قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 795|ئىنكاس: 9

توي مۇراسىمىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

3

دوست

1273

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 00:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                

                          توي مۇراسىمىڭزنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟


     ھازىرقى مەدەنىيەت گۈللەنگەن بىر دەۋىردە بىزنىڭ تويلىرىمىز قانداق بولىۋاتىدۇ؟ قانداق بولۇشى كېرەك؟ بەلكىم بۇ مەسىلىلەرگە ھەممىمىز ئۆزىمىز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت كەلگەندە ئاندىن باش قاتۇرىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ھازىرقى بولىۋاتقان بۇ مۇراسىملىرىمىزدا  ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويغا سالغۇدەك مەسىلىلەر كۆپ.
   باشقا يۇرتلارنىڭ توي مۇراسىملىرى قانداق ئۆتكۈزىلىدۇ بۇنى بىلمىدىم . بىزنىڭ يۇرتتىكى ھازىرقى تويلار (بۇ مەزمۇن ئاساسەن تويى بولغۇچى قىز ئوغۇللارغا قارىتىلغان .) توي كۈنى ئەتتىگەندە ئوغۇل تەرەپ نىكاھقا كېلىدۇ. كۇن تىكلەشكىچە نىكاھ ئوقۇلۇپ ،  قىز كۆچۈرۈلىدۇ . قىز -يىگىت ۋە قولداشلىرى بىرلىكتە توي گىرىمى قىلغىلى بارىدۇ . چۈشكىچە  ياسىنىپ بولغاندىن كېيىن ، بىرنەچچە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ  ئايلىنىپ ، بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 -3:00 بىلەن ئۆزلىرى زاكاز قىلىپ قويغان رېستۇرانغا بارىدۇ -دە ، ئۇيەردە ھاراق -شاراپلار بىلەن (ھازىر تويلاردا شاراپ قويۇشنى چەكلەۋاتقان ئىشلار مەيدانغا كەلمەكتە.لېكىن ئومۇملاشمىدى. )  ناخشا  -ئۇسۇللار بىلەن سورۇن ھازىرلاپ ، كەچ كۈن پېتىشقا يېقىن ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ . (ئەلۋەتتە يولبويى ئۇ يەر بۇ يەر دە ماشىنىدىن چۈشۈپ ساما ئويناپ ماڭىدۇ . ئۆيگە بارغۇچە ناغرا - سۇناي ئاۋازى ياڭراپ تۇرىدۇ .)ئەگەر كورپۇس ئۆيلەردە بولسا ،ھويلىسىدا يەنە نەغمە قىلىپ كەچ سائەت 9:00 لار بىلەن ئاندىن قىز- يىگىت  ھوجىرىسىغا كىرىدۇ . (قىسقارتىپ يازدىم ).
    ئەمدى يەنە بىرخىل توي مۇراسىمىنى بايان قىلاي . قىز كۆچۈرۈش يەنىلا باشتا سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئەتتنىگەندىلا بولىدۇ . قىز كۆچۈرۈلۈپ ئوغۇلنڭ ئۆيىگە ياكى ئوغۇل تەرەپنىڭ بىرەر قوشنىسى ياكى تۇغقىنى ۋەياكى بىرەر دوستىنىڭ ئۆيىگە باشلىنىدۇ . بۇ ئۆيگە قىزنىڭ دوستلىرى ، قىز بىلەن بىللە كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى (بىر نەۋرە ئاچا -سىڭىللىرى دېگەندەك )، ئوغۇل تەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىز -ئاياللار (بۇ چوڭلارنىڭ  زىياپىتى ئەمەس . قىزلارنىڭ ئولتۇرىشى.) قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ . ھەمدە ئۇلارغا زىياپەت تەييارلىنىدۇ. چۈشكىچە زىياپەت بولۇپ ، چۈشتىن كېيىن ھەممە بىردەك جىم ئولتۇرىدۇ .ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ياشقا چوڭراق كەلگەن بىرسى كېىلىننىڭ ئېرى ئالدىدىكى ۋە ئەرنىڭ بىر تۇققانلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى . قانداق ئايال بولۇش ، قانداق كېلىن بولۇش ، ئانا بولغۇچى قانداق تەييارلىق قىلىش ، پەرزەنتىنى قانداق تەربىيىلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ، مىسال بىلەن سورۇندا ئولتۇرغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ .ھەم سورۇندىكى قىز -ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ .ئاخىرىدا تويى بولغۇچى قىزنى ئايرىم چاقىرىپ ئەر - ئاياللىق تۇرمۇش ھەققىدە ساۋات بېرىدۇ . ئوغۇللارنىڭ ئولتۇرىشى ئايرىم بىر قورۇدا ياكى ئايرىم بىر ئويدە بولىدۇ . ئولتۇرىشىمۇ ئاساسەن قىزلارنىڭ ئولتۇرىشىغا ئوخشايدۇ . ئۇلارمۇ قانداق ئەر بولۇش ، ئەر بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ، ئايالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش  قاتارلىق تۇرمۇش مەسىلىلىرى سۆزلىنىدۇ . ھەم تويى بولغان يىگىتكىمۇ ئايرىم ئەر-ئاياللىق  تۇرمۇشتىكى ساۋات سۆزلىنىدۇ . چۈشتىن كېيىن ناماز شامغا بىرەر سائەت قالغاندا قىز- ئوغۇل ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىدۇ . ئۇيەردە كەچلىك تاماق يەۋالغاندىن كېيىن ، مېھمانلار ئۇزاپ ،قىز- ئوغۇل بىر ھوجىرىغا كىرىدۇ .
      مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى توي مۇراسىملىرى . ئەمدى تەھلىل قىلساق بىرىنچى خىلدىكى توي مۇراسىمى ئارقىلىق ، توي زىياپىتى ئارقىلىق قانچىلىك مەنىۋى زوق ئالالايمىز؟ شەرمىي - ھايا قايرىلىپ قالغان ،بۇ خىلدىكى  كۆپىنچە مۇراسىملاردا ئۇرۇش -جېدەلنىڭ چىققىنى چىققان . قىز -ئوغۇل ئولتۇرىشىدا ئۇلارنىڭ نە ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت ، نە مەجبۇرىيەت ، بەخىتلىك ئائىلە توغرىسىدا چۈشەنچىلەر يوق . نەسىھەتلەر    يوق.  تېخى رېستۇراندىكى ئىسراپچىلىقنى دېمەيلا قوياي . بۇ ھەققىدە بىر ياشانغان كىشى ھازىرقى بالىلار قانداق قىلىدىكىن توينى ، شەرمىي - ھايا دېگەندىن ئەسەر يوق . باشقا مىللەتنى دوراپ ، چېركاۋغا بارمىغان، پوپنىڭ ئالدىدا نىكاھ ئوقۇپ قىزنىڭ قولىغا ئۈزۈك سالمىغانلا يېرى قالدى بۇ ياشلارنىڭ . بىز نىكاھ ئوقۇلۇپ تاكى كەچ كىرگۈچە كېلىننى كۆرمەيتۇق . ھازىر كېلىن بولغۇچى ئۇپا-ئەڭلىك سۈرۈپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يېرىم - يالىڭاچ كېيىملەرنى كېيىپ ، نومۇس قىلماي تېخى نامەھرەملەر بىلەن تانسا ئويناپ كېتىدىكەن .توۋا ، توۋا دەپ كەتكەنىدى.
      ئويلىنىپ باقايلى قىز-ئوغۇل قولداشنىڭ ۋەزىپىسى نېمە ؟ پەقەتلا توي كۈنى بىركۈن ، سالام كۈنى بىركۈن قىز-ئوغۇلغا ھەمراھ بولۇشمۇ؟ توي كۈنىدىكى بىر كۈنلۈك ئىبادەت تويى بولغۇچى  قىز-ئوغۇل تەرىپىدىنلا ئەمەس تويغا كەلگەن باشقا مېھمانلارنىڭمۇ ئېسىدىن چىقىپ كېتىدۇ .  ئاللاھنىڭ بىزگە نامەھرەم توغۇرلۇق چۈشۈرۈلگەن ئايەتلىرى  ھېچكىنىڭ ئېسىدىن كەچمەيدۇ. بۇ توي نە بىزنىڭ دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن ، نە ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن پايدىسى يوق .  