- تىزىملاتقان
- 2012-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8441
- نادىر
- 0
- يازما
- 343
ئۆسۈش
68.82%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 04:00
بەزى ئىنكاسلاردا «ئىلغار مىللەت»، «ئىلغار مەدەنىيەت» دىگەن ئۇقۇم ئۇچرايدىكەن، بۇ يالغۇز مۇشۇ توربەت ياكى بىر نەچچەيلەننىڭ ئىنكاسىدىلا ئەمەس بەلكى ئىزدىنىش مۇنبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ قىسىم تور بەتلەردە، خېلى كۆپچىلىكىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىدا بۇ ئۇقۇم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچرايدىكەن. كۆپىنچىلىرىمىز تىزراق تەرەققى قىلىپ «ئىلغار مەدەنىيەت»لىك، «ئىلغار مىللەتلەر»نىڭ سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىشىمىزنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز. بۇنداق ئارزۇ قىلىشنىڭ يامىنى يوق، بىراق بىزنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز دەل «ئىلغار مىللەت»، «ئىلغار مەدەنىيەت» دىگەن ئۇقۇملار.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇنداق ئىدىيىدىكىلەر ئۆزىمىزنى تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى مىللەتلەردىن تۆۋەن ھىساپلايدىكەنمىز. بۇنداق دىسەم بەزىللىرىڭلار ئۆزەڭلارغا ئېلىۋېلىپ چىچاڭشىپ كەتمەڭلار. دىمەكچى بولغۇنۇم، مىللەت ئىلغار مىللەت ياكى قالاق مىللەت دەپ ئايرىلمايدۇ. مەدەنىيەتمۇ ھەم شۇنداق. مەدەنىيەتمۇ ئىلغار مەدەنىيەت ياكى قالاق مەدەنىيەت دەپ ئايرىلمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن باشلاپ، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك-تۈمەن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، بۆرىگە يەم بولماي، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتماي بۈگۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەنلىكى شۇ مىللەتنىڭ قالاق بولماي ئىلغار مىللەت بولغانلىقىنىڭ كۈشلۈك دەلىلى. مەدەنىيەتمۇ ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەردىن باشلاپ شۇ مەدىنىيەتنىڭ ساھىپلىرى تەرىپىدىن تاللاش-شاللاش جەريانلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، مىللەت ئەزالىرى تەرىپىدىن «مۇشۇ ئەڭ توغرا» دەپ بېكىتىلگەن مەدەنىيەتتۇر. شۇڭا ئۇ قالاق بولمايدۇ. مىللەتنى، مەدەنىيەتنى قالاق دەپ ئايرىش مۇستەملىكىچى مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكە مىللەتلەرگە تاڭغان روھى بويۇنتۇرۇقى بولۇپ، ئىرقى كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان بولىدۇ.
مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىققە قاراپ، بۇ پەرىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بەزى مىللەتلەر قالاق بولغاچقا ھەم ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە بولمىغاچقا جەمىيەت تەرەققىياتىدا ئارقىدا قالغان، يەنە بەزى مىللەتلەر ئىلغار بولغاچقا ھەم ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە بولغاچقا جەمىيەت تەرەققىياتىدا تەرەققى قىلىپ كەتكەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز توغرا بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا بۇ پەرىق نەدىن كەپ چىقتى؟
مېنىڭچە مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرىقلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى-كۈچ ئامىلى بولۇپ، نوپۇس كۈچى، ئىقتىسادى كۈچ، تەشكىللەش كۈچى، تەلىم-تەربىيە كۈچى، تەشۋىقات كۈچى قاتارلىقلار بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىش ياكى تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولالايدۇ. |
|