى ئادەمنى پەقەت كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە چاڭ (تۇمان) قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ئىككەيلەن ماشىنىنى توختاتقان ۋاقىتتا ھاۋا بەكلا ئوچۇق ئىكەنتۇق. شۇنىڭ بىلەن پاراڭ تېمىمىز تەبئىيلا مەن كەلگەن تېكساسنىڭ ۋە تاشپولاتكام كەلگەن كالىفورنىيەنىڭ ھاۋاسى ئۈستىگە يۆتكەلدى. تاشپولاتكام كالىفورنىيەنىڭ ھاۋاسىنىڭ ھېلىمۇ ئىللىق ۋە كۈندە دىگۈدەك ناھايتى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەنمۇ تېكساستا قىسقا يەڭ كۆينەكنىىڭ ئۈستىگە ئۈزۇن يەڭنى سەپلىگىلى تېخى بىرەر ھەپتە بولغىنىنى ئېيتىپ ماختىنىپ ئۈلگۈردۈم. شۇ پاراڭلار بىلەن ماشىنا توختىتىش ئورنىدىنمۇ چىقىپ قالدۇق، ۋە ماشىنا توختىتىش ھەققىنىڭ 3 دوللار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەردە ھەجەپ ئەرزانكەن دسىەك، ساھىبخان بىز ئويلىمىغان يەردىن:
-ئەسلى بىكارلىق ئىدى، دىمەسمۇ، پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.  
    ماشىنىدا كىتىۋىتىپ ھەممەيلەن ئۆزىمىز توغۇرلۇق، ئائىلىمىز ۋە خىزمەتلىرىمىز توغۇرلۇق بىر قۇر قىزغىن سىردىشىپ چىققاندىن كىيىن نەچچە مېنۇت جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال قىلىۋىلىشىمغا پۇرسەتمۇ چىقتى. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ ئىككى كىشى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغىنىدىن قەۋەتلا خۇشال ئىدىم، بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن خۇشال بولماي كىم خۇشال بولسۇن؟! بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئاللىقاچان پەرەز قىلغىنىدەك، ماشىنا ھەيداۋاتقنى دەل ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ، يېنىدا ئولتۇرغان كىشى بولسا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە بىلىمىنىڭ زاكىتىنى تۆلەپ كىلىۋاتقان جامائەتكە تونۇشلۇق پەخىرلىك ئۇستاز، ئامېرىكىدىكى ماتېماتىكا پەنلىرى پىرافىسورى تاشپولات روزى ئىدى. دەل تاشپولاتكام بۇ قېتىملىق سەپىرىمىزنى پىلانلاپ بۇ كاتتا ئۇچرىشىشنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى. بۇ ئۇچرىشىشنى كاتتا ئۇچرىشىش دىيىشكە تولۇق ھەقلىقمەن: بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر پۇشتىدىن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ياشاپ ئۆتكەن مەن بىلىدىغان ئىنسانلار ئىچىدە ئىلىم-پەندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ئاجايىپ كاتتا ئىلمىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان، نامى دۇنيا ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ شانلىق بەتلىرىدىن ئاللىقاچان ئورۇن ئالغان بىر كىشى بولسا، يەنە بىرى ئامېرىكىغا كەلگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مول بىلىمى، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستىداتى ۋە غايەت زور تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئامېرىكىدەك بىر ئالىي مائارىپى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتتىكى بىر ئۇنىۋىرستىتنىڭ غوللۇق رەھبىرى ۋە پىرافىسىورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئۇستاز. بۇ ئىككى ئۇستاز بىلەن ئۇچرىشىش ۋە بىر نەچچە كۈننى بىللە ئۆتكۈزۈش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ، چوقۇم ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئالاھەزەل بىر سائەتكە يىقىن ماشىنا ھەيدەپ كەچ كىرگەندە شۆھرەتكامنىڭ پورتلاند شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق. ئىشىكتە شۆھرەتكامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. گۈلنۇر خانىم بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ تۇرساق بالىلار يۈگۈرۈپ كىلىپ تاشپولاتكام ئىككىمىزنى قۇچاقلاپ قويدى. نېمىدىگەن ئەدەپلىك بالىلار دەپ قالدۇق ئىچىمىزدە...

1071171_477481325695537_1122764840_o.jpg


1518533_477481392362197_1278549689_o.jpg


1557279_477481982362138_184881043_o.jpg


1009026_477481282362208_549016233_o.jpg



      بۇ كەچنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى شۇ ۋاقىتتىمۇ بىلمىگەن، ھازىر ئەسلىسەممۇ بىلەلمەي قالدىم. مەن كىلىشتىن ئاۋۋال تاشپولاتكام شۆھرەتكامغا مېنىڭ ئۇ ئېلان قىلغان ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تور ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە يەتكۈزگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. 12-ئاينىڭ باشلىرىدا شۆھرەتكامنىڭ ئىنسان غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى دەۋىر ژورنىلى تەرىپىدىن 2013-يىلدىكى دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىلمىي بۆسۈشىنىڭ 4-سى بولۇپ باھالانغاندا مەن بۇ خەۋەرنى ئالدى بىلەن ئىزدىنىش تورىدا، ئاندىن تولۇقلانغان مەزمۇنىنى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىشى ئۈچۈن خەۋەر يېزىپ سۇنغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر تىزلا تارقىلىپ شۆھرەت مۇتەللىپ دىگەن ئىسىم ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا شۈبھىسزكى شۇ ئايدىكى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئىسىم بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر يۈرىكىگە ئىگە بارچە كىشىلەر خۇشال بولۇشتى، ھاياجانلاندى ۋە ئالىمنى ئالقىشلىدى. بىز بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەچ  ئۇنى يۈز تۇرانە مۇبارەكلىدۇق ۋە بارچە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن خۇشال بولغان كىشىلەرنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى شۆھرەتكامغا يەتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن شۆھرەتكام ۋە گۈلنۇر ھەدەم ئىككىلىسى ھەيران قالدى ۋە ناھايتى خۇشال بولدى. بىز گۈلنۇر ھەدەم تەييارلىغان ئوخشاپ كەتكەن سامسا، پەرمۇدە، بىر نەچچە خىل تەملىك قازاقىستان خام سەيلىرى ۋە ئىشتىھايىمىزنى ئېچىپ مېززىلىك پۇراپ ئاخىرى پىشقان (قورساقمۇ سەل ئېچىپ قالغان ئىدى ئەمەسمۇ undefined ) پولۇ بىلەن شۆھرەتكام دەملىگەن قىززىق چايلارنى ئىچكەچ ئولتۇرۇپ بۇ ئازادە ھەم چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيدە پاراڭغا چۈشكەنچە بىر دەمدىلا كېچە كىرىپ بالىلارنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتىمۇ بولدى. بالىلارغا خوش دىگەندىن كىيىن بىز يەنە سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.
       پاراڭ تېمىلىرى شۆھرەتكامنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ سوۋېت ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەندىكى قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرىگىچە؛ ئۇنىڭ قانداق قىلىپ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىپ كەلگەنلىگىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھازىرقى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدىكى كىشى ئويلاپ يىتەلمەيدىغان ئىزدىنىش جەريانلىرىغىچە؛ تاشپولاتكامنىڭ ئىلگىرى ياپونيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى ئۆزگىچە سەرگۈزەشتىلىرىدىن تارتىپ ئامېرىكىغا دەسلەپ كەلگەندىكى كىشىنى تېرىشىشقا ئۈندەيدىغان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياپونلار ۋە ئامېرىكانلارغا بولغان قاراشلىرىغىچە؛ مېنىڭ ئۆتكەن يىل ۋايومىڭ ئۇنىۋىرستىتىدا دوكتۇرلۇقنى تاماملىغاندىن تارتىپ قانداق قىلىپ ھازىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېكساس ئۇنىۋېرسىتىتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزىگە ئورۇنلىشىشىمغىچە بولغان جەرياندىكى ھېكايىلىرىم... ئىشقىلىپ ناھايتى كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇنلاردا ھوزۇرلۇق پاراڭ سېلىشىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدۇق. شۇنداق، ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان ھېكايىلىرى بار كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يەنە قانداق گەپلەر چىقاركىن دەپ زېرىكمەي قۇلاق موللىسى بولۇپ ئولتۇرىدىغان ئىشكەن. گۈلنۇر ھەدەمنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە، 7-8 يىللار ئىلگىرى ئۇلار ھازىر مەن تۇرۋاتقان تېكساسنىڭ سان ئانتونىيو شەھرىگە كۆچۈپ كىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تېكساس ئۇنىۋىرستىتى سان ئانتونيو تارمىقى شۆھرەتكامنى پىرافىسورلۇققا تەكلىپ قىلغان ئىكەن. ئۇ سان ئانتىيونىڭ بىر گۈزەل شەھەر ئىكەنلىكىنى ماختىغاچ تېكساستىكى ئۆيلەرنىڭ چوڭلۇقى ۋە ناھايتى ئەرزانلىقىنى، ئەمما شۆھرەتكام ئۇ يەردە تەتقىقاتى ئۈچۈن مايمۇنلارنى ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولمىغانلىقتىن ئاخىرىدا خىزمەت تەكلىپىنى رەت قىلغانلىغىنى سۆزلەپ بەردى. پاراڭ ئارىلىقىدا پات-پات كۈلكىمىز يۇقرى پەللىگە كۆتۈرۈلۇپ بالىلارنى ئويغىتۋىتەرمىزمۇ، دەپ ئويلاپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. گۈلنۇر ھەدەمنىڭ ئوچۇق-يورۇقلۇقى ۋە دوستانلىقى، شۆھرەتكامنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي ھېكايىلىرى، تاشپولاتكامنىڭ ئادەمنىڭ ئۈچىيىنى ئۈزۈپ قويغۇدەك قىززىق پاراڭلىرى بىلەن ئۆي ئىچى كىشىگە ناھايتى يىقىشلىق كۆڭۈل ئازادىلىكىگە تولغان ئىدى. جىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق، ئەمما يۈرەكلىرىمىز ھىچ قانمىدى. ئاخىرى گۈلنۇر ھەدەم:
-مەن بىلىمەن، سىلەرگە قويۇپ بەرسەم بىر كېچە پاراڭلاشساڭلارمۇ گىپىڭلار تۈگىمەيدۇ. ھەر قېتىم ئۆيىمىزگە سىلەردەك مېھمانلار كەلسىلا شۇنداق بولىدۇ، ھازىر ئارام ئىلىپ پاراڭنىڭ ئاخىرىنى ئەتتىگەنلەككە قىلىشايلى، دەپ بىزنى ئارام ئىلىشقا دەۋەت قىلدى.

