پوزتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ، قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز ، ياخشى تەكلىپ شۇكى ، پوزتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى كۈندىلىك پىكىرقىلىش ئۇسۇلىڭىزغا كىچىك بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىن باشلاڭ. بۇنداق قىلىسڭىز تېخىمۇ چوڭ بولغان ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
ئەھۋالنى كونكېرىتلاشتۇرۇڭ سىز ئاۋارە بولىۋاتقان ئەھۋالدا، باشقىلارنىڭ قانداق قىلدىغانلىغىنى ئويلاپ بېقىڭ. باشقىلار بۇ ئەھۋالدا قانداقراق ياخشى قىلار؟ ئەھۋال راستىنلا سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچىلىقمىدۇ؟ ئەھۋالىنى بەكىمۇ كۆپتۈرۈپ ئويلىۋالدىڭىزمۇ –قانداق؟ تىرشىپ ئەھۋالىڭىزنى كۈزۈتۈپ ئانالىز قىلىپ بېقىڭ. مەسىلەن: يېقىندا خىزمتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىڭىز، بەلكىم بەكىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بولشىڭىز مۇمىكىن. ناھايتى تىزلىكىتە خىزمەت تاپالماسلىقىڭىزدىن ياكى ئىقتىسادى جەھەتتە قىينىلىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرشىڭىز مۇمىكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى بۇ ئەھۋال ئىچىدىن تارتىپ چىقىرۋېلىپ ھەم بۇنى باشقىلارنىڭ مەسلىسى ئورنىغا قويۇپ ئويلىسىڭىز، بەلكىم ئەھۋالنى ئۆزگەتىشتىكى ئۈمىدنى كۆرەلشىڭىز مۇمكىن. مەيلى سىز ئايرىلىپ قالغان خىزمتىڭىزگە ئۆچ بولۇڭ،ياكى مەيلى كېينكى خىزمتىڭىز ياخشىراق بولسۇن، بۇ بەلكىم سىزنىڭ كەسىپىڭىزنى ئۆزگەتشىڭىزنىڭ پۇرسىتى ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا بىر ئىش قىلىشىڭىزنىڭ پۇرسىتى بولىشى مۇمىكىن. ئەگەر سىز ئېرشىدىغان قايتۇرۇش ھەققى بىلەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ قانچىلىك بولدىغانلىغىنى بىلسىز ، كىرىمىڭىز ۋە يىغىپ قويغان پۇلىڭىزغا قارىغانداتېخىمۇ ئۇزۇن جاھاندارچىلىق قىلالايدىغانلىغىڭىزنى تۇنۇپ يېتەلەيسىز.
دوستىڭىزغا دەردىڭىزنى تۆكۈڭ بەزىدە دوستىڭىزنىڭ ياخشى مەسىلھەت بىلەن ھېسىداشلىققا تولغا تەسەللىسى سىزنىڭ پوزتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزئىشىنىدىغان دوستىڭىزغا دەردىڭىزنى تۆكۈپ، ئەڭ ئېھتىياجىلىق ھەم قۇبۇل قىلىشلىق بولغان مەسلىھەتىنى سۇراپ تەسەللى تېپىڭ. دىققەت قىلىڭكى، ئىشەنگەن دوستىڭىزئاخىرىدا بەخىتسىزلىكىڭىزدىن شاتلىنىدىغان، سىزگە زەرىبە بېرىدىغان بىرسى بولۇپ قالمىسۇن.
ئارام ئېلىۋېلىڭ بەزىدە ئەھۋال شۇنداق ئۇسال بولۇپ كىتىدۇكى ، بۇئەھۋالدىن بىر مەزگىل قۇتۇلۇپ تۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: زورلانغان نىكاھ ، كىچىك باللارنىڭ غەلۋىسى ۋە قاتتىق تۈزۈمىلىك خىزمەت قاتارلىقلاردا، بۇچاغدا دوستىڭىز بىلەن بىرگە ساياھەتكە چىقىپ ئارام ئېلىپ ،كۈندىلىك رىقابەتتىن قۇتۇلۇڭ. ساياھەتتە ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتىڭىزدا ،قيىن ئەھۋالنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ. چارە تاپالمىسىڭىز ،تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى ئىزدەپ بېقىڭ .ئىشلار سەل ئاسانلاشقاندا، بۇ ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر ۋاقىت نوقتىسىنى بەلگۈلەشكە ھەم شۇ ۋاقىت يىتىپ كەلگۈچە قەتئى چىڭ تۇرۇشقا تىرشىپ بېقىڭ. پۈزۇتىسىيىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرشچانلىق كۆرستىۋاتقاندا، دىققىتىڭىزنى ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە مەركەزلەشتۇرۋالماي، شۇ ئەھۋالغاتاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇل-چارىسىگە قارىتىڭ.
مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولدىغان تەرەپلىرىنى يېزىپ چىقىڭ ئەگەر سىز ئاخىرقى ھېساپتا ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن چىقالمىغان بولسىڭىز ، ۋاقىت چىقرىپ پۈتۈن ھاياتىڭىزىدىكى كۆڭۈللىك ،ياخشى ئىشلارنى يېزىپ چىقپ، ھەركۈنى سەھەردە قارايدىغان ئەينەككە بۇ بەخىتلىك ئىشلار تىزىملىكىنى چاپلاپ قويۇڭ. بىر جۇملە ئاكتىپ پۇزۇتىسىيە يېزىلىغان قەغەز كارتىسىنى ماشىنىڭىزنىڭ رولىغاچاپلاپ قويۇپ ، ئىجابى پۇزۇتىسىيە بىلەن ئشىقا بېرىڭ. گەرچە بۇ كارتىدىكى سۆز ناھايتتى ئاددى بولسمۇ،مەسىلەن: « رادىئو ئاڭلىغاچ ،ئەتىگەنلىك قەھۋەيىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ .» دىگەندەك بولسىمۇ مەيلى. بۇ ئۇسۇلدا ،ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ياخشى نەرسىلەرنى ئويلايدىغان قىلىپ چېنىقتۇرالايسىز ھەم پاسسىپ نەرسىلەرنى ئويلاشقا پۈرسەت ئاز قالىدۇ.
مەنبە: http://www.life123.com/health/self-improvement/attitude/change-your-attitude.shtml
|