- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1077
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
7.7%
|
ئالتۇن توغۇرلۇق ئەڭ يېڭى مەلۇمات
مەن2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15- كۈنى ئاقسۇنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىن زەرگەرچىلىك دۇكىنىدىن ئالتۇن ھالقا ۋە ئالتۇن ئۈزۈك گىرامىنى273(263يۇەن، ئىش قۇشۇش ھەققى 10يۇەن ) يۇەندىن سېتىۋالدىم،ئاندىن ئاقسۇنىڭ ئەسىر سودا سارىيىدىن بايىلا سېتىۋالغان ئۈزۈككە ئوخشاش ئۈزۈكتىن بىرنى گىرامىنى300يۇەندىن (گىرامى 285يۇەن، ئىش قۇشۇش ھەققى 15 يۇەن)سېتىۋالدىم. ئاندىن بۇلارنى كىچىك ئاپام ئىشلەيدىغان ئىدارىگە ئاپىرىپ سۈپىتىنى تەكشۇرتتۈم . نەتىنجىسى سۈپىتى ئوخشاش چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەسىر سودا سارىيغابېرىپ ئالتۇن ساتىدىغان پۇكەيدىكى قىزدىن سورىدىم .
-سىلەرنىڭ دۇكاندىكى ئالتۇنلارنىڭ باھاسى ۋاڭسەندىكى زەرگەرلەرنىڭكىدىن قىممەت ئىكەنغۇ ؟
-زاۋۇت ئوخشىمايدۇ ، شۇڭا بىزنىڭ دۇكاننىڭ ئالتۇنلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى ،زەرگەرلەر نىڭ دۇكىنى چېقىلىپ كەتسە ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىڭىزنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ئالماشتۇرالمايسىز. بىزنىڭ دۇكان ئورنىمىز مۇقىم ،قاچانلا كەلسىڭىز ئالماشتۇرالايسىز.
-كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرساڭلار گىرامىنى نەچچە پۇلدىن ئالماشتۇرىسىلەر؟
-گىرامىغا 30 يۇەندىن ئالىمىز. ئەگەر مۇشۇ يىنفېڭ ئالتۇن دۇكىنىدىن سېتىۋالغان تالوننى بىللە ئەكەلسەڭلار، گىرامىغا 25 يۇەندىن ئېلىپ ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز .
مەن ئالتۇن دۇكىنىدىن چىقىپ يەنە ۋاڭسەندىكى بىرنەچچە دۇكانلارنى ئارىلاپ باقتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەكلا كونا ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرساق گىرامىغا 20يۇەندىن ئالىدىكەن.
بۇنېمە ئۈچۈن؟ مەن كېيىن بىلدىمكى تويلۇقچىلار دۇكاننىڭ ئالتۇنلىرى ساپ ئالتۇن، زەرگەرلەرنىڭ ساپلىغى تۆۋەن دەپ ئويلايدىكەن.شۇڭا قىممەت بولسىمۇ چوڭ دۇكان سارايلاردىن ئالىدىكەن.ئەگەر تويلۇققا 40 گىرام ئالتۇن ئالدى دېسەك تەخمىنەن 1000يۇەننى ئارتۇق خەجلەيدىكەن.
تويلۇقچىلارغا شۇنى دەپ قويايكى، سودا سارايلارنىڭ ئىجارە ھەققى قىممەت بولىدۇ ، يەنە تېخى ئاۋۇ بىر-ئىككى مېتېر پۇكەيدە 2-3دىن ئىشلەۋاتقان چىرايلىق قىزلارغا ئىش ھەققى بەرمىسە بولمايدۇ.ساتقان ئالتۇنلىرىغا قارىتا پىرسەنت ئايرىپ بەرمىسە بولمايدۇ.
ئەمما زەرگەرلەر بولسا ئىجارىسى تۆۋەنرەك جايلاردىن دۇكان ئىجارە ئالىدۇ . ئىشلەيدىغانلار ئەڭ چوڭ دۇكانلاردىمۇ(40كىۋادىرات مېتېركېلىدىغان دۇكانلاردا ) 5 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئالتۇنلىرىغا كۆپ باھا قوشمايدىكەن . ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسىلا زاۋۇتتىن ئەكىلىدىكەن . شۇڭا زاۋۇت نامى ئوخشىمىسىمۇ سۈپىتى ئوخشاش ئىكەن. |
|