1534696_477481562362180_1025163178_o.jpg


1512035_477481049028898_765433479_o.jpg


1048428_477481662362170_1985432688_o-2.jpg



       شۇنداق قىلىپ بىز ئەتىسى شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىسىغا بىرىپ كۆرۈپ كىلىشىنى پىلانلاپ ئارام ئىلىشقا تەرەددۇق قىلدۇق. تاشپولاتكام ئىككىمىز ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئىچكىرىسدىكى بىزگە راسلانغان ئازادە ئۆيگە نەرسىلىرىمىزنى ئىلىپ چىقىپ جايلىشىۋالدۇق. گەرچە سائەت 12 دىن ئاشقان بولسىمۇ، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەن ئىدى. بىز گەرچە ئۆتكەن يېرىم يىلدىن بىرى تېلېفۇنلاردا كۆرۈشۈپ تۇرغان بولساقمۇ، بۇ تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشىمىز ئىدى، ئەمما بىز كونا دوستلاردەكلا چىقىشىپ كەتتۇق، يۈرەكلىرىمىز يىقىن بىلىندى. مەن تاشپولاتكامنى ئوخشاشلا ناھايتى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇنىڭ مىجەزى مەن ئويلىغاندىنمۇ خۇشچاقچاق بولغاچقىمۇ، ئۇنىڭغا مەنمۇ چاقچاقلارنى قىلىپ يىقىن دوستىلاردەك بىردەمدىلا ئۆزلىشىپ قالدىم. تاشپولاتكامنى مەن ئۆتكەن يىلى توردا ئۇ توغۇرلۇق يېزىلغان ماقالىدىن بىلگەن ئىدىم ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تىپلغۇسىز تېرىشچانلىق، ئىجتىھاتچانلىق روھى قايىللىقىمنى قوزغىغان ئىدى. تاشپولاتكام ئىككىمىز ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئاممىباپ ماقالىلەرنى يېزىش ئارقىلىق بىلىمىمىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بارماق بىلەن سانىغۇدەك بىر نەچچە كىشىنىڭ قاتارىدىن بولغاچقا، بىز پات-پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتۇق. ئۇ ئاۋۋال تۇنجى بولۇپ ئۆتكەن يىل يازدا ماڭا تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئيېتىپ ئۇچۇر قىپتىكەن، مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئۇ ۋاقىت دەل مەن «دوكتۇرشۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم» ناملىق ماقالەمنى ئېلان قىلغان 8-ئاي ۋاقىتلىرىغا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تەبئىي پەنلەرگە ئائىت دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك قىلىپ ئاممىباپ تىلدا كەسىپ سىرتىدىكىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى  مېنىڭ شۇ ماقالەمدىن تولۇق ھېس قىلغانلىقىنى ۋە مېنىڭ مۇشۇنداق كۆپ جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە، ئاممىباپ ھەم ئىلمىي قىممىتىمۇ يۇقىرى بىر نادىر ئەسەرنى يازغانلىقمىدىن ناھايتى سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتقاچ ئاتايىتەن مېنىڭ دوكتۇرلۇقنى تاماملىغانلىقىمنى مۇبارەكلەپ تېلېفۇن قىلغان ئىكەن. بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئۇ فېيسبۇك (چەتئەللەردىكى كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئاممىۋى مۇناسىۋەت تورى) تا ئۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى نۇسخىسىنىمۇ ئۇرۇپ چىقىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەشۋىق قىلغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ ناھايتى خۇشال بولدۇم، تەسىرلەندىم ۋە ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئۆزۈم تېلېفۇن ئۇرۇپ سالام قىلمىغانلىقىمدىن ئېزا تارتىپمۇ قالدىم. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن تونۇشىدىغان ياكى تونۇشمايدىغان ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تېلېفۇن ياكى توردا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق ماڭا بەرگەن مەدەتلىرى ۋە ئەمەلىي ياردەملىرىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستىتىدىكى ئېلىكتىر ئېنژىنىرى، پىرافىسور رەيھان بەكتۇر ھەدەم بىلەن پېنسىلۋانىيە شىتاتى فىلادېلفىيە شەھرىدىكى دۇنياۋى چوڭ دورا شېركىتى فايزەردىكى ئاتاقلىق دورىشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى رىشات ئابباس ئاكامنىڭ مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان ۋاقتىمدا ئالاھىدە تېلېفۇن ئۇرۇپ «ئامېرىكىدا تەبئىي پەندە دوكتۇرلۇقنى ئالغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن» دىگەنلىرى ۋە ماڭا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىمنى ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز، دەپ قارايمەن. تاشپولاتكامنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېفۇنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا مېنى سۆيۈندۈرگەن ئىدى ۋە ئۇنىڭ گەپكە ئۇستا، نۇتۇق قابىلىيىتى ناھايتى يۇقىرى، تولىمۇ خۇشچاقچاق كىشى ئىكەنلىكىنى تۇنجى رەت تېلېفۇندا شۆزلەشكەندىلا ھېس قىلىپ شۇندىن كىيىن تارتىنمايلا پاراڭلاشقۇم كەلسە ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ قويۇپ پات-پات ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق. شۇڭىلاشقىمۇ بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە بىر-بىرىنى ئوبدان بىلىدىغان كونا دوستلاردەك ئىككىلىمىز قىزىقىدىغان پاراڭ تېمىلىرىدا كەڭ-كۇشادە سۆزلەشكەچ شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئاپپاراتىدا تارتىلغان سۈرەتلەرنى كومپىيۇتىرغا كۆچۈرۈپ بىر نەچچە پارچىسىنى فېيسبۇكتا ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۇق. تاشپولاتكام بىلەن پاراڭلىشىپ مەن ناھايتى قىممەتلىك ساۋاقلارنى چۈشىنىۋالدىم ۋە ئۇنىڭ ئۇنىۋىرسال بىلىمىنىڭ يۇقىرىلىقى، يۇمۇرىستىك خاراكىترى، بولۇپمۇ نۇرغۇن مەسلىلەرگە بولغان قارىشىنىڭ مەن بىلەن ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. تاشپولاتكامنىڭ مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقى ۋە تۇرمۇشۇمغا كۆيۈنۈپ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلاۋىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيدىن پەقەت ئۇنىڭ يەڭگىل خوررەك ئاۋازىنى ئاڭلاشقا باشلىدىم...
       ئۈچ كۈنلۈك ئەسلىمىلىرىمنى ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە شۆھرەتكام بىلەن تاشپولاتكام يېىنمدا پەيدا بولدى. تاشپولاتكام چۈشمەكچى بولغان ئايروپىلان بىر سائەت كېچىكىپ ئۇچماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شۆھرەتكام مەن چۈشىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى تەكشۈرۈپ بىقىش ئۈچۈن يىنىدىن تېلېفۇنىنى چىقاردى، دەپ بىردەمدىلا تەكشۈرۈپ بۇ ئايروپىلاننىڭ 3 سائەت كېچىكىپ ئۇچىدىغانلىقىنى بىلدۇق. مەن بۇنىڭدىن بەك نارازىمۇ بولۇپ كەتمىدىم چۈنكى كەچكىچە ئۆيگە بىرىۋالساملا بولىدىغاننىڭ ئىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشقا تولا ئۇچراپ كۆنۈپمۇ قالدىم. تاشپولاتكام تەبىئيلا يەنە ياپونيەنى سېغىنىپ قالدى بولغاي:
- ياپوندا بۇنداق ئىش بولمايتتى، ئەگەر تەساددىپىي شۇنداق ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا پۇلىڭىزنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بىرىدۇ. ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە مۇلازىمىتى ھەقىقەتەن ناچاركەن.
-تاشپولاتكا، سىز پورتلاندغا كەلگەندىكى ئايروپىلان كېچىكمەپتىكەن، ئەمدى ئاران بىر سائەتلا كېچىكىپتۇ. قاراڭ، سىز يەنىلا مەندىن تەلەيلىك ئىكەنسىز.
-بايرام مەزگىللىرىدە دائىم مۇشۇنداق ئىش يۈز بىرىدۇ، دەپ قوشۇپ قويدى شۆھرەتكام.
