- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1077
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
7.7%
|
مەن مۇشۇ يېقىندا بىر خەلقئارا سودا شىركىىتىنى قۇرۇش تەرتىپ يوللىرىرىنى ماتېرىياللىرىنى ئۆزەم تەييارلاپ ، ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزەم بىر قوللۇق بېجىرىمەن.
بۇ ئىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تونۇشىمىزنىڭ 10مىليۇن مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان ئۇن -ياغ زاۋۇتىنىڭ يەككە تىجارەت نامىدىكى كىنىشكىسىنى بىكار قىلىپ ، قايتىدىن كارخانا تىپىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىدىغان ئىشىنى قىلىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم.
ئەسلى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن بىزار بولغان ئىدىم . تورداشلارنىڭ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ، بۇ زاۋۇتقا تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشتا كېتىدىغان يوللارنى بىر بېسىپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم. ئەگەر مەغلۇپ بولسام ، نېمىشقا مەغلۇب بولغىنىمنىڭ جاۋابىنى ،ئەگەر غەلبە قىلسام غەلبە قىلىش جەريانىمنى ئېنىق يېزىپ قويىمەن.
يەنە بىرەيلەننىڭ 2000مو نەشپۈتلۈك باغنى كۆتۈرىگە ئېلىپتىكەن . مۇشۇ ئادەمنىڭ ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرۇشۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدىم. ئەمدى ئۇنىمۇ مېڭىشىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم.
2010- يىلىدىن 2013- يىلى 10-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 3 يىل سودا پاسپورتى بېجىرىپتىمەن.مۇشۇ جەرياندا 3يىللىق ھۆكۈمەت سودا ئىشى پاسپورتى(因公护照)دىن 4نى بېجىرىپتىمەن. (因私护照)شەخسىي پاسپورتتىن 5نى بېجرىپتىمەن. شۇڭا پاسپورت بېېجىرىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىغا بەك پىششىق بۇلۇپ كېتىپ 2013يىلى بېجىرگەن 5 ئادەمنىڭ پاسپورتى رەسمىيەتلىرى ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ گۇڭئەنجۈ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە كىرگۈزۋېتىپ ئالدى 15 كۈندە كەينى دولەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 22كۈندە قولغا تەگكەن ئىدى.
شۇچاغدىمۇ نۇرغۇن تاشقى سودا شىركەتلىرىدىكى كىشىلەر ۋاي بىز ماڭغىلى 3ئاي بولدى يەي ، ۋاي بىز گە 5 ئاي بولدىيەي سىلەرنىڭ پاسپورتىڭلارنىڭ ئىلتىماس جەدېۋېلىنى ئەمدى ئالغىلى كەلدىڭلارمۇ يەي دەپ ، مەن پاسپورتىنى بېجىرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ روھىنى چۈشۈرگەن ئىدى ، شۇلار ھەتتا روھىي چۈشۈپ بېجىرمەسلىك قارارىغىمۇ كەلگەن ئىدى.مەن 20كۈن ئىچىدە چىقىشىغا كاپالەت بېرىپ ئاشۇنداق باشقىلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرغان كىشىلەرگە ئاخىرى ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويدۇم. دۆلەت بايرىمى كېلىپ قېلىپ ، 22 كۈندە پاسپورتنىڭ چىققانلىق خەۋىرى كەلدى . باشقىلار 5 ئاي ماڭغان يولنى بىز 2كۈن مېڭىپ 5 ئاي يول ماڭغانلار بىلەن تەڭ قولغا ئالدۇق، شۇلار بىلەن تەڭ گىرۇزىيەگە سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇق. بەلكىم ئۇلار ئاغزىنى ئېچىشىپ قالغاندۇ.
شۇنىڭدەك ھەممە ئىشقا پەم - پاراسەت كېتىدۇ . مەن ئادەتتە ئىش بېجىرسەم مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرگە تېلىفۇن قىلىپ كېتەرلىك ماتېرىياللارنى تەپسىلىي سورايمەن،ئاندىن شۇ بويىچە ماتېرىياللارنى تۇلۇق تەييارلايمەن ئاندىن ماڭىدىغان يولنى ماڭىمەن.
باشقىلار ھەربىر بارغىنىدا تەپسىلى سوراپ خاتىرىلىۋالمايدۇ. بىز بارماقچى بولغان ئىدارىدىكىلەر مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ مۇنۇ نەرسەڭ كامكەن دېسە ، شۇنىلا تۇلۇقلايمىزيۇ يەنە تەپسىلىي قاراپ باقساڭ نىمە كام ئىكەن دەپ سوراشقا ئېرىنىدىكەن . بۇلۇپمۇ مۇشۇ پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا بۇنداقلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
مەن نەگىلا بارسام توشقۇزۇلمىغان جەدېۋەلدىن بىرنەچچە پارچىنى ئارتۇق ئېلىۋالىمەن ، قەلەمدىن بىرقانچىنى ئارتۇق سومكامغا سېلىۋالىمەن . رەسمىيەت بېجىرىش جەريانىدا كېتىدىغان تامغىلارنى يېنىمدىن ئايرىمايمەن. بەزىلەر ماۋۇ يەرنىڭ تامغىسى كام قاپتۇ دەپ قايتۇرۋەتسە غۇدۇرلاپ ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۋېلىپ تامغا ئۇرۇپ كېلىپ قايتىدىن يەنە ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئاندىن ئىش بېجىرىدۇ . شۇڭا بىر كۈندە پۈتىدىغان ئىشى 2كۈندە پۈتىدۇ. 5 كۈندە پۈتىدىغان ئىشى 8 كۈندىمۇ پۈتمەيدۇ.
تۈر مەبلىغىمۇ شۇنداق ، ئادەتتە ھەممە كەسىپلەرنىڭ تۈر مەبلىغى يوللايدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇڭا يۇقىرىدىن تۈر مەبلىغى دوكلاتىنى يوللاڭلار دېگەن ۋاقىتتا بۇ 50-60 بەتلىك خەنزۇچە ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولالمايدىغان ۋاقتىمىزمۇ بولىدۇ، بەزەن تۈرلەرگە بېرىدىغان ۋاقىت ئاز بولىدۇ، بەزەن تۈرلەرگە بېرىدىغان ۋاقىت كۆپ بولىدۇ ، مېاتېرىياللارنى تۇلۇق تەييارلىمىسىڭىز دوكلاتىڭىز تەستىقلانمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۈر مەبلىغىمۇ ئەمىلىلەشمەيدۇ،
نۇرغۇن كىشىلەر يول ماڭدۇق ، تاپىنىمىز تېشىلىپ كېتەي دېدى، ئەمما پۇلنى كۆرمىدۇق دېگۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى دوكلاتنى يوللىغان ، ئەمما تەستىقلانغان- تەستىقلانمىغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىرىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن. |
|