- تىزىملاتقان
- 2012-12-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
17%
|
قېرىنداشلىرمىز ھەرخىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ ، دىمەك بالىلىرنى ھالال يىمەكلىك بىلەن بېقىشنى ئويلايدىغان ئاتا-ئانىلار خېلى كۆپكەن ، مەنمۇ نىدو ۋە نان قاتارلىق ماركىدىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلارنى بىرۋاتمەن،بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ، مۇسۇلمانچە بوۋاقلار پاراشۇكى بولسا تەۋسىيە قىلارسىلەر.
بارلىق ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيەرىم شۇكى : بوۋىقڭىز تۇغۇلۇپ 42 كۈن ، 3 ئاي ، 6ئاي ،بىرياش مەزگىلدە چۇقۇم ئۇمۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ بالىڭىزنىڭ ئۈسۈپ يىتلىش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرۇڭ . مەنمۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدىم ، ئالدىنقى كۈنى بالامنىڭ يۈزىگە قىزىل تەمرەتكىگە ئوخشاش قىزىل نەرسە ئۆرلەپ كىتىپ ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسغا ئاپارغان ئىدىم ، دوختۇر بۇ ئەھۋالغا دىئاگنوز قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇمۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى ، نەتىجىدە تەكشۈرتۈش ئارقىلىق بالامنىڭ بەدىننىڭ تەركىبدىكى نۇرغۇنلىغان ۋىتامىنلارنىڭ ۋە كالتىسىلارنىڭ ئۆلچەمگە يىتىدىغان يەتمەيدىغانلىقىنى ، ئېغىرلىق ، بوي ئىگىزلىك ۋە باشقا كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئۈچ ئايلىق بوۋاقلار ئۆلچىمگە يىتىدىغان ياكى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلۋالدىم ، دوختۇرمۇ ناھايىتى تەپسىلى تەكشۈردى ۋە مەسلىھەت بەردى ، دوختۇر بىزگە ئالتە ئايغىچە بوۋاققا قۇشۇمچە يىمەكلىك بەرمەسلىكنى ، ئانا سۈتى يىتىشمىسە پارشۇك بىرىشنى تاپىلدى ، دوختۇرنىڭ دىيىشچە ئۇن بۇلمىقنىڭ ھىچقانداق ئۇزۇقلۇق تەركىبى يوقكەن ، ئۇ پەقەت بۇۋاقنى خام سىمىز قىلىپ قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىيەلمىيدىكەن ، شۇنداقلا بۇلماق بەرگەن بۇۋاقلاردا تۇنجىقىپ قېلىش ئەھۋالى كۆپ كۈرۈلدىكەن ، بۇۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى تۇلۇق يىتىلمىگەنلىكتىن بۇلماقنى ئاسان ھەزىم قىلالمايدىكەن ، ھەم يۇتقۇنچاق مۇسكۇلى تەرەققى قىلمىغاچقا بۇلماق گىلىگە تۇرۇپ قېلىپ ئاسانلا تۇنجىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن ، مەن بالامنى ئانا سۈتى ئاز بولغاچقا قۇشۇمچە سۈت پارشۇكى ۋە بۇلماق بىلەن بېقۋاتاتتىم ، بۇۋاق بىر قېتىم تۇنجقىپ قېلىپ يەيدىغان رىسقى بار چېغى يۈرىكمىزنى ئېلىپ يەردە قۇيۇپ قايتىدىن جان كىرگەندەك بۇلۇپ ئوڭشالغان ئىدى ، شۇڭا دوختۇرنىڭ 6 ئايلىقتىن تۆۋەن بالىلارغا بۇلماق بەرمەيمىز دىگىننى ئاڭلاپ بۇلماق بىرىشنى توختاتتىم ، ھازىر ئەڭ ياخشى بولغان مۇسۇلمانچە سۈت پارشۇكىنى ئىزدەۋاتىمەن ، مۇسۇلمانچە سۈت پارشۇكى ئارسىدا نىدودىنمۇ ياخشىسى بارمىدۇ ؟ تورداشلار بىلگىنمىزنى دەپ باقساق دىگەن ئۈمىددىمەن . |
|