         شۇنداق قىلىپ ئۈچىمىز بىللە ئۆچرەتتە كۈتمەكتىمىز. چاقچاقلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاچ بۇ ۋاقىتمۇ ناھايتى كۆڭۈللۈك ئۆتمەكتە، ئەمما بىز شۆھرەتكامنى يەنە قايتىپ قىلىشقا دەۋەت قىلدۇق. ئۇ يەنە ۋاقتى بارلىقى ۋە تېزراق بېلەتنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن بىزنى ئايرودرومدا مېھمان قىلىپ ئاندىن خوشلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل مەردلىكى، مېھماندوستلۇقى، دوستلۇقنى قەدىرلىشى ۋە بىزنىڭ قايتىش پىلانلىرىمىزغىچە كۆڭۈل بۆلۈشلىرىدىن ئۇنىڭ ئاجايىپ ئېسل، ھەر جەھەتتىن ئىزدىسىمۇ ئالدىراپ نۇقسان تاپقىلى بولمىغۇدەك كاتتا ئادەم ئىكەنلىكىگە بۇ نۆۋەت مەن شەكسىز ئىشەندىم ۋە مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن، ئۇنىڭ بىلەن دەۋىرداش بولۇپ ياشاپ، ھەتتا ئۇنىڭ دوستلۇقىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھېس قىلماقتىمەن. قېرىشقاندەك  بىز ئالدىرىغان بىلەن بۇ ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ كۆپلىگەن ئايروپىلانلىرى كېچىككەن بولۇپ ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئۇچۇش ۋاقىتنى تەڭشىشى، ئۇلار ھەر ھالدا رازى بولغۇدەك مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىنىشى كىرەك بولغاچقا بۇ ئۆچرەتتە تۇرۇش ناھايتى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. 20 مېنۇتلارچە بىللە ساقلىغاندىن كېيىن ئاخىرى شۆھرەتكام مەكتىپىدە قاتناشماقچى بولغان يىغىننىڭ ۋاقتىغا ئاز قالغاچ، ئۇ قايتىشنى قارار قىلدى. ئۇ بىزنىڭ پورتلاندغا يەنە كىلىشىمىزنى، ئۆيلىرىمىزگە ساق-سالامەت بىرىۋىلىپلا چوقۇم ئۇنىڭغا ئۇچۇر يېزىپ خەۋەردار قىلىشىمىزنى نەچچە رەت تاپىلىغاچ قوللىرىمىزنى كۈچلۈك سىقىپ ۋە مېھىرلىك قۇچاقلاپ خوش دىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدۇق ۋە تاشپولاتكام ئىككىمىز ئۇنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىدىن قانچىلىك خۇشال بولۇشقانلىقىمىزنى دىيىشىپ داۋاملىق بىللە ساقلىدۇق. ئەمدى تاشپولاتكام مېنى مېھمان قىلىپ ئاندىن خوشلىشىدىغانلىقىنى ئيېتىۋىدى، بۇنى بىلىپ قالغاندەك ئىش بىجىرىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ بىرى كىتىپ قىلىپ پەقەت بىرلا خىزمەتچى ئىش بىجىرىۋاتقان بولغاچقا ماڭا ھىچ نۆۋەت كىلەي دىمەيتتى. يەنە يىرىم سائەتلەرچە ساقلاپ نۆۋىتىمۇ كەلدى ۋە ئاخىرى بىلگىنىمىزدەك مەن ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ قالغانلىقى ۋە دەنۋىردە ئالمىشىدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىم، شۇنىڭ ئۈچۈن دەنۋىردە بىر كېچە مېھمانخانىدا قونۇپ ئاندىن ئەتىسى ئەتىگەندە تېكساسقا كىتىۋىلىشىم كىرەكلىكى ئايدىڭ بولدى. ئۇلار ماڭا مېھمانخانا بېلىتى ۋە ئايرودرۇمدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تاماق بېلەتلىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ ئاددىيلا كەچۈرۈم سوراپ شۇنچە ئۇزۇن كۈتۈپ ئاران نۆۋەت كەلگەن پۇكەيدىن مۇشۇنداق يولغا سېلىپ قويدى. بۇنداق بولۇشىنى ياقتۇرمىساممۇ ئامال قانچە؟ بۇ ۋاقىتتا تاشپولاتكام مېڭىشقا بىر سائەتلا قالغاچقا ئۇنىڭ ئامېرىكا ئايرودروملىرىدىكى ئاجايىپ تەپسىلىي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ بولغۇچە كىتىدىغان ۋاقىتنى مۆلچەرلىسەك يەنە بىر دەم پاراڭلىشىۋالغۇمىز بولسىمۇ ئۇ ئۈلگۈرمىگىدەك. تاشپولاتكام ئايالىم ۋە قىزىمنى ئىلىپ كىلىپ لوس ئانژىلىستا ئويناپ كىتىشكە تەكلىپ قىلدى، مەنمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سالام يوللىغاچ ئۇلارنى سان ئانتونىيوغا تەكلىپ قىلىپ قېيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.