تويى بولغۇچى قىز توي كۈنىدە زىياپەتكە كەلگەن بارلىق مېھمانلار ئۈچۈن سوۋغا تەييارلايدۇ . مۇشۇ سوۋغىنىڭ ئۆزىلا  ئاز دېگەندە مىڭ سوم (يۈئەن دېگەن خەنچە ئاتالغۇ دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن سوم دەپ ئالدىم .خاتالىق بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىلەر.) پۇل كېتىدۇ. بۇپەقەت ئىختىسادي جەھەتتىكى ئىسراپچىلىقنىڭ بىرى  . روھىي ئىسراپچىلىق بۇ كۈندىكى بۇ مۇراسىمدا قانچىلىك بىلىمگە ئىگە بولىمىز ؟ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ خىرۇستال ئوردىمىز ئۈچۈن روھى جەھەتتە قانچىلىك تەييارلىق قىلىىمىز؟ كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەر ، كىتابلاردا ئوقۇغان مەزمۇنلارنىڭ بىزگە بەرگەن ئۆز كۆزقارىشىمىز بويىچە ئاياللىق مەسئۇلىيەت ، ئەرلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلامدۇق ؟ ياكى بىزبىلەن تەڭ دېمەتلىك بولغان ئاشۇ دوستلىرىمىزنىڭ ئاز بىر قىسىم يۈزەكى بولغان تەجىربىلىرىگە ئاساسلىنامدۇق؟
      تېخى بەزىلەر ئىسلامچە توي دەپ بېشىغا شارپا ئارتىپلا ،رېستۇراندا  تانسا ئوينىماي ئۇسۇل ئويناش بىلەن چەكلىنىدىكەن . بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىق كۈلدۈم . ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ،  ئىسلامچنىڭ قانداقلىقىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ،ئىسلامنىڭ ئوبرازىغا سەل قاراۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا نېمە دەي؟
      ئاغزىمىزدا مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى قىلىمىز . ھەتتا بىرەرسى بىزنى كاپىر دەپ تىللاپ قويسا، <<مەن مۇسۇلمان >> دەپ  ياقا سىقىشىپ كېتىمىز -يۇ نېمىشقا توي مۇراسىملىرىمىز ۋە شۇنىڭدەك باشقا پائالىيەتلىرىمىزدە مۇسۇلمانلىقنى ئۆلچەم قىلمايمىز؟ نېمىشقا اللە  ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلاقۇرئاندا كۆرسەتكەن ، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالام سۈننىتىدە ئۆگەتكەن بويىچە  توي قىلالمايمىز؟ ئويلىنىپ باقايلى . ئىزدىنىپ باقايلى قېرىنداشلار ! ھەربىر كىشى جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلمىزنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ ئەھمىيەت بېرەلىسەك ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئىرىشىشىمىز ئۈچۈن ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشالىغان بولاتتۇق .
   ئۇلۇغ اللەدىن ھەربىر مۇسۇلمان قىز- ئوغۇللىرىمىزغا بەخىتلىك ئائىلە ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.
       ئەمدى ئىككىنچى خىلدىكى توي مۇراسىمىغا كەلسەك ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغىرىسىدا مەن دېمىسەممۇ قېرىنداشلارنىڭ كاللىسىدا چۈشەنچە ھاسىل بولدى دەپ ئويلايمەن . شۇڭا بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلىمىدىم . چۈنكى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئېسىل ئەخلاقىي -پەزىلىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇراسىمى دەل ئاشۇنداقتۇر.
      سىز توي مۇراسىمىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟ قانچىلىك مەنىۋىي زوق ئالالىدىڭىز؟

1

تېما

2

دوست

2522

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17570
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 724
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 17:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنجى خىلدىكى توي مۇراسىمنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلىشى ھەم بەك ئەھميىتى باركەن ھە.مۇشۇ خىلدىكى توي مۇراسىملىرى تىزراق ئۇمۇملاشسا ياخشى بولغۇدەك.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

13

تېما

1

دوست

1477

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:41:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن تۇرمۇشنى يېزىپسىزئ
قېنى ھەرقايسى يۇرتتىكى قېرىنداشلار يۇرتۇڭلاردىكى توي ئادەتلىرى،بولسا قانداق توي
قىلسا ھەرئىككىلى تەرەپ رازى بۇلىدىغان،يەنى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈش توغرۇسىدىكى
كۆزقارىشىڭلارنى دەپ باقساڭلار؟

13

تېما

1

دوست

1477

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىم ھاراق ئىچسە 40كۈن ئىماندىن ئاجرايدۇ،قېنى دەپ بېقىڭلار
بىزدە نىكاھ ئۆتمىدى دېگەن گەپ بار،مۇشۇنداق توي كۈنى ياكى تويدىن
ئىلگىرىكى ئوغۇللار مەسلىھەت چېيىدا ھاراق ئىچكەن باللارنىڭ تويى
مەقبۇل بۇلامدۇ يوق؟
___________________

13

تېما

1

دوست

1477

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:49:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىم ئولتۇرىدۇ .ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ياشقا چوڭراق كەلگەن بىرسى كېىلىننىڭ ئېرى ئالدىدىكى ۋە ئەرنىڭ بىر تۇققانلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى . قانداق ئايال بولۇش ، قانداق كېلىن بولۇش ، ئانا بولغۇچى قانداق تەييارلىق قىلىش ، پەرزەنتىنى قانداق تەربىيىلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ، مىسال بىلەن سورۇندا ئولتۇرغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ .ھەم سورۇندىكى قىز -ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ .ئاخىرىدا تويى بولغۇچى قىزنى ئايرىم چاقىرىپ ئەر - ئاياللىق تۇرمۇش ھەققىدە ساۋات بېرىدۇ
___________________مۇشۇنداق ئادەملەرنى قانداق تاپىمىز؟بۇ راست
بۇلىدىغان ئىشكەن.
بولسا ئاشۇنداق ئادەمىنى قانداق تېپىش توغرۇلۇقمۇ يول كۆردەتسىڭىز؟

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:56:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن

0

تېما

3

دوست

1273

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:58:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 18:49
جىم ئولتۇرىدۇ .ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ياشقا چوڭراق  ...

ئىلىملىك ، دىنىي بىلىمگە ئىگە ، ياشتا چوڭراق كىشىلەر بولسا بولىدۇ . چۈنكى چوڭلارنىڭ بېشىدىن جىق ئىشلار ئۆتكەن بولىدۇ . تۇرمۇش تەجىربىسى بولىدۇ .

0

تېما

2

دوست

1029

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 296
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 21:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا مەھەللىمىزدىكى ئويۇنچى بالىلار توي قىلسا شەھەردىن نەغمىچىلەرنى ئەپچىقىپ داقا-دۇمباقلارنى بولىشچە چىلىپ توي قىلاتتى. توي ئىشتىراكچىللىرى ئاساسەن ياشلار بولاتتى. ھازىر كىشىلەر ياخشى-ياماننى بىلدىمۇ ئۇنداق ئىشلار بەك ئاز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )