- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 298
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
99.33%
|
ئەمدى ئىسلام توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى تۆكۈپ باقاي. ئالدى بىلەن مەن چېكىنمە بايان ئۇسۇلىدا ئويلىغانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئېيتاي، ئاندىن ئۇيەر بۇ يەردىن گەپ ئېيتاي.
ئىسلام دۇنياسىدا كۆرۈلگەن غول مەسىلە <نوقۇل ھالدا ئىدىيىنىڭ توغرا- خاتالىقىنى قوغلىشىش، پايدا-زىيان، مەنپەئەت، بەدەل دېگەنلەرنى قايرىپ قۇيۇش. كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، ئاڭلىغىلى بولىدىغان، ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان، كۆڭۈل بىلەن ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئۆلچەمنىڭ تۇرغۇزۇلمىغانلىقى>. قالغان <قۇرئاندىن چەتنەش، قۇرئاننى بۇرمىلاش، مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈش، قۇرئاننى توغرا چۈشىنەلمەسلىك ۋە باشقا سىز ئاڭلىغان باشقا سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى> يۇقىرىقى غول سەۋەبنىڭ نەتىجىسى. ئەمدى گەپنى باشقا ياققا بۇراي.
ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن قىلغان ئىشىنىڭ بىرى ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش بولدى. جەڭلەر بولۇنغان، قانلار تۆكۈلگەن، غەزەپلەر تېخى يوقالمىغان بولسىمۇ بۇ تاللاش ئامېرىكانىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىدى. تۈركىيە- رۇسىيە ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپ ئىنەكنىڭ باشى بىلەن قۇيرۇقىنى تارتقان بولسا ئامېرىكا ئوتتۇرىدا سۈت سېغىپ ئولتۇرغان. تۈركىيە شەرقى رىمنى يوق قىلىپ ئىستانبۇلنى قۇلىغا ئالغاندا قىلغان ئىشى رىمنىڭ بەلگىسى بولغان ھىلال ئاينى تۇغىغا چۈشۈرۈش بولدى. ئۇ چاغدىكى تۈركلەر <خرىستىئانغا ئوخشاپ قالمامدۇق> دېگەنگە قارىغاندا ھىلال ئاينىڭ ئىمپېرىيىگە ئەكېلىدىغان ئاكتىپ رولىغا ئەگەشتى. يەھۇدىيلار ئىسپانىيەدىن قوغلانغاندا يەنىلا تۈركلەر پاراخوتلارنى ئەۋەتىپ ھەممىنى تۈرككە ئورۇنلاشتۇردى. ئەگەر دىن دۈشمەنلىرى دېگەننى ئاساس قىلغان بولسا بۇ ئىشلار بولمايتتى. لېكىن مەنپەئەتنى چىقىش قىلغاندا بۇنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئورىشىدا ئامېرىكا خەلقى گېرمانغا قارىغاندا ياپونلارغا باك ئۆچ ئىدى. ياپوننى مەڭگۈ قوپالماس قىلىۋېتىش ئويىمۇ بولغان لېكىن مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە ياپوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قوللىدى. ئۇرۇش جىنايەتچىلەرنىمۇ جازالىغاندا ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەممىنى ياكى ئۇرۇش ئىدىيىسى بولغان ھەممىنى جازالىماي، پەقەت تىپىك ۋەكىللەرنى جازالىدى. چۈنكى بۇ يەردە بەدەل مەسىلىسى بار. بۇ بەدەل ماددىي سەرپىيات، تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماندىلانى ئەسلىگەندىمۇ ئۇنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى كۆپلەپ تەرىپلەندى. مېنىڭچە يەنىلا <بەدەل> چۈشۈپ قالدى. خەلقىنىڭ ئازادلىقى، باراۋەرلىكى ئۈچۈن ئىككى يول بار. بىرى زوراۋانلىق، قان تۆكۈش كۆرۈشى، بۇنىڭ بەدىلى بەك چوڭ، ھەم شۇ بەدەللەر بولسىمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىن. يەنە بىر يول مۇرەسسە قىلىش. بۇ بەدەل ئەڭ ئاز. لېكىن نۇرغۇن گۇناھلارنى، گۇناھكارلارنى، ئۆزىگە زۇلۇم سالغانلارنى كەچۈرۈشكە توغرا كۈلىدۇ. بۇنى ھەممە ئادەم قىلالمايدۇ. بۇرۇن دوستلار بىلەن ماندىلانى تىلغا ئالغاندا <ھازىر ھايات تۇرغان دۇنيادىكى بىردىن بىر ئۇلۇغ ئادەم> دەپ تەرىپلەشتۇق. ۋاپاتىنى ئاڭلىغاندا راست كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولغان. ھىندىستاندىكى گەندى، ئامېرىكادىكى مارتېن لارمۇ بەدەل بىلەن ئېرىشمەكچى بولغان نىشاننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغانلاردۇر. ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىپ، نىشانىڭىز توغرا تەسۋىرلىگەن ئادەملەر، ئەگەر نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي، بەدەل بىلەن ھېسابلاشمىغان بولسا، بۇ خىل ئادەمنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىق دىكتاتورچىغا ئايلىنىشتا ھېچ شەك يوق. ھازىرغىچە بۇنىڭغا زىت بىر مىسال چىقمىدى. لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دىكتاتورچىلار، ئەرەبتىكى دىكتاتورچىلار، ئاسىيادىكى دىكتاتورچىلار، ياۋروپادىكى دىكتاتورچىلار ھەممە بۇنىڭغا مىسال. شياڭگاڭ بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كىشىلەرنىڭ بۇرۇن كۆرگەن كۈنلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. ئىدىيىنىڭ توغرىلىغىنى قوغلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا سۈركىلىشلەر توختىغىنى يوق. سوۋېت بىلەن يۇگۇسلاۋىيە، ئىران بىلەن ئەرەبلەر، ۋىنتام بىلەن كامبودژا يەنە باشقىلار. بۇنىڭ ئەكسىچە مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغانلار ئارىسىدا سۈركىلىشلەر يوق. چۈنكى بۇلار تونۇپ يەتتى مۇقىم، بىخەتەر دۇنيا تەرتىپى ھەممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. بىزنىڭ ۋەتەندە ئالغان تەربىيىمىز ئىچىدە بەدەلنى ھېسابلاش قىسمى بولمىغاچقا ياپون بىلەن بولغان ئارال مەسىلىسىدە ئاسانلا قىزىيمىز. ئۇرۇش بولسىلا ئىشلار ھەل بولىدىغاندەك، تۇرمۇشىمىزغا ھېچ قانداق تەسىرى يوقتەك، ياكى كىچىكتەك ئويلايمىز. نە ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن. نە ئۇنداق كىچىك بەدەل بولسۇن. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋاقتىدىمۇ كىشىلەرنىڭ قۇسۇقى تويمايدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، لېكىن كۆزلىرىدىن روھلۇق ئۇچقۇنلار چاقنايدۇ. پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا خەلقىنى قۇتقۇزماقچى بولىمىز.
پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تىز، ھەم بۇ تېزلىك بارا-بارا ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇتكەن يىل ئىشلەتكەن يانفون بىلەن بۇيىللىق يانفونلارنى سېلىشتۇرۇڭ، باشقا ئېلېكترونلۇق سايمانلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ، تەرەققىياتنىڭ سۈرىتىنى ھېس قىلالايسىز. سەۋەب نۇرغۇن. مېنىڭچە پەندە كۆرگىلى، تۇتقىلى، ئاڭلىغىلى بولىدىغان، ھەم كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە بويسۇنمايدىغان، تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ئۆلچەمنىڭ بولۇشى، يەنى <تەجرىبە، ياكى كۆزىتىش نەتىجە> نىڭ بولغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممە قوبۇل قىلغان ھەم بويسۇنىدىغان <ئىلمىي بولۇش> ئۆلچىمى ئەڭ مۇھىم سەۋەب. ئىلمىيلىقنى شەرھلەشكە نەچچە ئابزاس مەزمۇن يېزىشقا توغرا قىلىدۇ. مەن پەقەت ئاددىي بىر قىسمىنى تىلغا ئاياي. <باشقىلار سىزنىڭ دەلىللىرىڭىزنى بويلاپ سىزدەك يەكۈن چىقىرالىغاندا سىزنىڭ يەكۈنىڭىز ئىلمىي بولغان بولىدۇ>. بۇنى بىلىۋالغاندىن كىيىن فىزىكا ئوقۇپ باقمىغان دېھقان ئادەممۇ فىزىكىچىلارنىڭ تالاش-تارتىشىنى ئادىل توغرا ئايرىپ قۇيالايدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ھەممە ماۋنىڭ خىيالى بويىچە ماڭدى. خەلقىنىڭ كۈنى تەس بولدى. يىغىندا باشقىلار ماۋنى خاتالىقىنى تونۇشقا، تۈزىتىشكە قىستاش بولدى. ماۋ قانداق قىلاي دەپ تۇرغاندا لىن بياۋ چىقىپ <بۇنداق ناچار ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى بىزلەرنىڭ ماۋنىڭ ئىدىيىسىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىمىزدىن، توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقىمىزدىن بولغان. بۇ بىزگە ھەر ۋاقىت ماۋ نىڭ تەلىمىنى ئۆگىنىپ تۇرۇشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ> دەپ ماۋنى قوغدىغان. پارتىيە ھۆكۈمەتتىن بېرىلگەن ماۋ ئىدىيىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى <ماۋنىڭ خاتالىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدىيىسى ماۋ ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇنى ئەمەس، ئىسپاتلانغان توغرىسى ماۋ ئىدىيىسى بولىدۇ>. سوۋېت پارچىلانغاندىن كىيىن بىزنىڭ، چاۋشيەننىڭ سەۋەبكە بەرگەن ئېنىقلىمىمىز <ماركسىزم ئىدىيىلىرىنى توغرا ئىجرا قىلمىغان>. بۇ بەزىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرىنىڭ سەۋەبىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى بىلەن ئوخشاپ تۇرامدۇ؟
ئىسلامنى ئوڭ تەرەپكە تارتىپ قاراپ باقساممۇ، سول تەرەپكە تارتىپ قاراپ باقساممۇ تەشەببۇسلىرى يەنىلا شۇنچە ئىلمىي، ئىنسانپەرۋەرلىككە تولغان، ئادەمگەرچىلىكنى ئەكس ئەتتۈرگەن. باشقىلار بايلىقىڭنى ماڭا بەر دېسە ئىسلام ئۆزۈڭ بىلىپ ياخشى ئىشلارغا، ئەتراپىڭدىكىلەرگە، ئۆزۈڭگە سەرپ قىل دەيدۇ؛ باشقىلار مەندىن جەننەتنىڭ بېلىتىنى سېتىۋال دېسە ئىسلام جەننەتنىڭ بېلىتى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز قۇلىدا دەيدۇ؛ باشقىلار تىلىكىڭنى مەن ئىلاھقا يەتكۈزۈپ بېرىمەن دېسە ئىسلام ۋاسىتىچى لازىم ئەمەس دەيدۇ؛ باشقىلار مەندە ئىلاھى كۈچ بار دېسە ئىسلام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ باشقىلارغا ئوخشاش بەندە دەيدۇ؛ باشقىلار ياتلارنىڭ بايلىقىنى تارتىۋالساق بولىدۇ دېسە ئىسلام ھەممە مۇقەددەستۇر دەيدۇ؛ باشقىلار ماڭا ئىشەنسەڭلا جەننىتى بولىسەن دېسە ئىسلام راستچىللىق بىلەن بۇ ئاللانىڭ ئىلىكىدە، ھېچقانداق بەندە بۇنىڭغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغاندا مەزمۇنلارنىڭ گۈزەللىكىنى دىللىرى قۇلۇپلانغانلاردىن باشقا ھەرقانداق ئىنسان ھېس قىلالايدۇ، كۆرەلەيدۇ، تۇتالايدۇ، ئاڭلىيالايدۇ. ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇۋاتقان چىغىمدا تەجرىبىخانىدا ئىچكىرىدىن كۈلىدىغان خەن ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. باشتا ئۇيغۇر پروفېسسورلارنىڭمۇ ئىسلام دىنى ئېتىقادى بارلىقىنى ئاڭلىغاندا بەك ھەيران قالغان. ئۇلار ئۈچۈن دىنىي ئېتىقاد نادانلىقنىڭ قالاقلىقنىڭ نەتىجىسى. كىيىن باشقىلارغا ئورۇن بېرىش، تاماقنى زايە قىلماسلىق، ئېشىپ قالغاننى ئەكېتىش ئىشلارنى كۆرگەندىن كىيىن ئىسلامغا بۇلغان كۆز قاراشلىرىدا بىر ئاز ئۆزگىرىش بولغان. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىممۇ ياپوندا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان چىغىدا بىر نەچچە قېتىم ياپونلۇق پروفېسسورلار تەرىپىدىن <سەن ياپونلاردەك ئىكەنسەن> دەپ تەرىپلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇلغان ئىشلار ئىنتايىن ئاددىي. يەنى ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھۆرمەتنى ئىپادىلەپ تۇرغان؛ ماڭغاندا يول بېرىش، ئولتۇرغاندا ئورۇن بېرىش، بىناغا كىرگەندە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىش، تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقارماي يېيىش، داستىخان چوڭ يېمەكلىكلەر مول بولسىمۇ پەقەت ئۆز ئالدىدىكى، ئولتۇرغان ھالەتتە قۇلى يىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىق قاتارلىق قاتارلىق قاتارلىقلا. مەنمۇ ياپونغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندا ئوقۇتقۇچىم پەقەت <ئۇيغۇردەك ئىش قىلساڭلا دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە چېنىپ قالمايسەن> دەپ ئېيتقان. بۇنداق بولۇشتا ئىسلام تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغانغۇ! ۋەتەندىكى ۋاقىتتا ئۇيغۇردىكى ھەممە ئېسىل خىسلەتلەر ئىسلامدىن كەلگەن دەپ ئويلايدىغان. پۇرسەت بولۇپ باشقا مۇسۇلمانلارنى كۆرگەندىن كىيىن بۇنىڭدا بىرئاز ئۆزگىرىش بولدى. ئەسلى ئىسلامنىڭ تەسىرىدىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ بار ئىكەن.
قۇرئان ھەقمۇ؟ ئەلۋەتتە ھەق. قۇرئاننىڭ مەزمۇنى ئىلمىيمۇ؟ ئەلۋەتتە ئىلمىي. ئىسلام ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام ئادەمگەرچىلىككە ئۈندەمدۇ؟ 100 پىرسەن ئۈندەيدۇ. ئىسلام ئىنسانپەرۋەرلىككە، ئادەمگەرچىلىككە يات ئىشلارغا يول قۇيامدۇ ياكى سۈكۈت قىلامدۇ؟ يول قويمايدۇ، سۈكۈت قىلمايدۇ. ئىسلام تەرەققىيات، يۈكسىلىشكە ئۈندەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۈندەيدۇ. ئىسلام تەرەققىيات، يۈكسىلىشكە چەك قۇيامدۇ؟ چەك قويمايدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ جاۋاپلىرىڭىزمۇ مىنىڭكىگە ئوخشاش بولسا ئەمىسە نېمە ئۈچۈن بۇلارنى ئۆلچەم قىلمايمىز؟ مەن بۇلارنى ئۆلچەم قىلغىلى خىلى بولدى. مەيلى كىم بولسۇن، ئىسلام توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى، بەرگەن پەتىۋالىرى يۇقىرىقى ئۆلچەملەرگە زىت بولۇپ، بىزنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلىنىشىگە سەۋەب بولسا، مەيلى 100 ھەدىس سۆزلىسۇن، قۇرئاننى يادلاپ بەرسۇن، قەسەم ئىچىپ بەرسۇن مەن قوبۇل قىلمايمەن. ئەگەر سۆز، پەتىۋالىرى توغرا بولۇپ، لېكىن ئىجرا قىلىشى يۇقىرىقى ئۆلچەملەرگە زىت بولسا، ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئۇلار ئېيتىدۇ. ئىسلام ئىنسانغا باقمايدۇ، ئىنسان ئىسلامغا بېقىشى كېرەك. بۇ گەپ توغرا. لېكىن ئۆلچەم تۇرغۇزۇلماي تۇرۇپ پەتىۋانىڭ راست ئىسلاممۇ بۇنى قانداق بىلىمىز؟ قۇرئان بارغۇ دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىن كىيىن ھەممىنىڭ قۇرئاننى چۈشەندۈرۈشى پەقەت ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى سۆزلەش خالاس. بۇنىڭ قۇرئانغا ماس كېلىدىغىنىمۇ بار كەممەيدىغىنىمۇ بار. گەپ ئۇزىرىپ كەتتى. گەپنى ئۈزسەم. 99 پىرسەن زېھنىمىزنى، ۋاقتىمىزنى ئىسپاتلانغان، ئېنىق بولغان تەرەققىيات يۈكسىلىشكە لازىم بولغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرەيلى، قالغان بىر پىرسەنتنى يەنە مىڭغا بۆلۈپ، بۇنىڭ بىرىنى بەس مۇنازىرىغا سەرپ قىلساق. ئەگەر دىندا بولۇنغان بەس-مۇنازىرىدە بىر بىرىمىزنى قايىل قىلالمىساق بۇنى ئاللاغا تاپشۇرىلى. زېھنىمىزنى خوراتمايلى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلىغان ئاساسلىق مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. قالغان مەزمۇنلارنى ئەركىن ئاكىنىڭ كېيىنكى يازمىلىرىدا داۋاملاشتۇرارمىز. ئاخىرىدا ياپوندىكى غەيرەت توختى كەنجى ئاكىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ ئاكىمىزنىڭ خالىس ئەمگىكى < UyghurEdit > ئىملا تەكشۈرگۈچ مېنى كۆپ جاپادىن قۇتقۇزدى. قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
http://www.kenjisoft.com/soft/index.php |
|