       پورتلاند ئايرودرۇمنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالى بۈگۈن ئالاھىدە يىقىملىق بىر تۈسكە كىرگەن ئىدى. زال ئىچىدىكى بايراملىق چىرايلىق بېزەكلەرگە قوشۇلۇپ قەھۋەخانا يىنىدا توختىتىلغان پىئانىنونى يېقىملىق كۈيلەرگە چېلىۋاتقان ئۇزۇن چاچلىق قىز، زالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بايراملىق بېزەكلەرنىڭ يېىنىدا ئەپچىل بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گېتتارنى توكقا ئۇلاپ ناھايتى يۇقىرى ماھارەتتە كىشىنى خۇشاللىققا ئۈندەيدىغان شوخ مۇزىكىلارغا چېلىۋاتقان ياش يىگىت كىشىگە ئېسل زوق بېغىشلايتتى. مەن ئۇچىدىغان ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنى ئىزدەپ تىپىپ قارىسام پەقەت بىر نەچچە كىشىلا ساقلاۋىتىپتۇ، يەنە بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى يېڭى سېتىۋىلىپ تېخى ئوقۇشقا پۇرسەت تاپالماي يۈرگەن ئىنسان مېڭىسى توغرىسىدىكى «INCOGNITO-مېڭىدىكى مەخپىي ھايات» ناملىق  كىتابىمنى ئوقۇپ ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىدىم-دە،  گىتتارچىغا يىقىن بىر يەردىكى قەھۋەخانىدىن بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن بىر تەخسە مېۋە سالات بۇيرۇتۇپ قويۇپ مۇڭلۇق كۈيلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ھوزۇر بىلەن كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم. مۇزىكىنىڭ توختاپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ بىشىمنى كۆتۈرسەم گىتتارچى يىگىت نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپتۇ، مەن ئۇچىدىغانغا يەنە بىر سائەتتىن ئازراق ۋاقىت بار ئىكەن.  ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ قالغانلىقىنى ۋە بۈگۈن كەچ ئۆيگە بارالمايدىغانلىغىمنى دەپ قويۇش ئۈچۈن ئايالىمغا تېلېفۇن قىلىۋىدىم، قىشلىق تەتىلنى بىزنىڭكىدە ئۆتكۈزۋاتقان ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى، كېنتاكىي شىتاتلىرىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۈچ ياش سىتۇدىنىت مېھمىنىم نەچچە كۈندىن بىرى چۈشكەن سۈرەتلەرنى ئەۋەتىپ بىرىشىمنى ئۆتۈندى. ئۇلارغا سۈرەتلەرنى ئەۋەتكەچ بايا بېلەت سېتىش زالىدا ئۈزۈلۈپ قالغان خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
       ئايرودرۇمدا ساقلىغاچ سۈرەتلەرنى كۆرۈۋىتىپ بىلىپ-بىلمەي كۈلۈمسىرەپ قوياتتىم. سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى كۈنى كېچىسى تاشپولاتكام ئۇيقۇغا كەتكەندىن كىيىنمۇ خىلى ئۇزۇنغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئەسلى ۋاقىت رايونى پەرقى بويىچە ئېيتقاندا مېنىڭ ئادەتتە ئۇخلايدىغان ۋاقتىمدىن ئاللىقاچان ئۈچ-تۆت سائەت ئېشىپ كەتكەن ئىدى. شۆھرەتكام كەچلىك تاماق جەريانىدا سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ كۆپىنچە كىشىلەرگە تېخى بىلىنمىگەن كەچۈرمىشلىرىدىن راستىنلا ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا چۆمگەن ئىدىم، ئۇنىڭ بىلەن بۇ تۇنجى قېتىم بىرەسمىي سورۇندا كۆرۈشۈشۈم بولغاچقا تەسىراتىم بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە چوڭقۇر بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇ قەدەر كىچىك پىئېل، خۇشچاقچاق مىجەزى، ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەندىكى يۇمۇرىستىكلىكى ۋە چىراي ئىپادىلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭ روھىي ۋە جىسمىدىن تۆكۈلۈپلا تۇرغان شۇ قەدەر كەمتەرلىك، سەمىمىيلىكى ماڭا ئەڭ زور تەسىر قىلغان نۇقتا بولسا كىرەك. مەن ئازراق پۇل تىپىپ ياكى كىچىككىنە ئەمەلنى قولىغا كىرگۈزۋىلپلا  ئۆزىنى ئاجايىپ كاتتا چاغلاپ باشقىلارنى كۆز قىرىغا ئىلىپمۇ قويمايدىغان ، ھەتتا ھىچقانداق بىر ئىنسانغا پايدىلىق ئىشمۇ قىلماستىن قولىغا ئۆتۈپ قالغان تىرناق چاغلىق ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ باشقىلاردىن تازىم تەما قىلىپ يۈرىدىغان نادانلارنى كۆپ كۆرگەن. مۇشۇنداق كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئالىمنىڭ كەمتەرلىكى ئالدىدا ئازراق ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئادەملە بولسا تەسىرلەنمەي، ئويغا پاتماي تۇرالمايتتى… ئەتە ئالدىمدا ناھايتى مۇھىم بىر كۈن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، خىياللىرىم كېتىڭلار، مېنى ئۇخلىغىلى قويۇڭلار!
       تۈنۈگۈن مەن كەلگەندە كەچ كىرىپ قالغان بولغاچقا ئەتتىگەندە تۇرۇپلا ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا سەپسالدىم. پورتلاند شەھرىگە بۇ ئىككىنىچى قېتىم كىلىشىم. تۇنجى قېتىم 2011-يىلى 8-ئايدا دەل شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى دۇنيا «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ 44-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بىرىش ئۈچۈن كەلگەنتىم. شۇ قېتىملىق سەپىرىمدە پورتلاند شەھرىنىڭ 8-ئاينىڭ باشلىرىدىكى سالقىن، يىقىشلىق ھاۋاسى، ياپيېشىللىقى، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان كولۇمبىيە دەرياسىنىڭ شەھەرگە ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشۇشى، شەھەر ئەتراپىدىكى گۈزەل تاغلىرى مېنى قانچىلىك مەپتۇن قىلغان بولسا، دەل مۇشۇ شەھەردە 30 دىن كۆپرەك دۆلەتتىن كەلگەن ئالىملار قاتناشقان خەلىقئارالىق يىغىندا  تۇنجى قېتىم ئىلمىي دوكلات سۆزلىشىم، كىتاب شەھىرى دەپ ئاتالغان پورتلاندنىڭ شەھەر مەركىزىگە يىقىن جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتابخانا-پوۋېل كىتابخانىسى (Powell's Books) دىن ئۇزۇندىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن بىر نەچچە پارچە ئاناتومىيەگە ئائىت كىتابلارنى تىپىۋىلىشىم ۋە شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىكى تىنچ ئوكيان بويىدا تۇنجى قېتىم ئوكيانغا چۆمۈلۈشۈم…. ماڭا ئاجايىپ ھاياجان ۋە خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلغان ئىدى. پورتلاندنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسىمۇ ئوخشاشلا ياپيېشىل ئىكەن، شۇغىنىسى ھاۋانى يەنىلا ئازراق تۇمان قاپلاپ تۇراتتى. توغرا، تۇمان ئەمەس چاڭ دەي! «چاڭ دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە، تۇمان دىگەن رۇسچە سۆز» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى شۆھرەتكام، ئالدىنقى كۈنى ماشىنىدا كىلىۋىتىپ. قانداق قىلىپ تۇمان دىگەن سۆزنىڭ شۇنچە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىز شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ «تۇمان» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «چاڭ» دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشكە قوشۇلدۇق. ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بۇ سۆزنىڭ باھانىسى بىلەن بۇ ئۈچەيلەن بىللە سەپەرگە چىقىپ قالساق دۇنيادىكى 80% كىشىلەر بىلەن تەرجىماننىڭ ياردىمىسىز ئالاقە قىلالايدىغانلىقىمىز خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى. ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى يېشىللىقنى، مەھەللىنىڭ 12-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىمۇ گۈللەرگە پۈركىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ پورتلاندىنىڭ قىشتىمۇ ئوخشاشلا گۈزەل شەھەر ئىكەنلىگە قايىل بولدۇم.

1531647_477480722362264_1956386076_o.jpg


1602138_477480719028931_882456521_o.jpg



          بۈگۈن تولۇق بىر كۈن شۆھرەتكامنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسى ۋە ئىشخانىلىرىغا بىرىپ كۆرۈپ بېقىشنى پىلانلىغان بولغاچقا مەن ئالاھىدە روھلۇق ئورۇنۇمدىن تۇرغان ئىدىم چۈنكى ئۇنىڭ زادى قانداق بىر مۇھىتتا شۇنداق دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى. گۈلنۇر ھەدەم تۈجۈپلەپ تەييارلىغان داستىخاندا ئولتۇرۇپ ئەتكەن چاي بىلەن ئوبدان ناشتىلىق قىلغاچ شۆھرەتكامنىڭ قىزى نارگىز ۋە ئوغلى ئادىلجان توغۇرلۇق قىزىقىپ سورىدۇق. بالىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپتە ناھايتى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىكەن.  بالىلارنىڭ ناھايتى ئەدەپلىك، قىزغىن ۋە بىر-بىرى بىلەن ئېناق ئىكەنلىكى دىققىتىمنى تارتىپ ئۆزەمنىڭ كىچىكىمدە توختىماي ئېنىم بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقىم ئېسىمگە كەپ قالدى ۋە بۇ بالىلاردىن ناھايتى سۆيۈندۈم. ھازىر قىشلىق دەم ئىلىش ۋاقتى بولسىمۇ ئۇلار كۈندە ۋاقتىنى ناھايتى زىچ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۈگۈن نارگىز دالىدا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش كوماندىسىنىڭ مەشىقىگە، ئادىلجان ۋاسكېىتبول مەشىقى قىلغىلى بارماقچىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ تۈرلەرنى تاللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئېگىز ئۆسكۈسى بولۇپ، بولۇپمۇ نارگىز ئۆسىمەن دەپ خىلى جاپا تارتىپتۇ. ئىلگىرى ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا بويۇم ئۆسىدۇ دەپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىغا قاتناشقان ئىكەن، كىيىن مەكتەپنىڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسىغا قاتنىشىپتۇ. ئەمدى ھازىر ئۇ قاتناشقان دالىدا يۈگرۈش كوماندىسىدىكىلەر شۇ يىلى شىتاتلىق مۇسابىقىدە بىرىنچىلىكنى ئالغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ بۇ نەتىجىنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەتتا بايرام مەزگىلىدىمۇ ھەپتىدە 5 كۈن جاپالىق مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋىتىپتۇ. گۈلنۇر ھەدەم ئادىلجاننى ۋاسكېتبول مەشىقىگە ئىلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادىلجاننىڭ ئاۋۋال ئەتىگەندە شۇ كۈنلۈك تاپشۇرۇقلىرىنى تۈگىتىۋىلىشى كىرەكلىنى، مەشقتىن قايتىپ ھەدىسى ئىككىسىنى كىنوغا ئاپىرىپ كىلىدىغانلىقى ۋە كەچتە ئۆيگە قايتقاندا ئېلىكتېرونلۇق ئويۇنىنى ئوينىۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ناشتىدىن كىيىن ماڭايلى دەپ تەمشىلىپ تۇرساق، ئادىلجان بىرىلگەن تاپشۇرۇقنى چوقۇم دادىسى بىلەن تاماملىشى كىرەكلىكىنى ئېيتىپ شۆھرەتكامدىن ياردەم سورىدى. شۆھرەتكام ئىككىلەنمەيلا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دادا-بالا ئىككەيلەن دەرھاللا ساپادا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇققا تۇتۇش قىلدى. شۇ ۋاقىتتا ئويلاپ قالدىم: بىزنىڭ قانچىلىك دادىلىرىمىز «ئالدىراشلىقى» دىن ۋاقىت چىقىرىپ بالىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغاندۇ؟  
      بۇ پۇرسەتتە تاشپولاتكام ئىككىمىز ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقىپ سەگىدەپ كىردۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭ تارقاپ ھاۋامۇ ئېچىلدى، بىز كۈندۈز كۈننىڭ يورۇقىدا ئۆيدىكىلەر بىلەن بىر مۇنچە سۈرەتلەرگە چۈشىۋالدۇق ۋە خۇشال كەيپىياتتا ئۆيدىن چىقتۇق. بۇ سەپىرىمىزدىكى مېنىڭ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمىغۇدەك تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇشتۇمتۇت شاپىلاق بىلەن بىرنى سالغاندەك كاللامنى سېلكىۋەتكەن ئەڭ تەسىرلىك ۋەقەلەر ئەمدى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.


1462669_461312750645728_1098235864_o.jpg


1524343_477478419029161_241297547_o.jpg


1614292_477481002362236_101008897_o.jpg


1669793_477480849028918_358867671_o.jpg



داۋامى بار....





2

تېما

0

دوست

4994

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 640
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەجاننىڭ ھەرپ تاختىسى باسقان قوللىرىدىن ئىپار ۋە كافۇر ھىدى كەتمىسىۇن، ئالىملار بىلەن ماڭغان ئىزلىرىدىن قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ، ئالەمگە خۇش ھىدىنى تاراتسۇن، اللە تائالا ئۇيغۇرنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن بارچە كىشىلەرنىڭ تىېنىنى ساق ئىشلىرىنى بەرىكەتلىك قىلسۇن. يازمىڭىزغا  تەشەككۈر.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

7

دوست

4780

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1021
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى داۋاملىق ساقلىماي ئىلاج يوق.

0

تېما

0

دوست

184

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن كاتتا ئۇچرىشىش ھە ...چەتئەلدەتۇرۇپ  بۇنداق كاتتا ئالىملىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىش نۆۋىتى بىزگىمۇ كىلەمۇ  

1

تېما

1

دوست

588

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22350
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنا بىز

8

تېما

2

دوست

2698

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12612
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 287
تۆھپە : 653
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كاتتا ئۇچرىشىش بوپتۇ . بۇ ئالىملارنىڭ ئىشلىرىغا چەكسىز ئۇتۇقلار يار بولسۇن !!!!!

5

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22452
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ پەخىرلىك ئالىملىرىمىزنىڭ   ئۆمۈرىنى ئۇزۇن ،ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن

11

تېما

0

دوست

3023

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12750
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 426
تۆھپە : 643
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئشلىرىڭلار ئۇتۇغلۇق بولغاي ئامىركىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )