- تىزىملاتقان
- 2012-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3746
- نادىر
- 0
- يازما
- 207
ئۆسۈش
58.2%
|
تېمىنىڭ بېشىنى ئوقۇپ كەينىنى ئوقىمىدىم ، ئەخلەت تېما .
كورىيە چولپانلىرى ئۈچۈن چىرقىرىشىپ ،يىغىلىشىپ كەتكەن ياپۇن قىزلىرىنىڭ سىنلىرىنى كۆرگەنمەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخى بىرەر ياپۇنلۇق جەمئىيەتشۇناسنىڭ «تەنقىد »يېزىپ باققىغىنىنى ئاڭلىماپتىمەن ، مايكول جېكسوننىڭ مەستانىلىرىنىڭ كۆرىنىشىنى كۆرگەن ، يىغلاپ ھوشىدىن كەتكەنلەر قارا تەنلىك ئەمەس ئاقتەنلىكلەركەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەرسى مىللەت ، ئىېرق ياكى باشقا تار دائىرىدىكى نۇقتىدىن ئەيىپلەش ئېلىپ بارغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، بىزدىكى تەنقىدچىلەر قوشۇنىنىڭ "ئىللەت بايقاش" ئىقىتىدارىغا قايىلمەن
كورىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىنىڭ ، ئامىرىكىدىكى ھوللىۋۇدنىڭ ، ھىندىستاندىكى بوللىۋۇدنىڭ ئۆز دۆلىتى ،مىللىتى ئۈچۈن قانچىلىك ئىقىتىسادىي قىممەت يارىتىۋاتقانلىقىنى تاماشا ساھەسىگە قىزىقىدىغانلار بىلىشىدۇ ، لېكىن بىزدىكى سەنئەت ساھەسىنى مىللىيلىك بىلەن مۇتلەق باغلىۋىلىش خۇمارلىرىنىڭ زامانىۋىلىقنى پۈتۈن ئىنكار قىلىپ ئەنئەنىنىلا ئاساس قىلىش شوئارى ۋە ياكى سەنئەتنى پۈتكۈل ئىنكار قىلىۋىتىش سەۋەبىدىن بىزدىكى ھازىرقى زامان سەنئەت ساھەسىدە باشقا تۈركىي مىللەتلەر قىسقىسى قازاق مىللىتىنىڭمۇ كەينىدە قالدۇق ، كىشىدىكى سەنئەت تۇيغۇسى دەۋرگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، كورىيان ، ياپۇن ،ھىندى مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا ئۇسۇللىرى يوق بولغاچقا زامانىۋىلىققا كۆچكەن ئەمەس، ياپۇننىڭ "نورۇز گۈلى " ناخشىسىنى بىلمەيدىغانلار ئاز ئەمەس ، لېكىن ئۇلار تاماشا ساھەسىنىڭ دەۋر يۈزلىنىشىنى ، ئېھتىياجىنى تەتقىق قىلىپ ئۆلۈك شوئارلارغا ئېسېىلىۋىلىشنىڭ ئورنىغا ياۋرو ئامىرىكا ئۇسلۇبلىرىنى قوبۇل قىلىپ يەنە ئۆز ئەنئەنىۋىسىنىمۇ مۇۋاپق بىرلەشتۇرۇۈپ ئاسيا تاماشا ساھەسىنى مونۇپۇل قىلىۋالدى ، ئوتتۇرا ئاسيايدىكى تۈركىي مىللەتلەردە بولسا سېرىق تەنلىكلەرنىڭ ناخشا -مۇزىكىلىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەسلىك خاھىشى بولغاچ بىزلەرگە بىر قەدەر يېقىن بولغان ئېرقتىكىلەرگە قىزىقتۇق خالاس ، ناخشا ئۇسۇلغا قىزىقىش ئىنسانىيەت مەدەنىيتى دۇنياۋىلاشمىغان چاغدىلا بار تەبىئىيلىك، سىز ھەرقانچە كاكىرىسىڭىزمۇ پۈتكۈل ئادەمنى بىر قېلىپقا سېلىپ بولالمايىسز، سەنئەت ساھەسىدە ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش دەپ بىر نەرسە بولىدۇ ، تۈرك چولپانلىرىنىڭ دىيارىمىزغا كېلىشى ھەم قارشى ئېلىنىشى ئىنتايىن نورماللىق ، ئىشىنىمەن ، ئەگەر كەلگۈسىدە بىزدىمۇ سەھنە ، ماھارەت ، مۇزىكا جەھەتتە شۇلاردىن ئېشىپ كەتكۈدەك ھالەتكە يەتسەك بىزلەر ئۇ تەرەپكە بارساق يەنە قارشى ئالىدىغانلار چىقىدۇ .
چۈنكى سەنئەتنىڭ مىللەت ، ئېرىق ، دۆلەت چېگىرىسى يوق !!!!!!!!!!!! |
|