قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1394|ئىنكاس: 20

بىر چەتئەللىك نەزىرىدىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

1068

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11132
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 93
تۆھپە : 285
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 21:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ
      

                                     ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮒ ﺟﯩﻚ ﮬﻮﻧﺘﯧﺮ
                           ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ —ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻣﻮﻧﯩﻴﺎﺯ .

   << ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ——- ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﺮﺍﺕ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯘ . ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺸﺘﻪﻙ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
   1-ﺑﺎﭖ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﻗﺎ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ
     ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻤﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﭘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ << ﺋﯧﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 70- ﻳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺍﻏﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﺘﯜﻙ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺗﻪﺟﺮﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﯘﺧﯘﻟﻤﯩﻨﯩﺴﻜﻰ ، ﻛﯘﯕﺰﻯ ﻛﻪﺑﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻣﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ– ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . << ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﻧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻳﯜﺯﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 8-10 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯚﻟﯜﻡ ، ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ . . . ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ 40 – 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ << ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻼﺵ>> ﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻠﯩﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻣﯘ-ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ ﻛﯧﻠﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ . << ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﯨﺘﻤﯩﺰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ << ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﭘﭙﯩﺴﻰ >> ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭙﺘﯘ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ —- ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ . . .
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ !

       2-ﺑﺎﭖ. ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ

      ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ _ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ .
ﺑﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ، ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ << ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ، ﻛﯚﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ، ﻛﯚﭖ ﭼﺎﺭﮬﯩﺘﯩﺶ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺳﺎﻧﻠﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺷﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺪﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﭘﺎﻻﻗﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﮬﺎﺭﺩﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ، ﺋﻮﻥ ، ﺋﻮﻧﺒﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ 20-25 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . . .
      ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻝ ، ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻛﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﻮﻧﺴﭙﯩﻜﻨﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .
      ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ << ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﯜﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺕ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﻮﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻜﻪ ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . . .
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺴﯘﻥ ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯘﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺳﻪﻝ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ — ﺩﻩ ، ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﮬﯩﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
     ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺸﯘ ﻳﺎﺯ ﺗﻪﺗﯩﻠﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﻪﻧﺒﻪ- ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ— ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﻣﯘﺵ ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭘﻜﻪ ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ، ﺑﯚﺭﻩﻙ … ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻰ ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ .
ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﻮﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﺴﺎ ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ … ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﻪﻡ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯜﺭﯛﻟﯜﻙ ﺷﻪﻛﻠﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﺵ-ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ << ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ >> ﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ – ﮬﻪ !؟
     ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻕ . ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﻳﻮﻕ . ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺸﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ !

5

تېما

0

دوست

1493

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15594
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 86
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 15:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى مائارىپىمىزدىن بىز پەخىرلەنمەيمىز بەلكى ئۆزگىلەر پەخىرلىنىدۇ ، خۇشامەتچىلەر پەخىرلىنىدۇ ... مۇشۇخىل ئەخلەت مائارىپتا بىلىم تەھسىل قىلىپ چوڭ ئىشلارنى باشقا ئىچىقالىغان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن مانا بىز پەخىرلنىمىز !!!!!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

1353

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9210
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 232
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:07:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مۇئارىپ دەپ چىرايلىق ئات قويۋالىدىكەن،بىزدە نەدە ئۇيغۇر مۇئارىپى بار،بار بولغىنى پەقەت يۇغۇرۇلغان ئەبجەش مۇئارىپ.

18

تېما

3

دوست

2727

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:08:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئىسلاھ قىلىپ قوش تىل مائارپىغا كەلىدى .  ئەتە-ئۆگۈن يەنە ئىسلاھ قىلىپ نەگە ئاپرار،،،، ئۇيغۇر مائارپىنى،،،،،،،،،،،،

0

تېما

0

دوست

322

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7532
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 17:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بىر چەتئەللىك نەزىرىدىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭىپى  ئەمەس بەلكى ھەقىقى مائارىپچى  نەزىرىدىكى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭىپى

1

تېما

2

دوست

3789

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1088
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 17:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز پەقەت قېلىپنىڭ ئىچىدىكى لاي خالاس ، شۇنداقتىمۇ كاللىمىز سەگەك ، نىمە قىلىش نىمە دېيىش ،مۇنبەردىن قانداق پايدىلىنىشىنى ،ۋاقىتنى قانداق ئۇتۇشنى بىلىپ ياشاۋاتىمىز .

0

تېما

0

دوست

966

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22421
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 30 يىلدىن بىرى مائارىپىمىزدا زادى قايسى جەھەتتە ئىلگىرلەش بولدى؟.مەن شۇنچە ئويلاپمۇ،ئېنىق بىرەر نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم-يا.

11

تېما

1

دوست

1002

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25656
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش يۈز مىليۇنغا يېقىن ئەرەبلەرنى بىرقانچە مىليۇن يەھۇدىلار بوزەك قىلىۋاتىدۇ . مانا بۇ بىرى مىڭغا تەڭ كىلىدىغان ئادەم دىگەننىڭ ئۆزى بولماي نىمە ؟ مانا بۇ ھېلىقى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيلەنگەن يەھۇدى ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار . ئالىي سۈپەت ئانا ، ئالىي نەسەپلىك ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر ، ئالىم ، ئەۋلىيا ، دانىشمەنلەرنى تاللىدى . شۇڭلاشقا ، يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەر ، ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى ھەم يېتىشىپ چىقتى . مانا بۇ ئالىي مەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى . ئەمدى بىز قىزلىرىمىنى قانچىلىك تەربىيىلەيدىغانلىقىمىزغا نەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز << قىز بالا تالاغا كېتىدۇ ، ئۇنىڭغا كۆپ كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق >> دەپ قارايمىز .بىز قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىمىزمۇ ؟ بىزنىڭ خەق دىگىنىمىز كىم ؟ دەل ئۆزىمىز . بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىپ باقمىدۇق . يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن قىزلىرىمىزنى تاماق ئىتەلىگۈدەك ، ئانىسىدەك ئوسما قۇيالىغۇدەك ، ياسىنالىغۇدەك ، تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا يېقىلمىغۇدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق . بىزلەر ئەنە شۇنداق قىزلاردىن تۇغۇلغانلار . ئۇلارنىڭ ساۋادى بولمىسا ،ھىچنىمىنى بىلمىسە ، ياخشى تەربىيە كۆرمىسە ، بىزدەك بالىلىرىنى نىمىسى بىلەن تەربىيلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيىنى كىمدىن ئېلىپ بېرىدۇ ؟ دىمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋادىمىز بولماقچى ؟ سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى ؟ ئانىمىز ساۋاتسىز ، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا ، يا گۆش ئەمەس ، يا ماي ئەمەس ، بەز بۇلۇپ قالمىدۇقمۇ ؟! بۈگۈنكى كۈندە بىزنى تۇغقان ، بالىلىرىمىزنى تۇغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ؟ بىرىنچى ، ئۇلار كوتۇلداپ ، كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى بىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تۇتۇپ بالىغىچە ئۆزى دىگەن ئاددىي سىزىققە كەلتۈرۈپ كونترول قىلىشنى بىلىدۇ . ھەرقانداق ئالىم ، داھىي ، پالۋان ئەرلەرمۇ تالادا ھۆركۈرەپ ، جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن ، ئۆيىدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ . بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى بۇلۇپ ، توي- تۆكۈن ، باردى- كەلدى ، چاي ، ئولتۇرۇش – قوپۇش ، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ، قىسقىسى بارلىق بۇلار- بولماس ، تەتۈر چۈشەك ، چىرماق ئادەتلەرنى بەس- بەس بىلەن پەيدا قىلىدۇ . ئاندىن چاشقان جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەڭ دالىدىن تېرىپ كەلگەننى پاقا كاماردىن چىقماي يەپ تۈگەتكەندەك ، ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان- تەرگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇزىدۇ . ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بىلىمى تاپقان- تەرگىنىنىڭ ئاساسى قىسمىغا كىيىم كىيىپ ، ياسىنىپ تارىنىش، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ، نەزىرى ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىككى ئىشقا مەركەزلەشكەن . بىز مانا شۇلاردىن تۇغۇلۇپ تەربىيلەنگەچكە ، بىزنىڭمۇ كاللىمىز ئاددىي ، شۇڭا بىزدىن مەدىكار چىقىدۇ ، راست ئالىم چىقمايدۇ . غالچا چىقىدۇ ، پادىشاھ چىقمايدۇ . ساتقىن- مۇناپىق جېق چىقىدۇ ، ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ . كالۋا- ھاڭۋاقتى جېق چىقىدۇ ، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ . ھاراقكەش ،بەڭگى ، قىمارۋاز جېق چىقىدۇ ،دىيانەتلىك ، دۇرۇس ، پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ . ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك ، كىتابقا ئامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز . مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى . بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك . بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن – قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى ، تۈزۈك ئوقۇتماي ، تەربىيىلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى! خوتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ سۈپەت- ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ، ئۆستۈرمىگۈچە ، بىزنىڭ سۈپەت – ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ، ئۆسمەيدۇ . چۈنكى بىز ئاز سانلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز . بىزدە قاچان سۈپەتلىك خوتۇن- قىزلار يىتىشىپ چىقىدىكەن ، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز سۈپەتلىك ئانىلار بىزنى تولۇق ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئىمىتسە ، بىز ئاندىن ئادەم بۇلۇپ يېتىلىمىز. سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر تۇغۇلىدۇ…
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )