بۇ يازمىنى ئاخىرىدا phonon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 15:29
ياپۇنلارنىڭ تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر خىسلىتى ئۇلاردا بار بولغان ھۈنەرۋەنچىلىك روھى. بۇ روھ ياپۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان، ئىزدىنىش روھى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن. مىسال ئالسام ئاسانلا چۈشىنىۋالالايسىز. بىر يىلى پۇرسەت بولۇپ جەنۇبنىڭ يېزا، ناھىيە بازارلىرىنى ئارىلايدىغان پۇرسەت بولدى. ياغاچ ساندۇق ياسايدىغانلارغا دىققەت قىلىپ باقتىم. ساندۇقنىڭ شەكلى، ماتېرىيال، ئىشلەش جەريانى دادام ئاپاملارنىڭ دەۋرىدىكى ياغاچ ساندۇق بىلەن ئوخشاش.،پەقەت نەقىش بىرئاز پەرقلىق. بىزنىڭ ئۆيدىكى ساندۇقتا ئۈچ يېتەرسىزلىك بار. تۇتقۇچ قول ئاغرىتىدۇ. نەقىشلەر قولنى ئىلىدۇ. ئىشلەتكەن ياغاچ يېرىلىپ كېتىدۇ. يېرىم ئەسىر كىيىن بۇ كەمچىلىكلەر يەنىلا بار. ياپونغا كېلىشتىن بۇرۇن بىرنەچچە كىچىك قەلەمتىراچ سېتىۋالدىم. سوغا قىلىش ئۈچۈن. يېڭىساردا ئىشلەنگىنىنى تاللىدىم. بىرنى سوغا قىلدىم. قالغىنىغا پۇرسەت بولمىدى. كىيىن قارىسام ھەممىسى قارىداپ كېتىپتۇ. بۇنىڭغا بەلكىم ياپوننىڭ نەم ھاۋاسى سەۋەب بولغان بۇلىشى مۇمكىن. ياغاچ قاپلىرى بۇزۇلۇپ كەتتى. قاپتىكى خەتلەر ئۆچۈپ كەتتى. ئىچىپ يېپىش ئانچە قۇلايلىق ئەمەس. مەن ئالغان قەلەمتىراچنى ياسىغان ھۈنەرۋەننىڭ ئۇستىسىمۇ بەلكىم يەنىلا مۇشۇنداق. بۇندىن باشقا خوتەننىڭ قولدا توقۇلغان ساپ يۇڭ گىلەم ئالدۇق. يۇمشاق، نۇسخىسى، رەڭگى ياخشى يارىدى. لېكىن يۇڭى چىقىدىكەن. ئويلاپ قالدىم بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىزنىڭ ئويدىمۇ شۇنداق كىيىملەرگە يۇڭى چاپلىشىدىغان گىلەم بار ئىدى. مەن ئۆزۈم تۇتۇپ باققان تۈركىيە، ئىران، ياپون گىلەملىرىدە بۇ مەسىلە يوق.
ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان ياپۇنلارنىڭ قىلىچىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە يوق. بۇنىڭغا ئىسپات قىلىپ توردىن ئىزدەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. ياپون جۇڭگو ئۇرۇشىدا جۇڭگو تەرەپ كۆتۈرۈۋالغان چوڭ قىلىچلار ھەرگىز ياپوننىڭ ئىنچىكە سامۇراي قىلىچلىرىنىڭ خىلى ئەمەس. بىر چېپىشتا جۇڭگو ئەسكەرلىرىنىڭ قۇلىدىكى قىلىچلارنى پارە-پارە قىلىۋەتكەن ۋەقەلىكلەر كۆپ خاتىرىلەنگەن. ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ ئارىلىق ئەڭ يىراق، ئوقنىڭ ئېغىشى ئەڭ كىچىك قورالنىمۇ ياپۇنلار ئىشلەتكەن. ھەتتا ھازىرمۇ ياۋروپادىكى نۇرغۇن چېركاۋلار ياپۇندا ئىشلەتكەن <داڭ>، قوڭغۇراقلارنى ئىشلىتىدىكەن. بۇمۇ تېلېۋىزوردا تونۇشتۇرۇلغان. ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكاندا بىر جۈپ ئىككى مىڭ ياپون يېنىغا سېتىلىدىغان چوكا كۆرگەنمەن. جۇڭگو پۇلىغا يۇزنەچچە سوم بولىدۇ. ساتىدىغىنى چوكا ئەمەس، ھۈنەردە. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. يىغىنچاقلىسىڭىز باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىمۇ بۇ ئەنئەنە بار. ھۈنەر قىلىدىغانلار، كەسىپ قىلىدىغانلار توختىماي ئويلايدىغىنى قانداق قىلىپ ئۆز قۇلىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلار. ئەگەردە پۇرسەت بار بولسا ئەتراپىڭلاردىكى، ياكى ئۇچرىغان ھۈنەرۋەنلەردىن سوراپ كۆرۈڭ. تېخىمۇ ياخشى قىلىش دېگەنلەرنى ئويلىشىپ بېقىپتىمۇ؟ |