- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 65787
- نادىر
- 7
- يازما
- 2926
ئۆسۈش
0%
|
قومۇل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ پەزىلەتلىرى
توخوتۇر
1. قومۇل ھۆكۈمدارلىرى ئۆرۈپ ئادەت قائىدە يوسۇنلارغا قاتتىق ئەھمىيەت بىرەتتى توي قىلسا ئەلگە داستىخان سالاتتى ، ھەم ئوردىنىڭ ئالدىدا چوڭ چېلىش ئۆتكۈزۈپ بىرەتتى ، شامەخسوت ئاخىرقى يىللىرى پۇتۇن شىنجاڭ بويىچە ھەتتا تاشقى مۇڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن مەرگەنلەرنى چىللاپ قومۇلدا كاتتا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان . بۇ مۇسابىقىدە قاسىم پالۋان بىرىنىچىلىكنى ئالغان .
2.قومۇل ھۆكۇمدارلىرى مۇقام رەتلەشكە قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن ، شامەخسوت ۋاڭ پۇتۇن قومۇلدىكى مۇقامچىلارنى يىغىىپ ئوردىدا ئۇچ ئاي بەزى رىۋايەتلەردە ئالتە ئاي مۇقام رەتلىگەن . دانا كومپارتىيىمىز بۇ مۇقام رەتلەش ئىشىغا ئىجادى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ قومۇل دىيارىدا بىر قانچە قېتىم مۇقام رەتلەش ئېلىپ باردى ، ۋە داڭلىق مۇقام سارىيىنى سالدۇرۇپ قومۇلدىكى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى .
3. ئوردا ئالدىدىكى چوڭ چېلىش مەيدانى ھازىرغىچە ئۇچيۇز يىللىق تارىخقا ئىگە چېلىش مەيدانى بولۇپ قومۇل ھۆكۈمرانلىرى ھەر يىلى نەۋرۇز ، روزى ھېيىت قۇربان ھېيىت قاتارلىق چوڭ ھېيىت بايراملاردا ئىزچىل ھالدا قومۇل ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى چېلىش مەيدانىدا چېلىش ئۆتكۇزۇپ بىرىدىكەن ، بەش شەھەر ئون ئىككى تاغنىڭ پالۋانلىرى ۋە ئاۋام خەلق قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالداچېلىشدىكەن ۋە چېلىش كۆرىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ئوردىدىكى ۋاڭ باشلىق بارلىق ئەمەلدار بەگ سىپاھلار نىڭ ئۆيلىرىدە توي تۆكۇن سۇننەت ، ئىدەر ، قاتارلىق چوڭ خوشاللىقلار بولغاندا ئۆز يېنىدىن ئايىماي ئىقتىسات چىقىرىپ ئەلگە داستىخان سېلىپ چېلىش مەيدانىدا چېلىش ئۆتكۇزۇپ بىرىدىكەن ، بۇ خىل ئۇسۇل ئوردا ئىچىدىن كەڭ ئاۋام خەلققىچە مودا بولۇپ قومۇلنىڭ بەش شەھەر ئون ئىككى تاغدا توي تۆكۇن قىلغانلار چوقۇم چېلىش ۋە ساغاردى ئويۇنى قىلىپ جامائەتنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىكەن .
بۇنداق ھېيىت بايراملاردا ئوردا ئالدىدىكى چېلىش مەيدانىدا چېلشى ئۆتكۇزۇش قومۇلدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ توقسىنىنچى يىللىرىغا قەدەر داۋاملىىشىپ ئاندىن ئاستا ئاستا يوقاپ كەتتى ، ئۇشيۇز يىللىق چېلىش مەيدانىمۇ شۇنىڭ بىلەن چۆلدەرەپ قالدى . يېققندا تېخى چېلشى مەيدانىنى ئامىۋى قاتناش شېركىتى ئابتۇبۇس قويىدىغان ئامبارغا ئايلاندۇرۇۋالدى ، گەرچە ئامىۋى قاتناش قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئىپادە بىلدۇرۇپ چېلىش مەيدانىنى قايتا ئىگەللىۋالمايدىغانلىقنى ئېيتقان بولسىمۇ، نورۇزلىرىمىز كىلۋاتىدۇ ، ياز كىلۋاتىدۇ ، خەلىق چېلىش كۆرۇپ كۆڭۇل ئېچىشقا مۇھتاج ، بۇرۇندىن شۇنداق ئۆگەنگەن خەلق ئۇچيۇز يىلىدىن بېرى چېلشىنى چوڭ كۆرۇپ كەلدى . قومۇل مەدىنيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى دىگەندەك بىر ئىدارىلەرمۇ ھەم بار ما شەھرى قومۇلدا ، يا بىر مەيدان چېلىش ئۇيۇشتۇرالمايدۇ ، چېلىش مەيدانىنى ئىجارىگە بىرۋېتىپ چېلىشنى پاسات قىلغان .
ئۇمۇدىمىز چېلىش مەيدانىنىڭ ئۇچيۇز يىللىق قاينام تاشقىنلىقىنى قايتا جانلاندۇرۇلسا ، قومۇللۇقلارنىڭ مەنىۋى ھاياتى تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولغان بولاتتى .
4. قومۇل ھۆكۈمدارلىرى ھاجىلار ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگەندە ھاجىلارنىڭ ئالدىغا چىقاتتى . ھاجىلار يۇرتقا بەرىكەت ئېلىپ كەلدى دەپ قاراپ ھاجىلار كەلگەندە ئەلگە كەچۇرۇم ۋە خوشاللىق جاكالايتتى .
5. رامزان كۇنلىردە ئەلگە ئىپتالىق بىرەتتى . ۋاڭ بەگلەر تۆرىلەر ھەممسى شۇنداق قىلاتتى . مەسچىت مەسچىتلەردە ۋاڭنىڭ يارلىقى بىلەن ئوردىدىن ئىپتالىق تارتىلاتتى .
6.ۋاڭ ئوردىسىنىڭ نەزىر چىراق ئىشلىرىمۇ ناھايتى كەڭتاشا ئۆتكۈزىلەتتى .
|
|