- تىزىملاتقان
- 2013-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 305
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
2.5%
|
خوتەندە قىز ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە (ياكى توي مەرىكە زالىدا) ئايرىم ئايرىم ئوخشاش بىر كۈندە توي بولىدۇ. نىكاھنى بەزى ئەتتىگەندە ئوغۇل تەرەپتىن 10-15 ئادەم قىز تەرەپكە كېلىپ ئوقۇۋېتىدۇ، بەزىدە قىزنى كۆچۈرگىلى بارغاندا ئوقۇيدۇ. ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە قىزنى كۆچۈرۈشكە كېلىدۇ. ئەتىگەندە نىكاھ ئوقۇلمىغانلارغا نىكاھ ئوقۇلىدۇ، قىز كۆچۈرۈپ، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە (توي مەرىكە زالىدا قىلغان بولسا توي مەرىكە زالىغا) ئاپىرىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپكە قىز بىلەن بىللە قىز تەرەپنىڭ مېھمانلىرىمۇ بارىدۇ. (قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بارمايدۇ). قىز تەرەپنىڭ مېھمانلىرىغا داستىخان سېلىنغاندىن كېيىن، ياشتا چوڭراق، ئىش بىلىدىغان ئايالدىن ئىككىسى قىز بىلەن قالىدۇ. (بۇنى يەڭگە دەپ ئاتايمىز). مېھمانلار ئۇزىغاندىن كېيىن قىز ئوغۇلنى ئۆيىگە ئېلىپ بارىدۇ. يەڭگىلەر قىزغا تەلىم بېرىدۇ. يەڭگىلەر ئوغۇل تەرەپنىڭ چوڭ ئۆيىدە قونۇپ قالىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەن قىز تەرەپ ناشتىلىق ئېلىپ كەلگەندە ئاندىن قايتىپ كېتىدۇ.
توي ئىككى كۈن بولىدىغان جايلارمۇ بار. ئالدىنقى كۈنى قىز تەرەپتە بولىدۇ، كەچتە قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىدۇ، ئەتىسى ئوغۇل تەرەپتە بولىدۇ، قىز تەرەپنىڭ مىھمانلىرى ئوغۇل تەرەپكە كېلىدۇ. باشقا قائىدىلەر ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. |
|