- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 298
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
99.33%
|
بەس مۇنازىرە بولۇپ دىن، ئىسلام توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا ھامىنى چىقىدىغان بىر ئىنكاس. <كەسىپ ئەھلى سۆزلىسۇن>، ياكى <قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن>. بۇ سۆزلەر ھەممەيلەنگە توغرا بىلىنىدۇ. چۈنكى مەقسەت ياخشى. يەنى بىلىدىغانلار سۆزلىسۇن، توغرىسى سۆزلەنسۇن، خاتا ئۇقۇملار تارقالمىسۇن، پىتنە بولمىسۇن. لېكىن بۇ يول بىلەن يۇقىرىقى ياخشى مەقسەتلەرگە يىتەلەيسىز، ياكى يىتەلمەيسىز. بۇ جۈملىلەرنىڭ ئالدى شەرتى بار. يەنى كەسىپ ئەھلى بولۇشى كېرەك، قاسساپ بولۇشى كېرەك. قاسساپنى ساقلاپ مالنى ئۆلتۈرۈپ يېمەي ئاچ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس. ئەگەر بۇ يازمىنى ئەركىن ئاكا يازمىغان بولسا، شۇ كەسىپ ئەھلىلىرىنى ساقلىساق ئوخشاش ماقالىنىڭ چىقىشىغىچە باللىرىمىزنىڭ تويلىرىمۇ بولۇپ بولۇشى مۇمكىن. بىزدە تېخى ھەرساھەدە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىققىنى يوق. <قانداق ھاجەتخانىلار لازىم؟>. پۈتۈن تورئەھلىنى يىغساقمۇ بولىدىغان گەپلەر پەقەت ئارزۇ-ئۈمىد سەۋىيىسىدىن ئاشالمايدۇ. ئىشلار قانداق قىلىپ ئارزۇ-ئۈمىد ئېھتىياجنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەھسۇلات قىلىش، ئىشلەپ چىقىرىش، بازا ئىچىشلارغا تاقالغاندا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ كەمچىللىكى بىلىنىدۇ. ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغان، پۇل تاپقان بىلەن پۇل تاپمىغاننى يۇقىرىقى ئىنكاستەك سېلىشتۇرمايمىز. ھەممە ئۆز قابىلىيىتى بىلەن ئىش كۆرسە بولىدۇ. بىزگە ھەر كەسىپتىن دۇنيا سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەر كېرەك. دۇنيا سەۋىيىسىدىكى موزدۇز كېرەك، ماشىنىچى كېرەك، ياغاچچى كېرەك، بايلار كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار كېرەك، باشلامچىلار كېرەك، كارخانا شىركەت كېرەك، ئىلىم ئىگىلىرى كېرەك. پۇل بولسىلا ھەممە بولمايدۇ. پۇل بولسىلا زامانىۋى يول ياسىغىلى، كۆۋرۈك ياسىغىلى، كېسەل داۋالىغىلى، ئۇرۇشقا لازىم قوراللارنى ياسىغىلى بولمايدۇ. چوقۇم كەسىپ ئەھلىلىرى، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ قۇلى بولۇشى كېرەك. <ھەق> نىڭ دائىرىسىنى تار قىلىۋالمايلى. نيۇتون قانۇنىمۇ ھەق، نىسپىي نەزەرىيىسىمۇ ھەق، ئېلېمېنتلا جەدۋىلىمۇ ھەق، DNA مۇ ھەق. مۇشۇ ھەقلەر ھازىرقى تەرەققىياتلارغا ئاساس سالدى. ھەقىقىي كەسىپ ئەھلىلىرى بارلىققا كەلگۈچە، يازغۇچە، سۆزلىگۈچە قالغانلىرىمىز بىلگەنلىرىمىزنى تۆكۈپ تۇرايلى. مەيلى دىن، مەيلى پەن بولسۇن <سەن سۆزلىمە ئاغزىڭنى يۇم> غا دەلىل تېپىپ بېرەلمەيسىز. پەقەت يازغاندا، سۆزلىگەندە شۇ كەسىپنىڭ ئىدىيىسى، ئۇسۇلى، روھى بويىچە ئىش كۆرسىڭىز بولىدۇ. دېھقان بولسىڭىزمۇ فىزىكا توغرىسىدا ماقالە يازسىڭىز بولىدۇ. فىزىكا ئوقۇپ تۇرۇپ خىمىيىدىن سۆزلىسەكمۇ بولىدۇ. ئاخىرىدا سۆزلىگىنىمىزنىڭ، يازغانلىرىمىزنىڭ راست فىزىكا بولدىمۇ، ياكى خىمىيە بولدىمۇ بۇنىڭ باھالىغۇچىسى شۇ كەسىپنىڭ ئەھلىلىرى. ئەڭ سالاھىتى بارلار پروفېسورلاردۇر ياكى تەڭ سەۋىيەدىكىلەردۇر. ئىلمىي ئەمگەكنى خەلق باھالىمايدۇ، دوست بۇرادەر، تونۇش بىلىشلەر ياكى رىياسەتچى،يازارمەنلەر باھالىمايدۇ. خەلق داڭلىق، مەشھۇر دېسە شۇنداق بولىدىغان ئىش يوق. رىياسەتچى يازارمەن پەيلاسوپ دېسە پەيلاسوپ بولىدىغان ئىش يوق. ئىلمىي ماقالە يېزىلسۇن. خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنسۇن، پۈتۈن دۇنيادا پايدىلانغانلار ھېچ بولمىغاندا ئوخشىمىغان 100 ئادەمدىن ئاسسۇن ئاندىن داڭلىق، مەشھۇر، پەيلاسوپ ئاتىساقمۇ كېچىكمەيمىز.
<كەسىپ ئەھلى سۆزلىسۇن> دەپ باشقىلارنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلاش يامانلارغا، ناچارلارغا يول ئاچىدۇ. ياخشى ئادەملەر ئوقۇغان ئادەملەر كەمتەررەك كىلىدۇ. ئەگەر بىلگەنلىرىنى <تېخى يېتەرلىك ئەمەس> دەپ تۆكمىدى، سۈكۈتتە تۇردى. بىر كۈنى بىر نامەلۇم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىپ ئۆزىنى پەيلاسوپ ئاتىدى. شۇ كىشى پەيلاسوپ بولىدۇ. چۈنكى خەلق پەيلاسوپنى كۆرمىگەن. قانداق سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭ پەيلاسوپقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. پەيلاسوپ ئاتالدى بۇنى بىزلەر تۈزىتەلمەيمىز. چۈنكى بىز كەسىپ ئەھلى ئەمەس، پەيلاسوپ ئەمەس. بەك سۆز قىلسىڭىز خەلقنى بىزار قىلىسىز، خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولىسىز. بۇ ئۆزگەرتىشكەبەلكم بۇ يول قالدى. دۇنيادا تېخى ھايات، كۆپ ساندىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ئېتىراپ قىلغان پەيلاسوپ ئاتالغانلارنى چاقىرىپ لېكسىيە سۆزلىتىپ پەيلاسوپلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى يېشىپ، ئاندىن بىزنىڭ پەيلاسوپلىرىمىزنى ئۆلچەمگە سېلىپ ئايرىساق بەلكىم خەلق قايىل بولىدۇ. پۇرسەت تېپىپ، شارائىت يارىتىپ ھەممە ئۇستاز، دانىشمەن، پەتىۋاچىلارنى ئۆلچەمگە سېلىپ باقساق. ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ قېنى؟ قانچە ئادەم پايدىلاندى، قانچىلىك ئادەم ئېتىراپ قىلدى؟ دەپ سوراپ كۆرسەك.
سامۇرايلار ساداقەتنى چوڭ بىلسىمۇ، لېكىن قارىغۇلارچە ئەمەس. كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى، تۇتقىلى، يۈرەك بىلەن سەزگىلى بولىدىغان ئۆلچەملىرى بار. ئاددىيراقى دۆلەت ۋە ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى. سامۇرايلار جۇڭگو پادىشاھلىرىدەك تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دېگەنلەرنى ۋاسىتە قىلمايدۇ. ھەممە ئۆزلىرىنى دۆلەتنىڭ، ئاۋامنىڭ مەنپەئىتى قوغدىغۇچىلار دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ياپۇنلارنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىدى دەپ تونۇشقا كەلگەندە سامۇرايلار يوقۇرغا بولغان ساداقىتىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ ئالدىدىكى تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە تىغ كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇلارنىڭ مەركەز ياتلارغا باش ئەگىپ، ياپوننىڭ مەنپەئىتى خار قىلدى دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ھازىرقى ۋەزىرنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ھەممىسى ياپۇنلارنىڭ توغرا- خاتا نى قوغلاشماي، پايدا-زىياننى ئۆلچەم قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەلۋەتتە ھازىر دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى توغرا-خاتاغا قارىغاندا، پايدا-زىياننى بەكرەك ئۆلچەم قىلىدۇ. ھەم بۇئىككىسىنىڭ چەك چېگراسىنى بەك ئېنىق ئايرىيدۇ. بىرخىل ئىسلاھات تەرەققىياتقا پايدىلىق بولسا ئىككىلەنمەي يولغا قۇيىدۇ. بىزدەك ئىدىيە توقۇنۇشى بولمايدۇ. سوتسىيالىزممۇ كاپىتالىزممۇ، فېئودالمۇ بۇلار تەرەققىي قىلغان ئەللەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئەمەس. ئامېرىكا ھازىرغىچە ئۇرۇشتا ئۆلگەن، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشنى توختاتقىنى يوق. ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 250 مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلايدىغان بەلگىمىلىرى بار. ئىزدەش پۇل، مال، ئادەم كۈچى، زېھىن خورايدىغان ئىش. بۇنى پايدا زىيان بىلەن ئۆلچىمەيدۇ، بەلكى توغرا بولغاچقىلا داۋاملاشتۇرىدۇ. ئامېرىكادا بىر جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئىجرا قىلغۇچە 3مىليون دوللار خىراجەت كېتىدىكەن. سوتتىكى زاستاتىللىق تۈزۈممۇ پۇل، ۋاقىت،زېھىن خورايدىغان ئىش. لېكىن يەنىلا توغرا بولغاچقا داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇرۇن ياۋرۇپانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن 800 مىليون سەرپ قىلغانلىق خەۋىرى گېزىتلەرگە بېسىلغان. ئەنگلىيە خەلقىمۇ پادىشاھقا بېخىل بولسىمۇ، سوتنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 1 مىليارد سەرپ قىلىپ لىۋانلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى باشقا دۆلەتتە سوت ئاچقان. بىزچۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى خالىغانچە چېقىۋېتىمىز. ئىقتىساد ئاسسا مۇھىت بىلەن كارىمىز يوق. باشقىلارغا ياردىمىمىز كۆپ، ئۆز باللىرىمىزغا مەكتەپ يوق. پايدا-زىيان، توغرا-خاتا نى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىمىز. |
|