قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1153|ئىنكاس: 2

چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 22:59:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      

                                   چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر

                                               نەبىجان تۇرسۇن

    ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن خىلۋەت قالغان قەدىمىي دىيارى خوتەننىڭ قاراڭغۇ مەدرىسلىرىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ غۇۋا نۇر چۇشۇپ تۇرىدىغان تۇڭلۇكلىرىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئوتمۇش قەھرىمانلارنىڭ مۇساپىلىرىنى كورۇش بىلەن تەپەككۇر قاينىمىغا چومۇپ، باتۇرلارنىڭ جەڭ ئارغىماقلىرىنى ئوز ۋەتىنىدە قايتىدىن چاڭ چىقارغۇسى كەلگەن م.ئى.بۇغرا بۇنىڭدىن 60 يىل مۇقەددەم قەرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئوز ئانا تۇپرىقى – شەرقىي تۇركىستاننىڭ چوڭ شاھمات تاختىسى ئىكەنلىكىنى سەزىۋالغان ئىدى. ئۇ، مىللىتىنىڭ تەقدىرىنىڭ پاجىەلىك بولۇپ قەلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە يەنىلا بالدۇرراق چۇشەنچە ھاسىل قىلغان ئەرباپ بولۇش سۇپىتى بىلەن تەلەيسىزلىكلەرنى ئالدى بىلەن جۇغراپىيىۋى مۇھىتتىن كەلىپ چىقىدىغان جۇغراپىيىۋى سىياسەت بىلەن باغلاپ مۇنداق خۇلاسىلايدۇ؛
"شەرقىي تۇركىستاننىڭ توت ئەتراپىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىگىز تاغلىرى بىلەن ۋە ئەڭ يامان چوللىرى بىلەن ئورالغانلىقى ھەم ھەچ بىر تەرىپى دەڭىزغا يەقىن ئەمەسلىكى، قۇرۇغلۇقتىمۇ مەدەنىي مەملىكەتلەردىن بەك يىراقتا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكلىكى ۋە كۇچلۇك دۇشمەننىڭ ئاچكوز ۋە تاماخور ئاغزىغا بەك يەقىن بولغانلىقى يۇقىرىقى كوز قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ".[1]
ئامەرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئىستراتەگىيىسىچىسى، سوۋەت ئىتتىپاقىنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ ئىستراتەگىيىلىك تەپەككۇر ئاساسىنى ياراتقۇچى ۋە كۇچەيتكۇچى زبىگنەۋ برىزەنسىكىي ئوزىنىڭ "چوڭ شاھمات تاختىسى" ناملىق مەشھۇر كىتابىدىكى دۇنياۋى ئىستراتەگىيىلىك مەنپەەتلەرنىڭ توقۇنۇش نۇقتىلىرىدىن ھەسابلىنىدىغان توچكىلار قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ تىزغان يەنى ئۇ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ چوڭ ئويۇنلار ئوينىلىدىغان شاھمات تاختىسىدىكى ئورنىنى مۇەييەنلەشتۇرگەن ئىدى[2].

1.قەشقەرىيىنىڭ يىقىلىشى-پاجىەنىڭ باشلىنىشى

     ئۇيغۇر دىيارى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسمى-جىسمىغا لايىق چوڭ شاھمات تاختىسى بولغان .چۇنكى، ئۇنىڭ جەنۇبىي قوشنىلىرى ئۇلۇغ بىرتانىيەنىڭ خەرىتىسىگە كىرگەن بولسا، غەربىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدە چار رۇسىيىنىڭ كازاك سولداتلىرىنىڭ ئارغىماقلىرى كىشنەپ، رۇس مۇجىكلىرى ئىلى ۋادىلىرىغا قەدەم قويغان ئىدى. بۇلاردىن ئىلگىرىرەك مەزكۇر زەمىنگە يەتىپ كەلگەن مانجۇر خاندانلىقى شەرقنىڭ “كەسەل كورپىسى” سۇپىتىدە مەزكۇر چوڭ ئويۇنغا ئىشتىراك قىلسىمۇ، لەكىن ئۇنىڭدا پاسسىپ رول ئوينىدى. گەرچە، ئوسمانلى ئىمپەرىيىسى ئوزىنىڭ ئاجىزلىشىپ، بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقى ۋە سەلتەنەتىنى يوقىتىشقا قاراپ يۇزلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا مەزكۇر چوڭ ئويۇندىن ئوز نەسىۋىسىنى ئالدى. ئوز قەرىنداشلىرى ھەسابلانغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە چەگرىلىنىشتىن مەھرۇم قالغان ۋە ياكى بۇنىڭغا ئىنتىلمىگەن ئوسمانلى ئىمپەراتورلىرى ياقۇپ   بەگ   بىلەن يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىپ، رەقىپلىرى بەرىتانىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغاشتىن ئەھتىيات قىلىشىدىن قەتىي نەزەر ئوزلىرىدىن ئۇمىد كۇتكەن ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئوزلىرىگە يۇكلىگەن قەشقەرىيە دولىتىنى يەنىلا ھامىلىق ئاستىغا ئالدى. ياقۇپ   بەگ   دادىللىق بىلەن ئوزىنى سۇلتان ئابدۇل ئەزىزگە تەۋە دەپ ئەلان قىلىش بىلەن ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ پۇل قۇيدى.
گەرچە، بۇ جايدىكى مەنچىڭ ھوكۇمرانلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىلىرى ئاستىدا گۇمران بولسىمۇ، لەكىن رۇسىيە- بەرىتانىيە دىپلوماتىك ئويۇنلىرى ئوسمانلىلارنى بىر چەتكە قايرىۋەتىپ، "خۇددى ساڭىمۇ يوق ، ماڭىمۇ يوق" دەگەندەك ئاخىرقى ھەسابتا بۇ تۇپراقلارغا مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن باشلاپ كەلدى. بەلكى، ئاسىيانىڭ خەستىلەنگەن مەزكۇر يۇرىكى-شەرقىي تۇركىستاندا يەقىنقى ئەسىرلەردە ھەچكىممۇ ساۋاتسىز ياقۇپ بەگدەك ماھىرلىق بىلەن دىپلوماتىك ئويۇن ئويناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. سۇلھىگە ماھىر بەدولەت ئوزىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇلۇغ بەرىتانىيە، چار رۇسىيە، ئوسمانلى ۋە مەنچىڭ ئىمپەرىيىلىرى بىلەن بىر مەيدان دىپلوماتىك سەھىرگەرلىك ئويۇنى ئويناپ باقتى. ئۇ، بىر تەرەپتىن ئوز ئەلچىلىرىنى سانكىتپەتەربۇرگقا ماڭدۇرۇپ، رۇس ئىمپەراتورى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشقا رازىلىق بىلدۇرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنگىلىزلارغىمۇ ئوخشاش خىلدىكى ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن سودا كەلىشىمى تۇزۇش يولى بىلەن غەيرى رەسمى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئىنگىلىز ، رۇس رازۋەتچىكلىرى قەشقەرنىڭ تار كوچىلىرىدا بىر –بىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغاندا، ئۇلار ئوزلىرىنىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىنى ھەس قىلىشتى. بەدولەت يەنە مەنچىڭ بىلەنمۇ ئۇرۇشقاندىن كورە سۇلھى تۇزۇپ، ئۇنىڭ قايتىپ كەلىشىنى چەكلىمەكچى بولۇپ، ئادەملىرىنى ئەۋەتتى.
چوڭ ئويۇننىڭ ئىشتىراكچىلىرى ئىچىدە بەرىتانىيە بىراز ئادىلراق يول تۇتقان بولۇپ، ئۇ پۇتۇن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قەشقەرىيىنى ساقلاپ قەلىشقا تىرىشىپ، سانكىتپەتەربۇرگقا قەشقەرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرلىكتە تونۇش ھەققىدە تەكلىپ قويدى. لەكىن، بۇ تەكلىپ رەت قىلىندى. ئاخىرقى قەتىم 1877-يىلى زوزوڭتاڭ ئۇرۇمچىنى ئىشغال قىلىپ، داۋانچىڭدىن ئوتكەندە لوندون يەنە بىر قەتىم قەشقەرىيىنى چار رۇسىيە، بەرىتانىيە ۋە مەنچىڭ ئارىسىدىكى بىتەرەپ دولەت سۇپىتىدە ساقلاپ قەلىش ھەققىدە سانكىتپەتەربۇرگقا قايتا تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لەكىن بۇمۇ قەتئىي رەت قىلىندى[3].ئەسلىدە 1865-يىلى مەنچىڭ ئىمپەرىيىسى رۇسىيە ھوكۇمىتىدىن ئىلى ۋە يەتتە شەھەردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا ياردەملىشىشنى سورىغان بولۇپ، رۇسىيە ھوكۇمىتى دەسلىۋىدە بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان. ئەمما، كەيىن قەشقەرىيە خانى ياقۇپ بەگنىڭ رۇسىيە ئۇچۇن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتىپ، ئوز چەگرىسى يەنىدا مۇنداق دۇشمەنلىك خاراكتەرىدىكى بىر مۇسۇلمان ھوكۇمرانىنىڭ بولۇشىنى خالىمىدى ۋە ئاخىرىدا رۇسىيە قوشۇنلىرى ئىلى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى غۇلجىنى ئىشغال قىلدى[4]. ئىنگىلىزلارنىڭ ئاخىرقى قەتىملىق تەكلىپلىرى چار پادىشاھ تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كەيىن، ئىنگىلىزلار ئاخىرى ئامالسىز قەلىپ، زوزوڭتاڭنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى قەشقەرىيىگە قويۇۋەتتى.
بۇ يەردە رۇسلار نەمە ئۇچۇن لوندوننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ؟
1-سەۋەب؛ بۇ چاغدا رۇس ئىستراتەگىيىچىلىرى ئارىسىدا "ئوتتۇرا ئاسىيا پەقەت رۇسلارغىلا تەۋە بولۇش كەرەك، ئەگەر مۇستەقىل قەشقەرىيە شەكىللەنسە، بۇ "كۇن پاتماس ئىمپەرىيىنىڭ" كاسپىي بويىغىچە كەڭىيىپ، رۇسىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىدىن سىقىپ چىقىرىشى، مۇستەقىل قەشقەرىيە بەرىتانىيىنىڭ يىراق ئاسىيا ئىستراتەگىيىسى ئۇچۇن ئۇنۇملۇك خىزمەت قىلىشى ۋە ياكى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن" دەگەندەك نۇقتىىنەزەر ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۇگۇنى ئىدى.
2-سەۋەب ئىقتىسادى نۇقتىغا قارىتىلغان بولۇپ،19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، چار رۇسىيە ئوزىنىڭ شەرق ئىستراتەگىيىسىنى كۇچەيتىش ئارقىلىق، شەرقتىكى ئاجىز ۋە قالاق مەملىكەتلەرنى سودا-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن مونوپول قىلىشقا ئۇرۇندى. بىراق، بۇ ۋاقىتلاردا مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىدە يۇز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار، بولۇپمۇ شەرقىي تۇركىستاندا كوتۇرۇلگەن كەڭ كولەملىك قوزغىلاڭلار تۇپەيلىدىن سانكىتپەتەربۇرگ ئوزىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئىقتىسادىي مەنەپەەتلىرىدىن ئايرىلىپ قەلىشتىن ئەندىشە قىلدى. يەڭىدىن گۇللىنىۋاتقان رۇسىيە ساناەت بۇرجۇازىيىسى رۇسىيە ھوكۇمىتىدىن مەنچىڭ بىلەن بولغان سودىنى كەڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى[5]. بۇرۇندىنلا مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى سودا كەلىشىملىرى ئارقىلىق قىيناپ كەلگەن رۇسىيە بۇ قەتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ بەرىپ، مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى رازىقىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭدىن زور ئىقتىسادىي ئۇنۇم يارىتىش ھەمدە مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى رۇسىيىگە زور سودا ئىمتىيازلىرىنى بەرىشكە قىستاش سىياسىتىنى بەلگىلىدى. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسى سۇپىتىدە 1879-يىلى تۇزۇلگەن للۋادىن شەرتنامىسىدە ئىلىنى قايتۇرۇش بەدىلىگە مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى بەش مىليون رۇبلى تولەم تولەشكە ماقۇل كەلتۇرگەن بولسا،1881-يىلى بۇ شەرتنامە رەسمى ئىمزالانغاندا تولەمنىڭ باھاسى ئوستۇرۇلۇپ توققۇز مىليون رۇبلىيغا بەكىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇس سودىگەرلىرى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيىدە باج تولىمەي سودا قىلىش ئىمتىيازىغا ئەرىشكەن[6]. مەنچىڭ ئىمپەرىيىسى رۇسىيىنىڭ قەشقەرىيە دولىتىنى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىشتا كورسەتكەن خىزمىتى ئۇچۇن ھەر قانداق ئىقتىسادىي بەدەل تولەشكە ۋە دولەت نومۇسىنى سەتىشقا رازى بولغان.
3-سەۋەب؛ ياقۇپ بەگنىڭ تاكتىكىدىكى ئاجىزلىقى ۋە ئەھتىياتسىزلىقى بولۇپ، ئۇ، سانكىتپەتەربۇرگقا ئوز ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، چار پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سودا ۋە چەگرا كەلىشىملىرىنى تۇزۇشنى ياۋاشلىق بىلەن تەكلىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ قوقان خانى خۇدايارخانغا يازغان خەتى يەنى قوقان بىلەن قەشقەرىيىنىڭ بىرلىشىپ، چار رۇسىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى مەخپىي مەكتۇبى تۇركىستان گۇبەرناتورى كوۇفماننىڭ قولىغا چۇشۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چوچۇگەن گەنەرال كوۇفمان چار پادىشاھنى ياقۇپ بەگگە ئىشەنمەسلىككە دەۋەت قىلدى. نەتىجىدە، رۇسلارنىڭ قەشقەرىيىنى يوقىتىش ۋە ياكى ئۇنى مۇستەقىل دولەت سۇپىتىدە ساقلاپ قالماسلىق پىكرى تەخىمۇ كۇچەيدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە يەنە قەشقەرىيىگە مەخسۇس تەكشۇرۇشكە كەلگەن رۇسىيە خانلىق جۇغراپىيە جەمىيىتىنىڭ جاسۇسلىرى ۋە تاشكەنت سودىگەرلەر جەمىيىتىنىڭ ئاتالمىش سودىگەرلىرى ئاق پادىشاھنى قەشقەرىيە ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ياقۇپ بەگنىڭ تۇپ مۇددىاسىنىڭ رۇسىيىنىڭ تەسىر كۇچىنى قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي نۇقتا ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمانىلىق سالاھىتىگە ئەرىشىۋالغان كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىدىن   زامان     بەگ  (بەلكى تاتارلاردىن بولۇشى مۇمكىن-ئاپتور) ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپكە يەتكۇزۇلۇپ تۇرغانلىق ئەھتىماللىقى تاتار ئالىمى قۇربان ئەلى خالىدىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كورۇلىدۇ. قۇربان خالىدىنىڭ   زامان     بەگ   ھەققىدە بايان قىلىشىچە، ياقۇپ   بەگ   ئولگەندىن كەيىن،   زامان     بەگ   تۇركىستان گۇبەرناتورى كوۇفمان تەرىپىدىن ئوز يەنىدا قالدۇرىلىدۇ ھەمدە ئۇ”   زامان     بەگ   بىزنىڭ ئادىمىمىز ئىدى” دەيدۇ شۇنىڭدەك ئۇنى كابۇلغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ بولغاندىن كەيىن يۇقىرى ھوقۇق بەرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلىدۇ. بىراق، كوۇفمان ئولگەندىن كەيىن،   زامان     بەگ   قۇرۇق قول قالىدۇ. ئەمما، يەڭى تۇركىستان گۇبەرناتورى ئۇنى ئالمۇتىنىڭ گۇبەرناتورى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. كەيىن ئۇ يەنە تۇركىستان گۇبەرناتورى تەرىپىدىن بۇخارا ئەمىرلىكىگە ئەۋەتىلىپ، ئەمىرنىڭ يەنىدا تۇرىدۇ[7].
قۇربان خالىدىنىڭ ئەسىرىدە پاش بولغان مەزكۇر سىرلاردىن   زامان     بەگ   ئىسىملىك كىشىنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ بىر مەھەل رۇسىيە، بەرىتانىيە، ئوسمانلى ۋە مەنچىڭ ئىمپەرىيىلىرى ئارىسىدا ئەلىپ بارغان دىپلوماتىيىلىك ھەرىكەتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئۇچۇن ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تەرىپىدىن “يەرىم پادىشاھ” دەپ ئاتالغان تۇركىستان ئولكىسىنىڭ باشلىقى كوۇفماننىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان ئادىمى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىش مۇمكىن بولسا كەرەك.(گەرچە قولىمىزدا باشقا دەلىللەر يەتەرلىك بولمىسىمۇ).
نەتىجىدە، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرگە كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رۇس ئەلچىسى ۋە رازۋەتچىكى ئا. ن. كروپاتكىننىڭ باھاسى بويىچە ئالغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارمىيە كۇچىگە ئىگە ( 40 مىڭ ۋە ياكى 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ھەققىدە تۇرلۇك مەلۇماتلار بار-ئاپتور) قەشقەرىيە دولىتى دىپلوماتىيىلىك ئويۇنلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئوزىنىڭ قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىشىغا ئىشەنچىسى يەتمەي، ۋەزىيەتنى كوزىتىپ ،پۇرسەت كۇتۇپ ياتقان زوزوڭتاڭغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. كىم بىلىدۇ؟ بەلكى ياقۇپ   بەگ   دۇشمەن بىلەن سۇلھى يولىنى تۇتماي ،پاسسىپ مۇداپىەدىن ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئوتۇش تاكتىكىسى قوللانغان بولسا ، مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنى شىڭ شىڭشادىن كىرگۇزىۋەتكەن بولار ئىدى. بەلكى، خاىنلار ئۇنى ئولتۇرمىگەن بولسا، قەشقەرىيىنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولار ئىدى؟
قەشقەرىيە ۋە ياكى يەتتە شەھەر دولىتىنىڭ 14 يىللىق قىسقا ئومرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى خاىنلىق بىلەن ساداقەتمەنلىكنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ، مەنسەپپەرەس، ھەسەتخور ئۇيغۇر بەگلىرى زوزوڭتاڭنى قەشقەرىيىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ياقۇپ بەگنى زەھەرلىدى شۇنىڭدەك زوزوڭتاڭ قوشۇنلىرىنى يەتتە شەھەرگە باشلاپ كەلىپ، سانسىزلىغان ئوز قەرىنداشلىرىنىڭ قانلىرىنىڭ ئەقىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھورلۇك ئۇچۇن كۇرەش قىلىش تارىخىغا نەزەر سالغاندا ئۇلارنىڭ تەلەيسىزلىكلىرى ۋە پاجىەلىرىگە ئوزلىرى سەۋەب بولغاندەكمۇ كورۇنىدۇ. چۇنكى ، بۇ خەلقتە قەھرىمانلارنىڭ سانى قانچە كوپ بولسا، پۇرسەتپەرەس ۋە مەنسەپپەرەس خاىنلارمۇ شۇنچە كوپ ئىدى. بۇنىڭ تۇپ سەۋەبىنى شەخسىي ئاداۋەت، مەنپەەتپەرەسلىك، مەن-مەنىچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرگە باغلاش مۇمكىن. شەخسىي ئاداۋەت ۋە شەخسىي مەنپەەتنى كوزلىگەن ئادەملەر ھەمىشە ئوز قەرىنداشلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئۇچىنچى بىر دۇشمەننىڭ كۇچىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتداش رەقىبىگە زەربە بەرىشكە ئادەتلەڭەن. بۇ ئادەملەر داىم دەگۇدەك ئوز خەلقى ئارىسىدىكى قارشىلىقلارنى دۇشمەننىڭ كۇچى بىلەن يوق قىلىشقا ئوگەنگەن. مىسال كەلتۇرۇش توغرا كەلسە، ئۇيغۇر تارىخىدىن بۇنىڭغا تالاي پاكىتلارنى تەپىش مۇمكىن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتەرىدىكى ئاجىزلىقلار داىم ئۇنىڭ رەقىپلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەتىلىپ، مىللەتنىڭ بەشىغا ئەغىر كۇنلەرنىڭ چۇشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
ئومۇمەن، 1877-يىلى قەشقەرىيىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۇمىد قىلغان رۇسلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سەلىپ، زوزوڭتاڭنىڭ ئاچارچىلىق گىرداۋىغا بەرىپ قالغان چەرىكلىرىگە ئاشلىق ۋە يەم –خەشەك يەتكۇزۇپ بەرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ قوشۇنىغا جان كىرگەنلىكى سىر بولمىسا كەرەك؟ مەنىڭچە قەشقەرىيىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا توۋەندىكىدەك بەش ئاساسىي ئامىل مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن .
1-سەۋەب، ئوز ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، ناچار ئىللەتلەر، مەنمەنىچىلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھاكىملارنىڭ مۇستەبىتلىكى ھەم باشقا شەخسىيەتچىلىكلەر. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئىللەتلەر ھەممە ئىنسانلارغا ئورتاق بولسىمۇ، لەكىن كوپىنچە ئەركىن مىللەتلەر تاشقى دۇشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئوز ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ۋە مىللەت ئىستىقبالىغا زىيانلىق ھەر قانداق خاىش ۋە ئىللەتلەرگە كەسكىن چەك قويالىغان ئىدى. بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ سەىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان دىنىي مەژەپلەرنىڭ تەپرىقىچىلىقلىرى بىلەن شەكىللەنگەن ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلار كۇرىشى شەرقىي تۇركىستاننىڭ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كەيىن شەكىللەنگەن كەڭ كولەملىك ئەتنىك جەھەتتىكى ئارىلىشىشلار نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مىللىي پىسىخىكىلىق ئوزگىرىشلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر-تۇركىي ئەتنىك تەركىبىنىڭ مىللىي خاراكتەرىگە سەلبىي تەسىرلەرنى ئەلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كەيىن، ئۇيغۇرلار ھۇن ئىمپەراتورلۇقى، ئۇيغۇر ئورخۇن ئىپەرىيىسى ۋە قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئولتۇراق ۋە كوچمەن ئۇيغۇر-تۇركىي خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان ئۇيۇشقاق ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ھەمدە ئۇرۇق-قەبىلە ۋە دولەت باشلىقلىرىنىڭ سوزىگە شەرتسىز بوي سۇنىدىغان جەڭگىۋار مىللىي خاراكتەر سۇسلىشىشىشقا قاراپ يۇزلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارغا بالايى ئاپەت ئەلىپ كەلگەن ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق كۇرىشىدىن ئالدى بىلەن جۇڭغارلار پايدىلانغان بولسا، ئارقىدىن مەنچىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، قەشقەرىيىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان ئىدى. دەمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ۋە يۇقىرىدا ئەيتىلغان ئىللەتلىرى ھەچقاچان بۇ يەردە ھوكۇمرانلىق ئورناتقان ھەر قانداق ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئەمەس، بەلكى تەخىمۇ كۇچەيتىلگەن خالاس!
2-سەۋەب، ئەنجانلىقلار(غەربىي تۇركىستانلىقلار) بىلەن قەشقەرىيىلىكلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچىسىزلىكلەر. ياقۇب   بەگ   ئاساسىي ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقلارنى ئوز ئادەملىرىگە ۋە غەربىي تۇركىستاندىن كەلگەنلەرگە بەرىپ، يەرلىكلەردىن پەقەت نىياز   بەگ  ، ھوشۇر   بەگ   قاتارلىق بىر قانچىلا ئوزىگە شەرتسىز بويسۇنغان ئادەملەرگە مەلۇم ئىمتىياز بەردى. ئەمما، ئىچكى جەھەتتىن ئىتتىپاقلىشالمىغان ۋە چىقىشالمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتتىن كەلگەن دۇشمەنگە قارشى بىرلىشەلەيدىغان، مۇستەقىللىقلىرىنى قوغداپ قەلىش ئۇچۇن كۇچ چىقىرىدىغان جاسارەتلىك باشقا پۇتۇن مىللىي ئىنقىلابچىلارنى قاتتىق باستۇرۇپ يوقاتتى[8]. كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ داھىسى راشىدىن غوجا، ئىسساقخان شۇنىڭدەك خوتەن ۋە يەركەنت قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئەنە شۇلارنىڭ مىسالىدۇر.
3-سەۋەب، تاشقى جەھەتتە، چوڭ ئىمپەرىيىلەرنىڭ مەنپەەت توقۇنۇشى بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق شەرھىلەيمىز.
4- سەۋەب،ياقۇپ بەگنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسى تاكتىكىسى ۋە دولەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى يەتەرسىزلىكلەر . ياقۇپ   بەگ   ھەربىي ئىشلار جەھەتتە غەرب قوراللىرىنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنگەن ھەمدە ئاز تولا بولسىمۇ غەرب ئۇسلۇبىدا(بەلكى تۇرك ۋە ئافغان ئۇسلۇبىدا) ھەربىي تەلىم تەربىيە ئەلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما دولەتنى يەنىلا پەقەت ئوزىگىلا تايىنىپ باشقۇردى. ئۇ، ئوسمانلى ۋە بەرىتانىيە قاتارلىق قۇدرەتلىك مەلىكەتلەر بىلەن دىپلوماتىك پاالىيەت ئەلىپ بارغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئوگەنمىدى. ئەكسىچە، ئۇ ھوكۇمەت ئىشلىرىغا تەگىشلىك پۇتۇن سىياسەت، پىكىر ۋە تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوزى بەلگىلەپ چىقاتتى. مۇھىم ئىشلاردا كەڭەش ۋە مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرمايتتى. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ناھايىتى ياخشى ماڭغان دولەت ئىشلىرى، باياشات ھايات ئاستا-ئاستا خاراپلىشىشقا، بەگلەر چىرىكلىشىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما، مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىنىڭ زۇلمىنى يەتكىچە تارتقان ۋە ئەركىنلىككە مۇھتاج بولغان ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا ئوز ھاكىمىيىتىنى قەدىرلەپ، ئۇنى جان تىكىپ قوغدىغان ئىدى. ئەگەر ياقۇپ   بەگ   ئاخىرغىچە توغرا ۋە ياخشى باشقۇرۇش سىياسىتى يۇرگۇزۇپ، دولەتنى ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزغان بولسا، مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىنىڭ بۇ تۇپراققا قايتىپ كەلەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
5-سەۋەب، ياقۇپ بەگنىڭ دۇشمەن بىلەن سۇلھى قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ۋە قەتئىي زەربە بەرمەسلىك ھەم باشقىلاردۇر. ياقۇپ   بەگ   سۇلھىچىلىك يولىغا مەڭىپ، دۇشمەن بىلەن قەتئىي سوقۇشۇش تەرەپدارى بولغان ئوغلى   بەگ   قۇلبەگ ۋە باشقا قوماندانلىرىنى ئالدىنقى سەپتىن قايتۇرىۋەلىپ[9]، رەقىپلىرىنىڭ ئوز ئەھۋالىنى بىلىۋەلىشىغا ھەمدە ئوزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوزىدە ئىشەنچ پەيدا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى . ئەسلىدە مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىنىڭ زوزوڭتاڭ تەرەپدارلىرى قەشقەرىيە دولىتىگە ھۇجۇم قوزغاشقا ئالدىراپ جۇرئەت قىلالمىغان بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ياقۇپ بەگنىڭ كۇچىگە ئەندىشە بىلەن قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇرۇشقا ئوسمانلى ئىمپەرىيىسى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارىلىشىپ، "يەتتە شەھەر دولىتى"گە ياردەم بەرىپ قەلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇرۇمچىنى ئىشغال قىلىپ، ۋەزىيەتنى كوزىتىپ، ئاندىن ئۇرۇش باشلىماقچى بولغان ئىدى[10].ياقۇپ بەگنىڭ كۇچ –قۇدرىتى ئەينى ۋاقىتتا مەنچىڭ ئوردىسىنى خەلى ساراسىمگە سالغان بولۇپ، لىخوڭجاڭ گۇرۇھى بىلەن زوزوڭتاڭ گۇرۇھىنىڭ يەتتە شەھەر مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدا لىخوڭجاڭ گۇرۇھى باشتىن ئاخىرى قەشقەرىيىنى تاشلىۋەتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، زوزوڭتاڭ بولسا، ئەگەر ئۇنىڭغا يول قويغاندا ياقۇپ بەگنىڭ ھامان بىر كۇنى سەددىچىننىڭ ئىچىگە بەسىپ كىرىدىغانلىقىنى كورسىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئەلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.نەمە سەۋەبتىن مەنچىڭ ئوردىسىدا مۇنداق تالاش-تارتىشلار يۇز بەردى؟ بۇ دەل ئەنە شۇ قەشقەرىيە دولىتىنىڭ كۇچ-قۇدرىتى جۇملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۇچ-قۇدرىتى ئىدى خالاس. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياقۇپ   بەگ   بىرىنچى ھۇجۇمدىلا رەقىپلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى تامامەن باشقىچە يەزىلغان بولار ئىدى. قىسقىسى ياقۇپ   بەگ  پۇرسەتنى قولدىن بەرىپ، ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئوتۇشتىن پاسسىپ مۇداپىەگە، ئاخىرىدا بەرىپ چەكىنىشكە ھەمدە يوقىلىشقا يۇزلەندى.
ئاقىۋەتتە، توت ئەتراپى ئىگىز تاغلار بىلەن ئورالغان تارىم ۋادىسىنى ئاشكارا بەرىۋەلىش ۋە ياكى ئۇ جايدا مۇستەقىل ئۇيغۇر دولىتىنىڭ قەد كوتىرىشنى خالىمىغان بەلكى ، خالىسىمۇ ئوزارا پايدىسىز دەپ قارىغان بەرىتانىيە بىلەن رۇسىيە ئوزلىرىدىن ئاجىز مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىگە خۇددى بۇ "چوڭ ئويۇن"دا ئۇتتۇرغاندەك كورۇنۇش بىلەن بۇ رايوندا ئەبەدىي ئوز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى ساقلاپ قەلىپ، بارا-بارا سىڭىپ كىرىش ئىستراتەگىيىسىنى بەلگىلىدى. ئۇلۇغ بەرىتانىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ بۇنداق قارارغا كەلىشىگە يەنىلا ئالدى بىلەن ياقۇپ بەگنىڭ ئاخىرغىچە پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى ۋە مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا زەربە بەرىپ، ئوز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالماسلىقى بىر سەۋەب بولۇپ قالدى.
ئامەرىكا ئالىمى جامەس مىلىۋاردنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە ، مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھوكۇمرانلىقى ھەقىقى ئىمپەرىيارلىزملىق ھوكۇمرانلىق بولۇپ، زوزوڭتاڭنىڭ ئولكىنى قايتا ئىشغال قىلىشى بىلەن 1884-يىلى شىنجاڭ ئولكىسى تەسىس قىلىنىپ، ئولكىنىڭ ھوكۇمرانلىق ئورۇنلىرىنى ئىلگىرىكىدەك پۇتۇنلەي مانجۇرلار ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا خىتايلار ئالمىشىپ، ئاساسىي ھوقۇق زوزوڭتاڭ قاتارلىق خىتايلارنىڭ قولىغا ئوتتى ھەمدە ئۇيغۇر ھاكىمبەگلىرىنىڭ ھوقۇق داىرىسىگە چەك قويۇلدى[11].شۇنىڭدىن كەيىن، زوزوڭتاڭ-ليۇ جىنتاڭ گۇرۇھى خىتايلارنىڭ ئىمتىيازىنى تىكلەپ ۋە قوغداپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ تەخىمۇ ئوتكۇرلىشىشىگە ئاساس سالدى .زوزوڭتاڭ قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئوچ ئەلىشلىرىغا دۇچ كەلگەن شۇنىڭدەك ئىلگىرىمۇ ئۇزۇن يىللار ئۇرۇش زەرداپلىرىنى چەككەن خەلق، قاتمۇ-قات زۇلۇم ۋە مىللىي كەمسىتىشلەرگە نىسبەتەن 50 نەچچە يىل تاقەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
تارىخ ھاپىلا- شاپىلا 20-ئەسىر قوينىغا كىرىش بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدە ئالەمشۇمۇل ئوزگىرىشلەر يۇز بەرىپ، بۇ شاھمات تاختىسىدا تەخىمۇ زور ۋە مۇرەككەپ ھەم كەسكىن ئويۇنلار ئوينالدى. بۇ ئويۇنلاردا لەنىن رۇسىيىسى غالىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نالە- پەريادلىرى قىزىل خىشلىق كرەمىل تەمىنىڭ ئىچىگە ئاڭلانمىدى خالاس !

2. جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ قۇربانلىرى

ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۇرىكى-ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەستىلىك ۋە ئازابلىق تارىخى ئەركسىزلىكنىڭ تەمىنى تەتىغان ھەمدە ئەركسىزلىكنىڭ بىر مىللەت ئۇچۇن ئەڭ زور دەرىجىدىكى يوقىتىش ۋە تراگەدىيە ئىكەنلىكىنى ئەتىراپ قىلغان قەلبلەر بىلەن كوپ ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ، لەكىن ئۇ يەنە ئوزىگە خاس تەرەپلەرگە ئىگە. بەلكى، ئۇنىڭ خەستەلىك تارىخىنىڭ ۋاراقلىرى كوپرەك بولسا كەرەك؟!
تارىخىي رەاللىق ۋە ئۇنىڭ خۇددى م. بۇغرا ئەيتقاندەك جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكى، مەنىڭچە يەنە ئۇنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەلەيسىزلىكلىرى ئالدى بىلەن ئوزى بىلەن بىۋاستە تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن باغلىنىشلىق بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۇزۇن يىللار كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن سانكىتپەتەربۇرگ ۋە موسكۋا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۇنكى، ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۇرىكى_-شەرقىي تۇركىستان ئوزىنىڭ يەنە بىر پارچىسى غەربىي تۇركىستان بىلەن تارىخىي تەقدىرداشلىققا ئىگە بولغان بولسا، كەيىنكى ئەسىرلەردە بۇ رايونغا كىرگەن موسكۋا داىم ئوز مەقسەدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيانى ۋاستە قىلغان . بۇ نۇقتىنى چۇشەنگەن ھەممە كۇچلەر ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەزكۇر خەستەلەنگەن يۇرىكىنى غەربىي تۇركىستان ئارقىلىق ئازابلاش تاكتىكىسىنى تاللىۋالدى ھەمدە تاللىۋالماقتا.
ئانداقتا تارىختىكى كونا –يەڭى رۇسىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۇرىكى ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرىغا تۇتقان سىياسىتىنى قانداق تەسۋىرلەش لازىم؟
رۇسىيىنىڭ شەرقىي تۇركىستان سىياسىتى مەيلى چار پادىشاھ دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى 1917-يىلىدىن كەيىنكى سوۋەت رۇسىيىسى مەزگىلى بولسۇن ھەممىسىلا شەرقىي تۇركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى قارمۇ-قارشىلىقلاردىن ئىبارەت مەزكۇر رايوننىڭ ئىچكى سىياسىي ھاياتىدىكى ئوزگىرىشلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن[12]. چۇنكى ، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ھەر قەتىملىق قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يالغۇز جۇڭگو ھاكىمىيىتىگە تەسىر كورسىتىپلا قالماستىن بەلكى، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىمۇ كۇچلۇك تەسىر كورسەتكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب بىرىنچىدىن، رۇسىيە ھوكۇمرانلىقىغا ئوتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شەرقىي تۇركىستاننىڭ ئەتنىك، دىن، تىل ھەتتا ئىجتىماى –ئىقتىسادىي ھايات شەكلى قاتارلىق تۇرلۇك تەرەپلەردىن بىردەكلىككە ۋە ئوخشاشلىققا ئىگە بولغانلىقى. ئىككىنچىدىن، شەرقىي تۇركىستان بىلەن غەربىي تۇركىستان نىڭ جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن تاغ-دەريالىرى ، ئەتىز–ئەرقلىرى ۋە يايلاقلىرىنىڭ تۇتۇشۇپ كەتىپ، ئورتاق بىر جۇغراپىيىلىك گەۋدىنى شەكىللەندۇرىشىدىن ئىبارەت بۇ خىل بىردەكلىك ھەمدە باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت رۇس ۋە مەنچىڭ ئىمپەرىيىلىرى تەرىپىدىن سۇنئىي ئۇسۇلدا جىسمانىي جەھەتتىن ئايرىۋەتىلسىمۇ لەكىن، بەرىبىر مەنىۋى جەھەتتىن ئايرىۋەتىلمىدى. ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئامىل تۇپەيلىدىن چەگرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلقلەر ئوزارا بىر-بىرىگە ئوتۇپ ياشاشنى ۋە ھەر قەتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئوزارا قەچىپ كەلىپ پاناھلىنىش ۋە قايتىدىن كۇچ توپلاپ، ئوز ئەلىدىكى كۇرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئادەتلەندى. غەربىي تۇركىستان ۋە شەرقىي تۇركىستان بۇلار ئۇچۇن ئارقا سەپلىك ھەم بازىلىق رول ئوينىدى.
مەسىلەن، 1759-يىلىدىكى بۇرھانىدىن غوجا ۋە خان غوجا باشچىلىقىدىكى قەشقەرىيە خەلقىنىڭ ژاۋخۇي باشچىلىقىدىكى مەنچىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا قارشى كۇرەشلىرى، جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىن كەيىنكى، 1830-،1847-، 1856-، 1877-، 1881- يىللىرىدىكى ۋەقەلەردە شۇنىڭدەك 20-ئەسىردە يۇز بەرگەن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كوپ ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتە سۇ رايونىغا قەچىپ بەرىپ پاناھلاندى. چوقان ۋەلىخانوپنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندا قوقان، شەھرىخان قاتارلىق جايلارغا 70 مىڭ ئۇيغۇر كوچۇپ چىققان.19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا بولسا 15 مىڭ ئۇيغۇر كوچۇپ چىققان. شەھرىخان بىلەن قاراسۇ ئارىسىدىكى جايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ دولان دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىسىدىن 9 مىڭ ئادەم كوچۇپ چىققان بولۇپ، پەرغانە ۋادىسىدا جەمىي 324 مىڭ ئۇيغۇر بولغان[12]. بۇ قازاق ئالىمى يەنە ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنتنىڭ جەنۇبىدىكى يەڭى شەھەر مەھەللىسىدە قەشقەرلىكلەر(ئۇيغۇرلار)نىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، شەھرىخان، ئەندىجان شەھىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ يەرىمىنىڭ قەشقەرلىكلەر، قاراسۇنىڭمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ[13]. ئا.ن. كروپاتكىنمۇ 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا قوقان خانلىقى تەۋەلىكىدە 250 مىڭ قەشقەرلىكلەر (ئۇيغۇرلارنىڭ) بارلىقىدىن مەلۇمات بەرىدۇ [14]. ئەلۋەتتە، بۇنداق كوچۇش ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئۇزلۇكسىز تۇردە ئاشقان.
تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شەرقىي تۇركىستاندە يۇز بەرگەن ھەممە قوزغىلاڭلاردا مەزكۇر پاناھلانغان مۇساپىرلار بەلگىلىك مۇھىم رول ئوينىدى. مەسىلەن جاھانگىر غوجا، يۇسۇپ غوجا ۋە باشقا غوجىلارنىڭ قوزغىغان قوراللىق ھەرىكەتلىرىدە پەرغانە ۋادىسىغا قەچىپ بارغان قەشقەرىيىلىكلەر ئاۋانگارت قوشۇن بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئوز يۇرتلىرىغا جەڭ بىلەن قايتىپ كەلگەن شۇنىڭدەك كۇرەشلەردە مۇھىم تايانچىلىق رولىنى ئوينىغان. ئەڭ يەقىنقى مەزگىلگە تەۋە مىساللارنىڭ بىرى شۇكى، 1944-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىمۇ سوۋەت ئىتتىپاقىغا قەچىپ بارغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلار سوۋەت ئىتتىپاقى ھوكۇمىتى تەرىپىدىن قايتىدىن تەشكىللىنىپ، مەخسۇس گۇرۇپپىلار بولۇپ، نىلقا قوزغىلىڭى، غۇلجا قوزغىلىڭى، ھەرەمباغ ئۇرۇشى ۋە باشقا جەڭلەردىكى مۇھىم ھەربىي تايانچلىق رولىنى ئوينىدى[15]. ئومۇمەن، سوۋەت ئىتتىپاقى ھوكۇمىتى ئوزلىرىنىڭ شەرقىي تۇركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتەگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا داىم ۋە ئىزچىل ھالدا شۇ جايدىكى ئۇيغۇر كوچمەنلىرىنىڭ ئوز ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئىستەكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۇركىستاندىكى ھەرىكەتلەرگە قول تىقتى ۋە ياكى ئۇنى كونترول قىلدى.
تۇركىستاننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ تەقدىرداشلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئوخشاشلا چار رۇسىيە ۋە سوۋەت رۇسىيىسىگە قارشى جەڭ قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىدەولىگىيىلىك جەھەتتىن چىقىشالمىغان كوپلىگەن قازاقلار، ئوزبەكلەر، قىرغىزلار، تاتارلار ھەم ئۇيغۇرلار ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا يەرلەشكەن رۇسلار شەرقىي تۇركىستانغا قەچىپ كەلىپ پاناھلاندى. مەسىلەن، ئىلى سۇلتانلىقىغا قەچىپ كەلىپ پاناھلانغان قازاق باتۇرى تازانبەك ۋە باشقىلار رەھبەرلىكىدىكى قازاقلار مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئىلى سۇلتانى ئەلاخان مىللىي ۋە دىنىي قەرىنداشلىق تۇپەيلىدىن تازانبەكنى چار پادىشاھقا قايتۇرۇپ بەرىشنى رەت قىلىش بەدىلىگە ئوز مۇستەقىللىقىنى يوقاتتى. 1916-يىلى، يەنە چار پادىشاھنىڭ ئەسكەر ئەلىشىغا قارشى تۇرۇپ قوزغىلاڭ كوتۇرۇپ، مەغلۇپ بولغان قازاق، قىرغىزلار تۇركۇم-تۇركۇملەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇپ-شىمالىغا قەچىپ كەلىپ ماكانلاشتى. قىرغىز تارىخچىسى بەلەك سۇلتاناينىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئىسسىق كول ئەتراپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قەچىپ كەلگەن قىرغىزلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشقان. باشقا مەلۇماتلاردا 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپمۇ يەزىلىدۇ [16]. ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان بۇ قىرغىز قاچقۇنلىرىنى ئۇيغۇرلار ئويلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن ھەم ئۇلارنى ماكانلاشتۇرغان.
ئۇنىڭدىن كەيىن، سوۋەت رۇسىيىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، رۇس كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن" باسمىچىلار" دەپ ئاتالغان ئەنۋەر پاشانىڭ، ئىرگەش باتۇرنىڭ ئوزبەك، قىرغىز ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاىلە –تاۋاباتلىرى قەشقەر ئەتراپىغا قەچىپ كەلىپ پاناھلانغان ئىدى. 1930-يىللاردىكى قەشقەردە بولغان شەرقىي تۇسكىتان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش قوزغىلاڭلىرىغا ئىشتىراك قىلغان قىرغىزلاردىن جانىبەك قازى، چىپاق قازى، ئوزبەكلەردىن يۇسۇپجان ۋە سەتىۋالدىجان ھەم ئۇلارنىڭ نەچچە يۇزلىگەن ئەگەشكۇچىلىرى ۋە باشقىلار بۇنىڭ مىسالى بولسا كەرەك[17].
ئومۇمەن، چەگرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىگە قەچىپ بەرىپ ماكانلاشقان قەرىنداش خەلقلەر بىر-بىرىنىڭ ھورلۇك كۇرەشلىرى گە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ، ئوز پاناھىغا ئەلىشتى (ئەلۋەتتە كوپ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەۋجۇت بەزى ئەھۋاللارنى ھەسابقا ئالمىغاندا).
دەمەك، چار پادىشاھ ۋە كەيىنكى سوۋەت رۇسىيىسى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئەلىپ، شەرقىي تۇركىستاننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئالغان ھەمدە سىياسەتلەرنى تۇزگەن ئىدى. بولۇپمۇ، سوۋەت رۇسىيىسى چار رۇسىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم كۇچەيتىش چارىسىنى قوللاندى.
رۇسىيە تاشقى سىياسىتى جۇملىدىن ئۇنىڭ مەركىزىي ۋە شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سىياسى ئىستراتەگىيىسىنى تەھلىل قىلغاندا شۇنداق يەكۇن چىقىش مۇمكىنكى، كونا رۇسىيە ۋە قىزىل لەنىن رۇسىيىسى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كەيىنكى مەزگىللەرنىڭ ھەممىسىدە كرەمىلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جۇڭگو سىياسىتىدە ئۇچ خىل ئەقىم زىددىيەتلىشىپ كەلگەن. بۇنى مۇنداق يەكۇنلەش مۇمكىن؛
1- شەرقىي تۇركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىگە يول قويماي، ئەكسىچە جۇڭگو ھوكۇمىتىگە ياردەم بەرىپ، بۇ جاينى رۇس تەسىرى ئاستىدىكى رايون قىلىش يەنى تەررىتورىيىلىك ھوقۇق جەھەتتىن جۇڭگونىڭ قولىدا قالدۇرۇش ، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن رۇسىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇتۇش، ئۇچىنچى بىر دولەت كۇچىنى بۇ يەرگە كىرگۇزمەسلىك .
2- بۇ رايوندا مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دولىتى بەرپا قىلىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۇركىستاننى خۇددى موڭغۇلىيە ھەم باشقىلارغا ئوخشاش كرەمىلنىڭ تەسىرى ۋە ھىمايىسى ئاستىدىكى بىر قورچاق دولەت سۇپىتىدە تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن كرەمىلنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىستراتەگىيىسى ۋە باشقا كەرەكلىك نۇقتىلىرى ئۇچۇن پايدىلىنىش.
3- بۇ رايوننى قوراللىق يول بىلەن ئاشكارا بەسىۋەلىپ، رۇسىيىنىڭ بىر گۇبەرنىيىسى ياكى سابىق سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قىلىش. مەزكۇر ئۇچ خىل نۇقتىىنەزەرلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىرى ئارىسىدىكى كۇرەشمۇ ناھايىتى ئوتكۇر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3- نۇقتا چار پادىشاھ دەۋرىدىلا ئاساسىي جەھەتتىن سەپتىن قەلىپ، يۇقۇرىدىكى ئىككى نۇقتا نەزەر داىملىق تالىشىش مەركىزى بولۇپ كەلدى. سابىق سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو
ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەرھۇم تۇرسۇن سادىقوپنىڭ ئەيتىشىچە؛ رۇسىيىنىڭ ۋە كەيىنكى سابىق سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۇركىستان سىياسىتىنى بەلگىلەشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزكۇر ئىككى نۇقتا ئارىسىدا بىرىنچى خىل نۇقتىىنەزەر داىم ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلەپ، دولەت سىياسىتى دەرىجىسىگە كوتۇرۇلدى[18].ئۇيغۇر مەسىلىسى باشتىن-ئاخىرى سوۋەت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشتەك خاراكتەرگە ئىگە بولۇپ،1924-يىلى سوۋەت رۇسىيىسى بىلەن جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا تۇنجى كەلىشىم تۇزۇلگەندىن كەيىن، موسكۋا تۇركىستان تەۋەسىدىكى جۇڭگوغا قارشى كەيپىياتتىكى ھەر قانداق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلىدى ھەتتا سوۋەت كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتەتى “ شىنجاڭ”دا تەشكىلاتچىلىق پاالىيىتىنى ئەلىپ بەرىشنى چەكلەش ھەققىدە قارار چىقىرىپ، ”شىنجاڭنى ياكى بۇنىڭ مەلۇم قىسىمىنى جۇڭگودىن ئايرىشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە تەشۋىقاتنى پۇتۇنلەي زىيانلىق دەپ قاراش”نى قارار قىلدى[19]
3. تەقدىردىكى ئوخشاشلىقلار
1917-يىلىدىكى رۇسىيىنىڭ فەۋرال ئىنقىلابىدا پادىشاھلىق تۇزۇم ئاغدۇرۇلغاندىن كەيىن بولشەۋىكلەر بىلەن بۇر؟ئۇا -دەموكراتلىرى ئارىسىدىكى كۇرەش ئوتكۇرلەشتى. چار پادىشاھ ھوكۇمىتىنىڭ يوقىلىشى بۇ كونا ئىمپەرىيىنىڭ يەڭى ھاكىمىيىتىنى تالىشىدىغان تۇرلۇك سىياسىي ئەقىملار ۋە پارتىيىلەرنى مەيدانغان كەلتۇردى. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئىدىل(ۋولگا)-ئۇرال بويلىرىدىن تارتىپ، تاكى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان بىپايان زەمىندىكى رۇس مۇستەملىكىسىنىڭ ئازابىنى تارتقان خەلقلەر مۇستەقىللىق يولىنى تۇتۇپ، ئىلگىرى -كەيىن تۇرلۇك پارتىيە ۋە سىياسىي گۇرۇھلارنى شەكىللەندۇردى.
ئالدى بىلەن قىرىملىق ئىسماىل گاسپىرالىنىڭ مەدەنىيەت گۇللىنىش ۋە جەدىدچىلىك ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان " بالقاندىن جۇڭگوغىچە "بولغان بىپايان زەمىندىكى تۇركىي خەلقلەرنى بىر ئورتاق سىياسىي ۋە ئورتاق تىل شاراىتىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان قىرىملىق تاتار زىيالىيلىرى "ياش تاتار پارتىيىسى" ناملىق سىياسىي تەشكىلات ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، پەقەت مەدەنىيەت-ماارىپ جەھەتتىن ئويغۇنۇشنىڭلا بىر مىللەت ئۇچۇن يەتەرلىك ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئەلىپ بەرىپ، مىللەتنى بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن قىلغاندىلا ھەقىقى مەنىدىكى قۇتۇلۇش ۋە گۇللىنىش مۇمكىنچىلىكى ھەم كاپالىتى بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. ياش تاتار پارتىيىسى 1917-يىلى 2-ئايدا تۇركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ، "مىللىي پىرقە"پارتىيىسىنى قۇرۇپ ،ھاكىمىيەتنى قولغا ئالماقچى بولدى. بۇ پارتىيە 1917-يىلى 5-ئايدا يەنە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، قىرىم تاتار ھوكۇمىتىنى قۇردى ۋە ئاساسىي قانۇننى بەلگىلىدى. لەكىن، 1920-يىلى سوۋەت رۇسىيىسى قىرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋەلىپ، تاتار مىللەتچىلىرى بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ بىرلىشىشى ئاستىدىكى قىرىم سوۋەت جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى ھەمدە ھاكىمىيەتنى
مۇستەھكەملىۋالغاندىن كەيىن، تاتار مىللەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەگۇدەك جازالىدى. قىرىم تاتارلىرىنىڭ بەشىغا ئەغىر كۇنلەر كەلىپ، ھەتتا 1944-يىلىغا كەلگەندە ئوز يۇرتلىرىدىن قوغلاندى خالاس[20].
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە قازاننى ئاساس قىلغان ۋولگا( ئىدىل)-ئۇرال بويىدىمۇ تاتارلار ۋە باشقىرىتلارنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەم سىياسىي جەھەتتىن قەد كوتۇرۇش ھەرىكىتى جانلانغان بولسىمۇ، لەكىن تاتار-باشقىرت مىللەتچىلىرى ئىككى خىل پىكىر ئەقىمىغا بولۇنۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىرى "سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۇرۇش" بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەپداپلىرى بىرلىككە كەلگەن بۇرجۇازىيە ۋەكىللىكىدىكى رۇسىيە تەۋەسىدە قەلىپ، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇختارىيىتىنى قولغا كەلتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بىر گۇرۇپپا فەدەراتسىيىچىلىك پىكىر ئەقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ۋولگا-ئۇرال دولىتىنى قۇرۇپ، ئۇنى زەمىن جەھەتتىن مۇستەقىل قىلىش ئەمما، رۇسىيە بىلەن يەنىلا فەدەراتسىيىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى[21]. بۇ گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كوپلىگەن مىللەتچىلەر كەيىن بولشەۋىكلەر پارتىيىسىگە كىرىپ، بولشەۋىكلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئوزلىرىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ ياردەملىشىشى نەتىجىسىدە 1920-يىلى 27-مايدا تاتارىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئەمما، بۇ بىر قىسىم تاتار زىيالىيلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئەزا بولغان بىلەن ھەچ قاچان ئوزلىرىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچمىگەن بولۇپ، ئۇلار موسكۋانىڭ ئوزلىرىگە بەرگەن سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن رازى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تۇركىي خەلقلەرنىڭ دولەتچىلىكىنى قايتىدىن تۇزۇش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشلارنى قانات يايدۇردى. مىرسەيىد سۇلتان غالىيەۋ رەھبەرلىكىدىكى تاتار مىللەتچىلىرى ئىدىل-ئۇرال، ئوزبەكىستان، تۇركمەنىستان ،قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئوز ئىچىگە ئالغان كەڭ تۇركىي- مۇسۇلمانلار جايلاشقان رايونلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ، تۇران دولىتى قۇرۇشنى شۇنىڭدەك يەنە بۇ رايوندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوز ئالدىغا "مۇسۇلمان كوممۇنىستلار پارتىيىسىنى" قۇرۇپ[22]، سوتسىيالىزىم دۇنياسىنى تۇركىي- مۇسۇلمانلارنىڭ ئوزىگە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنىڭ ئوز ئالدىغا رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيىسىدىن مۇستەسنا بىر ئايرىم پارتىيە بولۇش سالاھىيىتىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئەتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ بۇ ئىستراتەگىيىسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى، 1928-يىلى ھاكىمىيەتنى تولۇق مۇستەھكەملىۋالغان موسكۋا سۇلتان غالىيەۋ رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر مىللەتچى كوممۇنىستلارنى بىراقلا تازىلاپ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى ئولۇمگە، سۇرگۇنگە ۋە تۇرمىگە مەھكۇم قىلدى. سۇلتان غالىيەۋ ئىجاد قىلغان "مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى پارتىيىسى" دەگەن بۇ غەيرى سىياسىي ئىدەولوگىيە سۇ ئۇستىدىكى كوپۇكتەك سىياسىي ئاتالغۇلار لۇغىتىدىن غايىپ بولدى. چۇنكى، تاكى 1924-يىلىغىچە موسكۋا ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ "مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى" دەگەن ئاتالغۇلارنى كەڭ ئىشلەتكەن ئىدى.
قىسقىسى ئىدىل-ئۇرال بويىدىكى موسكۋا بىلەن ئوخشاشلىققا ۋە ياكى قىسمەن پەرقلەرگە ئىگە بولغان تاتار-باشقرىت مىللەتچىلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل ئۇسۇلدىكى شۇنىڭدەك ھەر خىل پىكىر ئەقىمىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ دۇشمىنى دەپ قارىلىنىپ زەربە بەرىش ئوبيەكتى بولدى .
شۇنىنغا ئوخشاشلا، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى غەربىي تۇركىستانغىمۇ ئازادلىق ئىشەنچىسىنى ئەلىپ كەلدى. ياش تۇركلەر پارتىيىسىنىڭ تەسىرىنى ئالغان شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ 1905-يىلىدىكى مۇنارخىزىمغا قارشى دەكابىرچىلار ھەرىكىتى ھەمدە رۇسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشىدا رۇسىيىنىڭ يەڭىلىشىدەك بىر قاتار ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتنى ئوزلىرى ئۇچۇن پايدىلىق دەپ قارىغان تۇركىستانلىقلار ئىلگىرى كەيىن ئاشكارا ھەم مەخپىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، مىللىي ئويغىنىش تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇردى ھەمدە " ياش بۇخارالىقلار پارتىيىسى"، " ياش خىۋەلىكلەر پارتىيىسى"نى قۇردى. فەۋرال ئىنقىلابىدىن كەيىن، 1917-يىلى 5-ئايدا ئۇلار تۇركىستان مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، تۇنجى مۇستەقىل ھوكۇمەت –مىللىي مەجلىسنى تەسىس قىلدى. 1917-يىلى ئوكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كەيىن، بۇ مەجلىس ئەمەلىي ھوقۇقنى قولغا ئەلىش ئۇچۇن قوقاندا تۇركىستان مۇسۇلمانلار ھوكۇمىتىنى ئەلان قىلدى. "قوقان ئاپتونومىيىسى "دەپ ئاتالغان بۇ ھوكۇمەتنىڭ ئومرى قىسقا بولۇپ، ئۇ 1919-يىلى تاشكەنتتىكى سوۋەتلەر ئەۋەتكەن قوراللىق كۇچ تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋەتىلدى ۋە قوقان ئىنقىلابچىلىرى دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى [23]
يەتتە سۇنى ئوز ئىچىگە ئالغان قازاق –قىرغىز رايونلىرىدىمۇ چار رۇسىيىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، 1916-يىلى كەڭ كولەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى. چار پادىشاھ يىقىلغاندىن كەيىن بولسا، قازاق زىيالىيلىرى "ئالاش ئوردا" ناملىق ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر پارتىيە قۇرۇپ، ئورىنبۇرگ، ئۇرال ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىدا ھەركەت قىلدى. بۇ پارتىيە دەسلىۋىدە قىزىللارغا قارشى كازاكلار بىلەن بىرلىشىپ، بولشەۋىكلارغا قارشى تۇرغان بولسا، 1919-يىلىدىن كەيىن بولشەۋىكلارنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇلار تەرىپىگە ئوتۇپ، ئۇلار بىلەن كەلىشىم تۇزدى. بولشەۋىكلار قازاقلارغا ئالىي ئاپتونومىيە بەرىشكە رازى بولدى ھەمدە شۇ يىلى رۇسىيە تەۋەسىدە قازاق سوۋەت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، رۇس كوممۇنىستلىرى ئالاش ئوردىچىلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا قازاق تۇپراقلىرىدا ئوز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كەيىن، قازاق-قىرغىز مىللەتچىلىرىنى بىر-بىرلەپ تازىلىدى خالاس[24]
بۇ مەزگىلدە يەنە خارەزم رايونىدا خىۋە خانلىقى، بۇخارا رايونىدا بۇخارا ئەمىرلىكى مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چار رۇسىيىنىڭ ھامىلىقى ئاستىدا ئىدى. 1919-يىلى ۋولگا بويىدا جەڭ قىلىۋاتقان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى لەنىننىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، ئىلگىرى كەيىن خىۋە ۋە بۇخارا خانلىقلىرىنى يوقاتتى. بۇ خانلىقلار ئىلگىرى-ئاخىر خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتى(1919-يىلى)، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى( 1920-يىلى)گە ئوزگەرتىلدى.
گەرچە، سوۋەت رۇسىيىسى زور غەلىبىلەرگە ئەىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيە قاتارلىق تۇركىي-مۇسۇلمانلار رايونىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لەكىن ئۇلار يەنىلا ئىچكى ھەم تاشقى تەھدىدلەردىن خالى بولالمىدى. گەرچە، ياش بۇخارالىقلار ، ياش خىۋەلىكلەر ھەم باشقا مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ بىر قىسىمى بولشەۋىكلار پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇركىستاندىكى سوۋەت ھاكىمىيىتىدە يۇقىرى لاۋازىمەتلىك ئورۇنلارغا ئەرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار لەنىنىڭ ئىنقىلاب غەلبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان "چار رۇسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خالىسا فەدەراتسىيىلىك ھاكىمىيەتتىن
چىقىپ كەتىپ، ئوز مىللىي مۇستەقىل دولىتىنى قۇرۇش ھوقۇقى بار" دەگەن شۇارىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كەيىن، ئاستا-ئاستا يەنىۋالغانلىقىنى بىلىپ، بۇنىڭدىن سوۋەت رۇسىيىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى سەزىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە پەرغانە ۋادىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سوۋەت رۇسىيىسىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئىسلامىي غازات شۇارىدىكى قوراللىق قارشىلىق كورسىتىش ھەرىكىتى پارتلاپ، پارتىزانلارنىڭ سانى كۇنسايىن ئەشىش بىلەن بەزى شەھەرلەر،قىشلاقلار ئۇلارنىڭ قولىغا ئوتتى. موسكۋا ھوكۇمىتى بۇ كۇچنى يوقىتىش ئۇچۇن فرۇنزەنىڭ باشچىلىقىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر سالدى. دەمەك، ئاتالمىش "باسمىچىلار ھەرىكىتى" ھەمدە ئىدىل-ئۇرال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇرك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ كۇچۇيۇۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغان لەنىن رۇسىيىسى 1919-يىلى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ، تۇركىستان سوۋەت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۇركچىلىك پىكىرىدىكىلەرنى قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى. ئاخىرىدا ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ بولغاندىن كەيىن، تۇركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىك مىللەت رەھبەرلىرى ۋە زىيالىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن تۇركىستاننى پارچىلاپ، 1924-يىلىدىن باشلاپ، تاكى 1936-يىلىغىچە ئوزبەكىستان، تۇركمەنىستان، تاجىكىستان ،قازاقىستان، قىرغىزستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنى بەرپا قىلىپ، بۇنى "ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي چەگرىلارنى ئايرىش ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش سىياسىتى "دەپ ئاتىدى، شۇنىڭدەك "تۇركىستان" ئىبارىسىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتالغۇسىنى ئومۇملاشتۇردى ھەمدە ئومۇمىي يۇزلۇك پانتۇركىزمغا قارشى ھەركەت باشلىدى.
لەنىن باشچىلىقىدىكى سوۋەت رۇسىيىسى پۇتۇن سابىق چار پادىشاھ مۇستەملىكىلىرىنى تولۇق ئىدارە ئاستىغا ئەلىپ، بۇ جايلاردا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي سىياسىي ھوقۇقلىرى ئەتىراپ قىلىنغاندەك ھالەتنى بىلدۇرىدىغان تۇرلۇك ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇپ، ھوقۇقنى موسكۋاغا مەركەزلەشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە پۇتۇن دۇنيا يۇزىدە "پرولەتارىيات ئىنقىلابى قوزغاش"، “ئەزىلگەن خەلقلەرنى ئازاد قىلىش" شۇارى ئاستىدا شەرقىي تۇركىستاننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىگىمۇ كوڭۇل بولدى. بىراق، دەسلىۋىدە بۇ جايدا ئىنقىلاب قوزغاشنى مۇۋاپىق تاپقان سوۋەت رۇسىيىسى ھوكۇمىتى ئۇچىنچى ئىنتەرناتسىيونالنىڭ باشلىقى رۇگزۇكتاكنىڭ “قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش “لايىھىسىنى 1921-يىلى مەخسۇس كومىسسىيە تەشكىللەپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بىكار قىلىپ، بۇ پىلاندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ پاالىيەتلىرىنى چەكلىدى. بۇ قارارغا لەنىن بىۋاستە ئارىلاشقان ئىدى[25].
ئومۇمەن،1917-يىلىدىن ئەتىبارەن يەتتە سۇنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوزلىرىنىڭ كەلگۇسى ئازادلىقىنى تەمىن ئەتىشنى مەقسەت قىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەتلەر پەيدا بولدى ۋە كۇنسايىن كۇچەيدى. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ جۇملىدىن دۇنيا تۇرك خەلقلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۇپىتى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا مىقياسىدا داۋاملاشقان بارلىق تۇركىي خەلقلەرنىڭ ئازادلىق كۇرەشلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئەلىپ، ئوزلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەشنىڭ تۇرلۇك يوللىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى
ئىزدىدى.
ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ بەشىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە كۇچىيىشكە قاراپ يۇزلەنگەن ھەم خارابلاشقان تۇرلۇك سىياسىي، ئىجتىماىي ۋە مەدەنىيەت ئىدەولوگىيىلىرى مەسىلەن "كوممۇنىزم"، "تۇركچىلىق"، "ئىسلامىي گۇللىنىش"، "مىللىي ئازادلىق" ۋە "جەدىدچىلىك" ھەم باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى دەگۇدەك ھەر خىل سەۋىيىدە ئوز تۇرمۇشىغا ئەلىپ كىرىپ، بۇلارنى مىللىي ھورلۇك كۇرەشلىرى ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇردى. گەرچە، بۇ ئىدىيىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئوز ئورنىنى تاپقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئوزارا كۇرەشلەرگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە سەۋەب بولدى. ھەر قايسى ئىدىيىلەرنىڭ تەرغىباتچىلىرى ئوزلىرى ئىشەنگەن يول بىلەن ئوز مىللىتىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، ئوزلىرىنىڭ بۇ ئىدىيىلىرىگە سادىق بولدى. بۇنداق مەپكۇرىۋى توقۇنۇشلار دەسلەپتە بۇخارا، ئىستامبۇل، قازان قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇقادىر داموللا، مەسۇد سەبىرى، قۇتلۇق شەۋقى، جىرجىس ھاجى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تاشقى دۇنيانى كورگەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايەۋلار ھەم مەقسۇت مۇھىتى قاتارلىق ئۇيغۇر بۇرجۇازىيىسىنىڭ ئوزارا بىرلىشىپ، ئوز ۋەتىنىدە يەڭىچە مەكتەپلەرنى ئەچىپ، يەڭى مەدەنىيەت-ماارىپ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا قارشى چىققان ئومەرباي قاتارلىق جاھىللار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن رەۋىشتە ئىپادىلەندى. ياڭزەڭشىڭ قاتارلىق مىلىتارىستلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بۇ يەڭى مەدەنىيەت ۋە يەڭى ئاڭنىڭ ھىمايىچىلىرى بىلەن جاھىللار گۇرۇھى ئارىسىدىكى كۇرەشتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلاندى ھەمدە ئۇنى تەخىمۇ ئۇلغايتتى.
قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن چار رۇسىيىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى تەمىن ئەتمەكچى بولغان "تارانچى –تۇڭگان كومىتەتى"نىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۇسەيىن تارانوپ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى بىلەن بولشەۋىكلارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنى تىكلەشنى غايە قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيەۋچىلار بىر مەيدان كۇرەشنى باشلىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كەيىن بولسا، يەتتە سۇ ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قانچە يىل تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلى يەنى بۇ ئىككى شىۋىنىڭ قايسىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى قىلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تارانچىلار بىلەن ئۇيگۇرلارنىڭ بىر مىللەتكە تەۋەلىكى مەسىلىسى ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە داۋاملاشتى[26].1934-يىلى بولسا بۇ جىدەلدىن شەڭ شىسەي پايدىلىنىپ، تارانچىلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ چىقىپ، باشقا مىللەت قىلىپ بەكىتتى. ئۇنىڭدىن كەيىن، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى تاكى 1949-يىلىغىچە ئوزلىرى ئىشەنگەن ۋە ئەتىقاد قىلغان يوللارنى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تەۋسىيە قىلىش جەرىيانىدا بىر-بىرىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەيلى تۇركچىلىك ئىدىيىسىنى ئاساسىي قورال قىلغان جۇڭ خۇا مىڭو ھوكۇمىتىگە تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مۇختارىيىتىنى قولغا كەلتۇرمەكچى بولغان ئۇچ ئەپەندى باشلىق "كونسەرىۋاتىپلار" بولسۇن ۋە ياكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رۇسلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان "رادىكاللار"[27] بولسۇن ۋە ياكى بۇ ئىككى ئىدىيىنىڭ ھەچ قايسىسىغا قوشۇلماي ئوتتۇرا يولنى تاللىغان ئابدۇل ئەزىزخان مەخسۇم قاتارلىقلار بولسۇن بەرىبىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاجىەلىك قىسمەتكە دۇچار بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس ئىدى، بەلكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئىنتىلىش، خەلقارا سىياسىي ئەقىملارنى ۋە ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىشتىن چىقارغان خۇلاسىلىرى ئىدى. ئەسلىدە مۇنداق پىكىر ئەقىملىرىغا بولۇنۇپ، ئوزارا كۇرەش قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ بولغاندىن كەيىن، خۇددى تۇركىيە ۋە ئامەرىكا قاتارلىق باشقا دەموكراتىك دولەتلەردىكىدەك شەكىلدە ھەم مەۋقەدە مەۋجۇت بولسا تەخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولار ئىدى. ئەپسۇسكى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل پىكىر ئەقىملىرىنى ئوز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن تاللىشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئوزارا زىددىيەتلىشىپ ھەتتا بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق رەقىپلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەتىشىگە، ئۇيغۇرلارنى ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگونىڭ تۇلكىسى دەپ ئاتالغان ئاتاقلىق دىپلومات جاڭ جىجوڭ ئوز ئەسلىمىسىدە بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئوزارا زىددىيىتىنى كۇچەيتكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ شۇنىڭدەك مەيلى كونسەرىۋاتىپلار بولسۇن ۋە ياكى رادىكاللار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ يەنىلا مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى كورسىتىدۇ.[28]
قانداق بولۇشتىن قەتىي نەزەر،20-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە ياۋرو-ئاسىيادا يۇز بەرگەن زور سىياسىي ۋەقەلەر ھەم ئىدەولىگىيىلىك توقۇنۇشلاردا ئۇيغۇرلار يەنىلا ئوزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش، مۇستەقىل مىللىي دولەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ۋە غايىسىنى دۇنياغا بىلدۇردى. ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ئوزلىرى ئىشەنگەن سىياسىي ئىدىيە ۋە ئەقىملار شۇنىڭدەك كۇرەش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاخىرقى ئورتاق مەقسەتلىرىگە يەتىش ئۇچۇن تىرىشتى، ئۇرۇندى ۋە بۇ ئورتاق غايە ھەم مەقسەتلىرى ئۇچۇن زور بەدەللەرنى تولىدى.
خۇلاسە
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك سىياسى تارىخىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئوزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۇرەشلىرىدە رەقىبلىرى تەرىپىدىن بىۋاستە جىسمانىي جەھەتتىن يەڭىلگەن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ رەقىبلىرىنىڭ غالىپ چىقىشى كوپىنچە ھالدا بۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە سىياسىي جەھەتتىكى يەتەرسىزلىكلەر، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تاشقى چوڭ دولەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنى قامال قىلىۋەلىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشقان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىچكى نىزالار، رايونلار ئارىسىدىكى مىللىي پىسىخىكىلىق ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرى شۇنىڭدەك ئىدەولوگىيىلىك توقۇنۇشلار 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىنىڭ بەختسىزلىكلەرگە يولۇقىشىدىكى ئامىللاردىن بولۇپ ھەسابلىنىدۇ. چۇنكى، ئىچكى ئامىل بىرىنچى دەگەندەك
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز ئىچىدىكى مىللىي مەنپەەت ئۇچۇن ھەممە شەخسىي مەنپەەتلەردىن ۋاز كەچىش، ئوزارا بىرلىك ۋە ئۇيۇشقاقلىقنى قەدىرلەش روھىنىڭ كەمچىللىكى ھورلۇككە مۇھتاجلىقى بار، ئۇزۇن مەزگىللىك كۇرەش ئەنئەنىسى ئىگە ھەمدە بۇ يولدا ھەددىدىن زىيادە كوپ قۇربان بەرگەن ئۇيغۇردەك مىللەت ئۇچۇن زور پاجىە ھەسابلىناتتى.
قىسقىسى ياۋرو-ئاسىيانىڭ يۇرىكى ھەسابلانغان ئۇيغۇر ۋەتىنى 19-20-ئەسىر سىياسى تارىخىدا ئوزىنىڭ جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكى سۇپىتىدە ئەتراپىدىكى قۇدرەتلىك كۇچلەرنىڭ چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى پەچكىلار كەبى ئوينىلىش ۋە قۇربان قىلىۋەتىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلىپ خەستەلەندى!
ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرى چوڭ دولەتلەرنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتەگىيىلىرىدىكى ئويۇن قەرتىگە ئايلىنىپ، دىپلوماتىك سورۇنلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردەك باشقا چوڭ دولەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن يەنە باشقا مىللەت يوق دەسەكمۇ خاتالاشمىساق كەرەك؟!
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق كوڭۇللىكى، ئوز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشتە داىم باشقىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئاسان ئىشىنىپ، ئوزىنىڭ ئەسلى قۇدرىتىنى سەل چاغلىشى ھەمدە تارىخى تەجرىبىلەرنى يەكۇنلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمۇ مەلۇم رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە، كوپىنچە ھاللاردا ئاجىز مىللەتلەردە ئەنە شۇنداق ئاق كوڭۇللۇك يەنى باشقىلاردىن ياخشىلىق كۇتۇش ۋە ئۇمىد باغلاش پسىخىكىسى بولىدۇ.
مەركىزىي ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيىدىكى تۇركىي تىللىق قەرىنداش خەلقلەرنىڭ 20-ئەسىردە بەسىپ ئوتكەن سىياسىي مۇساپىلىرىنى ۋە دۇچ كەلگەن سىياسىي قىسمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇيغۇرلار دىنىي جەھەتتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تۇرك دۇنياسىنىڭ، جۇغراپىيە جەھەتتە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيانىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۇپىتى بىلەن مەزكۇر ئۇچ چوڭ گەۋدىنى بىر پۇتۇنلۇككە ئىگە قىلغان. شۇنداق ئىكەن، دەمەك ئۇيغۇرسىز بىر پۇتۇن تۇركىي تىللار گەۋدىسى ۋە تۇرك مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرسىز بىر پۇتۇن گۇللەنگەن ئىسلام دۇنياسى، ئۇيغۇرسىز بىر پۇتۇن، تىنچ ۋە مۇقىم مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا سىياسى ھاياتى بولمايدۇ خالاس!
مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتىي نەزەر، 19-20-ئەسىر ئۇيغۇرلار ئۇچۇن زور ئىزتىراپلارنى چەككەن، ھەددى-ھەسابسىز قۇربانلارنى بەرگەن ئازابلىق بەتلەر بىلەن پۇتۇلگەن بولسا، يەنە ئوز نوۋىتىدە ئۇيغۇر خەلقىغە ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى، پىداكارلىقلارنى شۇنىڭدەك قۇدرەتلىك ۋە شەرەپلىك ئوتمۇشكە چوقۇنۇش بىلەن پارلاق كەلەچەككە نىسبەتەن ئۇمىد ئۇزمەسلىك روھىنى ئاتا قىلغان ئەسىر بولدى.
ئۇيغۇر روھىيەت قۇرۇلمىسى كۇنسايىن ئۇمىدسىزلىنىش ۋە زەىپلىشىش ئەمەس بەلكى، تەخىمۇ مۇستەھكەملىنىش ۋە تاكامۇللىشىش ھۇجەيرىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئوزىنىڭ ھەچ قاچان تارىخ قۇرلىدىن ئوچمەس ۋە يوقالماسلىقىغا كاپالەت تۇرغۇزدى.
________________________________________
ئىزاھاتلار؛
1.مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا. شەرقىي تۇركىستان تارىخى، ئەنقەرە، 1998-يىلى نەشرى.466-بەت
2.زبىگنەۋ برىزەنسكىي. چوڭ شاخمات تاختىسى. ئىنتەرنەتكە قويۇلغان رۇسچە تەرجىمىسى. ھتتپ://لىب.رۇ/پولىتولوگ/ئامەرىچا/بژەزىنسكىج.تخت
3.دۇبروكۋسكايا د. شىنجاڭنىڭ تەقدىرى ،1997-يىلى، موكسۋا (رۇسچە)، داۋۇت ئىسىيەۋ، يەتتە شەھەر دولىتى، 1990-يىلى ئالمۇتا (ئۇيغۇرچە)
4.رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يەرىمىدىكى تاشقى سىياسەت تارىخى. 1999-موسكۋا، 166—بەت (رۇسچە)
5. شۇ كىتاب 167-بەت
6.شۇ كىتاب.167-بەت
7. قۇربان ئالى كھالىدى. ئان ئىسلامىچ بىوگراپھىچلا دىچتىوناري ئوف تھە ئەاستەرن كازاكھ ستەپپە 1770-1912.. برىلل لەىدەن-بوستون. 2005. 37-38-بەتلەر
8.مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 342-343-بەتلەر
9.شۇ كىتاب.346-بەت
10.دۇبروۋسكايا، شۇ كىتاب، موسكۋا نەشىرى(رۇسچە)
11.جامەس مىللۋارد. بەيوند تھە پاسس.ئەچونوموي ،ئەتھنىچىتي،ئاند ئەمپىرە ئىن قىڭ چەنترال ئاسىا،1759-1864. ستانفورد ئۇنىۋەرسىتي پرەسس.1998
12.غوجەخمەت ساداۋاقاسوپ تاللانما ئەسەرلىرى، 2001-يىلى، ئالمۇتا، 55-بەت(رۇسچە)
13.شۇ كىتاب، 55-بەت، ۋە چوقان ۋەلىخانوۋ تاللانما ئەسەرلىرى، 1986-يىلى، 190—بەت(رۇسچە)
14. ئا.ن.كروپاتكىن، قەشقەرىيە، سانكىتپەتەربۇرگ.121-122-بەتلەر (رۇسچە)
15.بارمىن ئا،ب .سوۋەت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ 1943-1949-يىللىرىدا. بارناۇل، 1998-يىلى نەشىرى (رۇسچە).شۇنىڭدەك سابىق شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى ھوكۇمىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى بىلەن ئوتكۇزىلگەن سوھبەت.2002-يىلى، نويابىر.
16. ئازىزا تۇردۇيەۋا. قىتاي قىرغىزدارىنىن تارىخىنان- ئالا-توو جۇرنىلى .بىشكەك،1997-يىلى، 23-بەت(قىرغىزچە)
17. بۇ ھەقتە كوپ ماتەرىياللار بار. مۇسا ئەپەندى. تۇركىستان پاجىەسى، ئىستمابۇل. ھەمدۇللا تارىم. تۇركىستان تارىخى. ئىستامبۇل.(بۇلار قول يازما شەكىلدىكى نەشىرلەر)
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەۋىر تومۇر، باي ئەزىز ۋە باشقىلارنىڭ ماقالىلىرىغا قارالسۇن.
18. سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ باشلىقى،سوۋەت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتەتى خىتاي ئىشلىرى بولۇمىنىڭ خادىمى تۇرسۇن سادىقوۋ بىلەن 1993-يىلى،موسكۋادا ئوتكۇزگەن سوھبەت .بۇ كىشى 1995-يىلى،موسكۋادا ۋاپات بولغان.
19. سىرىيوشكىن.ك . خىتايدىكى مىللىي بولگۇنچىلىكنىڭ رەياللىقى ۋە ئويدۇرمىلىقى شۇنىڭدەك مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى .2003.ئالماتي”داىك-پرەسس” نەشىرىياتى. 437-439-بەتلەر (رۇسچە) ھەمدە
20.گاۋىن ھامبلي. چەنترال ئاسىا. دەلل پۇبلىشىڭ چو.ئىنچ.نەۋ يورك.1969.
خىتايچە نەشىرى.1994-يىلى. ب خىتايچە نەشىرى.1994-يىلى. بەيجىڭ.262-264-بەتلەر. قىرىم تاتارلىرىغا ئاىت تۇرلۇك ئىنتەرنەت تورلىرىدىكى ئۇچۇرلار. مەسىلەن. بۇ تورغا قاراڭ. ھتتپ://ۋۋۋ.ئەۇرونەت.نل/ئۇسەرس/سوتا/گاسپىرالى.ھتمل
21. شۇ كىتاب.254-257-بەتلەر
22. مىر ساىد سۇلتان غالىيەۋ ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسى . بولشەۋىزىم، ئىسلام ۋە مىللىي مەسىلىلەر.
بۇ ماقالە ئۇچۇن توۋەندىكى تور بەتكە قارالسۇن. ھتتپ://ۋۋۋ.رەۋكوم.چوم/ئىندەخ.ھتم؟/ناۇكاىكۇلتۇرا/سۇلتان-گالىەۋ.ھتم
23. ئەلىخان تورە ساغۇنىي. تۇركىستان قايغۇسى.
2003-يىى، شەرق نەشۇرۇيات مەتبەە. توشكەنت.
66-86-بەتلەر (ئوزبەكچە)
24. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى. 24-باپ، قازاقىستان پۇقرالارنىڭ قارشىلىق باسقۇچىدا؛ ئىنتەرنەتكە قويۇلغان نۇسخىسى. ھتتپ://كازرەف.نارود.رۇ/لىب/ھىسكز/گ24.ھتم
25.بارمىن ۋ.ئا. سوۋەت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ 1918-1941-يىللىرى. بارناۇل،1998-يىلى،85-87-بەتلەر(رۇسچە)؛
26. ئا.روزىباقىيەۋ. بۇرھان قاسىموپ. ئالمۇتا، 1992-يلى، 18-19-بەتلەر
“پەرۋاز” مەجمۇەسى. 1994-يىلى، ئالمۇتا. جازۇشى نەشىرىياتى.3-17-بەتلەر.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى.1989-يىلى،ئالما-ئاتا، ناۇكا نەشىرىياتى.42-45-بەتلەر(رۇسچە)
27.1945-يىلى شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھوكۇمىتى ئارىسىدىكى سوھبەتتە نەنجىڭ ۋەكىلى بولغان جاڭ جىجوڭ ئوز ئەسلىمىسىدە بۇ ئىككى گۇرۇھنى شۇنداق ئاتايدۇ ھەمدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەقسىدىنىڭ ئاخىرقى ھەسابتا مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى كورسىتىدۇ.
28. جاڭ جىجوڭ ،ئۇرۇمچى سوھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر. ئۇرۇمچى. 459-،464-469-بەتلەر

1

تېما

4

دوست

2016

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22028
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 18:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  !ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسۋەتلىك  تارىخى ئەسەرلەرنى كۆپۇنچە خەخ يازدىكەن دىسە!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

609

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24771
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 20:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سزگە .دۇستۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )