قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1416|ئىنكاس: 21

تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

727

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3526
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 21:12:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mk123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 00:20  

              

                      تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولى


                 قەدىمقى كىتاپلاردىكى خاتىرىلەر: ئۇيغۇر دائىملىق دورا ماتىرىياللىرى قامۇسىدا خاتىرلىنىشىچە: تۆگە سۈتىنىڭ خۇسۇسىيىتى سوغۇق، خۇشپۇراق، تەمى سەل ئاچچىق، سەل يېپىشقاق بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش،بەش ئەزا (يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرەك) نى ئاسراش، سۆڭەكنى چىڭىتىش ۋە سۈپەتلىك قىلىش، ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش قاتارلىق شىپالىق تەرەپلىرى كۆرۈنەرلىك ئىكەن.
ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى (خەنزۇچە) دا خاتىرلىنىشىچە ‹‹ تۆگە سۈتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرسىز، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، سۆڭەكنى چىڭىتىپ، ئاچلىقنى باسىدۇ›› دەپ خاتىرلەنگەن.
زامانىمىزدىكى بايقاشلار:
ھازىرقى زامان پەن– تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىلمىي ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۆگە سۈتىنىڭ بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئارتۇق شىپالىق روللىرى بارلىقىنى بايقاپ چىققان. مەسىلەن: تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق، ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن س، ۋىتامىن ب، تۇيۇنمىغان ياغ كېسلاتاسى، تۆمۈر ئىلمىنتى قاتارلىقلار مول،‹ۋىتامىن س›، ‹ ۋىتامىن ب› لار كالا سۈتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بىر لېتىر (بىركىلوگىرام ئەتراپىدا) تۆگە سۈتىنىڭ تەركىبىدە 52 بىرلىك تەبىئى ئىنسولىن (يىداۋسۇ) بار. شۇڭا تۆگە سۈتىنى كۆپ ئىچىپ بەرگەن دىئابىت بىمارلىرىنىڭ كۈنىگە ئۇرىدىغان ئىنسولىنى(يىداۋسۇ) غا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەيدۇ، كالا سۈتىدە بولسا ئاران0.016 بىرلىك ئىنسولىن بولىدۇ. تۆگە سۈتىدىكى ئاقسىل ۋە كالتسىيمۇ كالا سۈتىدىن يوقۇرى، ئەمما ياغ تەركىبى ئۇنىڭدىن تۆۋەن، تۆمۈر ئىلمىنتى كالاسۈتىدىن 10 ھەسسە يوقۇرى؛ ئامىنو كېسلاتاسىنىڭ تەركىبىمۇ يوقۇرى (خۇاڭ جىن داداڭنىڭ ئۆنۈملۈك تەركىبىمۇ ئامىنو كېسلاتاسى). شۇڭا تۆگە سۈتىنى ‹قۇملۇقتىكى ئاق ئالتۇن› دەپمۇ تەرىپلىشىدۇ.  
ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى تۆگە بېقىۋاتقان قىر–ياقىلاردىكى نامرات چارۋىچىلارنىڭ تۆگە سۈتىنى كۆپرەك سېتىۋىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئاساسى تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولىدا بولسا كېرەك.
ئاساسلىق شىپابولىدىغان كېسەللەر:
يۈرەك كېسىلى؛ ئۆپكە (زىققا)كېسىلى؛ جىگەركېسىلى، بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق؛ مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش...
بۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر:
شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى2– دوختۇرخانىنىڭ پىروففىسورى سەلتەنەت ھىنايەت خانىم، ئۇزۇن يىللىق تەجىربەتەتقىقاتى ئارقىلىق تۆگە سۈتىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش، قاننى جانلاندۇرۇش، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، جىگەر ۋە ئۆپكە، ئاشقازان ئاستى بېزى (دىئابىت كېسىلىنىڭ بىرىنچى بېكىتى) ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى تازىلاش، مەنپىيلىكنى كۈچەيتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئۆلگەن توقۇلمىلارنى تازىلاپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇنىڭ ئۈچۈن سەلتەنەت پىروفىسور 106 نەپەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، 44 بىمارنىڭ تۆگە سۈتى ئىچىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ بىر يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى تۆگە سۈتى ئىچمەي دورا بىلەن داۋالانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇلارنىڭ جىگەر خىزمىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

دىققەتقىلىدىغان ئىشلار:
ئۆپكىسىدە ئىسسىقى بارلار (ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر) نىڭ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىستىمال قىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمىز.

مەنبە: ماتىريالدىن

0

تېما

6

دوست

2237

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر قېلىپ يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

413

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24405
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 13:06:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت يوللىغىنىڭىزغا

1

تېما

0

دوست

727

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3526
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 13:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇندىن باشقا يەنە ھامىلدار ئاياللار ۋە ھامىلىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، تىز سۈرئەتتە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش،  قان ئازلىق، كالتىسي كەملىك، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئۆنۈمى ياخشى.

0

تېما

0

دوست

800

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 13:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنلەرنىڭ كىتاپلىرىدىكى ئۇسۇللار ۋە رىتسىپلار راست شىپالىقمىدۇ؟

0

تېما

0

دوست

1859

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11157
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 533
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 13:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mk123 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 13:19
ئۇندىن باشقا يەنە ھامىلدار ئاياللار ۋە ھامىلىگە ئۇزۇق ...

رەھمەت سىزگە ، مۇمكىن بولسا كالا سۈتى بىلەن ئۆچكە سۈتىنىڭ شىپالىق تەرپىنىمۇ دەپ بەرگەن بولسىڭىز . ئۆچكە سۈتىنى بەك داملايدىغۇ بىز تەرەپتە . ھەم بەك قىممەت جۇمۇ .

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

7

دوست

5262

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1169
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 14:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 11:29
خەنلەرنىڭ كىتاپلىرىدىكى ئۇسۇللار ۋە رىتسىپلار راست شى ...

ئوبدان ئىزدەنسىڭىز شۇ خەن رىتسىپلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپ قېلىش ئىھتىمالىنى ......

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

7

دوست

5262

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1169
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 14:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق تىما.رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )