قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 566|ئىنكاس: 15

توفىل ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغانلار ھەم قىلىۋاتقانلار كىرىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

417

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25668
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 08:48:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


كۈندە ئازراقتىن ئاڭلاپ يېزىش ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى تېزدىن ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل!

   مەن مۇشۇ ئۇسۇلدا ئاڭلاپ يېزىۋاتقىلى 22 كۈن بولدى ھەم يەنە داۋاملاشتۇرۇمەن. ئاڭلاپ يېزىش ئۇسۇلۇم تۆۋەندىكىچە:

1.ئالدى بىلەن پۈتۈن تېكىستنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم ئاڭلايمىز. مەقسەت تېكىست ئاساسى مەزمۇنىنى بىرقۇر چۈشىنىپ چىقىش.
2. بىر جۈملە ئاڭلاپ بىر جۈملە يازىمىز. ئۈچ تۆت سۆز ئاڭلاپ بىر يېزىپ ئاندىن يەنە ئۈچ تۆت سۆز ئاڭلاپ بىر يازساق ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇڭا چوقۇم بىر جۈملە ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن بىر جۈملە يازىمىز. پەقەت بولمىسا بوش ئورۇن قويۇپ قويساق بولىدۇ تۈزەتكەن ۋاقتىمىزدا تولۇقلايمىز. بۇ قايىدە بويىچە قىلىڭ بۇ بەك مۇھىم.
3. بىر جۈملە بىر جۈملە يېزىپ پۈتۈن تېكىستنى تېزىپ بولغاندىن كېيىن قايتا باشتىن باشلاپ بىر قېتىم ئاڭلاش ۋە بوش ئورۇنلارنى تولۇقلاش.
4. ئەسلى تېكىستى بىلەن يازغان تېكىستنى سېلىشتۇرۇش ھەم خاتا يەرلەرگە رەڭلىك قەلەمدە بەلگە قويۇش.
5. يەنە بىر قېتىم ئاڭلاش. بۇ قېتىم ئاڭلىيالمىغان يەرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ خاتالىقىنى تېپىپ چىقىش. مەسىلەن، بىر ئىككى سۆز تېز ئېيتىلىپ كەتكەنلىكتىن ئاڭلىيالمىغان بولسىڭىز سىزمۇ شۇ سۆزنى ئاشۇ سۈرەتتە دىيىشنى مەشىق قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىغاندا ئىككىلەنمەيلام نىمە دەۋاتقاننى چۈشىنىسىز.
6. يېڭى سۆزلۈكلەرنى رەتلەپ يېزىپ چىقىش ھەم مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش.

  مېنىڭ ئاڭلاپ يېزىشتىن ئالغان قىسقىچە تەسىراتىم:
    بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىشنى قىيىن ئىشتەك ھېس قىلىۋېلىش ئەڭ خەتەرلىك بولىدىكەن شۇڭا مەن ئىش قىلغاندا ئەڭ ئالدىدا قىلالمايمەن ياكى قىلالايمەن دىمەيمەن، مەن پەقەت قىلىمەن ھەم داۋاملاشتۇرىمەن. ئەگەرئىشىم نەتىجىلىك بولسا قىلالىغان بولىمەن ئەگەر نەتىجىسىز بولسا ھىچ بولمىغاندا بىر تەجىربىگە ئىگە بولغان بولىمەن.شۇڭا مەن دىمەكچىمەن: ئەگەر ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن تەڭ ئۆگىنىڭ. نەتىجىسىنى كېيىن بىلىمىز.

    توفىل ئىمتىھانىدا ئوقۇپ چۈشىنىش بۆلىكىدىن باشقا بۆلىكىنىڭ ھەممىسىدە ئاڭلاش قىسىمى بار، مەن ئالدىنقى قېتىم بېرىپ ئاران 66ئالدىم. ئىمتىھاندىن چىقىپ شۇنى چوققۇر چۈشەندىمكى، ئاڭلىغان نەرسەمنىڭ ھەممىنى چۈشىنەلىگەن بولسام ئۇنداق تۆۋەن ئالمايتىم. شۇڭا شۇ ئىرادە بىلەن بۇ ئىشنى باشلىدىم. كېلەرقى قېتىمدا يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈن ئالغا!

   ئاڭلاپ يېزىش جەريانىدا ئەڭ باشتا ماڭا بىر تېكىستنى ئاڭلاپ يېزىش ئۈچۈن تەخمىنەن ئىككى سائەتتىن كۆپ ۋاقىت كەتتى. مەن سەل دۆترەك توغرا چۈشىنىڭلا، بەلكىم سىلەرگە ئاز كېتىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىدە بەزىدە ئەتتىگەن يازدىم بەزىدە چۈشتە يازدىم بەزىدە ئوتتۇر كېچىدە يازدىم.  بەزىدە خۇشۇم بەك تۇتۇپ قالسا ئىككى تېكىست ئاڭلاپ يازدىم.ئشقىلىپ كۈندە چوقۇم بىر تېكىست يېزىش ۋەزىپە قىلدىم . مانا شۇنداق يېزىۋاتقىنىمغا 22 كۈن بولۇپتۇ. ھازىر مەن قارىسام ئىنگىلىزچىنى خېلى ئاڭلاپ چۈشىنىدىغان بولۇپ قاپتىمەن. ئەمما يەنە قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن. ئادەم يالغۇز ئۆگىنىۋەرسىمۇ ئىچى پۇشۇپ قالىدىكەن شۇڭا بۇ تېمىنى يېزىپ مەن بىلەن ئورتاق ئۆگىنىدىغانلار بولسا تەڭ ئۆگەنمەكچى ئۆزئارا ھە ھۇ دىيىشىپ.

   قېنى ئەمىسە بۇ يەرگە ئاڭلاپ يازىدىغان مەزمۇننى يوللىدىم مەن بىلەن تەڭ ئاڭلايدىغان نوچىلار كېلىڭلار.


   داۋامى كۈندە بىر قېتىم يوللىنىلىدۇ


listening.doc

22 KB, چۈشۈرۈش سانى: 38

0

تېما

1

دوست

2485

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 15:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئاتام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولساڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيسەن دىگەن ، ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى ، ئىككىنچى ، ئۈچۈنچى يىللىقىدا ھەر يىلى ئوقۇش باشلىغاندا ھاياجانلىنىپ ، ئۆزۈمچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان كىشى دەپ ئېنگىلىس تىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن كۇرۇسقا قاتنىشاتتىم   ، باشتا قاتنىشىپ قۇيۇپ ئاخېرغا بارغاندا كۇرۇسكا بېرىش خوشياقمايتى ، شۇنداق قىلىپ تۆت قېتىم كۇرۇسقا قاتنىشىپ يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىس تىلىدىن چىقالماپتىمەن ، شۇنىڭ بىلەن چەتئەلگە چىقىمەن دەيدىغان گەپما يوق بولدى ، ، ، شىمالىي ئامېركا ۋە ياۋروپاغا چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئېنگىلىس تىلىدىن قانچىلىك سەۋىيە بۇلۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ؟ بۇ تەلەپكە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈن ئۆگەنسە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ باقمامسىز ، ، ،
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

6

دوست

2480

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10872
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئايلتس  سىنپدا  ئوقۇۋاتمەن ،چاتاق   يوق

0

تېما

2

دوست

417

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25668
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROCK يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 15:58
تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئاتام ئالىي مەكتەپنى  ...

بۇ سوئالغا تەپسىلى جاۋاب بېرەلمەيمەن. شۇڭا سىز بەيدۇغا كىرىپ ئىزدەپ كۆرۈڭ. ئوخشىمىغان دۆلەت،ئوخشىمىغان مەكتەپ ھەتتا ئوخشاش بىر مەكتەپتىكى ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

13

تېما

1

دوست

1477

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 18:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم Elearner  
بولسا ئۆزىڭىزنىڭ تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى تەجرىبىڭىزنى دەپ باقسىڭىز؟
مۇبادا مۇشۇ توفل ئېمتىھانىدىن،ئايلتىس،ج ر ې ئېمتىھانلىرىدىن
ئۆتسە نەلەردە  ھەقسىزئوقۇغىلى بۇلىدىغانلىقى،قايسى ۋاقىتتا بېرىشكە
بۇلىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز؟

0

تېما

2

دوست

417

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25668
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elearner تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 19:45  

بۈگۈن يازغانىم، رەڭلىك قەمەمدە خاتا يازغان ياكى يازالمىغان يەرلەرنى بوياپ قويدۇم. سىلەرمۇ يازغان بولساڭلار مەندەك ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىساڭلا بولىدۇ.


.I-08-2

(woman) I'm sure you realize that your research papers are due in six weeks. I've looked at your proposed topics and made comments about them. The most frequent problem was proposing too broad a topic --- remember, this is only a fifteen-page paper.

As I return your topic papers, I'd like to look over the schedule which sketches out what we'll do during the next two weeks. Today is Monday; by Friday, I want your preliminary outline. Please be sure to incorporate the suggestions I've made on your topics in your outlines. Next week I'll have a conference with each of you. I've posted a schedule on my office door --- sign your name to indicate the time you're available for an appointment. In the conference, we'll discuss your preliminary outline. Then you can make the necessary revisions and hand in your final outline, which is due two weeks from today.

Use the outline style in your textbook and remember it should be no more than two pages long. Be sure to begin with a thesis statement --- that is, with a precise statement of the point you intend to prove --- and include a conclusion.

Have you got all that? Your two-page preliminary outlines are due at the end of this week and the final outlines are due after your conferences. Follow the textbook style and include a thesis statement and a conclusion.



listening.doc

98.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 31

0

تېما

2

دوست

417

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25668
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 18:27
ئەسسالامۇئەلەيكۇم Elearner  
بولسا ئۆزىڭىزنىڭ تىل ئۆگىنىش  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسسالام، مەندە تەجىربە تۈزۈك يوق ئەمما بىر ھەقىقەت ئېننىق كۈندە ئۆگىنىش ھەم ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش. سىزگىمۇ ئوخشاش تەكلىپ بېرىمەن: بەيدۇغا كىرىپ ئىزدەپ بېقىڭ، نۇرغۇن ئۇسۇللار بار ئۆگىنىمەن دىسىڭىز.
قايسى يەردە ھەقسىز ئوقايدۇ دىگەن سوئالغا كەلسەك، مەن بۇنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما توفىل،ئايلتىس،GRE ئىمتىھانلىرىدا يۇقۇرى نۇمۇر ئالسىڭىز، GPA ياخشى بولسا تىرىشىپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سىز ئۈچۈن ھەقسىز بولىدۇ ئەمما پۇل كەتمەيدىغان ئىش يوقمىكىن دەيمەن. شۇڭا پۇلمۇ مۇھىم.

0

تېما

2

دوست

417

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25668
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:56:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 18:27
ئەسسالامۇئەلەيكۇم Elearner  
بولسا ئۆزىڭىزنىڭ تىل ئۆگىنىش  ...

بۇ ئىمتىھانلارھا توردىن تىزىملىتىسىز، شۇڭا سىز بەرمەكچى بولسىڭىز ئاۋۋال ETS نىڭ باش بېكىتىگە كىرىپ تىزىملاپ كىرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىز بەرمەكچى بولغان رايون ۋە ۋاقىتنى تالىسىڭىز ئىمتىھاننىڭ تەپسىلى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرەلەيسىز.
جۇگگودا ئوقۇغۇچىلار بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ھاتتا يېرىم يىل بۇرۇن تىزىملىتىۋالىدۇ شۇڭا پىلانىڭىز پۇختا بولسا سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ. پەقەت بولمىسا ئىمتىھان بېرىشتىن نەچچە كۆن بۇرۇنمۇ تىزىملىتالىشىڭىز مۇمكىن چۈنكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا تەييارلىقى پۈتمەي ياكى باشقا سەۋەپتىن ئىمتىھاننى كېچىكتۈرىدۇ ياكى ۋاز كېچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئورۇن بىكار بولىدۇ. ئەمما بۇ مۇتلەت ئەمەس. شۇڭا ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )