- تىزىملاتقان
- 2014-1-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1170
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
17%
|
بانكا بۇلايدىغان بىر فىلىم بىزگە بانكا بۇلاشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، بەلكى دەۋرىمىزدە مۇنداق ئىشلارمۇ بار، كۆرۈپلا قوي دىگەندىنلا ئىبارەت بولىدۇ.
___ ئەلى مۇئەللىم
___________________________________________
يۇقارىقى قاراش مىنىڭچە توغرىسىدۇر، ئەمما بىزدىكى مەدەنىيەتتە ئاجىز بولۇش بىزدە ئىمپورت بولۇۋاتقان مەدەنىيەتكە دۈم چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.
مەكتەپ مەدەنىيەت ساپانىڭ ئاساسى بولىدۇ، ئىلگىرى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىزلىقى ۋە چاكىنا مەدەنىيەتكە باشچىلاپ كىرىپ كىتىش مەسىلىسىگە سورىغان سوئالىغا دوكتۇر ئەركىن سىددىق ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
بىزدىكى مائارىپ پەقەت ئىلىم-پەننىلا ئاساس قىلغان، بالىلارنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىكى غايىۋانە خىيال پەرەس تۇرمۇشىغا ئىلىم پەن بىلەن ئەخلاق قۇرلۇشىنى سالغىلى بولمايدۇ. ئامرىكىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مائارىپى ئاساسەن ئامرىكىچە ساپا تەربىيلەش ۋە مەسەنىيەتلىك بولۇشنى دىننىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۈگىتىلىدىكەن، يەنى ئۇلار بالىلارنى كىچكىدە چىركاۋا قاتارلىقلارغا ئاپىرىپ دىنغا ئىتىقاد قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە خاس مەنىۋى دۇنياسىنى قۇرغۇزغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئۆزىگە باشقۇرغۇزۇش يولىنى تۇتىدىكەن، ‹ئامرىكا ئاساسى قانۇنى تەڭرى بەرگەن ئىنجىل شۇ، قىزىل چىراقدىن ئۆتۈش ۋە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماسلىق گۇناھ› دەپ ئۆز قىلمىشلىرىنى كونتىرول قىلىدىكەن،
بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قىلمىشىغا ئەگىشىپ قىلىپ بىقىش ئىستىكى قوزغالمايدۇ، ئۆزىنىڭ مۈستەقىل قىممەت قارىشى بولىدۇ.
لىكىن بىزدە ئوخشىمايدۇ، بىزدە قانۇن يوق باشلىق بار، ئوموملىشىۋاتقان ئىتىقاد پۇل ۋە ھوقوق ، بىر جۇڭگۇلۇق يولدا كىتىۋاتقان بولسا باشقىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ سىرىق سىزىقلاردىن ئۆتىكىنىنى كۆرسە، قانتاش ساقچىسىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسە شۇ كىشىمۇ قىلىدۇ، (گۈلەن مۇئەللىم: ئامرىكىدا ئالدىدا مەكتەپ ياكى مەكتەپ ماشىنىسىنى ئۇچراتسا سۈرئەتنى ئاستىلىتىدۇ ياكى توختىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ‹تەڭرى بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ› دەپ قارىشىدۇ،دىگىنى ئىسىمدە) مىنىڭچە ئابدۇۋەلى مۇئەللىم ئىيىتقاندەك يەسلى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مائارىپىنى ئۆزگەرتىپ مىللەتكە مەدەنىيەت،ساپا،ھەقىقىي قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرەلىگەندە، ئاندىن شاللاق مەدەنىيەتنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، ئەسلى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
''''''''''''''''''''
قىستۇرما: ئىلگىرى بىر ئالىم (ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ) غەيرى مۇسۇلمان زىمىنىغا بىرىپ ياشىماقچى بولغانلار چوقۇم دىنى ئەھكاملارنى تولۇق بىلىشى ۋە تەقۋادار مۇسۇلمان بولمىقى لازىم، چۈنكى بۇنداق بولمىغاندا ئاسانلا دىندىن ئايرىلىپ قالىدۇ دىگەنىكەن، بۇمۇ بەلكىم يۇقارقى پىكىرلەرگە باغلانغان ھالدا ‹مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ› دىگەندەك بولىدۇ، شۇڭا خاس قىممەت قاراشلارنى تۇرغۇزۇش مىللى مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاساسىدۇر |
|