قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1299|ئىنكاس: 7

پاكىز يەردىن پەرىشتە كەتمەيدۇ-ئەركىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1758
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6581
توردىكى ۋاقتى: 1549
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 16:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]


1993-1994-يىللىرى قومۇلنىڭ خىلۋەتلىرىگە جايلاشقان، ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ قەدىمى يېزىلىرىدىن بىرى بولغان يۇرتۇم ساقىدا ئاجايىپ بىر مەنزىرىلەرنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولغانلىقىمدىن، قىسقىسى ئاشۇ ساقىدا، ساقىلىق بولۇپ تۇغۇلغانلىقىمدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن! ئاشۇ يىللاردا ئايىقى ئەمدى چىققان ئوغۇللار، ياشلار، ئوتتۇرا ياش، بېلى مۈكچەيگەن قېرىلار كۈنلۈك بەش ۋاقلىق نامازنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۆتەپ ساقا جۈمە مەسچىتنى قىستا-قىستاڭچىلىققا تولدۇرۇۋەتكەن ئىدى. سان-ساناقسىز ھاراقنى ئۆزىگە ئۈلپەت، يار، سەنەم قىلغان ياشلار ھاراق تاشلاپ ھەق يولغا قايتقان ئىدى. ساقىدىكى ھەرقانداق توي-تۆكۈنلەردە، چوڭ-كىچىك ئولتۇرۇشلاردىمۇ ھاراق ئىچىلمەيدىغان، ئەجنەبىي تانسا، شەيتان دېسكوسى ئوينالمايدىغان، كوچا-كوي، ئۆيلىرىدە ھاراق ئىچكەنلەرنى كىشىلەر ئارىغا قاتمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى...ئۆز زامانىسىدىكى <<خامى داچۈ >> ناملىق زەھەردەك ئاچچىق ھارىقى بىلەن، نەچچە بوتۇلكا ھاراقنى قېقىۋالسىمۇ مەتسىت بولمايدىغان داڭدار زابويلىرى بىلەن سۆيۈنىدىغان، شەھەرگە كىرسە،- ساقىلىقمۇ ھاراق ئىچمەمەمدۇ ؟ دەپ ھەيران قالىدىغان ھالەتلەرگە تامامەن خوش دېگەن ئىدى. مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يىگىرمە يىل بولاي دەپتۇ! تا ھازىرغىچە ساقىدا، تويلاردا ھاراق قۇيۇلمايدۇ...بۇرۇنسىدا، تويلاردا ھاراق ئىچىۋالغان مەسىت بالىلار دۆۋەجىن، خوتۇنتام، شەرچى...دېگەندەك يۇرتلاردىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قىر- يېغا بولۇشاتتى. ئەتىسى ئۆزلىرىنى سولاقتا كۆرەتتى. تويدا ھاراق يوق بولغان كۈندىن باشلاپ، ساقىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ھەسسىلەپ يۈكسەلدى. شۇ ھاراقسىز يىگىرمە يىل جەريانىدا ئۆزىگە پاك ئىماننى ھەمراھ قىلىپ، ھالال جۈپلەشكەنلەرنىڭ جىسمىدىن تامچىغان ساغلام پەرزەنىتلەرنىڭ ئەقلى-ھوشى، تەندۇرۇس بەدەن ساپاسى، پاكىزە-ساپ ئىدىيىسى،پىكىرلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكى بىلەن مېنى ۋە بىلگەنلەرنى ھازىرغىچە خۇش قىلىدۇ. ئاشۇ يىللاردا بىزنىڭ ھاراق بىلەن سېسىپ كېتەي دېگەن ساقىغا ئۇشبۇ بۈيۈك پاكىزەشامالنى،يېپيېڭى پاك دەۋىرنى ئېلىپ كەلگەن، ھازىر يېشى 50 كە ئۇلاشقان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزگە مۇشۇ يەردە چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

گەرچە ھازىر ساقىدىكى قىسمەن كىشىلىرىمىز تويلاردا ،يوشۇرۇن ھاراق ئىچىۋېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنى بىلىپ قالغانلىكى ئادەم، ئۇنداق كىشىلەرنى توسۇيدۇ، نەسىھەت قىلىدۇ، كۆزگە ئىلمايدۇ. يۇرتۇم ساقىنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىدا ئىچۋالىدىغان، يىمىرىق قىلىپ ياسالغان مەينەت گارىنى چېكىۋالىدىغان بىر نەچچە ساناقلىق كىشىدىن باشقىلار پاكىزە ياشاپ كەلمەكتە! ھازىر توي-تۆكۈنلەرگە بارسىڭىز خانىم-قىزلارنىڭ ياغلىق چىگىپ كەلگەنلىكىدىن دىلىڭىز سۆيۈنىدۇ... بۇ ھالەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

مەن خىزمەت بىلەن قومۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بوپتۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن تويلارغا قاتناشتىم. بۇرۇندا توي شىرەسىدىكى ئون ياشنىڭ 9 نەپىرى ھاراق ئىچەتتى. ھازىرقى تويلاردا بىر شىرەدە ئاران 3-4 نەپەر ياش ھاراق ئىچىدىغان ، كۆپ قىسىم ياشلار ھاراققا ئۆزىنى ئۇرمايدىغان ياخشى ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. ھەتتا، تويدا، سۈننەتتە، ئىدەرلەردە، ھەرقانداق مەرىكىلەردە ھاراق قۇيۇلمايدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش! چۈنكى ھاراقنىڭ زەھىرى تېنىمىزنىلا ئەمەس روھىمىزنىمۇ زەھەرلەيدۇ. ئېتىقادىمىزنى بۇزىدۇ، سۇزلاشتۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ، جىنايەتچىلەرنى ئاۋۇتىدۇ. ئەمدىكى تويلاردا پەخىرلىك شىركەتلىرىمىزنىڭ ئارمان، ئامىنە...لەرنىڭ ئىچىملىكلىرى قۇيۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق. ئۆز كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسولاتلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەتسەك بىر ياكى 100دىن ئارتۇق ئىش تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگەن ياشلىرىمىزغا خىزمەت ئورنى چىقىدۇ، دېگەنلىك! بىكارچىلىقتا، جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ، چۈشكۈنلۈكتىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان ياشلىرىمىز مۇقىم ئىش ئورنىغا ئېرىشسە، تۇرمۇشى خاتىرجەم بولسا...مىللىتىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىياتلىرىغا ئەلۋەتتە پايدىسى تېگىدۇ. ھاراق شېركەتلىرىنىڭ ھاراقلىرىنى بىزدەك ھاراققا باشچىلاپ كىرىپ كېتىدىغان مىللەت يەنە توختىماي ئىچىپ بەرسە، ئۇيغۇر دىيارىمىزدا ھاراق ئىشلەش زاۋۇتلىرى كۆپەيسە، كۆپىيىدۇكى ھەرگىز ئازلاپ قالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى،جۇڭگودا ھاراق زاۋۇتىلىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئەڭ كۆپ ئىكەن. بازار بولمىسا خېرىدار يوق! خېرىدارسىز بازارمۇ يوق بولىدۇ. يەنىلا ئەڭ ياخشى پاك پاكىزە ئىچىملىكلىرىمىزنى ئىچەيلى! تەن ساقلىقىمىز، روھى ساغلاملىقىمىز ئاشسا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

مۇشۇ يەردە بىر مىسالنى قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم، قايسى بىر ھاراق زاۋۇتىنىڭ تەشۋىق-ئېلان بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان بىر تونۇش كىشى ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن بۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەنتى. ئۇ كىشى زاۋۇت باشلىقىغا -باشلىق ئەگەر بىز ھاراق قېپىغا ئۇيغۇرچە نەقىش، ئۇيغۇرچە خەت، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى يېزىپ ئىشلىگەن بولساق ھارىقىمىزنىڭ بازىرى تېخمۇ ياخشى بولاتتى، دەپتۇ. بىراق، بۇ قىسماق كۆز باشلىق، ھىم، قۇرۇق گەپ، ئۇيغۇرلار قانچە پۇللۇق ھاراق ئىچەلەيتتى! دەپ، ئىشەنمەپتۇ.( ئۇنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىگە رەھمەت!) ئۇزاق ۋاقىت بازار كۈزەتكەن تونۇشۇم، باشلىقىغا،- باشلىق، ئۇنداق بولسا ئالدىمىزدىكى ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەمزان ئېيى كېلىدۇ، روزا ھېيىتى بولىدۇ، شۇ بىر ئاي ئىچىدە بىزنىڭ ئايدا300 مىڭ يۈەنلىك بولىۋاتقان بازىرىمىز شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەندىلا مېنىڭ گېپىمنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىسەن، دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ رەمزان ئېيى كىرگەندە، بۇ داڭلىق ھاراق زاۋۇتىنىڭ سېتىپ چىقىرىش بۆلىمىنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپتۇ. ئىسكىلاتتىكى ساندۇق-ساندۇق ھاراقلار خېرىدارسىز دۆۋۈلىنىپ كېتىپتۇ. ئايلىق سېتىپ چىقرىش تەننەرقى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، مەبلەغ بېسىلىپ قالغان زاۋۇت ئېغىر زىيان تارتىپتۇ. شۇ چاغدىلا ئىسىنى تاپقان باشلىق، ھېلىقى تونۇشۇمنى يېنىغا چاقىرىپ، - قانچە پۇل كەتسە مەيلى، تېزدىن ئۇيغۇرچە تەشۋىق ۋەرەقلىرى، ئېلان تاختايلىرى ۋە ھاراق قاپلىرىنى ياساش ئىشنى ساڭا تاپشۇرىمەن، دەپتۇ. ھەممە ئىشلار بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ زاۋۇتنىڭ ئايلىق ھاراق سېتىش مىقدارى نەچچە ھەسسە قاتلانغان ئىكەن! شۇنداق، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر نادانلارچە ، ئالدامچى كارخانا-زاۋۇتلار بىرەر تاۋارنىڭ تېشىغا ئۆمۈچۈكنىڭ پۇتىدەك مۇسۇلمانچە، شىنجاڭ...دېگەندەك خەتلەرنى جىجاپ قويسىمۇ، تەركىبى بىلەن ھېساپلاشماي ئېلىپ ئىستىمال قىلىۋېرىدۇ. باتۇر ئەجداتىمىز <<ئوغۇزخان>> ماركىلىق ھاراق چىقتى! <<مۇقام>> ، << ئاماننىساخان>>، <<ئانارخان>>، ئۆزىنىڭ پاكلىقى بىلەن ئۇ دۇنياغا كەتكەن << ئىپارخان>>...دېگەندەك ماركىلىق قىزىل-يېشىل،ئاق ھاراقلار بىزنىڭ مىللىي، ھېسسىي كەمچىلىكىمىزنى تۇتقا قىلغاچقا تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنماقتا!

قايسى بىر دىننىي كىتاپتىن << زامان ئاخىرىغا ئاز قالغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر ھاراقنىمۇ << ھالال >> دەپ ساتىدۇ. >> دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەنتىم. دېگەندەك دىيارىمىزنىڭ قومۇل، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلىرىدا << مۇسۇلمانچە>> قىزىل ھاراق، ئاق ھاراقلار ئىشلەپ چىقىرىلدى. قومۇلدىكى << مۇسۇلماچە>> قىزىل ھاراققۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرپىدىن پېچەتلەندى. بىلمىدىم؟ ئاقسۇدا ئىسلام ئاچقان شېھىدلىرىمىز ياتقان قىرمىش ئاتام غوجام نامىدا << قىرمىش ئاتام غوجام مازىرى ھارىقى>> ماركىلىق بازارغا چىققان ھاراق يوقالدىمىكىن؟! جۇڭگونىڭ سىياسىتىدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا بېرىلگەن ئەركىنلىكلەر بار. مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە يات قىلمىشلارنى كۆرگەندە قانۇن بىلەن ئۆزىمىزنى قوغداشنى بىلىشىمىز كېرەك! قايسى بىر يىلى كورلىدىكى بىر خەنزۇ خوجايىن مىللەت نامىمىزنى<< ئۇيغۇر >>دەپ يىمەك-ئىچمەك ماركىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇپتىكەن. بۇ ئىش توردا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغانتى، ھەل بولدىمۇ بىلمەيمەن. يەنە شۇ يىللاردا بازارغا << گۈلى>> ماركىلىق گاندون سېلىنغانتى. موشۇنداق تېتىقسىزلىقلارنى بايقىغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭلا ئەمەس ئاددىي ئۇيغۇر پۇقراسىنىڭ بۇنداق ئىشلارنى توسۇش مەجبورىيىتى بار.

ئارىمىزدا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھاراق ئىچكەنلەردىن ئاغرىندىغانلار كۆپ! ھاراقكەشلەرمۇ، ھاراق تاشلايمەن، دەۋاتقىلى خېلى يىللار بولدى. مېنىڭ قايىل بولىدىغىنىمنى شۇكى، بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ئاساسى ئېقىمغا ئايلانغان، مەرىكىلەردە ھاراق قۇيۇش ئىشىنىڭ بارغانچە ئارىمىزدىن يوق بولىۋاتقانلىقى! قايىل بولماسلىققا ئاساسىم يوق! بۇ ياخشى باشلىنىش بىر پۈتۈن مىللەت ئىچىدە داۋاملىشىش كېرەك!

مۇشۇ كۈنلەردە بىر ئىشنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. كىچىكىمدە بوۋام بىتاپ بولۇپ مەسچىتكە بارالماي قالسا، 5-6 مويسىپىت بوۋايلار كېلىپ، بوۋامدىن ھال-ئەھۋال سوراپ كېتەتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە، مەھەلىلەر تارقاقلاشتى. مەسچىتلەر يىراقلاشتى. جامائەت بىر-بىرىدىن ياتلىشىشقا باشلىدى. ياشانغىنىدا پەرىز بويىچە ساقال قويۇپ، جامائەتچىلىككە ئەگەشمەيدىغانلار ئاۋۇپ كەتتى. بۇ ھالەت ئىختىيارسىز ھالدا بىزنى، ئۇيغۇرلاردا بوۋايلار ئازلاپ كەتتىمۇ قانداق، دېگەن خىياللارغا باشلايدۇ...بىر كىشى مەسچىت جامائىتىگە قېتىلغاندىن كېيىن، سەۋەپسىز نامازنى تاشلاپ قويسا، ئۇنىڭ بار -يوقلىقىنى سورايدىغان ئىشلار كەلمەسكە كەتتى. پەلەككە تاقاشقان بىنالار، بىزنى ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدىن مەزگىلسىز يىراقلاشتۇرماقتا! ئەسلىدە، بىلسەم، ئاشۇ بوۋامنى يوقلاپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بولغانلىقى، بوۋامنىڭ قىقىسى ئۇيغۇر ئېتىقاد كاپالىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن! شۇ يوقلاپ، سوراپ تۇرغان جامائەت بولغاچقا مەسچىتلىرىمىز چۆلدەرەپ قالمىغان ئىكەن. بىراق، ھازىرچۇ؟! ئىڭىكىنى مايمۇننىڭ پۈرگىدەك قىزارتىپ قىرقىۋەتكەن يۈرىكى << ياش>>، ئۆزى <<شاش>> بوۋايلار نىمە ئىشلار بىلەن مەشغول بولىۋاتىدۇ؟! ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنىڭ پۇشايمانسىز ، پاك ئۆتىشىگە كاپالەتلىك بولىدىغان جامائەتچىلىك روھى ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدىمۇ؟! ماتىرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە، ئېتىقادى چىڭ ئادەم، يۈرەك كېسىلى بولماسمىش! لېكىن، ھازىرقى كۈنلەردە، بۇلۇڭ-پۇچقاق، كوچا-دوقمۇشلاردا كورت ئويناپ ئولتۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ، پاھىشەخانىلاردا يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ ئۆلۈپ قېلىۋاتقان يۈرىكى<<ياش>>لار ئارىمىزدا ئۇچىراپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ساپ ئىسلام مۇھىتىدا ياشالمىغان بولسىمۇ، ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس قالغان ئەنئەنىمىزنىڭ ،تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن ئېتىقاد مۇھىتىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆمرىدە ئۆز-ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ، شەكلىنىپ، ئاخرەتنىڭ قورقۇنۇچلىرىدا كۈن ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئاسانلا << يۈرەك كېسىلى>> بولۇپ كەتتى! بەلكىم، ئۇلارنىڭ جامائەتچىلىككە ئارلىشالماسلىقىدىمۇ، جامائەتچىلىكنىڭ ئۇلارنى ئارىغا قاتماسلىقىدىمۇ قىسمەن سەۋەبلەر باردۇر.

ئەمما شۇنى بىلمەي بولمايدۇ، -ئۆي-ئائىلە- ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپى، جەمئىيتى ، ئېتىقادى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سورۇنغا ئايلانغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك! ئۆيىمىزنىڭ ساغلام، ساپ مەۋجۇتلۇقى بىزنىڭ مەۋجۇت بولىشىمىزنىڭ كاپالىتى بولۇپ قالماقتا. ئۆيىڭىزگە، مەرىكىڭىزگە ھاراق يېقىنلاشتۇرماڭ! پاكىز يەردىن پەرىشتە كەتمەيدۇ. پاكلىق بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولسۇن...

2011-6-7  قومۇل

[align=justify]
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

6

تېما

1

دوست

2450

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 414
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 290
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 19:05:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا <<ھاراق>> دەيدىغان ئەشۇ نىجىس مەڭگۈلۈك يوقالسىكەن دەيمەن. پاك تۇپراقتا پاك ياشاپ ئۆتسەك نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 22:04:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ،جەميەتشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىسىل بايانلار ئىكەن.

2

تېما

0

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  398
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 283
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 578
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 10:54:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما  يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت،مۇشۇ خىلدىكى تېمىلار تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا كۆپرەك چېلىقسا،ئۇيغۇرجەمىيىتىدىكى ھاراقكەشلىككە ئازراق بولسىمۇ چەك قويۇلاتتى.
ھەممىمىز ھەلەقتىن  يىراق  تۇرۇپ پاكىز ياشايلى،چۈنكى چىركىن ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ

0

تېما

0

دوست

50

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2191
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2011-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 11:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىيېزىپسىز ،رەخمەت سىزگە. ھەممىمىزدە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئويغانسا  قالتىس ئىش بولاتتى....
پاسىل

0

تېما

0

دوست

15

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1420
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 12:45:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمز ئورتاق كۈچىشىمىز كىرەك !
تىمىڭىز غارەھمەت .

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 14:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رامبودەك ئاخىرى ھەركەتكە ئۆتۈپسىزدە...ئوغاۋالا ئەركەك دەيمەن شۇڭا سىزنى

4

تېما

2

دوست

6939

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  530
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1272
تۆھپە : 1267
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 22:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]ئۇلۇغ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاڭ ،جەمئىيىتىمىزدىن ھاراق يوقالسا چىرىكلىكمۇ ھەم چىركىنچىلىكمۇ يوقالسا نېمەدېگەن ياخشى ، ھاراق تاشلاشقا بىر-بىرىمىزنى مۇشۇنداق دەۋەت قىلساق كۆپرەك جامائەتلىرىمىز  جامائەتنى تېپىۋالسا دېگەن ئۈمىدتە مەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )