قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3638|ئىنكاس: 34

جەڭدە قۇربان بولغان مىللىي ئارمىيەجەڭچىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

154

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25346
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 06:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 15:30  


جـەڭـدە قـۇربـان بـولـغـان مـىـللـىـي ئـارمـىـيەجـەڭـچـىـلـىـرى


مەنبە: غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىت خەلق ئىشلار ئىدارىسى 1981-يىلى تۈزگەن
<<ئىنقىلابى قۇربانلار ئەسلىمىسى>> ناملىق كىتابچىدىن يوللاندى.
1.jpg


  سابىت بەگزات
      سابىت بەگزات1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 26يېشىدا مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،غەيرەت-شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.ئۇ 1945-يىلى سىنتەبىردىكى مەشھۇر جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ياقۇپ ھەسەن

    مەرھۇم ياقۇپ ھەسەن 1926-يىلى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن ياقۇپ زەربىدارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ،ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان.شىددەتلىك جەڭلەر داۋامىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرەمباغدىكى كەسكىن ئېلىشىشتا ئېغىر يارىلىنىپ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،دوختۇرخانىدا قۇربان بولغان.
   مۇخپۇل روزى
       مۇخپۇل روزىمۇ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە ئالاھىدە جان پىدالىق كۆرسىتىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان،شۇ چاغدا تېخى19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
   ئەكبەر ئىبراھىم
      مەرھۇم ئەكبەر ئىبراھىم 1929-يىلى چاپچال جاغىستايدا تۇغۇلغان.1944-يىلى 15يېشىدىلا كىچىكلىكىگە باقماي ئىنقىلابىي قوشۇنغا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.مەرھۇم 1944-يىلى كۈزدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
  ئىمىنجان مەخسۈت
     ئىمىنجان مەخسۇت 1920-يىلى قەشقەر كونىشەھەردە دۇنياغا كەلگەن. گۆدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ،قارادۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى سىنتەبىردىكى شىخونى ئازاد قلىش جېڭىگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇ دېباۋ (خۇيزۇ)
  مۇ دېباۋ 1915-يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى قولىغا قورال ئېلىپ،ئىنقىلاپقا قاتناشقان.شۇ يىلى11-ئايدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

2.jpg

مامۇت ئېلىيۇپ
    مامۇت ئېلىيۇپ1920-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن.1945-يىلى كۈزدە ماناس دەرياسى بويىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   مۇھەممەتجان
   مەرھۇم مۇھەممەتجان 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى
ئارمىيەگە قاتنىشىپ،كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەممەتجان 1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   مۇھەممەت ئەلى
    مەرھۇم مۇھەممەت ئەلى 1927-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ئالاقىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.شىددەتلىك جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن قورقماي ئالاقىچىلىق قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن.ھەرەمباغ سوقۇشىدا ئۆزىنىڭ ياش غۇنچىدەك ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان.
   شىريازدان خالىق
    شىريازدان خالىق 1908-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ تەقدىرلەنگەن.غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان.
   توختاخۇن قادىر
   مەرھۇم 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى
ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا 19يېشىدا قۇربان بولغان.

   ھاجى ئەيسا
    مەرھۇم 1901-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان،ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان
    خۇداۋەردى
     مەرھۇم خۇداۋەردى1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى دىكابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭلەردە پىداكارانە خىزمەت كۆرسىتىپ،1945-يىلى سۈيدۈڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   مۇھەممەت ئىمىن
     مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن 1917-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى شىخو چوڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

3.jpg

   مۇتەللىپ
    مەرھۇم مۇتەللىپ 1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دېكابىردا 16يېشىدا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ھۆسەيىن(خۇيزۇ)
   مەرھۇم ھۆسەيىن 1924-يىلى 5-دېكابىردا غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.1945-يىلى شىخو ۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇختار خېلىل
    مەرھۇم مۇختەر خېلىل 1912-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   نىيازوپ
    مەرھۇم نىيازوپ 1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان غەلىبىلىك جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.1948-يىلى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ئىبراھىم
   مەرھۇم ئىبراھىم 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىقىلابىيتەشۋىقات ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بارغان .يىل ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
  تۇرسۇن توختى
   تۇرسۇن توختى 1925-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.19يېشىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان.1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قاتتىق ئېلىشىش بولغان لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

4.jpg

  ئابدۇرېھىم موللاخۇن
    مەرھۇم ئابدۇرېھىم موللاخۇن1929-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.نۇرغۇن شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،1949-يىلى 9-ئايدا شىخودا باندىتلارنى تازىلاش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

    روزىيۇپ ئابدۇراخمان
     مەرھۇم روزىيۇپ ئابدۇراخمان 1920-يىلى غۇلجا شەھەر سۇدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 12-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

    شاكىرجان زاھىر
    مەرھۇم شاكىرجان زاھىر 1928-يىلى غۇلجا شەھەر ئايدۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1949-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1953-يىلى11-ئايدا ئالتايدا باندىت تازىلاش سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

    ھەمرا غۇلام
    مەرھۇم ھەمرا غۇلام 1895-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،يىل ئاخىرىدا غۇلجا ئايرۇدۇرۇمىدا بولغان سوقۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

    ھۈسەنجان ھېبىبۇللا
    مەرھۇم ھۈسەنجان ھېبىبۇللا1915-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

    تۇرسۇن تاجى
    مەرھۇم تۇرسۇن تاجى1930-يىلى موڭغۇلكۇرەدە تۇغۇلغان.1948-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،روتا كوماندىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان.1950-يىلى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن گومىنداڭ قالدۇق كۈچلىرى تۇتۇپ كەتكەن.

5.jpg


    غوپۇر ۋىلەم
    مەرھۇم غوپۇر ۋىلەم 1914-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،غۇلجا لەڭشاڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ئىمىن مۇھەممەت
     مەرھۇم ئىمىن مۇھەممەت1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلۇپ،كىچىگىدىلا ئىلىغا چىقىپ،غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1944-يىلى نۇيابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىل ئاخىرىدىكى غۇلجا ئايدۇرۇمىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

    داۋۇت كېرىم
      مەرھۇم داۋۇت كېرىم1924-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.1945-يىلى يىل بېشىدىكى لەڭشاڭ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

    بەختى
      مەرھۇم بەختى 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى كۈزدە مەشھۇر شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

    قاۋۇل مۆمىن
       مەرھۇم قاۋۇل مۆمىن1930-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى5-ئايدا گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا گومىنداڭنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ،مىللى ئىنقىلابقا پىدائى بولۇپ قاتنىشىپ،كۆپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ۋە ئودلىنىيە كوماندىرى بولغان.1945-يىلى ئاقسۇ كونىشەھەردىكى جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇېبان بولغان.

6.jpg

   ئابدۇكېرىم
      مەرھۇم ئابدۇكېرىم1914-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

    ئىسمايىل
     مەرھۇم ئىسمايىل1921-يىلى غۇلجا شەھەر ھاجىبولۇس مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،خىزمەت كۆرسەتكەن.ئازادلىقتىن كېيىنمۇ كۆپلىگەن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1955-يىلى بۆرىتالادا بىر مەجلىستىن قايتىپ چىقىشىغا غايىپتىن تەككەن ئوق بىلەن قۇربان بولغان.

    مۇخپۇللام
     مەرھۇم مۇخپۇللام1921-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ئالتەشۇئار مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلاب سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    ئىلياس
     مەرھۇم ئىلياس1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن.ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

7.jpg

    ھوشۇر مامۇت ھاجى
      مەرھۇم ھوشۇر مامۇت ھاجى 1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   تۇرسۇن مۇسا
     مەرھۇم تۇرسۇن مۇسا1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،پىداكارلىق كۆرسەتكەن.1953-يىلى قۇمۇلنىڭ شىۋىرغان تېغىدا باندىت تازىلاش جەريانىدا قۇربان بولغان.

   مەھەممەت رازىق
     مەرھۇم مەھەممەت رازىق1926-يىلى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى جىڭ ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

    خۇدابەردى جامال
       مەرھۇم خۇدابەردى جامال1919-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،بىر ئايدىن كېيىن ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.

     مامۇت ھېلىم
       مەرھۇم مامۇت ھېلىم غۇلجا شەھىرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى غۇلجا شەھەر ئاچالدا بولغان جەڭدە قۇربان بولغان.

     سامساق ئەخمەت
      مەرھۇم سامساق ئەخمەت غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1945-يىلى 2-ئايدا مىللى ئىنىقىلابقا قاتنىشىپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيە قارمىقىدا ئاقسۇغا چۈشۈپ،ئاقسۇدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

8.jpg

    ئىسھاقجان
      مەرھۇم ئىسھاقجان غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1945-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ جااللاتلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ ۋەھشىلەرچە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن.

   ئابدۇرېھىم ئىبراھىم
     مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئىبراھىم1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1945-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

   ساۋۇرجان مەرۇپ
     مەرھۇم ساۋۇرجان مەرۇپ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دىكابىردىكى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

   ئابلىمىت
    مەرھۇم ئابلىمىت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ.1945-يىلى بۆرىتالا ئارشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

9.jpg

    ياسىن ئەخمەت

      مەرھۇم ياسىن ئەخمەت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1945-يىلىدىكى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

    تۇرسۇن
      مەرھۇم تۇرسۇن1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنىڭ باجاخۇ رايونىدا دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ بومباردىمانىدا قۇربان بولغان.

     رەجەپ
       مەرھۇم رەجەپ1907-يىلى3-ئايدا غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىزۋوت كوماندىرى،روتا كوماندىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.1945-يىلى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

     ئىبراھىمجان
       مەرھۇم ئىبراھىمجان1919-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان

10.jpg


11.jpg


12.jpg


14.jpg



مەزكۇر تېمىغا موناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادېرىسقا كىرىڭ.
http://xiangce.baidu.com/picture ... 6c9e7d3b3126a19201d

بۇ ئادېرىستىكى سۈرەتلەرنى ئۆزۈم ئۇزۇن يىللىق تور  مەشخۇلاتى جەريانىدا توردىن يىغىپ ساقلىغان ، مەن بارلىق مىللەت سۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ سۈرەتلەرنى چۈشۈرۈپ تارىخنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

0

تېما

2

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22841
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 13:51:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏بۇ قەھرىمانلار مەڭگۇ ھايات!‏ ‏ئۇلار بىزنىڭ پەخىرىمىز .قەھرىمانلىرىمىز ‏ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن ‏ئۇلار بىز ‏ئۈچۈن ‏قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى بىز بۇنى قەتتى ‏ئۇنۇتمايمىز!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

4

تېما

0

دوست

1823

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 14:05:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بۇ رەسىمگە چۈشمىگەنلەر نۇرغۇن!ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن!نىشانىغا يىتەلمەي ئىنقىلاپ مىۋىسى ئوغۇرلاندىدە!

1

تېما

0

دوست

903

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25673
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 14:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 14:49  

بىزنىڭ ئەلنىڭ يىگىتلىرى، يىگىتلەرنىڭ تۆرىسى (قازاق ناخشىسى(
http://fc.wo99.com/mplay.php?id=13714481

5

تېما

1

دوست

1311

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 15:04:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ تارىخىمىزغا قارسام ئىچىم بەك ئاچچىق بولىدۇ، ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغىم كىلدۇ، چىشلىرىم كىرىشكەن ، مۇشلىرىم تۈگۈلگەن ھالدا ئاچچىق ھەسىرەت نادامەت ئىچىدە ئۈنسىز خىيال دېڭىزغا غەرىق بولۇپ كېتىمەن ، ... ئاللا ياتقان يىرڭلارنى جەننەتتە قىلسۇن باتۇرلىرىمىزنىڭ!!!

0

تېما

0

دوست

2053

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 516
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق ئۈچۈن قان ۋە تەر ئاققۇزغانلار ئۇنتۇلماس.

5

تېما

1

دوست

1691

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17372
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 17:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىككىنە تۇرۇپ جەڭگە قاتنىشىپ قۇربان بولغانلار كۆپكەن   
ئۇلاردىكى جەڭگىېارلىق روھى نېمە دىگەن ئۇلۇغ ھە!!!!!!
ئارىسىدا 15 ياشتا جەڭ قىلغانلارمۇ باركەن.
ھازىر 15 ياشلىق بالىلار نىڭ  پوقنى ئوتتۇردىن بۈلەلمەيدىغانلار مۇ كۆپ  
ۋەتىنىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىنى جپقۇربان قىپتىكەن

1

تېما

2

دوست

4355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 909
توردىكى ۋاقتى: 389
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 17:47:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەرگە نېمە  يېزىشىمنى بىلمىدىم........................!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )