- تىزىملاتقان
- 2014-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1450
- نادىر
- 6
- يازما
- 39
ئۆسۈش
45%
|
ماۋۇنى كۆرۈڭلار ، ۋىژدانىڭلار قاينىمامدۇ ؟
«ئۇيغۇر بولساڭ تارقات دىگۈچىلەرگە» ئوچۇق خەت يازغان دوستىمىزغا : توغرا بىز بۇلارنى تۈركىيەدە ، ئىستانبولدا تۇرۇپ يازدۇق ھەم تارقاتتۇق . خەتلىرىڭىزدە بىزنى خەقنىڭ دۆلىتدە تۇرۇپ خەقنى تىللايدىغان نانكورغا چىقىرىۋىتىپسىز. سىز بىر ئاز ھاياجانلىنىپ قاپسىز . بىزنىڭ تەنقىدلىگىنىمىز بارلىق تۈرك مىللىتى ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ دىنىي ۋە پەننىي تۈرك ئالىملىرى ھەر ۋاقىت تەنقىدلەۋاتقان ، ياۋرۇپالىشپ كەتكەن ، ئۆزىنىڭ تۈركىي مىلەتلەر سىستىمىسغا تەۋەلىكىنى ، دىنىنى ، ئەجدادىنى ئۇنۇتقان ئاز ساندىكى تۈرۈكلەر خالاس ! سىزنىڭچە بىز بۇلارنىڭ دۆلىتىدە ياشاۋاتقانىلىقمىز ئۈچۈن چوقۇم باش ئىگىپ ئۇلارنىڭ ئاق-قارا ، ھەق-ناھەقلىرىگە سۈكۈت قىلشىمىز كېرەكمۇ ؟ ئۇنداق قىلساق بىزدە نە ۋىجدان ؟ نە غورۇر ؟! توغرا ، سەن دىگەندەك تۈرۈكلەر بىزنى ئاتا تۈرك ، ئەجدادىمىز دەپ چوڭ بىلىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ . ئەمما سەن قاراپ باق، بىزنى چوڭ بىلىدىغان ئاشۇ تۈرۈكلەر قانداق تۈرۈكلەر، سەن توختىماي بىزنى قوللاۋاتىدۇ، بىزنى تونۇتىۋاتىدۇ دەۋاتقان ناخشىچى تۈرۈكلەر قانداق تۈرۈكلەر ؟ ھەممە يەردە ئادەمنىڭ ياخشى يامىنى بار . بىلگىنكى بارلىق تۈرۈكلەر ئوخشاش ئەمەس. ئەمما ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بىزنىڭ قوبۇل قىلىۋاتقىنىمىز ئاشۇ ياۋرۇپالىشىپ كەتكەن تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ يامان تەرەپلىرىدۇر . تېخى تەپ تارتماي يەنە( رەفاتقا كونسىرت ئازمىتى،بىزنى چوڭ كۆرگەچكە بېيجىڭغا بارماي ئۈرۈمچىگە كەلدى) دەپسەن . سىنىڭچە رەفات بىكارغا كونسىرت ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇدە بىزگە ! ئۇلاردىن بىرەرسى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھىچ ھەق ئالماي ،كونسىرتتىن چۈشكەن پۇللارنى ئىئانە قىلىپ كەتكەن بولسا نىمە دە بولغۇيتىڭ ؟! بىلىپ قوي ، رەفاتنىڭ كىچلىك VİPبىلىتى ھەر بىرى 800يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا سېتىلغان. ھەممە كىشى بەس-بەستە بېرىپ زال لىق ئادەم بىلەن تولۇپتۇ . ئەمما بىزنىڭچۇ؟ تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئابدۇللاھ ئابدۇرىھىم ئىستانبولغا كىلىپ كىچلىك ئۆتكۈزدى ،ئۇنىڭغا بارغان تۈرۈكلەرنىڭ سانى20(يىگىرمە) مىگە يەتمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلەت ئاساسىي جەھەتتىن بىكارغا تارقىتىلدى. سېتىلغانلىرىمۇ 10لىرا( تۈرك پۇلى تەخمىنەن 30يۈەن خەلق پۇلى)غا سېتىلدى. مانا بۇ سەن چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەپ كەتكەن بىر قىسىم تۈركلەر . كىم كىمنى ھەقىقىي قوللاۋاتقىنىنى مانا مۇشۇنىڭدىنلا بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار پۇل ئۈچۈن قىلماي بىزنى چوڭ كۆرۈش، ھۆرمەتلەش ئۈچۈن قىلغان بولسىتى، بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز كەلگەندە بىرەرسى كىلەر بولاتتى. بىز ھەتتا رىياسەتچىلىكنىمۇ ئۆزىمىز قىلىپ تاماملىدۇق. دىمەك، ئۆز قەدرىمىزنى ئۆزىمىز قىلمىساق خەق دىگەن ھامىنى خەق ! ئۇلارنىڭ بىزدىن ئېلىپ كەتكىنى پەقەت پۇل بولسىلا مەيلىتىغۇ. ئۇلار ماددىي جەھەتتە بىزدىن پۇل ئېلىپ كەتكەن بىلەن مەنىۋىي جەھەتتىن قىزلىرىمىزدىن ھايا ، ئوغۇللىرىمىزدىن جاسارەتنى ئېلىپ كەتتى. بىز ۋە تۈرۈكلەر مەيلى دىن مەيلى ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە بىر-بىرىمىزگە يىقىن قېرىنداش مىللەت. توغرىسدا بىز ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلشىمىز كېرەك. ناخشا ئۇسۇلنى ئەمەس ، پەننىي دىننىي بىلىملەرنى. خۇددى ئۇلار بىزنىڭ چولپانلىرىمىز ئۆتكۈزگەن كىچلىككە كەلمىگىنگە ئوخشاش، بىزمۇ ئۇلارنىڭ چولپانلىرى كەلگەندە بار بىساتىمىزنى سىتىپ بىلەت ئالماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىرەر ۋاق نەپلە ناماز ئوقۇساق كەلگۈسىمىزدىن بىر ئاز ئۈمىد تۇغىلىدۇ. بىزمۇ ئۇلارغا بىزگە كېرىكنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئەمەس بەلكى ئىلىم-ئىرپان ئىكەنلىكنى تونۇتۇپ قويغاندا ئاندىن بىزگە كىلدىغان چولپانلار ئازىيىپ ئالىملار كۆپىيدۇ . دۇنياغا بىزنى تونۇتىدىغبنى ناخشا-ئۇسسۇل ئەمەس، بەلكى ئىلىم-ئېرپاندۇر !سىز بىرەر يەردە بىر كوچىغا (ئابدۇللاھ ئابدۇرىھىم كوچىسى) ياكى ( دىلنار ئابدۇللاھ كوچىسى) دەپ ئىسىم قويغىننى ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەمما مەن نۇرغۇن دۆلەتتىكى بەزى كوچىلارغا (مەھمۇت قەشقىرى كوچىسى) (يۈسۈف خاس ھاجىپ كوچىسى ) ( فارابىي كوچىسى) دەپ ئىسىم قويغانلىقنى كۆرگەن . دېمەك نىمنىڭ مۇھىملىقى ، نىمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكمىز بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ . بۇ ھەقىقەتلەر ئالدىدا يەنە نىشانىڭىزنى تاپمىسڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئۇيغۇرلىقدىن گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ . بارلىق تورداش قېرىنداشلار بۇنى ھەممە كىشى كۆرگىچە تارقىتىڭلار . 2014.2.9(ئىستانبول)uhulbala< |
|