- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
6.4%
|
بىزنىڭ ئەرزان قىز ئوغۇللىرىمىز
توۋا دەپ ياقامنى تۇتاي دىسەممۇ ياقام مەندىن خىجىل بولۇپ قىچىپ كەتتى.قىزلار ياقىلىق كىيىمنى ناھايىتى ئاز كەيگەچكە توۋا دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەندە ئەسلى؟
بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋتى كىچىكىپرەك باشلانغاچقىمىكىن،چەتەللىكنى كۆرسە ياكى چەتتىن كەلگەن ناخشىچىنى كۆرسە خۇددى ئۆزىنىڭ چوقۇنغۇچى ھەيكىلى بىردىنلا جانلىنىپ قالغاندەك قىلغىلى قىلىق تاپالماي،ھاياجىننى باسالماي كىتىدىكەن. 30. يىللاردا يۇرتىمىزغا تۇنجى قىتىم ماشىنا كەلگەندە جاھالەتتە قالغان خەلقىمىز <بۇ خۇدايىمنىڭ ئاجايىپ مەخلۇقى> دەپ ماشىننىڭ ئالدىغا ئوت چۆپ تاشلاپ بىرىپتىكەن. ئەمدى يەنە شۇ جاھالەتنىڭ 21.ئەسىردىكى يىڭى ۋارىسلىرى 90.يىللاردا ھىندىستاننىڭ رېئاللىقتىن چەتنىگەن خىيالى مۇھەببەت تۈسى ئالغان ،كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى چىرىتىپ رىۋايەتكە باشلاپ ماڭىدىغان تاينى يوق كىنوسى بىلەن تىگى قاسماق تەنلىك كومپيۇتېردا چىرايى ئاقارتىلغان،باجىدەك مۇشلاشچى تاڭسىڭدەك ۋىجدانلىق ئارتىسلىرىغا كۆيۈپ پىشىپ يۈردى.ھىلىقى شاھ رۇخ خان دىگەن قاسماققا ئۇيغۇرچە شارۇلخان دەپ ئىسىم قويىۋىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمەن دىگەن قىزلارمۇ بولدى.
ئەمدى ھىندىستان دەۋرى ئۆتتى. كىشىلەر ھىندىستان پاكىستان دىگەن قەلەندەر نەسىللىك بىرنىملەرنىڭ ياسالما كىنولىرىغا قىزىقماس بولدى. چۇنكى خەلقنىڭ ساپاسى بىر قەدەر ئۆسۈپ بۇرۇن ھاياجانلىنىپ قىزىققان نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسىنى كۆرەلىگۈدەك دەرجىگە يەتتى. ئەمدىچۇ؟ ھىندىستان دەۋرى ئۆتىشى ئۆتتىيۇ ئورنىغا تۈركىيە دەۋرى ئۇلۇشۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە تۈركىيە كىنولىرى بىرقەدەر رېئال تۈس ئالغان،ئەمىلىيەتكە ماس، كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسىنى پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا يىڭىلايدىغان كىنولار. كىنونى كىنو بويۇنچە قوبۇل قىلماي ئەمىليەتتە تۈركىيە شۇ كىنودىكىدەك دەپ قوبۇل قىلدىغانلار يەنە شۇ يۇقۇردا سۆزلەنگەندەك جاھالەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە شۇ جاھالەتنىڭ ۋارىسلىرى ئۆتكەن ئايلاردا تور بەتلەردە ئىسمائىل يۇرت سۆيەرنى <خەلقارالىق ناخشا چولپىنى>< ناخشا پادىشاسى> دەپ ئۇنىڭدا بولمىغان ئالاھىدىلىكنى زورلاپ چاپلاپ تەرىپلەشكە سۆز ئىبارە تاپالماي قالدى.ھىلىمۇ ياخشى بىزنىڭ قىممەتسىز ئەرزان قىز ئوغۇللىرىمىز ئىغىزدا بولسىمۇ ئاللاھغا ئىشىنىدۇ. بولمىغان بولسا ئىسمائىلنى ئۇ بىر ياراتقۇچى ئىلاھ دەپ غايىۋانە چوقۇنىشى تۇرغانلا گەپ.
مىنى كۆپتۈرۋىتىپتۇ دەپ ئويلىغانلار بولسا كىشىلەر ئارىسىدىكى غۇلغۇلىغا قۇلاق سىلىپ باقسۇن.بەزى قىزلار ئىسمائىل چۈشكەن ياتاقنىڭ ئەتراپىدىن تاڭ ئاتقۇچە كەتمەپتۇدەك. مىنى بىر قىتىملىق بولسىمۇ قوبۇل قىلسىكەن دەپ......
توۋا دىيىشكە ياقا لازىممۇ؟
ئىسمائىل ئىككى توك توك كوچا ناخشىسىنى ئىيتىپMTV سىغا سائەتلىك ئىشلەيدىغان مودېل قىزلارنى نايناقشىتىپ چىقىرىپ قويغانغا ناخشا پادىشاسى بولۇپ كەتسە، مايكىل جىكسۇندەك، جىنوفەر لوپۇستەك خەلقارادا ھەقىقى نام قازانغان سەنەتكارلارنى نىمە دەپ ئاتاش كىرەك؟ تۈركىيەدىكى يۈزلىگەن سەنەتكارلار ئارىسىدا ئىسمائىلنىڭ <كوچا ناخشىچىسى>دەپ نامى چىقىپ سەنەتكارلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ كەينىدىكى ئورۇنلاردا تۇردىغان تۇرسا، بىزنىڭ ئەرزان قىز ئوقۇللىرىمىز كۆز ئالدىدىكى ئىسمائىلنى كۆپتۈرۈپ ئۆز قىممىتىدىنمۇ ئاشۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشى، ئۆز يۇرتىدا ئادەتتىكى بىر ئادەمنى يۇرتىمىزغا كەلسە <خان> قىلىپ بىشىغا ئىلىپ كۆتىرىشى ، بۇ قۇل مىجەزلىكتىنمۇ ئىشىپ جاھالەت ۋە نادانلىقنى مودا قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمدى .ئىسمائىل كىتىپ ئورنىغا 10 يىل بۇرۇن تۇركىيەدە ناخشىلىرى مودا بولغان ھازىر كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن رافەت ئەل رومان بىلەن ئاتام كۆرمىگەن مۇستاپا سەندەل دىگەن بەگ خوجاملار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخماقلار ئالدىغا <خان> بولغىلى كەلمەكچىكەن.
*ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق نام ئۇنۋانلارنى تەييارلاپ قويغاندۇ؟ قانچە قىز ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغاندۇ؟
ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەنلەرمۇ، تور بەتلەردە ماختاپ كۆككە كۆتەرگەنلەرمۇ كىشىلەرنىڭ ھىسياتىدىن پايدىلنىپ ئۆز يانچۇقلىرىنى توملاشتىن باشقا مەقسەتتىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس. ھىسياتلىنىپ ھاياجاندا قىلغىلى قىلىق تاپالمايۋاتقان ئاتالمىش<سەنئەتخۇمار> ھىرىسمەن مەستانىلەر بولسا بۇ ئاتالمىش <سەنئەت>نىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇچۇن قوپماي ئۇخلايدىغان يىڭى دەۋىردىكى بىر <بۆشۈك> ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە بايقىماي يۇرۋاتدۇ.
ياقام قېنى...
|
|